ئاقسۇ-ئارال تۆمۈر يولى
| ئاقسۇ-ئارال تۆمۈر يولى
阿阿铁路 | |
|---|---|
| ئاساسلىق ئەھۋالى | |
| مۇلازىمەت رايونى | ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
| مۇلازىمەت تىپى | يولۇچى-يۈك ئارلاش توشۇش |
| باش-ئاخرقى
نۇقتا |
ئاقسۇ بېكتى |
| تېخنىكا ئۇچۇرى | |
| يول دەرىجىسى | دۆلەتلىك 2-دەرىجە |
| ئۇزۇنلىقى | 114.6 كىلومېتىر |
| ئەڭ تېز سۈرئىتى | 120 km/h |
| لىنىيە سانى | تاق |
| بېكەت سانى | 6 |
| رېلىس ئارلىقى | 1435 سانتىمىتېر
(خەلقئارا ئۆلچەملىك رېلىس) |
| ئەڭ كىچىك ئەگمە
سىزىق رادىئۇسى |
1600 مېتىر |
| ئەڭ چوڭ يانتۇلىقى | 6‰ |
| سوقۇشۇش بىخەتەرلىك
تىپى |
ئاپتوماتىك سوقۇشۇشنىڭ
ئالدىنى ئېلىش |
| شىركەت ئۇچۇرى | |
| ئىگدرالىقى | جوڭگو دۆلەتلىك تۆمۈر يول گروھى
چەكلىك شىركىتى |
| ماڭغۇزغۇچى | ئۈرۈمچى تۆمۈر يول گروھى |
ئاقسۇ - ئارال تۆمۈريولى ئاقسۇ شەھىرى، ئاۋات ناھىيەسى، ئارال شەھىرىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 114.6 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ تۆمۈريول يولۇچى ۋە يۈك توشۇش ئورتاق لىنىيەسى قىلىپ لايىھەلەنگەن.
تارىخى
[تەھرىر]2020-يىلى 29 ئاپرېل رەسمى ئىش باشلانغان.
2021-يىلى 25-ماي چوڭ كۆۋرۈك تۇتاشتۇرلغان.
2021-يىلى 26-سېنتەبېر پۈتۈن لىنيە بويىنچە رېلىس ياتقۇزۇپ بولۇنغان.
2021-يىلى 25-دېكابېر سىناقتىن ئۆتۈپ تاپشۇرۇپ ئېلىنغان.
2022-يىلى 10 يانۋار رەسمى تۈردە مۇلازىمەت باشلىغان.
خەرىتە
[تەھرىر]
ئەھمىيىتى
[تەھرىر]ئاقسۇ-ئارال تۆمۈريول تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاۋات ناھىيەسى بىلەن ئارال شەھىرىگە تۆمۈريول تۇتاشماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قاتناش -تىرانسپورت مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

