Jump to content

ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش

ئورنى Wikipedia

ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش (ئىبرانىيچە: מלחמת ששת הימים, Milhemet Sheshet Ha‑Yamim; ئەرەبچە: حرب الأيام الستة,: حرب 1967, Ḥarb 1967) (1967-يىلدىكى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى ، ئۈچىنچى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى ، ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش ياكى 6-ئاي ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) 1967-يىلى 5-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى باشلانغان ئۇرۇشقا بېرىلگەن ئىسىم. ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ ئەرەب قوشنىلىرى مىسىر ، ئىئوردانىيە ۋە سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا 6 كۈن داۋاملاشتى.

ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش، يەنى 3- قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ئىسرائىلىيىنىڭ مىسىر، ئىئوردانىيە ۋە سۈرىيىگە ئۇشتۇمتۇت قوزغىغان ئالتە كۈنلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇرۇش 1967- يىلى 6- ئاينىڭ 5- كۈنى باشلانغانلىقى ئۈچۈن، 5- ئىيۇن ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

  سۇۋەيش قانىلى ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەنگلىيە، فرانسىيە مۇستەملىكچى كۈچلىرى ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىۋېلىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ خوجايىنلىقىنى تالىشىشقا باشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى 60- يىللارنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا ۋېتنام ئۇرۇشى بىلەن بولۇپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مىسىر، سۈرىيە، ئىراق قاتارلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى يېراق ئەرەب ئەللىرىگە ئىقتىسادىي، ھەربىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈردى. ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تىركىشىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيىنى قوراللاندۇرۇش ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، تاجاۋۇز قىلىش قارا نىيىتىدە بولۇپ كەلگەن ئىسرائىلىيىنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويدى. 60- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسرائىلىيە ئەرەب دۆلەتلىرىگە توختىماي ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، ئەرەب-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنى غەرەزلىك تۈردە يامانلاشتۇردى. 1966- يىلى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى ئىئوردانىيە تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى سامۇ كەنتىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. 1967- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنى ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسى سۈرىيىنىڭ ئالتە ئايرۇپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى. 1967- يىلى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى مىسىر دۇچ كەلگەن ئۇرۇش تەھدىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، 1966- يىلى 11- ئايدا تۈزۈلگەن مىسىر-سۈرىيە ئورتاق مۇداپىئە كۆرۈش كېلىشىمىگە ئاساسەن مىسىرنىڭ ھاۋا، دېڭىز دائىرسى ئىچىدىكى دېھلان بوغۇزىنىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى، ئىسرائىلىيىنىڭ ھەربىي ئەشيالارنى توشۇيدىغان كېمىلىرىنىڭ بۇ بوغۇزدىن ئۆتۈشىگە ئەمدى رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 5- ئاينىڭ 30- كۈنى ئىئوردانىيە بىلەن مىسىر ئىككى تەرەپ چېگرا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى.

  ئىسرائىلىيە كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاش ئارقىلىق بىر قاتار ھىيلە-مىكىرلىرىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، 1967- يىلى 6- ئاينىڭ 5- كۈنى مىسىر، ئىئوردانىيە ۋە سۈرىيىگە ئۇشتۇمتۇتلا قوراللىق تاجاۋۇز قىلدى. شۇ كۈنى ئەتىگىنى ئىسرائىلىيە بارلىق ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ، مىسىر ئايرودرومىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. ئۈچ سائەت نۆۋەتلىشىپ بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق مىسىرنىڭ پۈتكۈل ھاۋا ئارمىيىسىنى ۋەيراق قىلىۋەتتى. چۈشتىن كېيىن يەنە ئىئوردانىيە ۋە سۈرىيە ئايردوروملىرىنى بومباردىمان قىلىپ، ھاۋا بوشلۇقىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىمۇ ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ، سىناي يېرىم ئارىلىغا قاراپ تېز ئىلگىرىلىدى. ھاۋا بوشلۇقى ئارقىلىق قوغدىنىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغان مىسىر قوشۇنلىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ سىناي ۋە غازا رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالماي، ئەتىسى پۈتۈن سەپ بويىچە چېكىندى. 6- ئاينىڭ 7- كۈنى ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى سۇۋەيىش قانىلىغا يېتىپ بېرىپ، قانالنىڭ شەرقىدىكى بارلىق زېمىنىنى ئىشغال قىلدى. مىسىرغا قارشى ئۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشكەن ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى ئىئوردانىيىگە ھۇجۇم قىلدى. ئارقىدىنلا ئېرۇسالىم كونا شەھىرىنى ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئىشغال قىلدى. 6- ئاينىڭ 9- كۈنى يەنە سۈرىيىگە ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قىلدى. 6- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈش ۋاقتى سائەت 12 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ماقۇللىدى ۋە بۇ كېلىشىمنىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىدىن ئىلگىرى جىددىي ھەرىكەت قىلىپ، گېلاند ئېگىزلىكىنى ئىشغال قىلىۋالدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنلا ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئالتە كۈنلۈك بۇ ئۇرۇشتا مۇداپىئە كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلمەي، ھاپىلا-شاپىلا جەڭگە كىرىشكەن مىسىر، سۈرىيە، ئىئوردانىيە تەرەپتىن 50 نەچچە مىڭ كوماندىر ۋە جەڭچى قازا قىلدى. ئىسرائىلىيە بولسا 1000 نەپەرگىمۇ يەتمەيدىغان ئادىمىنىڭ ئۆلۈشىدەك كىچىككىنە چىقىم بەدىلىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، ئېرۇسالىم كونا شەھىرى، غازا رايونى، سىناي يېرىم ئارىلى ۋە گولاند ئېگىزلىكى بولۇپ جەمئىي 65 مىڭ كىۋادىرات مېتىر زېمىنىنى تېز سۈرئەتتە ئىشغال قىلىۋالدى. 1 مىليونغا يېقىن پەلەستىنلىك يېڭى مۇساپىرلاردىن بولۇپ قالدى. 1967- يىلى 11- ئاينىڭ 22- كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 242- نومۇرلۇق قارارىنى ماقۇللاپ، ئىسرائىلىيىنىڭ 6- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى. بىراق، ئىسرائىلىيە ئىجرا قىلمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەرەب-ئىسرائىلىيە زىددىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنى تالىشىش ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى جىددىيلەشتى.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]