تۈر:تارىخ

ئورنى Wikipedia

مۇنازىرە ۋە ياردەم · تۈرلەر · ئاچقۇچ تۈرلەر · تۈر
ئۇچۇر | پەلسەپە | ئومومى | ئىلىم | ئەمەلىي | جەمئىيەت | گۇمانتار | تىل | تېخنىكا‏ | تەبىئەت | مەدەنىيەت | ئەدەبىيات | تارىخ | ھالقىما | جۇغراپىيە | كىشلەر | ۋىكى

غېنى باتۇر خەلق قەھرىمانى---- غېنى باتۇر ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسلىق رەھپەرلىرىدىن بىرى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خەلىق قەخىرمانى ، ھەربى قوماندان غېنى مۇھەممەت باقىر 1901 - يىلى غۇلجا ناھىيە قاش يېزىسىنىڭ تۇردىيۇز مەھەللىسىدە كەمبەغەل دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .غېنى كىچىگىدىنلا ئىشچان ، باتۇر ، كۇچلۇك ، غەيرەتلىك بالا بولۇپ ، بالا ۋاقتىدا چىلىشتا داڭ چىقىرىدۇ ۋە ئېگىز بوي ، گەۋدىلىك ، يوغان باش ، كەڭ ۋە سوزۇق يۇزى قىپ - قىزىل ، قوي كۆز ، كەم سۆز ئادەم بولۇپ يېتىلىپ چىقىدۇ .غېنى16 ياش ۋاقىتلىرىدا بىر كۇنى تۇققۇز تارادا باتۇرلۇق ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان ئاتلىق بىر قازاق يىگىتكە << مەن مۇشۇ ئالا ئېتىڭنى ئاشۇ قارا ياغاچ تۇۋىگە ئاپىرىپ ئەكەلسەم نىمە دەيسەن ؟>> دەپ 150مىتىر ئارلىقنى كۆرسۇتىدۇ .قازاق يىگىت ئەگەر ئەگەر دىگىنىڭدەك قىلساڭ ، ئاتنى ساڭا بەردىم . قىلالمىساڭ ئاۋۇ تورۇق ئېتىڭ مىنىڭ >> دەيدۇ ، غىنى بارغان پېتى ئاتنى يەلكىسىگە ئېلىپ ماڭىدۇ ، قىيقاس كۆتۇرۇلىدۇ . غېنى ئاتنى كۆتۇرۇپ قارياغاچتىن 100مىتىر نىرى يارگە ئېلىپ بېرىپ ، قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ . خەلىق ھەيران قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن غىنىنىڭ << باتۇر >> دىگەن نامى پۇتۇن ئىلى رايۇنىغا تارقىلىدۇ . ھەم زۇلۇمغا جازانىخورلۇققا قارشى ھەركەت قىلىدىغان نوچىلار غېنىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىشقا باشلايدۇ . ئۇلار زالىم بەگلەر ، جازانىخور بايلار ، ئەمەلدارلارنى تىللايدۇ ، مەسخىرە قىلىدۇ ، ئېپى كەلسە ئۇلارنىڭ مال مۇلكىنى ئوغۇرلاپ ، يىتىم - يىسىرلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ . شۇڭا غېنى 1944 يىلىغىچە كۆپ قېتىم تۇرمىلەرگە تاشلىنىدۇ ، ھەر قېتىم قامالغاندا كىشەننى ئۇزۇپ تاشلاپ كاچىدۇ .ئەڭ ئاخىرقى قېتىم غېنى 1944 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۇنى دۇشەنبە ئۇرۇمچى 2 - تۇرمىدىن ( ھازىرقى ئۇرۇمچى شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى ئورنىدا ) قېچىپ نىلقا ئەتراپىدا يوشۇرنۇپ يۇرىدۇ . شۇ كۇنلەردە نىلقا تاغلىرىدا گومىداڭغا قارشى ھەركەت ئېلىپ بىرىۋاتقان فاتىخ باتۇر ، ئەكبەر باتۇر ، قۇربان بۇرھانىدوف ، ئوسمان ئىبرايىمۇف ، سىيىت ئاۋان ( ئەكبەرنىڭ ئىنىسى ) ، نۇر ئوبولۇف ، ھوشۇر مامۇتۇف ، ، مۇساقان قۇربان ، خەمىت مۇسلىمۇف ( فاتىخ باتۇرنىڭ ئىنىسى ) ، رەپىق بايچۇرىن قاتارلىق پارتىزانلار گۇرۇپپىسى غېنى باتۇرنىڭ ئۇرۇمچى تۇرمىسىدىن قېچىپ كەلگىنىنى ئاڭلاپ ، ئۇنى ئىزدەپ تاپىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن غېىنى ئىنقىلاپقا قېتىلىدۇ . پارتىزانلىق شىتاپ قۇرۇلغاندا غېنى 2- پارتىزانلار گۇرپىسىغا مەسئۇل بولىدۇ ، بۇ گۇرپىدا زۇلۇمغا قارشى ، ئەركىنلىككە ئىنتىلگۇچى 200دىن ئارتۇق پارتىزان بار ئىدى .غېنى شۇندىن باشلاپ ھەرقايسۇ ئۇرۇش رايۇنلىرىدا باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن غېنى باتۇر دەپ تەرىپلىنىدۇ . غىنى باتۇر ۋە پارتىزانلار گومىنداڭنىڭ غۇلجا تەرەپتىن 10 ماشىنىدا كەلگەن ئەسكىرىنى توسۇپ زەربە بېرىپ ، مازار رايونىغا كىرگۇزمەي يوقۇتۇپ ئۇلارنىڭ قورال ياراقلىرىنى غەنىمەت ئالىدۇ . سۇلتان ئوۋەيس مازىرىغا يوشۇرۇن كىرىپ ، ساقچى ئىدارىسىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ . ھەر مىللەت خەلقىدىن قامالغان 30 نەچچە كىشىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ .غىنى يەنە قارا سۇ ، سۇپتاي ، مازار رايونىدىكى ئۇرۇشتا ئاتلىق ئىككى قولىدا ئىككى ماۋزۇر بىلەن يامغۇردەك يىغىۋاتقان ئوققا قارىماي دۇشمەن سېپىنى يېرىپ ئۆتۇدۇ . دۇشمەن توپىغا ئاتلىق بېسىپ كىرىپ دۇشمەن قولىدىكى قورالنى تارتىپ ئېلىپ چىقىدۇ . غېنىنىڭ بۇنداق باتۇرلىغى خەلىق ئىچىدە ھەرخىل ئەپسانىلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ . غېنى ئارشاڭنى ئېلىش ئۇرۇشىدا ئېغىر يارلىنىپ ئالمۇتۇغا داۋالىنىشقا بارىدۇ ۋە داۋالىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋاقىتلىق ھوكۇمەت ئۇنىڭ قەخىرمانلىق جاسارىتى ، قوماندانلىق ماھارىتىنى نەزەرگە ئېلىپ ، ئۇنىڭغا پولكوۋنىكلىق ھەربى ئۇنۋان ۋە << خەلىق قەخىرمانى >> دىگەن ھۆرمەتلىك نامنى بېرىدۇ .ئۇ ئازاتلىققا قەدەر ئۇچ ۋىلايەت ھۆكۇمىتىنىڭ ئەزاسى ، مىللى ئارمىيە ھەربى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىغى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولىدۇ . ئۇ بۇ جەرياندا << جۇمھۇريەت >> ، <<ئازاتلىق >> ، << ئىستىقلالىيەت >> ، << باھادۇرلۇق ئۇچۇن >> قاتارلىق كۆپلىگەن ئوردىنلار بىلان تارتۇقلىنىدۇ .ئازاتلىقتىن كېيىن ئۆلكىلىك سىياسى مەسلەھەت كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ . كېيىن كېيى پاتىخ باتۇر بىلەن لەنجۇدا 1953- يىلىغىچە دەم ئالىدۇ . 1953 - يىلىنىڭ ئاخىرى قايتىپ كېلىپ ئۆلكىلىك سىياسى مەسلەھەت كېڭىشىگە ئەزا بولىدۇ . 1954- يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجىغا كېتىدۇ ۋە 1956 - يىلىنىڭ ئاخىرى ھازىرقى قازاقىستانغا چىقىپ كېتىدۇ . 1997 - يىلى 96 يېشىدا ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولىدۇ .

تارماق تۈر

بۇ تۈرنىڭ تۆۋەندىكى 9، جەمئى 9 بېتى بار.

ت

خ

د

ي

چ