ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى
2-دۇنيا ئۇرۇشى گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيىنى مەركەز قىلغان فاشىستلار تاجاۋۇزچىلىق گۇرۇھى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق فاشىستلارغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە فاشىستلارغا قارشى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا بولغان يەر شارى كۆلەملىك 2-قېتىملىق ئۇرۇشتۇر.
ئارقا كۆرۈنىشى
[تەھرىرلەش]بۇ ئۇرۇش 1939-يىل 9-ئاينىڭ1-كۈنى گېرمانىيە پولشاغا تاجاۋۇز قىلغان چاغدىن باشلىنىپ، 1945-يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ياپونىيە تەسلىمنامىگە ئىمزا قويغان ۋاقىتقىچە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ جەمئىي ئالتە يىل داۋاملاشتى، ئۇرۇش ئوتى ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقا ۋە شەرقىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تۇتاشتى. ئۇرۇش دۇنيانى ئىككى چوڭ لاگېرغا بۆلۈۋەتتى، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق يەتتە فاشىست دۆلەت بىر تەرەپ بولسا، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، جۇڭگو قاتارلىق 50 نەچچە دۆلەت تۈزۈشكەن فاشىستلارغا قارشى ئىتتىپاق يەنە بىر تەرەپ بولدى.
يەر
[تەھرىرلەش]ياۋرۇپا، شەرقىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا، تىنچ ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان، ئوتتۇرا دېڭىز.
جەرەيانى
[تەھرىرلەش]باشلىنىش
قىسمەن ئۇرۇشنىڭ ئوتى ئالدى بىلەن ئاسىيادا تۇتاشتى. 1931-يىلى ياپونىيە « 18-سېنتەبىر ۋەقەسى» نى پەيدا قىلىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى بېسىۋالدى.1937-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى يەنە جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشنى قوزغىدى. 1935 −1938-يىللىرى ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيىمۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئىبلىس قولىنى ئېفىئوپىيە، ئىسپانىيە، ئاۋسترىيە، چېخوسلوۋاكىيىگە سۇندى. سىرتقا تاجاۋۇز قىلىش داۋامىدا ئۈچ فاشىست دۆلەت ئاتالمىش ئوق دۆلەتلەر ھەربىي گۇرۇھى بولۇپ ئۇيۇشتى. فاشىستلارنىڭ غالجىرانە تاجاۋۇزى ئالدىدا، جۇڭگو، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خەلقى قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتتى، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر «تىنچلاندۇرۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ميۇنخېن كېلىشىمى ئىمزالاپ، مۇشۇ ئاجىز دۆلەتلەرنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە ئىتالىيە بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، ئۇرۇشتىن قېچىپ سۈلھى قىلماقچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن فاشىستلارنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويدى. 1939-يىلى8-ئايدا گېرمانىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى تۈزۈشتى. 1939-يىلى9-ئايدا گېرمانىيە پولشاغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە پولشانىڭ ئىتتىپاقداش دۆلىتى بولغانلىقتىن، گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىدى.
رەۋاجى
گېرمانىيە 1940-يىلى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگ، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ياۋروپانىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىشغال قىلىۋالدى. 1941-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى تۇيۇقسىزلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭ بىلەن سوۋىت ئىتپاقى - گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتىلىدى. سوۋىت ئىتپاقى دۇنيا فاشىزىمىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى بۇلۇپ قالدى.ئىتالىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بەزى رايونلارنى تارتىۋالدى. 1937-يىلىلا ئومۇميۈزلۈك ھالدا جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان ياپونىيە يەنە 1941-يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى بازىسى بولغان پيورل-خاربور ئارىلىغا يوشۇرۇن زەربە بېرىپ، سىنگاپور، فىلىپپىن، ھىندۇنېزىيە قاتارلىق تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىرمۇنچە دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىۋالدى. ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ كەڭ زېمىنى فاشىستلارنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالدى.
گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە ھەممە جايدا تاجاۋۇزچىلىق قىلغانلىقتىن، ئۇلار دۇنيا خەلقىنىڭ مۇھاسىرە چەمبىرىكىگە چۈشۈپ قالدى. 1942-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، جۇڭگو قاتارلىق 26 دۆلەتتىن تەشكىل قىلىنغان فاشىستلارغا قارشى ئىتتىپاق بىرلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلدى. 1942-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 1943-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنگىچە داۋاملاشقان سىتالىنگىرات ئۇرۇشىدا سوۋىت ئىتپاقى ئارمىيىسى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 1 مىليون 500 مىڭ ئادىمىنى يوقاتتى. ئەجەللىك زەربىگە دۇچ كەلگەن ئىستىراتىگىيىلىك مۇداپىئەگە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇ جەڭنىڭ غەلىبىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ جەڭ ۋەزىيىتىدە تۈپ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن فاشىستىك دۆلەتلەر قۇدرەت تېپىشتىن زاۋاللىققا يۈزلەندى، فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاق بارغانسېرى باتۇرلۇق كۆرسەتتى، ئىشغال قىلىۋېلىنغان رايونلاردىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.
1943-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قۇشۇنلىرى شىمالى ئافرىقا جەڭ مەيدانىدا گېرمانىيە، ئىيالىيە قۇشۇنلىرىنى پۇتۇنلەي تازلىدى. 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىتالىيە ئەنگلىيە-ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا چىدىماي ئالدى بىلەن تەسلىم بولدى.
1944-يىلدىن ئېتبارەن سوۋىت ئىتپاقى قىزىل ئارمىيىسى ئىستىراتىگىيىلىك ئۇمۇمىي قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئەجەللىك زەربە بېرىپ، سوۋىت ئىتپاقىدىكى ئىشۈالىيەت زېمىنلىرىنى قايتۇرۋېلىپلا قالماستىن، بەلكى تاجاۋۇزچىلارغا قوغلاپ زەربە بېرىپ ياۋروپا ئەللىرىنىڭ فاشىزىمغا قارشى ئازادلىق كۈرشىگە ماسلاشتى. 1944-يىلى 6-ئايدا ئەنگىلىيە،ئامېرىكا قۇشۇنلىرى فىرانسىيىنىڭ نورماندىيە دىگەن يېردە قۇرۇقلۇققا چىقىپ،ياۋروپادا 2-جەڭ مەيدانىنى ئاچتى. شۇنىڭدىن كىيىن فاشىستلارغا قارشى ئىتپاقنىڭ قوراللىق كۈچلىرى شەرق، غەرب، جەنۇب تەرەپلەردىن فاشىستلار گېرمانىيىسىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى.
1945-يىلنىڭ بېشىدا سوۋېت ئىتپاقى قۇشۇنلىرى ۋە ئەنەىلىيە ئامېركا قۇشۇنلىرى گېرمانىيىگە بۆلۈنۈپ ھۇجۇم قىلدى. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سوۋېت ئىتپاقى ئارمىيىسى بېرلىننى ئالدى، 5-ئاينىڭ 8-كۈنى گېرمانىيە تەسلىم بۇلۇپ، گېرمانىيە 3-ئىمپېرىيىسى بەربات بولدى ھەمدە ياۋروپانىڭ فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇشى غەلبىلىك ئاياغلاشتى.
1944-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكىجۇڭگو خەلقى قىسمەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 350 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قۇشۇنلىرىمۇ تىنىچ ئوكيان ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىياداياپونىيە ئارمىيىسىگە قارشى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى.
ئاخىرلىشىشى
1945-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋە 9-ا كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى ياپونيىنىڭ خىروسما ۋە ناگاساكى شەھەرلىرىگە ئاتوم بومبىسى تاشلىدى. 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سوۋېت ئىتپاقى ياپونىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى، 9-كۈنى مىليونلىغان كىشلىكتىن تەشكىل تاپقان سوۋېت ئىتپاقى قۇشۇنى جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالىغا قاراپ ئىلگىرلىدى. شۇ كۈنى يولداش ماۋزېدوڭ «ياپون قاراقچىلىرىغا قارشى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇش» چاقىرىقىنى ئېلان قىلدى. جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ئازاد رايونلىرىدىكى قوراللىق كۈچلەر ياپون قۇشۇنلىرىغا قارشى پۈتۈن سەپ بويچە ئۇمۇمىيۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئاتلىنىپ، كەڭ رايونلارنى تېز سۈرئەتتە ئازاد قىلدى. 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ياپونىيە تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى تەسلىمنامىگە ئىمزا قويدى، فاشىستلارغا قارشى 2-دۇنيا ئۇرۇشى گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە فاشىسىتلىرىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇبىيىتى ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئۇلۇغ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئاقىبەت
[تەھرىرلەش]ئۆلۈم - يېتىم
2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كۆلىمى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كۆلىمىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى، دۇنيادىكى 60 نەچچە دۆلەت ۋە ئاھالىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن تۆت قىسمى بۇ ئۇرۇش قاينىمىغا كىردى. ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئادەم سانى 50 مىليوندىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگودا ئۆلگەن ئادەم سانى 20 مىليونغا، گېرمانىيىدە 8 مىليونغا، پولشادا 6 مىليونغا، ياپونىيىدە 3 مىليونغا يەتتى، بىۋاسىتە ماددىي زىيان قىممىتى 4 ترىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى.
نەتىجە
ئەڭ ئاخىرقى فاشىستىك دۆلەت ياپونىيە، جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچراپ، ئۇمۇ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى تەسلىمنامىگە ئىمزا قويدى، شۇنىڭ بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشتى.
تەئسىرى
فاشىزمغا قارشى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخدىكى بىر قېتىملىق مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى ئۇرۇش بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئۇرۇش دۇنيانىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئالەمشۇنۇل ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كىيىنكى يەنە بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. ئەلۋەتتە بۇ ئۇرۇشمۇ دۇنيا خەلقىنىڭ ئورنىنى تولدۇرغۇسىز مىسلى كۆرۈلمىگەن بالايىئاپەتكىمۇ دۇچار قىلدى. بۇ قېتىمقى دۇنيا ئۇرۇشىغا ئىگىرى-ئاخىرى بۇلۇپ 60 نەچچە دۆلەتتىن دۇنيا نۇپۇسىنىڭ بەشتىن تۆت قىسمىنى تەشكىل قىلدىغان ئاھالە (1مىليارد 700 مىليون كىشى) قاتناشتى. ئىككى تەرەپ 110 مىليون كىشلىك قۇشۇننى ئىشقا سالدى، ئۇرۇشتا قازا قىلغانلار 50 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، بىۋاستە ھەربىي خىراجەت 1117 مىليارد دوللارغا يەتتى، ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ماددىي ئەشيالار ئۇمۇمىي زىيىنى 4 تىرليون دوللارغا يەتتى. يېڭى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈز بېرشىدىن ساقلىنىش، دۇنيانىڭ تىنىچلىقىنى قوغداش پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ ئىزچىل ۋە ئۇمۇميۈزلۈك كۈچلۈك تەلپى بۇلۇپ قالدى.