ئېلىخان تۆرە

ئورنى Wikipedia
ھۆججەت:Elihan tore.jpg
ئېلىخان تۆرە

ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يەنى 1944–يىلىدىن 1946–يىلى 6–ئايغىچە (ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدا 11ماددىلىق بىتىم تۈزۈلۈپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغىچە) ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ئېلىخان تۆرە رەئىس بولدى. نۇرغۇن كىشى ئېلىخان تۆرىنىڭ كىملىكىنى، قانداق ئىش–پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئانچە بىلمىسە كېرەك، مەن بۇ ماقالەمدە ئۆزۈم بىلگەن ۋە ئىگىلىگەن بەزى ماتېرىياللارغا ئاساسەن ئېلىخان تۆرىنىڭ ھايات پائالىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

ئېلىخان تۆرە (ئەدەبىي تەخەللۇسى ساغۇنى، ئۇ بالاساغۇندا تۇغۇلغاچقا، ساغۇنى دەپ تەخەللۇس قويغان)، ئۆزبېك، ئۇ 1885–يىلى 3–ئاينىڭ 21–كۈنى سابىق تۈركىستان ئۆلكىسىنىڭ توقماق (بالاساغۇن؟) شەھىرىدە (ھازىرقى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە) ھاللىق دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى شاكىرخان تۆرە تۆت پەرزەنت كۆرگەن، ئېلىخان تۆرە ئۇلارنىڭ ئىككىنچىسى. شاكىرخان تۆرە ئۆز زامانىسىغا نىسبەتەن تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەردىن بولغاچقا، بالىلىرىنى ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلگەن ھەمدە ئېلىخان تۆرىنى چوڭ ئوغلى ئالىمخان تۆرە بىلەن بىللە ئەرەبىستانغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. ئېلىخان تۆرە ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، بۇخارا مەدرىسلىرىدە داۋاملىق ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئېلىخان تۆرە ئوقۇش مەزگىللىرىدە، بىر تەرەپتىن ئەرەب، پارس تىللىرىنى ھەم بىر قاتار تۈركىي تىللارنى پۇختا ئۆگىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تېبابەتچىلىككە ئىشتىياق باغلاپ، ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا قاتارلىق تېبابەت ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدۇ ھەمدە ئۆز زامانىسىدىكى ئاتاقلىق تېۋىپلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇستا تېۋىب بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.

ئېلىخان تۆرىنىڭ بىلىم ئىگىلەۋاتقان ۋاقتى دەل چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستېلا قىلغان، يەرلىك خەلقلەرنىڭ چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارشى قورغىلاڭلىرى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. 1916–يىلى توقماق تەۋەسىدىكى قىرغىز ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرى بىرلىكتە چارروسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتىرىدۇ. ئېلىخان تۆرىمۇ بۇ قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ. لېكىن قوزغىلاڭ چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلىدۇ، قوزغىلاڭ قاتناشقۇچىلىرى ھەرتەرەپكە قاچىدۇ، جۈملىدىن ئېلىخان تۆرىمۇ مۇھاجىر بولۇپ قەشقەرگە كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئېلىخان تۆرە 1918–يىلى ۋەتىنىگە قايتىدۇ. ئۇ 1920–يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ھەج–تاۋاب قىلغىلى ئەرەبىستانغا بارماقچى بولىدۇ، بىراق، بۇ چاغلاردا سوۋېت ئارقىلىق ئەرەبىستانغا بېرىش مۈمكىنچىلىكى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، شىنجاڭ ئارقىلىق بېرىش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىگە كېلىدۇ. شۇ چاغدىكى ۋەزىيەت تۈپەيلى، ئۇ ھەج–تاۋاب قىلىش سەپىرىگە چىقالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن غۇلجىدا مۇقىم ماكانلىشىپ قالىدۇ. يەنى غۇلجا شەھىرىدىكى ئۆزبېك مەكتەپ (ھازىرقى 5–ئوتتۇرا مەكتەپ)نىڭ ئارقا تەرىپىدىكى مەھەللىگە ئورۇنلىشىدۇ، كېيىنچە بۇ مەھەللە «تۆرەم مەھەللىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئېلىخان تۆرە دىنىي ئۆلىما ۋە ئۇستا تېۋىب بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا جامائەتچىلىككە تونۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

1937–يىلى جاللات شېڭ شىسەي قانلىق قىلىچىنى كۆتۈرۈپ، ھەرمىللەت خەلقى ئىچىدىكى مۆتىۋەر، تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرنى ھەم ئىلغار زىيالىيلارنى كۆپلەپ قولغا ئالىدۇ. شۇ قاتاردا ئېلىخان تۆرىمۇ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ھەم مال–مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. ئېلىخان تۆرە 1941–يىلى شېڭ شىسەي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ، ئۇ ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ.

ئېلىخان تۆرە غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە جامائەت بىلەن ئارىلىشىپ، تېۋىپلىق كەسپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەسچىت، مەدرىسىلەردە ۋە جامائەت توپلانغان سورۇنلاردا ئاشكارا ۋە مەخپىي ھالدا گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسەتلىرىگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. ئازادلىققا تەشنا بولۇپ تۇرغان خەلق ئېلىخان تۆرىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇ بارىدىغان، جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان جامالەرگە تېخىمۇ كۆپلەپ يىغىلىدۇ. 1944–يىلى غۇلجىدا يەرئاستى «ئازادلىق جەمئىيىتى» قۇرۇلىدۇ. ئېلىخان تۆرە بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىدۇ ۋە بۇ تەشكىلاتقا رەئىس بولۇپ تەيىنلىنىدۇ، بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىمكى، 1944–يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى باش كونسۇلى يېۋسىيېف غۇلجىغا كېلىپ، غۇلجىدىكى سوۋېت كونسۇلى ئارقىلىق غۇلجىدىكى سالىخ جانباي قاتارلىق يۇرت مۆتىۋەرلىرى بىلەن تەشكىلات قۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ نامىنى «ئازادلىق جەمئىيىتى» دەپ ئاتاشقا كېلىشكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەمەلىي پائالىيەتلىرىگە تەشكىلات قۇرۇلغاندىن باشلاپلا غۇلجىدىكى سوۋېت دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ھاكىم جاپپاروۋىچ يارۇللابېكوف دېگەن ئۇيغۇر كىشى مەسئۇل بولغان. «ئازادلىق جەمئىيىتى» تەشكىلاتىغا ھەرمىللەت، ھەرساھە كىشىلىرىدىن ئىلغار زىيالىيلار، تەرەققىيپەرۋەر زاتلار ۋە ئاز ساندىكى دىنىي زاتلار قاتنىشىدۇ. بۇلاردىن: رەھىمجان سابىرھاجىيوف، قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، سالىخ جانباي باباجان (مىللىتى ئۆزبېك، غۇلجىدا دادامتۇ يېزىسىدا بىر چوڭ بىنا قىلغان. ئاڭلىشىمىزچە مەخپىي تەشكىلات ئەزالىرى پات–پات مۇشۇ باغقا چىقىپ يىغىلىش قىلغان. سالىخ جانباي «ئازادلىق جەمئىيىتى» تەشكىلاتىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوفنىڭ شىرەم تۇققىنى. ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى تەرەققىيپەرۋەر، يېڭىلىق تەرەپدارى بولغاچقا، مەرۇپ سەئىدى قاتارلىقلار بىلەن ئەڭ دەسلەپتە دەرنەك ‹جەدىتچىلەر› مەكتىپىنى قۇرغان. مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن. سالىخ جانباي «ئازادلىق جەمئىيىتى» تەشكىلاتىنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىدە يېزا ئىگىلىك نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان، 1952–يىلى غۇلجىدا ۋاپات بولغان)، زۇنۇن تېيىپ، ھەبىب يۇنىچى (تاتار، ئۇ زىيالىي بولۇپ، گېرمانىيە، تۈركىيىلەردە ئوقۇغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن ئىلى گېزىتىدە ئىشلىگەن. «ئازادلىق جەمئىيىتى» تەشكىلاتىدا تەشۋىقات ئىشلىرىنى ئىشلىگەن. ئۇ ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ دېكلاراتسىيىسىنى يېزىپ چىققان. ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىدە مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ۋە قوشۇمچە گېزىتخانىنىڭ باشلىقى بولغان. 1945–يىلىنىڭ بېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان)، مۇھەممەدجان مەخسۇم (خەلق ئىچىدە خېلى زور تەسىرى بار تەرەققىيپەرۋەر ئادەم. ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىدە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 1960–يىللاردا ئالەمدىن ئۆتكەن)، ئابدۇرۇف مەخدۇم (سودىگەر، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا باش كاتىپ بولغان، كېيىن بانكا باشلىقى بولغان. 1955–يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن)، جانى يولداشوف (بۇ كىشى 19–ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غۇلجىدا ئۆتكەن چوڭ باي — ۋېلىباي يولداشوفنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، غۇلجىدا سودىگەرچىلىك قىلغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ پروكورورى بولغان. ئازادلىقتىن كېيىن چارۋىچىلىق ساھەسىدە ئىشلىگەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ غۇلجىدا ۋاپات بولغان)، مۇختەر ئاخۇن خەلپەت، نۇردۇنبەك، ئۆمەرجان پىرمۇھەممەت، مۇھىددىن ئەخمىدىلەر بارئىدى.

«ئازادلىق جەمئىيىتى» تەشكىلاتى ئەزالىرىدىن ئېلىخان تۆرە ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە رەئىس، ئابدۇرۇف مەخدۇم باش كاتىپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى، قاسىمجان قەمبىرى كادىرلار بۆلۈم باشلىقى، ھەبىب يۈنىچى مائارىپ نازىرى (ھەبىب يۈنىچى ۋاپات بولغاندىن كېيىن سەيپىدىن ئەزىزى نازىر بولغان)، سالىخ جانباي يېزا ئىگىلىك نازىرى، مۇھەممەتجان مەخدۇم ئالىي سوت باشلىقى، جان يولداشوف باش پروكورۇر، زۇنۇن تېيىپ مىللىي ئارمىيىگە مۇئاۋىن قوماندان بولغان.

ئېلىخان تۆرە 1944–يىلى 11–ئاينىڭ 12–كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە رەئىس بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. 1945–يىلىنىڭ بېشىدا شۇ چاغدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قارارى بىلەن ئېلىخان تۆرىگە مارشال ئۇنۋانى بېرىلىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدا 11ماددىلىق بىتىم تۈزۈلۈپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، ئېلىخان تۆرە ھۆكۈمەتكە ھەيئەت ئەزا بولۇپ كىرگۈزۈلىدۇ، بىراق ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى 1946–يىلى 7–ئاينىڭ 13–كۈنى ئېلىخان تۆرە غۇلجىدىن مەخپىي يوسۇندا سوۋېتكە ئېلىپ چىقىپ كېتىلىدۇ.

ئېلىخان مەخپىي يوقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، خەلق ئىچىدە ھەرخىل گەپلەر بولىدۇ. بەزىلەر ئېلىخان تۆرە قورغاسقا يىغىنغا كېتىپتۇ دېسە، بەزىلەر ئارىشاڭغا كېتىپتۇ دېيىشىدۇ، شۇ چاغدا ئېلىخان تۆرىگە مۇھاپىزەتچى بولغانلاردىن ئالائىدىن ئېمىر بىلەن سونۇرمۇنىر (بۇ ئىككى كىشى ھازىر غۇلجىدا دەم ئېلىشتا) مۇنداق دەيدۇ؛ «....بىز ئاشۇ 12–ئىيۇن كۈنى ئېلىخان تۆرە بىلەن بىللە 2–نومۇرلۇق قورۇ ‹رۇسچە دوم دېيىلەتتى، ئۇ سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجىدىكى مەخسۇس تاپشۇرۇقىنى ئورۇندايدىغان مەھكىمىسى ئىدى› غا باردۇق، قورۇنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، ئېلىخان تۆرىنى قورۇ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى. بىرئازدىن كېيىن قورۇدىن بىر كىشى چىقىپ، سىلەر قايتىپ كېتىڭلار، دەپ بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز قايتىپ كەتتۇق. شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىخان تۆرىنى كۆرمىدۇق، نەگە كەتكىنىنىمۇ بىلمىدۇق».

مېنىڭ ئىگىلىشىمچە 1946–يىلى 7–ئاينىڭ 13–كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلجىدا قۇرغان 2–ئۆيدىكى سوۋېت رازۋېدكىچىلىرىدىن ئۆزىنى ئىسكەندەر ئەپەندى دەپ ئاتىۋالغان پولكوۋنىك ئىۋان ئىۋانوف، 30–يىللارنىڭ باشلىرىدا ئوشدىن ئاقسۇغا كېلىپ بىرمەزگىل «قارىلىق» بىلىمىنى ئالغان ۋە شۇ يەردە ئۆيلىنىپ ئىككى ئوغۇل، بىر قىزپەرزەنت كۆرگەن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا غۇلجىغا كېلىپ تېكەس ئاتلىق پولكتا، كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىچىكى ئىشلار نازارىتىدە مەخسۇس رازۋېدكىغا مەسئۇل بولغان ۋە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن پولكوۋنىڭ ئەلى ئەپەندى ھامىدوف ھەمدە ئۆزىنى زاكىر ئەپەندى دەپ ئاتىۋالغان 2–ئۆي رازۋېدكىچى زاخار كوز نېتسوفتىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ئېلىخان تۆرىنى «قورغاستا ئوسمان يۈسۈپوف (ئۆزبېكىستان 1–سېكرىتارى) سىز بىلەن كۆرۈشمەكچى» دەپ «زىس» ماشىنىدا سوۋېتكە ئېلىپ كەتكەن.

ئېلىخان تۆرە سوۋېتكە بارغاندىن كېيىن، تاشكەنتتە ئۆزى ئۈچۈن مەخسۇس ھازىرلانغان قورۇدا 30يىل نەزەربەند ئاستىدا ياشايدۇ. ئۇ دەسلەپتە سىرتتىن كەلگەنلەردىن مەخپىيرەك تۇتۇلسىمۇ، كېيىنچە سىرتتىن يوقلاپ كەلگەنلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.

ئېلىخان تۆرە تاشكەنتتە نەزەربەند ئاستىدا تۇرغان 30 يىل داۋامىدا بەزى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇ بۇ جەرياندا ئەخمەت دانىشنىڭ «نەۋادىرۇل ۋاقىئە»، «دەرۋىش ئەلى چانگىنىڭ «مۇزىكا رىسالىسى» ۋە «تۆمۈر تۈزۈكلىرى»گە ئوخشاش نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىدۇ. «تارىخىي مۇھەممىدى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تارىخى» دېگەن ئەسەرنى 1959–يىلى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ يەنە «دىۋانى ساغۇنى» نامىق شېئىرلار توپلىمى بارلىقىمۇ مەلۇم.

ئېلىخان تۆرىنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىدا ئىشلىگەن غاپپارخان، ئاسارخان، ئەخمەتيار، مۇھەممەتيار ئىسىملىك بالىلىرى بولۇپ، ئازادلىقتىن كېيىن ئىلگىرى–ئاخىر بولۇپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەن. _ ئېلىخان تۆرە 1976–يىلى 91 يېشىدا تاشكەنتتە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ھايات چېغىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، ئۇ تاشكەنتتىكى شەيخ زەينىدىن بابا قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

پايدىلانغان ماتېرىياللار: 1 .«تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا»، 183–بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ماقالە ئاپتورى: ھاكىم جاپپار (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى)