ئالېكساندىر II

ئورنى Wikipedia
ئالكساندر II
رۇس چارى
ھۆكۈمدارلىقى 1855-يىل 3- مارت — 1881- يىل 13- مارت
تاج كىيىش 1856- يىلى 9- سىنتەبىر
ئۇندىن بۇرۇن نىكولاي I
ئۇندىن كېيىن
ئالكساندر III
ئايال(لىرى) Marie of Hesse and by Rhine
پەرزەنت(لەرى)







بۈيۈك دۈشەس ئالكساندرا ئالكساندروۋا

چارىيېۋىچ نىكولاي ئالكساندروۋىچ
ئالكساندر III
بۈيۈك دۈشەس ماىيا ئالكساندروۋا
بۈيۈك دۈك ۋلادىمىر ئالكساندروۋىچ
بۈيۈك دۈك ئالېكسېي ئالكساندروۋىچ
بۈيۈك دۈك سېرگېى ئالكساندروۋىچ
بۈيۈك دۈك پاۋىل ئالكساندروۋىچ

خانەدان رومانوۋ خانەدانى
ئاتاسى نىكولاي I
ئاناسى پروسسىيەلىك شارلوتتە
توغۇلغان 1818- يىل 29- ئاپرېل، موسكوۋا
ئۆلۈمى 1881- يىل 13- مارت، سانكت پېتېربۇرگ
گۆرى پېتېر ۋە پاۋىل چېركاۋى
دىنى رۇس ئورتودوكس
ئىمزا

ئالېكساندىر نىكولايېۋىچ (ت. 1818- يىل 29- ئۈمىد — ئۆ. 1881- يىل 13- نەۋرۇز) 1855 — 1881 يىللار ئاراسىدا ھۆكۈم سۈرگەن رۇس ئىمپېراتۇرى. راۋرۇس بىر ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ۋە 1861 دە يانچىلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

1825 تە نىكولاي I نامى بىلەن چار بولغان گاراندۇك نىكولاي پاۋلوۋىچ بىلەن ئالېكساندرا ڧيودوروۋنانىڭ (توي قىلىشتىن بۇرۇن پرۇسيە مەلىكىسى شارلوتتە) ئەڭ چوڭ ئوغلىدۇر. گۈدەكلىكى ۋە ياشلىقى ھۆكۈمران ئاتاسىنىڭ ئەزگۈچى كىشىلىكىنىڭ سايەسىدە ئۆتتى. ئالېكساندىر، 1885- يىلى ڧېۋرالدا ئاتاسى ئۆلگەندىن سوڭرە، قىرىم ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ شىددەتلىك كۈنلەرى باشتىن ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە، 36 ياشىدا تەختكە چىقتى. ئۇرۇش، بۈيۈك برىتانىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق ئەللەر بىلەن قارشلاشتۇرغاندا رۇسىيەنىڭ نە قەدەر قالاق قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. رۇسلار دۇچ كەلگەن مەغلۇبىيەتلەر، ئوقۇغان رۇس زىيالىلار ئاراسىندا، مەملەكەتتە تۈپ يىلتىزىدىن بىر ئۆزگەرتىش ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدە ئومۇمىي بىر ئىستەك ئويغاندۇردى. بۇ ئىستەكنىڭ تەسىرى بىلەن ئالېكساندىر، زامانىۋىيلىشىش يولى بىلەن رۇسىيەنى ئىلغار غەرب ئەللەرىنىڭ سەۋىيەسىگە ئېرىشتۈرۈشنى نىشان قىلغان بىر قاتار ئىسلاھات باشلاتقان.