ئالېكساندېر دۇگىن

ئورنى Wikipedia
ئالېكساندېر دۇگىن Александр Дугин
تۇغۇلغان ۋاقتى1962 - يىلى، 7 - يانۋار (61 ياش) س س س ر، موسكۋا
مىللىتىرۇس
دۆلەت تەۋەلىگىرۇسىيە


ئالېكساندېر دۇگىن (رۇسچە: Александр Гельевич Дугин؛ ئېنگلىزچە: Aleksandr Dugin؛ تولۇق نامى: ئالېكساندېر گەليېۋىچ دۇگىن) رۇسىيەلىك يېڭى ناتسىس، ئەسەبى رۇس مىللەتچىسى، رۇس دۇنياسى (ياكى رۇس مىر) پىكىرنىڭ رادىكال قوللىغىچىسى، ئۇكرائىنا ئۇلۇسىنى يەر شارىدىن يەكسان قىلىشنى تەشەببۇس قىلدىغان ئاشقۇن مىللەتچى. ئالېكساندېر دۇگىننى كىشلەر دائىم پەيلاسوپ دەپ ئاتايدۇ، لېكىن ئەمەليەتتۇ ئۇ بىر سىياسى نەزەريەچى خالاس، پەلسەپپە بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق. دۇگىن سىياسى نەزەريەچى، ستونلۇق يازار بولۇش سۈپىتى بىلەن روسىيە ۋە دۇنيادا خېلى تەسىر بار. ئۇ روسىيەنىڭ قىرىمنى ئىشغال قىلىشنى، ئۇكرائىنانى روسىيەگە قېتىۋېلىشنى ناھايىتى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭ قىزى داريا دۇگىنا 2022-يىلى ئاۋغۇستتا موسكىۋا ئەتىراپىدا ماشىنا بومبىسى بىلەن قەسلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. داريا دۇگىنامۇ بىر ئاشقۇن رۇس مىللەتچىسى. روسىيە دائىرلىرى دۇگىن قەسلەشنىڭ ئەسلى نىشانى، لېكىن قىزى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتتا ماشىنا ئالماشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئامان قالغان دەپ يەكۈنلىدى. روسىيە ھۆكۈمىتى دۇگىننىڭ قىزىنىڭ ئۆلىشىنى ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە ئازوۋ باتاللىيونى (ئازاق باتالىيونى) تەرىپىدىن ئەۋەتلىگەن جاسۇس قىلىدى دەپ ھۈكۈم چىقارغان بولسىمۇ، نۇرغۇن يوچۇقلار مەۋجۇت.