ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلاردا« تۆمۈر ئات»

ئورنى Wikipedia

تەرەققىي قىلغان دۆلەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا بار ھەممە نەرسە تەرەققىي قىلىۋاتقان ياكى تەرەققىياتقا ئىنتىلىۋاتقان ئەللەرىدىكى كىشىلەرنىڭ نىشانىغا ئايلىنىدۇ. تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تۈرلۈك بويۇم ۋە ئەشيالار تەرەققىياتقا تەلپۈنىۋاتقانلارنىڭ نەزىرىدە بايلىقنىڭ، ھالاۋەتنىڭ ۋە ئىجتىمائىي سالاھىيەتنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن، ماشىنىلىق بولۇشنى ئالساق، بۇ ئوخشىمىغان ماددىي تەرەققىيات سەۋىيىسىدىكى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسىدە ئوخشىمىغان مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. تۈركىيەدىكى چېغىمدا تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن بىر دوستۇم «بۇ تۈركلەر شەخسىي ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ ئۆزىنى پۇلۇم يوق دەيدىكەن» دېگەنىدى. مەنچە بۇ ۋەتەندىكى باي كەمبەغەللىكنىڭ بەلگىسى بولغان ماشىنىلىق بولۇشنى چەتئەلگە تەدبىقلىغانلىق. ئەگەر ماشىنىسى بولۇشنى بايلىقنىڭ بەلگىسى دەپ تونۇشقا توغرا كەلسە ئامېرىكىدا كەمبەغەل ئادەم يوق بولۇپ چىقىدۇ. تەرەققىياتى ئارقىدا ياكى تۇيۇقسىز بېيىغان دۆلەتلەردە كىشىلەر تەرەققىياتتا ئالغا كەتكەن ئەللەردىكى كىشىلەر ئېرىشكەنگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرمىشىدۇ يۇ جەمئىيىتىدە شۇنىڭغا ماس ماددىي، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋىي شارائىت ھازىرلانغانمۇ-يوق دېگەننى ئويلاشمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ماشىنىلىق بولۇش يېڭىدىن مودىغا ئايلانغان جايلاردا يوللار قىستاڭ ۋە ئۆلچەمسىز، ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى يېتەرسىز، قاتناش قائىدىسىنىڭ ئىتىبارسىز، ماشىنىلىقلار ساپاسىز بولغاچقا بىر قىسىم كىشىلەر ماشىنا سېتىۋالاللىغان بىلەن تەرەققىي قىلغان ئەللەر كىشىلىرىدەك ماشىنىلىق بولۇشنىڭ ھوزۇرنى يەنىلا سۈرەلمەيدۇ.

ئامېرىكىدا ماشىنا ھەيدەش قورامىغا يەتكەنلىكنىڭ، مۇستەقىللىقنىڭ، خۇسۇسى ھاياتنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بىشارىتى. ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى 16 گە كىرىش ئىكەن. چۈنكى بالىلار 16 ياشتىن كېيىن ماشىنا ھەيدەش ۋە ئىشلەشكە يول قويۇلىدىكەن. ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى ماشىنىسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىكەن. بىر يەرگە بارماقچى بولۇپ يول سورۇغانلىرىمدا ئامېرىكىلىقلار مېنى ماشىنىلىق تەسەۋۋۇر قىلىۋېلىپ «ئىككى مىنۇتتا بارىسەن ياكى بەش مىنۇتتا بارىسەن» دەپ قويۇشاتتى. «مېڭىپلا بارسام بولغۇدەكقۇ» دەپ ئويلاپ ماڭغىنىمدا يېرىم سائەتتە ئاران يېتىپ بارىمەن. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ماشىنغا بولغان سەۋدالىقى ماشىنىنى قىز بالىنى چاقىرغاندەك ئۈچىنجى شەخىس ئاياللىق شەكلىنى ئىشلىتىپ چاقىرغانلىقىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە بىر بىرىگە باشقا نەرسىسىنى بېرىپ تۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن، لېكىن ماشىنىسىنى ئارىيەتكە بەرمەيدىكەن. ئەگەر سوتقا بېرىپ قالسىڭىز ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسىڭ ماشىنا ھەيدەش سەۋەبلىك سوتقا تارتىلغانلىقىنى بايقايسىز. كۆپىنچىسى ياكى سۈرئەتنى ئاشۇرىۋەتكەن ياكى تاسمىسىنى باغلىمىغان، ياكى يېشىل چىراق يېنىشتىن بۇرۇن مېڭىپ تاشلىغان بولۇپ چىقىدۇ.

ئامېرىكىدەك ماشىنا شۇنچە ئومۇملاشقان دۆلەتتە قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ پەۋۇقۇلاددە ئازلىقى كىشىنى ھەيران قىلىدۇ ۋە سۆيۈندۈرىدۇ. مەسىلەن مەن تۇرغان لاۋرېنس شەھرىدە ئىككى يىل جەيانىدا قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلگەن بىرمۇ ئادەمنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبىنى تەرتىپ ۋە قائىدىنىڭ ئامېرىكىدا كىشىلەرنى ئۈنسىز باشقۇرالايدىغانلىقىدىن ئىزدەش مۇمكىن. ۋەتەنگە قايتىپ كۆردۈمكى، بىر ئاي ئىچىدە بىزنىڭ ناھىيىدىن، بىزنىڭ تۇغقانلار ئىچىدىن تۆرت ئادەم قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلدى. ئامېرىكىدا كىشىلەرنىڭ ماشىنالىق بولۇشى بىلەن قاتناش قائىدىسىنىڭ ئومۇملىشىش سۈرئىتى ئوخشاش بولغان. ۋەھالەنكى بىزدە ماشىنالىق بولۇش بىر قىسىملاردا ئومۇملاشقان بىلەن قاتناش قائىدىسىگە ھەرقانداق شارائىتتا رۇئايە قىلىش ئېڭى تېخى ھېچكىمدە شەكىللەنمىگەن. جەمئىيەت تۈزۈلمىسى كىشىلەرنى تۈزۈمدىن، قانۇندىن ئەمەس باشلىقتىن، ئىجراچىدىن قورقىدىغان قىلىپ قويغاچقا كىشىلەر قاتناش قائىدىسىدىن ئەمەس ساقچىدىن قورقىدىغان بولۇپ قالغان. ئاقىۋەتتە ساقچى يوق يوللاردا ھادىسە چىقىۋەرگەن. قاتناشقا مەسئۇل ساقچى قاتناش تەرتىبىنى قوغۇداش، قائىدىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس يانچۇقى ئۈچۈن ئىشلىگەچكە قاتناش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش ئاڭلىقلىققا ئايلانمىغان. نەتىجىدە قاتناش ھادىسى كۆپۈيۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

ۋاشىڭتونغا ساياھەتكە بارغان چېغىمدا ساقچىلارنىڭ ئاتلىق چارلاشلىرى دىققىتىمنى تارتقان ئېدى. ئاتلىق ساقچىنىڭ ئەتراپىغا بالىلار توپلىشىۋالغان بولۇپ ئات ھەققىدە قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئېدى. سوراشتۇرۇشۇمچە ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئاتقا ھېرىسمەنلىك يايغىنكەن. ئامېرىكىدا بايلارلا ئات بېقىش ئىجازىتى ۋە پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن. قىزىمنىڭ دوستلىرى ئىچىدە ئاتقا ئامراقلار كۆپ بولغاچقىمىكىن قىزىمنىڭ ئويۇنچۇقلىرى ئىچىدە ئات ئەڭ كۆپ ئېدى. بىر يىلى يېڭى يىللىق ساياھەت ئۈچۈن كانزاس شەھرىگە بېرىپ ئات قوشۇلغان خادىكلارنىڭ شەھەر كوچىلىرىدا مېڭىپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ شۇنداق سۆيۈنۈپ كەتتىم. 90-يىللارغىچە قەشقەردە شۇنداق خادىكلار بار ئېدى. بەلكىم بەزىلەرنىڭ كۆزىگە بۇ مەينەتلىك مەنبەسى، قالاقلىقنىڭ بىشارىتى، زامانىۋىيلىقتىن يىراقلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ تۇيۇلغان بولغىيدى. شۇنداق، ئەپسۇسلۇق يېرى قەشقەر كوچىلىرىدا مېڭىپ يۈرگەن خادىكلار تەرەققىيسىزلىكنىڭ بەلگىسى دەپ تونۇلىدۇ، ئەمما بۇ خادىكلار ئامېرىكىدا- كانزاس شەھرىدە پەيدا بولسا قالاقلىق تۇيۇلمايدۇ. ھەتتا قەشقەردىكىنى قالاقلىق دەپ تونۇغان كىشىلەر ئامېرىكىدىكىسىنى قىلچە ئۇيالماستىن مەدھىيەلەشكە باشلايدۇ. بىر قەۋىم قالاق دەپ تونۇلسا ھەممە نەرسىسى خەقنىڭ كۆزىگە قالاقلىق بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ئەڭ خەتەرلىك يېرى مەزكۇر خەلقمۇ تۈرلۈك ئىمكانسىزلىقلىرىنى قالاقلىق دەپ چۈشىنشكە ئۆگىتىلىدۇ ۋە شۇنداق ئويلاشقا باشلايدۇ. مەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ماشىنىغا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاتقا بولغان سەۋدايىلىقنىڭ داۋامىمىكىن دەيمەن. چۈنكى ئامېرىكىلىقلار ئاتقا قىزلارغا ئىشلەتكەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەنگە ئوخشاش ماشىنىغىمۇ شۇنداق كەلىمىلەرنى ئىشلىتىدۇ.

مەنچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ماشىنىسى ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئۆي، ئىچ پۇشقى، ئەرمەك ۋە ھەمراھتۇر. ئۇلار ماشىنىدا ئۆزىنى پىيادە ماڭغاندىمۇ بەكرەك بىخەتەر ھىس قىلىدۇ. ئامېرىكىدا ماشىنىدىن چۈشمەي تۇرۇپ بانكا پۇلدانىدىن پۇل ئالغىلى بولىدۇ، تەييار تاماق ساتىدىغان دۇككانلاردىن تاماق، قەھۋە ۋە باشقا يىمەكلىكلەرنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئورۇنلار ماشىنىلىقلار ئۈچۈنلا لايىھەلەنگەن بولۇپ پىيادىلەرنىڭ بولۇش ئىھتىماللىقى نەزەرگە ئېلىنمىغان. ئامېرىكىلىقلار ماشىنىنى قاتناش قورالى سۈپىتىدە ئەمەس كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە ئەسلەھەسى سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھازىر ئامېرىكىلىقلاردا مودا بولغان ماشىنا مۇسابىقىسى بۇرۇنقى ئات بەيگىسىنىڭ داۋامى بولۇشى مۇمكىن. جاھان ئاتالمىش «تەرەققىيات» لارنى باشتىن كەچۈرۈپ بەك ئۆزگۈرۈپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ، ۋاھالەنكى ئۆزگەرگىنى ئىنساندىكى ئاڭ ئەمەس تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ۋاستىلەردۇر. مىسالەن، ئامېرىكىدا بۇرۇنقى ئات بەيگىسىدىكى ئاتنىڭ ئورنىغا ھازىرقى مۇسابىقە ماشىنسى ئالماشقان خالاس.

ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارمۇ ئاتخۇمار مىللەت. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىمالى ئاسىيانى ئاتلىق كېزىپ يۇرت سورىغان، شەھەر قۇرغان، بازار ئاچقان ئەجداتلىرىمىز دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئاتنى قولغا ئۆگەتكەن مىللەتتۇر. ھېلىمۇ ئۇيغۇر يېزىلىردا بالىلارنىڭ تال چىۋىقنى ئات قىلىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ھازىر ئېشەك ياكى موتوتسىكىلىت ئاتقا قارىغاندا بەكرەك كۆزگە چېلىقارلىق، ئەمما بوۋىلىرىمىزنىڭ ئاتقا بولغان مۇشتاقلىقى ئۇلارغا ئۇدۇم بولۇپ سىڭگەچكە شۇ سەبىلەر جېنىدا تال چىۋىقنى ئېشەك ياكى موتۇتسىكىلىت قىلىپ ئوينىمايدۇ. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ھاياتىدا باغ-ۋاران، ئېتىز- ئېرىق ۋە سودا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ چارۋۇچىلىق ھاياتىنىڭ نىشانى بولغان ئاتخۇمارلىق سۇسلىغىنى يوق. قەشقەرگە قايتقاندىن كېيىن كوچا كوي، يېزا مەھەللىلەردە ئات دىدارىنى كۆرۈپ باقماي كاللامغا ئۇيغۇرلار ھايۋانلارنى قاتناش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى قىلىشتىن قول ئۈزگەن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالغانىدىم. بىر كۈنى بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئوغلاقنىڭ گېپى چىقىپ قالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بىر يەدە ئوغلاق بولغاننىڭ خەۋىرى چىقىپ بولغۇچە قەيەرلەردىندۇر يۈزلىگەن ئاتلىقلار پەيدا بولىدىكەن. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردا ماشىنا ۋە موتۇتسىكىلىت قىزغىنلىقىنىڭ ئەمەلى ئىقتىسادىي قۇربەتكە ئۇيغۇنسىز دەرىجىدە كۈچىيىپ كېتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتخۇمارلىقىنى مەنبە قىلغان. بۇ ئەھۋال تۈركىيە تۈركلىرىدىمۇ شۇنداق.

ئامېرىكىلىقلاردا ئاتنىڭ ئورنىنى ماشىنا ئېلىشقا يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلاردا بۇ جەريان يەنى ئات ئېشەكلەرنىڭ ئورنىنى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئىگىلىشى بەكمۇ تېز تاماملاندى. 90-يىللاردا قەشقەر كوچىلىرىدا، خوتەن يېزىلىرىدا، غۇلجا بازارلىرىدا ھارۋا سۆرەپ چاپچىپ يۈرگەن ئاتلارنىڭ ئورنىنى ھازىر تۈرلۈك موتوتسىكىلىت ۋە ماشىنىنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك كارنايلىرى ئىگىلىدى. ئاڭلىشىمچە جوڭگۇ بويىچە ئەڭ چوڭ مۇتۇتسىكىلىت بازىرى ياركەنتتە ئىكەن. ئامېرىكىدا ئاتلىقلارنىڭ ماشىنىلىق بولۇش جەريانى مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى، تۈزۈمنىڭ مۇكەممەللىشىشى، قانۇننىڭ مۇپەسسەللىكى بىلەن ماس قەدەمدە تاماملاندى. ۋاھالەنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى يۇقارقى ماس ئۆزگىرىشلەردىن مۇستەسنا زامانىۋىيلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە بىر قانچە يىلدىلا ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى. كىشىلەر پىيادە ياكى ئات مىنىپ ياشىغان يىللاردا بىلىنمىگەن قانۇننىڭ، قائىدىنىڭ، تەرتىپنىڭ موھىملىقى ۋە تۈزۈمنىڭ كەمتۈكلىكى ئەمدى ئاتنىڭ ئورنىنى موتۇتسىكىلىت ياكى ماشىنا ئالغاندا بىلىنشىكە باشلىدى. ياۋرۇپا، ئامېرىكا، ياپۇنىيە، كورىيە قاتارلىق ماشىنىلىقلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەردە ئىشلەنگەن ماشىنىلارنى سېتىۋالغىلى بولغان بىلەن ئۇلارنىڭ ماشىنىلىق بولۇش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن تۈرلۈك قائىدە پىرىنسىپ، قانۇن ۋە تۈزۈم جەھەتتىكى ئىلغارلىقلىرىنى سېتىۋالغىلى بولماي قالدى. ئالايلۇق، قانۇنغا پۇلدارمۇ، ھوقۇقدارمۇ ئوخشاش ئەمەل قىلىدىغان بىر يەردە قاتناش قائىدىسىمۇ مۇرەسسەسىز ئىجراقىلىنىدىغان شارائىتقا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاتناش قائىدىسى ئاسانلا ئومۇملىشىدۇ، نەتىجىدە قاتناش ھادىسىلىرىمۇ تەبىئىي ئازلايدۇ. ئەمەلدارنىڭ نوپۇزى، پۇلدارلنىڭ پۇلى قانۇننى پايخان قىلىدىغان جايدا قاتناش قائىدىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بۇ قائىدىلەر خىلاپلىق قىلغۇچنىڭ سالاھىيىتىگە قاراپ ئېگىلىپ، ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە قاتناش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش جەمئىيەتتە ئورتاق كەيپىياتقا، ھەر بىر كىشىنىڭ ئاڭلىقلىقىغا ئايلىنىپ كېتەلمەيدۇ. ئاقىۋەتتە قاتناش ھادىسىسىمۇ كۆپۈيۈ پ كېتىدۇ.

مەن ئامېرىكىدا ھەر قېتىم ماشىنىلىقلارنىڭ ھىچ بىر ئادەم، ھەتتا قىزىل چىراقمۇ يوق دوقمۇشلاردىمۇ توختاپ ئەتراپىغا قاراپ يېرىم مىنۇتتەك تۇرۇۋېتىپ ئاندىن ماشىنىسىنى ھەيدەپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ۋەتەندىكى بىر تەبلىغنى ئەسلەپ قالىمەن. بىر جۈمە كۈنى خاتىپ «قاتناش ساقچىسىنى كۆرگەندە يېرىم كىلومېتىر نېرىدىن قورقۇشقا باشلايمىزيۇ ئاللاھتىن نېمىشقا قورقمايمىز؟ ئەجەبا قاتناش ساقچىسىنىڭ جەرىمانىسى نەق، ئاللاھنىڭ جازاسى نىسىمىكەن؟» دېگەنىدى. كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقان قاتناش قازالىرىنىڭ بىر ئادەمگە ئۈچتىن ئارتۇق ماشىنا توغرا كېلىدىغان ئامېرىكىدا ئەمەس يۇرتلىرىمىزدا كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىگە يېتىشى كىشىنىڭ باغىرىنى ئېزىدۇ. بۇنىڭدا بىز يۇقاردا تەھلىل قىلىپ ئۆتكەندەك نۇرغۇن تاشقى، ماددىي سەۋەپ بار. ئۇندىن باشقا ئىچكى مەنىۋىي سەۋەبلەرمۇ يوق ئەمەس. مەسىلەن، كۆرگىلى بولىدىغان مەئىيشەت، كۆرگىلى بولىدىغان كونترول، كۆرگىلى بولىدىغان قورقۇنچ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى، مەغپىرىتى ۋە ئەمىر مەرۇپلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇىۋەتتى. بۇ ئانا سۈتى بىلەن تەڭ سىڭدۈرۈلىدىغان تەربىيىدىن مەھرۇم قېلىش سەۋەبىدىن تېخىمۇ ئېغىرلىدى. مەنچە ھەر قانداق كۆرۈنمەس قانۇندىن قورققان ئادەمگە كۆرۈنمەس ئاللاھتىن قورقۇشنى ئۆگەتمەك ئاسان. كۆرۈنمەس ئاللاھتىن قورقۇشنى بىلگەن مىللەت كۆرۈنمەس قانۇنغىمۇ ئەمەل قىلالايدۇ ۋە ھەركىتىدە نامايان قىلالايدۇ. تەربىيە ئىنسانغا بۇنىڭ خالىغان بىرىنى ئۆگىتەلىسە يەنە بىرىنى ئۆگەتمەك تەرسكە توختىمايدۇ. بۇنداق تەربىيەگە ماس ھالدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىغا ئەمەل قىلغانلار ئىزچىل خۇشاللىققا ئېرىشىدىغان، پايدا ئالىدىغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغان، بۇنىڭ ئەكسىنى قىلغانلار خار بولىدىغان شارائىت ھازىرلىنىشى كېرەك. كىشىلەر ئۆزلىرىگە قورقۇنچ، قىيناق، تەھدىت، ۋەسۋەسە ۋە ئازغۇنلۇق سېلىۋاتقانلارنىڭ جازاسىنى ھىچ بىر كۈچ ۋە نوپۇزنىڭ دەخلىسى ۋە مۇرەسسەسىسىز تارتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلالايدىغان، كۆرەلەيدىغان موھىتقا ئېرىشىشى زۆرۈر. شۇنداق بولغاندىلا ئىنسان قانۇن ئىجراچىسىدىن ئەمەس قانۇندىن قورقىدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن كۆپىيىۋاتقان ئۆلۈم-يېتىملەرمۇ شەكسىز ئازىيىدۇ. ئامېرىكىلىقنىڭ ۋە ئۇيغۇرنىڭ ۋاقتى

ئامېرىكىغا بېرىپ تۇنجى قېتىم ھەيران قالغىنىم كىشىلەرنىڭ ۋاقىت ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ نەقەدەر ئېنىقلىقى بولدى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى ۋە خۇسۇسىي ۋاقتى شۇ قەدەر ئېنىق ئايرىلغان بولۇپ بۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ ھىچ قايسىسىنى باشقىلارنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلىتىلىشىگە يول قويمايدىكەن. بۇ ھەقتە ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان سۆھبەت مەن بىلەن فاكۇلتىت مۇدىرىنىڭ ئارىسىدا يۈز بەردى. مەن ئارزۇ قىلغان دەرسلەر بىلەن مەن تاللىمىسام بولمايدىغان دەرسلەرنىڭ ۋاقتى دوقۇرۇشۇپ قالغان بولۇپ بۇ ھەقتە مۇدىر بىلەن مەسلەھەتلىشىشكە توغرا كەلگەن ئېدى. مۇدىر بىر قانچە تەكلىپ بېرىپ كۆزۈمگە قاراپ كۈلۈپ قويدى. مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي ئويلۇنۇپ قاپتىمەن. «بىر قارارغا كېلەلمىگەن بولساڭ، مېنىڭ ئىشخانامدا ۋاقتىمنى ئېلىپ ئويلانماي، قايتىپ ئۆزۈڭنىڭ ۋاقتىدا ئويلانساڭ قانداق؟» دېگەندە ئۆزۈمنى تولىمۇ بىئەپ ھېس قىلدىم. شۇندىن كېيىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ سۆھبەتلىرىگە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. ئۇلار ھەر قانداق چاغدا بىر ئىشنى قىلغان بولسا قانچە سائەت سەرپ قىلىپ پۈتكۈزگىنى ھەققىدە دېيىشنى ئۇنۇتمايتتى. بىر قېتىم مەن بىر كۈن سەرپ قىلىپ بىلەلمىگەن بىر مەسىلىنى يەنە بىر ساۋاقدىشىمدىن سوراپتىمەن. بىر مەسىلە ئۈچۈن بىر كۈن سەرپ قىلغىنىم ئۇنىڭغا تولىمۇ ھەيران قالارلىق تۇيۇلدى. (ئۆگىنىش ئۇسۇلۇمدىكى نامۇۋاپىقلىق سەۋەبىدىن بۇنداق كۈنلىرىم خېلى كۆپ ئېدى، ئەمەلىيەتتە) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خۇسۇسى ۋاقتى بىلەن خىزمەت ۋاقتى شۇ قەدەر ئېنىق ئاجرىتىلغان بولۇپ ئەتىگىنى سائەت 8دىن كەچ سائەت بەشكىچە بولغان ۋاقىتتىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلخەتلىرىگە جاۋاپ يازاتتى، تېلېفون قوبۇل قىلاتتى. قالغان ۋاقىتلىرىدا ھەم شەنبە يەكشەنبە ۋە تەتىل كۈنلىرىدە مەكتەپ ياكى دەرسكە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق سۇئاللارنى جاۋاپسىز قالدۇراتتى.

ئامېرىكىلىقلار ھەرقانداق ئىشتا ۋاقىت تىجەشنى ئاساسلىق ئورۇنغا قوياتتى. بىر ئىشنى قىلغاندا ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى تىجەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشاتتى. دەسلەپ بارغان كۈنلىرىمدە ئوقۇتقۇچىلىرىمغا ئېلخەت يوللىسام ماۋزۇ قويماپتىمەن. بۇنىغۇ بىرسى ئەسكەرتمىدى، ئەمما باشقا ئامېرىكىلىقلار بىلەن بولغان ئالاقەم قويۇقلاشقانچە خەتكە ماۋزۇ قويماسلىقنىڭ خەقنىڭ ۋاقىتىنى ئىسراپ قىلىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بايقاپ بۇرۇن قىلغانلىرىمغا ئۆكۈندۈم. چۈنكى خەتكە ماۋۇزۇ قويۇلغاندا شۇ خەتنىڭ دەرھال جاۋاپقا لايىق ياكى ئەمەسلىكىنى، موھىملىق دەرىجىسىنى قاراپلا بىلگىلى بولاتتى، ھەم ۋاقىت تىجىگىلى ھەم ئىشنى ئاقتۇرغىلى بولاتتى. ئامېرىكىغا كەلمەستە كومپىيوتىرىمدا ساقلانغان ھۆججەتلەرگە قانداق ئىسىم قويسام تېپىشقا ئاسان بولىدىغانلىقى ھەققىدە پەقەت ئويلانمىغان ئىكەنمەن، ئامېرىكىغا كەنگەندىن كېيىن ھەرقانداق ئىش قىلماقچى بولسام مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئالمايدىغان ئۇسۇللارغا ئادەتلەندىم.

بىر كۈنى مىززورى شىتاتىدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ ماشىنىڭ ئەينىكىدىن ئىختىيارسىز كەينىمگە قاراپ ھەيران قالغانتىم. يولدا قۇمدەك كۆپ ماشىنىلار مېڭىۋاتاتتى ئەمەس سەلدەك ئېقىۋاتاتتى. ناۋادا بىرەر ماشىنا سۈرئىتىنى تۇيۇقسىز ئاستىلاتسا كەينىدىكىسى كېلىپ ئۈسسىمەي قالمايتتى.ئەگەر بۇ يولدا سائىتىگە قانچە كېلومېتىردىن مېڭىش ئېنىق بېكىتىلمىگەن بولسا، يوللار راۋان قىلىپ لايىھەلەنمىگەن بولسا ماشىنىلار قازاسىز يۈرەلەرمىدى؟ مەنچە بۇ ئامېرىكىدا ھەممە نەرسىگە ۋاقىت بويىچە چەك بېكىتىلگەنلىكنىڭ خاسىيىتى ئېدى. خۇددى يولدا ماشىنىنىڭ بىخەتەر مېڭىشى ئۈچۈن سائەتلىك سۈرئەت چەكلىمىسى بەلگىلەنگەندەك، ئىنسانننىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە ۋە ھەر يەردىكى پائالىيىتىگە ئېنىق ۋاقىت چېكى بېكىتىلمىسە، يوللار بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن راۋان، ۋاقىت ۋە پۇرسەت ھەمىمىسز ئۈچۈن باراۋەر تەخسىملەنمىسە بىز بۇ يۇمۇلاق شاردا سوقۇشماي، دەخلى قىلىشماي ياشىيالمايتتۇق. ئامېرىكىدا ھەممە ئىشقا ئېنىق ۋاقىت بېكىتىلگەچكە ھەم تاشيول، تۆمۈر يول ۋە ھاۋا يوللىرى توسالغۇسىز بولغاچقا كىشىلەرنىڭ كېچىكىپ قېلىشى ئويلۇشۇلمايتتى ھەم ئاسانلىقچە قوبۇل قىلىنمايتتى. كىشىلەر بىر يىللىق سەپەر، ساياھەت ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ ۋاقىت جەدىۋېلىنى تۈزىۋېلىپ ئىشلىرىنى شۇنىڭغا قاراپ ئورۇنلاشتۇراتتى، بىلەتلىرىنى زاكاز قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ كۈندۈلۈك پاراڭلىرىدا «ئەتە بىر گەپ بولسۇن»، ھازىرچە بىر نېمە دېمەك تەرس»، «ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولار»…دېگەندەك ئىبارىلەر قوللۇنۇلمايتتى. چۈنكى ئۇلارغا ئەتە نېمە ئىش قىلىش ۋە قىلماسلىق، ھازىر نېمە قىلىش كېيىن نېمىنى قىلماسلىق، قايسى ۋاقىتتا قانداق ئىشلارنى قىلىش ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولاتتى. مەكتىپىمىزنىڭ 2014-يىللى ئۆتىلىدىغان دەرسىنى ھازىر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغانلىقى ئامېرىكىدا ۋاقىتنىڭ قانچىلىك ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك.

ئامېرىكىدا بىر ئادەمنى بىر سورۇنغا ياكى بىرەر ئىشقا تەكلىپ قىلماقچى بولسا ئىككى ھەپتە ياكى ئەڭ بولمىغاندا بىر ھەپتە بۇرۇن دەپ قويۇش ئادەتكە ئايلانغان. ئامېرىكىدىكى چاغلىرىمدا پەقەت تۈرك دوستلۇرۇملا تۈرلۈك يىغىلىش ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىككى ئۈچ كۈن بۇرۇن ئۇقتۇراتتى. بەزىدە ھىندونوزىيىلىك ياكى ئەرەپ مۇسۇلمان بالىلار بىر ئىشلار ئۈچۈن شۇ كۈنى ۋاقتىمنىڭ بار يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ تېلىفون قىلىشاتتى. بۇنداق چاغلاردا ئىنكاسىم ئاساسەن ئۇيغۇرچە بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىن دەپ قويۇشمىغانلىرى خىيالىمغا كىرىپ چىقمايتتى. بىر كۈنى تۈركچە بىلىدىغان، تۈركىيەدە تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولغان بىر پروفېسسور ماڭا تېلىفون قىلىپتۇ. ئېيتىشىچە شۇ كۈنى ئۆيىدە زىياپەت بولىدىغان بولۇپ مېھمانلاردىن بىرى كېلەلمەس بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئورنىغا مېنى، ئايالىم ۋە بالامنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلماقچى بولۇپتۇ. ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى. مەن ئامېرىكىدا ياشىغىلى شۇنچە بولغان تۇرۇپ بۇنىڭ ئەدەپسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلمىسەم كاشكى! مۇشۇ ئايالدىن باشقا مەن ئامېرىكىدا ھىچ كىمنىڭ ۋاقتىنى ئالدىن دەپ قويماي بىرسىنى مېھمانغا چاقىرغىنىنى ياكى مېھمان بولۇپ كەلگىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، ئامېرىكىدا ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئالدىن ئويلۇشۇش، ئىسراپ قىلاسلىق، دەخلى قىلماسلىق ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن.

ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ماڭا ئەڭ قىس تۇيۇلغىنى ۋاقىت بولدى. ئامېرىكىدا ھەم دەرسىمنى ئوقۇپ، كىتابلىرىمدىن خاتىرە يېزىپ، بالام ۋە ئايالىم بىلەن ساياھەت قىلىپ، تۈرك دوستلار بىلەن يىغىلىش قىلىپ يەنە «ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار» نى يېزىشقا يېتىشكەن ۋاقتىم ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن قەتئىي يېتىشمەس بولدى. مەن قەشقەردە ئامېرىكىدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئالدىراش ياشىدىم. ئانام، قېرىنداشلىرىم ۋە يېقىنلىرىم «سەن ئامېرىكىدىكى چېغىڭدا پات پات تېلىفون قىلىپ تۇراتتىڭ، موڭدۇشۇپ تۇراتتۇق، قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن يا تېلىفونۇڭ، يا يازمىلىرىڭ يوق، يوقاپلا كەتتىڭ…» دېگەن بولدى. مۇشۇلارنى ئويلىسام، خەقلەرگە تۇرمۇش رېتىمى تولىمۇ ئاستا بىلىنىدىغان، ئۆزگىلەرگە ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئەسلىتىدىغان قەشقەرنى نىيويوركتىنمۇ ئالدىراش شەھەركەن دېگۈم كېلىدۇ. قەشقەردە ئامېركىدىكىدىنمۇ ئالدىراش بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى، بىرى ۋاقتىم ئۆزۈمنىڭ ئەمەس، ئۇنى خالىغان چاغدا خالىغان ئورگان ۋە خالىغان كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ئىگىلىۋېلىش تەھدىتى مەۋجۇد. يەنە بىرى ۋاقىتنى قەتئىي پىلانلىماق تەرس، چۈنكى ئاۋۋال دائىرىلەردە، ئاندىن كۆپ كىشىلەردە ۋاقىتنى پىلانلاش يوق. بۇ ھالدا سېنىڭ پىلانلانغان ۋاقتىڭ باشقىلارنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، دائىرىلەرنىڭ پىلانسىز ئورۇنلاشتۇرۇشىغا، باھانىسىز توسقۇنلىقىغا، پەرۋاسىز ئىسراپ قىلىشىغا سەرپ بولغىنى بولغان. سەن بۇنىڭغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر. ئۇيغۇرلادا تېخمۇ ئېنىق قىلىپ دېسەم قەشقەردە ۋاقىتنىڭ ئامېرىكىدىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر قانچە ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن.

ئۇيغۇرلاردا ۋاقىت بىر ئادەمنىڭ خۇسۇسى مۈلكى، ئۆزىگىلا خاس تەئەللۇقاتى ھىساپلانمايدىكەن. قىزىقارلىق يېرى، مەن تۇرۇۋاتقان قەشقەردە كىشىلەر ھەممە نەرسىنى ھۆكۈمەتنىڭ دەپ قارايدىكەن. مىسالەن، بىر كۈنى بىر دېھقان ماڭا «بۇ ھۆكۈمەت قىزىقكەن، ئەينى چاغدا ئۆزى بىكارغا بەرگەن يەرنى ئەمدى بىزدىن پۇل بېرىپ قايتتۇرىۋېلىپ بارىدۇ» دېگەنىدى. ئوپالدا كىشىلەر مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۇلۇغلاپ چىۋىننىڭ قانىتى چاغلىق مەينەتنى يېقىن يولاتماي كەلگەن. 80- يىللاردا ھۆكۈمەت ئىگە بولۇپ مەبەلەغ چىقىرىپ قايتا ياسىغاندىن كېيىن قەبرىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى مۇقەددەسلىكى نېمىشقىدۇر تۆۋەنلەپ ساياھەت ئورنىغا ئايلىنىپ قالدى. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن پات پات زىيارەتكە چىقىپ تۇرىدىغان بولدۇم، ھەر چىقسام يالتىراق خالتا، سۇ بوتۇلكىلىرى قاتارلىق ئەخلەتلەر كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدۇ. بىر قېتىم شۇ مەھەللىدىكى بىرەيلەنگە، « بۇ بىزنىڭ ئۇلۇغلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ زاتنىڭ قەبرىسى بولغاندىكىن خەق تازىلىمىسا سىلەر بولساڭلارمۇ سۈپۈرۈپ تۇرساڭلار بولمامدۇ؟» دېدىم. «قەبرە ھوكۈمەتنىڭ، ھۆكۈمەت بەلەت سېتىپ پۇل تېپىۋاتقان مەھمۇد قەشقەرى مازارىنى بىز تازىلامتۇق!» ئۇ دېھقاننىڭ دېگەنلىرى ھەقلىق ئېدى، ئەمما ماڭا «مەھمۇد قەشقەرى ھۆكۈمەتنىڭ» دېگەن گەپ بەك غەلىتە ئاڭلاندى. بۇنى قەشقەردىلا شۇنداقمىكىن دېسەم بىر ئىتوتتا ھېلىقى چوڭ ئەيسانىڭ خەقنىڭ ئۆيىگە كىرىۋېلىپ «ھۆكۈمەتنىڭ ئۆيىبۇ! چىقساق تەڭ چىقىمىز، « دېگەنلىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە. ئادەملەرنىڭ ئېڭىدا ھەممە نەرسە ھۆكۈمەتنىڭ دېگەن قاراش ئومۇمىيۈزلۈك بولغاچقىمۇ ئىنساندا باشقىلارغا بەرگىلى بولمايدىغان، باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقىلى بولمايدىغان، باشقىلار تارتىۋالسا بولمايدىغان نەرسىنىڭ بارلىقى ئاسانلىقچە ئىتىراپ قىلىنمايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مەندىن ئەڭ جىق تارتىۋېلىنغىنى مېنىڭ شەخسىيىتىمگە تەئەللۇق بولغان ۋاقتىم بولدى. ۋاقتىم شۇ قەدەر كوللىكتىپلاشتى ۋە ئاممىۋىيلاشتىكى يازىدىغانلىرىم ھەققىدە جىمجىت خىيال سۈرىدىغان ۋاقتىم كەڭرى بولماي قالدى. ھۆكۈمەتنىڭ دەپ قارىلىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئوخشاش ۋاقتىممۇ توختىماي باشقىلارنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا، تاجاۋۇزىغا، بىپەرۋالىقىغا، ئىسراپىغا نىشان بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇردا خۇسۇسىي ۋاقىت دېگەن ئۇقۇم ئېنىق بولمىغاچقا بىرەر ئىش ياكى پائالىيەت ئۈچۈن ۋاقىتنى ئۆز مەيلىچە پىلانلىغىلى، خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرغىلى بولمايدىكەن. كىشىلەر خىزمەت كۈنلىرىدىلا ئەمەس شەنبە يەكشەنبىلىرىدىمۇ ھۆكۈمەتكە ئالاقىدار خىزمەت بىلەن ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆرپ- ئادەتكە ياتىدىغان بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن. بىر ئادمنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى، ئارزۇسى، پەرزەنتىنىڭ ئىستىقبالى، ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئويلاشقا، پىلان تۈزۈشكە ۋاقتى چىقمايدىكەن. خىزمەت ۋاقتى بىلەن خۇسۇسى ۋاقىتنى ئايرىشقا پۇرسەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي پىلانى ئاساسەن بولمايدىكەن. مەن خىزمەتكە چىقىپ بولغانلارنىڭ خىزمىتى يىراقتا بولسا يېقىنغا، يېزىدا بولسا شەھەرگە يۆتكەش، نەپسىز بولسا نەپلىككە ئالماشتۇرۇش، ئەمەلسىز بولسا ئەمەللىك بولۇشقا كۈچەشتىن باشقا پىلانى بارلارنى بەك ئاز ئۇچراتتىم. مەن بىر كۈنلەردە زاۋۇتلاردا بولغاندەك بىر ئىسلاھات بولۇپ ئىشتىن بوشۇتۇلۇپ قالسا ھازىر كادىر ئاتىلىۋاتقان نۇرغۇن كىشىنىڭ ياشاشقا ئامالسىز قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئۇيغۇرلاردا ۋاقىتنىڭ كونكىرىتلىقى ۋە چەكلىكلىكى ھەققىدە تەخىرسىزلىك يوق ئىكەن. بىر ئاغىنىمىزنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىگە بېرىپ شۇنى ھىس قىلدىم. بىر كۈن كەچكىچە ھىچ ئىش قىلماي، قول باغلاپ دوستىمىزغا ھەمراھ بولۇشتىن باشقىغا يارىمىدۇق. مەنغۇ بىر كۈندىن كېيىن قايتتىم، باشقىلار بىر قانچە كۈننى شۇنداق ئۆتكۈزدى. مەسىلە شۇنداق ئاددى. نەزىر ۋاقتى بېكىتىلسە، ھەممە ئادەم نەزرىگە ۋاقتىدا كەلسە، مېھمانلارغا قارىشىدىغان ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىپ ئىشىمىزغا راۋان بولساق تامامەن بولىدىغان ئىش. ئۆلۈم بولۇۋاتسا بىكارچىلىقتىن زېرىكىپ ئۆلۈم چىققان ئۆينىڭ ئالدىدا قاملىشار قاملاشماس چاخچاقلارنى قىلىپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇشتىنمۇ تەربىيىسىزلىك بولامدۇ جاھاندا! بۇنداق ۋاقىتنىڭ چېكى بېكىتىلمىگەن سورۇن ۋە مۇراسىملاردىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى كىشىلەرنى قىمارۋازلىققا سۆرىگىلى تۇرۇپتۇ. تويدىمۇ، چايدىمۇ شۇ قىمار. ئېتى چىرايلىق قىلىپ قەرت دەپ ئاتىلىدىكەن، ئەمما ئۇتۇش ئۇتتۇرۇش ھەممەيلەنگە ئايدىڭ. ئۇيغۇرلاردا نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ۋاقىت تۈگەپ كېتىدىغان نەرسە، ئۈنۈم يارىتىدىغان نەرسە، نەتىجە قازىنىشقا كېرەك بولىدىغان كونكىرىت نەرسە ئەمەس، باش ئايىغى يوق، توختىماي ئايلىنىدىغان، مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان چەكسىز بىر شەيئىيكەن.

ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋاقىت ھەققىدىكى بۇنداق پەرقلىق چۈشەنچىلىرى ئىگىلىك شەكلىدىكى پەرق، تۈزۈمدىكى ئوخشىماسلىق ۋە ئىجتىمائىي تەرىققىياتتىكى تەكشىسىزلىك سەۋەپلىك شەكىللەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئاساسى ئەنئەنىۋىي يېزا ئىگىلىكى بولغاچقا تەبىئىي موھىتنىڭ چەكلىمىسىگە بەكرەك ئۇچرايدۇ. ھەرقانچە ئالدىرىغان بىلەن زىرائەتلەر بەلگىلىك پەسىلدىلا پىشىدۇ، قويلار ۋاقتى سائىتى كەلمەي تۆللىمەيدۇ، ئۈزۈملەر تىرىشچانلىق بەدىلىگە يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل بەرمەيدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئۇزاققا سوزۇلغان بۇنداق تەبىئەتكە تايىنىش كىشىلەرنى ۋاقىتنىڭ خوجايىنىغا ئەمەس بويسۇنغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئامېرىكىلىقلار ئېغىر ۋە يېنىڭ سانائەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن، يېزا ئىگىلىكىنى ئاللىقاچان ماشىنىلاشتۇرغان بولۇپ كىشىلەرنىڭ پائالىيىتى تەبىئەتنىڭ تەسىرىدىن، كونتروللىقىدىن نىسبەتەن خالى. شۇڭا كىشىلەر ۋاقىتنى ئۆزلىرى كونتىرول قىلالايدۇ. كىشىلەر ماشىنىلارنىڭ سائىتىگە قانچىلىك مەھسۇلات ئىشلەيدىغانلىقى، بۇلارنى قاچىلىك ۋاقىتتا سېتىپ چىقارسا قانچىلىك پايدا ئالالايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە. شۇڭا ئامېركىلىقلاردا ۋاقىت بايلىق يارىتىشتىكى ۋە ياراتقان بايلىقنى تەخسىملەشتىكى ئاساس. ياللىغۇچى ياللانغۇچىنىڭ ۋاقتىنى سېتىۋالىدۇ، ياللانغۇچى ياللىغۇچىغا شۇ ۋاقىتتا بەلگىلىك قىممەت يارىتىدۇ ۋە شۇ قىممەتتىن ئۆزى سەرىپ قىلغان ۋاقىتقا لايىق نىسىۋىسىنى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋاقىت ئېڭى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر ئەمەلىيەتتە سانائەتلەشكەن جەمئىيەتتىكى كىشىلەر بىلەن سانائەتلەشمىگەن جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ۋاقىت قارىشى ھەققىدىكى پەرقتىن ئىبارەت.


ئالدىنقى: ئامېرىكىدا ۋە ئۇيغۇردا دىنىي ھايات

كـىيىنكى: ئۇيغۇرلار ۋە ئامېرىكىلىقلاردا يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى ۋە دېڭى