ئامېرىكىدا ۋە ئۇيغۇردا دىنىي ھايات

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search


مەن كۆرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەنىۋىي ھاياتىدا دىن سالماقلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. قايسى شەھەرگە بارسىڭىز شەھەرنىڭ ئەڭ مەركىزىي رايۇنىدا كۆركەم ۋە ھەيۋەت قىلىپ سېلىنغان چىركاۋلار كۆزگە چېلىقىدۇ. ئامېركىدا داڭق چىقارغا ناخشىچلار دائىم ئۆزىنىڭ تۇنجى سەھنە ھاياتىنى چىركاۋدىن باشلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىدۇ. ئامېركىدا مەخسۇس دىنى مۇزىكا ئىشلەيدىغان مۇزىكانتلار ۋە ناخشىچىلار بار. دىنىي ناخشا مۇزىكىلار گاسپىل دەپ ئاتىلىدۇ. بۇندىن باشقا مەخسۇس دىنىي ئەسەر يازىدىغان يازارلار، دىنىي ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يازغۇچىلار بار. دىننى تەرغىپ قىلىدىغان تېۋىزىيە، رادىيو ئىستانسلىرى، نەشرىياتلار ۋە گېزىتلەر نۇرغۇن. مەن دىنىي ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يازغۇچى س ئەس لۇۋىس دېگەن كىشىنىڭ «نارنىيا» دېگەن كىتابىنى بىر زامانلاردا ئوقۇغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئامېرىكىدا بولۇپمۇ مەن تۇرغان شەھەردە كىشىلەرگە ئورتاق بولغان ۋە بىر قەدەر ئېنىق بايقىغىلى بولىدىغان ئىددىيە دىندىن ئىبارەت ئىدى. كىشىلەر ئوخشىمىغان دىن ۋە شۇ دىنلار ئىچىدىكى پەرقلىق مەزھەپلەر بويىچە توپ-جامائەتلەرگە بۆلۈنۈپ ئىجتىمائىي ئالاقەدە بولۇشاتتى. بۇنداق مەزھەپلەر ئىچىدە پروتېستانت، كاتولىك، جوھو ۋىتنىسىس ۋە مورمىنلار بار ئىكەن. قىزىق يېرى شەھرىمىزدىكى كورىيەلىكلەرنىڭ مەن كۆرگەنلىرى كاتولىكلار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئايرىم كورىيان چىركاۋىى بار ئىكەن. شەھرىمىزدە كاتولىكلارنىڭ سانى بەك ئاز ئىكەن. شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ بىر چىركاۋى 60-يىللاردا مەسجىد قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنىكەن. بىلىشىمچە شەھرىمىزدە ئىككى مەسجىد بار ئېدى. بىرى مەكتىپىمىز ئىچىدە يەنە بىرى شەھەرنىڭ سودا رايۇنىدا.

شەھرىمىزدە كۆزۈمگە بىر قەدەر قىزىقارلىق ۋە ئىسسىق كۆرۈنگەن خىرىستىيان دىنىغا مەنسۇپ مەزھەپ مورمىنلار بولدى. بازاردىكى كوچىلاردا ناگان ناگاندا مورمىنلار ئۇچراپ قالاتتى. شەھەردە بىر ئاپتوبۇس شوپۇرى مورمىنلاردىن بولۇپ مېنى ھەيران قالدۇرغان ئېدى. چۈنكى باشقىلاردىن مورمىنلار توك، تېلېفون، ماشىنا… قاتارلىق زامانىۋىي ۋاستىلەرنى قوللانمايمىش دەپ ئاڭلىغانىدىم. مورمىنلار ئامېرىكىدىكى خىرىستىيان دىنىغا تەۋە بىر مەزھەپ بولۇپ ئۇلارنىڭ ئاياللىرى چېچىنى تۈگۈپ بېشىغا بىزدىكى كىچىك بالىنىڭ بوينىدىن باغلىۋالىدىغان پوسمىسىنى كىيىپ يۈرۈشەتتى. كۆينەكلىرى ئۇزۇن بولۇپ باشقا بىر قىسىم ئامېركىلىق قىز ئاياللاردەك ئوچۇق كىيىنىشمەيتتى. خىرىستىيان دىنىنىڭ قايسى مەزھىپىلىكى ئېسىمدە يوق، بىر قېتىم تېلۋىزوردا بىر ئەرنىڭ بەش ئالتە خوتۇنلۇق بولغانلىقىغا دائىر خەۋەرنى بەك كۆپ ۋە ئۇزاق بەرگەنتى.

ئامېرىكىدا مەن ئەڭ كۆپ ئارىلاشقان كىشىلەر تەقۋادارلار بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە خىرىستىيانلارمۇ، خىرىستىيانلىقتىن چېكىنىپ مۇسۇلمان بولغانلارمۇ، ھىچ بىر ئىتىقادى يوقلۇقتىن مۇسۇلمان ياكى خىرىستىيانلىق يولىغا ماڭغانلارمۇ بار. ئامېرىكىغا كەلگەن بىرىنجى ھەپتەم دىندارلارنىڭ زىياپىتىگە قاتنىشىشتىن باشلاندى. قۇرئانىمىزدا خىرىستىيانلارنىڭ تامىقى ھالال قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گۆشسىز غىزالىرىغا ئېغىز تەگدىم. قىزىق يېرى ئامېرىكىغا كېلىپ بىرىنجى قېتىملىق دىندالار ئۇيۇشتۇرغان زىياپەتتە كۆرگىنىمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دىنغا ئىشەنمەيدىغان خەنسۇلار بولدى. زىياپەت چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى خىرىستىيان دىنىغا قىزىقتۇرۇش مەقسىدىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ شۇنچە كۆپ خەنسۇنىڭ ئارىسىدا ئىككى ئەرەبىستانلىق قىز ۋە بىر كۈۋەيتلىك ئوغۇلنىڭ بولۇشى مېنى قىزىقسىندۇردى. مەن گۆشلەرگە ئېغىز تەگمىگەن بىلەن كۈۋەيتلىك، ئەرەبىستانلىق بالىلار توخۇ ۋە كالا گۆشلىرىدىن بەھوزۇر يىيىشكە باشلىدى. كېيىن مەن ياغلىقلار بىلەن ئورۇنۇپ ئولتۇرۇپ جوڭگۇ ئاشخانىسىدا تاماق يەۋاتقان مۇسۇلمان قىزلارنى ۋە باشقا ئەرەب ئەللىرىدىن كەلگەن ئوغۇللارنى جىق كۆردۈم. مەن ۋەتەندە ئارىلاشقان تەقۋادار خىرىستىيانلارنىڭ ئەكسىچە ئامېرىكىدا مېنى ئۇلارنىڭ ھىچ بىرى خىرىستىيان دىنىغا دەۋەت قىلمىدى. ئەمما مەن دوست بولۇپ قالغان بىر قانچىسىدىن باشقا ھىچ قايسى دىندار مەن خىرىستىيانلىققا پەقەت مايىللىق بىلدۈرمىگەندىن كېيىن مېنى زىياپەتلەرگە چاقىرمايدىغان بولدى.

كۈزىتىشىمچە ئامېرىكىدا دىندار كىشىلەر كۆپ بالىلىق بولىدىكەن. مەن بىر ئائىلە بىلەن بەك ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغانىدىم. ئەر ئايال ئىككىسى يىگىرمە بەش يىگىرمە ئالتىلاردا بولۇپ تۆت بالىسى بار ئېدى. كېيىن پۇرسەت چىقىپ بۇلارنىڭ ئاتا ئانىسى بىلەن تونۇشتۇم. ئەر ئەسلى چېخىيەلىك ئىكەن. ئايالنىڭ ئاتا ئانىسى ئامېرىكىلىق بولۇپ ئاچا-سىڭىل، ئاكا-ئۇكا بولۇپ توققۇز بالىكەن. بۇنداق دىندار ئائىلىلەردە يىغىلىش كۆپ بولىدىكەن. ھەر قېتىملىق يىغىلىشتا تاماقتىن بۇرۇن قوللار بىر بىرىگە تۇتۇلۇپ دۇئا قىلىنىدىكەن. ئوغۇللار ئەدەپ قائىدىگە، قىز ئاياللار سورۇنغا مۇناسىپ كىيىنىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىكەن. بۇنداق ئائىلىلەردە ھەر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ھەممەيلەن بىللە چىركاۋغا بارىدىكەن. چىركاۋدىن كېيىن ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئاشخانىلارغا بېرىپ غىزالىنىدىكەن. بەزى چىركاۋلاردا بالىلار ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلار بولىدىكەن. چىركاۋلاردا تەڭرى، ئەيسا ئەلەيھىسسالام مەدھىيەلەنگەن ناخشىلار، خورلار ئېيتىلىدىكەن. بۇنداق پائالىيەتلەرگە بالىلار بەكرەك جەلىپ قىلىنىدىكەن. ھەممە چىركاۋدا بىردىن يوغان پىيانىنۇ قويۇلىدىغان بولۇپ خور ۋە ناخشىلارغا تەڭكەش قىلىنىدىكەن. داڭلىق ناخشىچى جېكسۇنمۇ تۇنجى ناخشىنى چىركاۋدا ئېيتقانىكەن. ئامېرىكىدا ئاشخانىلارنىڭ تىجارىتى كىشىلەر چىركاۋدىن يانغاندا ئەڭ جانلىنىپ كېتىدىكەن. ئامېرىكىدا دىندار كىشىلەر چىركاۋلارنىڭ ھەقسىز يەسلىلىرىدە پىدايىلىق قىلىدىكەن. دوختۇر بولسا ھەقسىز كېسەل داۋالايدىكەن. ئادۋۇكات بولسا ھەقسىز ياكى ئالمىغان ھىساپتا ئازراق ھەق ئېلىپ دېلولارغا يارىدەملىشىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئافرىقىلىق ۋە كورىيەلىك ئوقۇغۇچىلاردا خىرىستىيان دىنى كۈچلۈك ئىكەن. مەن بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان ئافرىقىلىق بالىلارنىڭ ئىچىدە جۇمە كۈنى كەچلىرى ئىنجىل كۇرسىغا بارىدىغانلىرى كۆپ ئېدى. دىندارلارنىڭ تەرغىباتلىرىغا ئەڭ خېرىدارلىق قىلىدىغىنى خەنسۇ ئوقۇغۇچىلار ئېدى. خىرىستىيان بولغان خەنسۇ تونۇشلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېركىغا كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ خەنسۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىرىستىيان دىنىغا بۇنچە مايىل بولۇشىدا بىر قانچە سەۋەپ بار ئىكەن. بىرى يەرلىكلەر بىلەن باردى كەلدىنى قويۇقلاشتۇرۇپ ئېنگىلىزچىسىنى پۇختىلاش، ياتسىراشنى ئازايتىش، ئامېرىكا جەمئىيىتىگە تېزىدىن ماسلىشىپ ئامېرىكىدا ياشاشنىڭ شەرت-شارائىتلىرىنى ھازىرلاش، يەنە بىرى يەرلىكنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىپ خىزمەتكە ۋە خىزمەت ئۇچۇرىغا ئېرىشىش. ئۇلارچە ئامېرىكىدىمۇ مۇناسىۋەت موھىم ئىكەن. ئەگەر سىز بىر يەردىن خىزمەت تاپماقچى بولسىڭىز سىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئارقا كۆرۈنىشىڭىزگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان كىشىلەرنىڭ بولۇشى زۆرۈر ئىكەن. ئەگەر سىزگە گۇۋاھچى، كېپىل بولغۇچى يەرلىكلەردىن بولسا سىزنى خوجايىنلارغا قانداق تونۇشتۇرۇشنى ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەن ياكى ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقانلاردىن ياخشىراق بىلىدىكەن. يەنە بىرى ئامېرىكىدا بىر كىشى خىزمەت ئورنىدا يامان ئەمەس ئىشلەۋاتقان بولسا يەنە بىر تونۇشىنى ئۆزى ئىشلەۋاتقان يەرگە خىزمەتكە تونۇشتۇرسا خوجايىنىغا ئادەم كېرەكلا بولسا ئادەتتە ياق دېمەيدىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا خىرىستىيان دىنىنى تەۋسىيە قىلغان خەنسۇ تونۇشلىرىمنىڭ قاراشلىرى. بۇ گەپلەرنىڭ ئەكسىچە ئايالىم ھىچ قانداق چىركاۋغا بارماي، ھىچ بىر دىنىي زىياپەتكە قاتناشماي تۇرۇپ ئىككى قېتىم ئىش تاپتى.

ئامېرىكىدا ئۆزىنى خىرىستىيان دەيدىغانلار مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدىكەن. بىرى خىرىستىيان دىنىغا ھەقىقى ئىشىنىدىغانلار، يەنە بىرى ئاتا ئانىسى خىرىستىيان بولغاچقا ۋە ياكى مەھەللىسىدە شۇنداقراق كەيپىيات بولغاچقا ئۆزىنى خىرىستىيان دەپ قارايدىغانلار، ئۈچىنجى بىرى ئۆزىنى خىرىستىيان دەيدىغان لېكىن خىرىستىيانلىق ھەققىدە ھىچ نېمە بىلمەيدىغان ۋە بىلىشنى خالىمايدىغانلار. بىرىنجى تۈركۈمدىكىلەر چىركاۋلارنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدىكەن. چىركاۋلار ئۇيۇشتۇرغان خەير ئىھسان پائالىيەتلىرىگە پىدايى بولۇپ قاتنىشىدىكەن. مەن شۇنداق بىر خىرىستىيان ئائىلىسىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىلىق بىر بالىنى بېقىۋالغانلىقىنى كۆرگەنىدىم. ئىچىمدە بۇ بالا چوڭ بولغاندا ئۆزىنىڭ بېقىۋېلىنغانلىقىنى بىلسە ھەقىقى ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەپ تاپارمۇ، ياكى ئۆز ئاتا-ئانام بولغان بولسا قانداق بولاتتى دەپ ئويلاپ قالارمۇ، دېگەن خىياللاردا بولغانىدىم. سېرىق چاچلىق بىر جۈپلەر بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا سەل ئوخشاپ قالىدىغان بۇ لاتىن قانلىق بالا ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. خىرىستىيان دىنىغا ھەقىيقى ئىشەنگۈچىلەر ئىچىدە ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئاسىيانىڭ چەت، نامرات يەرلىرىگە بېرىپ سۇ ئىنشائاتى، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارمۇ بار. مەن شۇنداقلاردىن بىر قىز بىلەن پاراڭلىشىپ باققان. ئۇ قىز مەكتىپىمىزنىڭ ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇيتتى. ئۇ قىز ھەتتا مەن بىلەن پاراڭلىشىپ يەرلىك گېزىتكە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە يازماقچىمۇ بولغانىدى. مەنچە ئۆزىنى خىرىستىيان دەيدىغان ئىككىنجى ۋە ئۈچىنجى تۈركۈمگە تەۋە كىشىلەرنىڭ سانى بىرىنجى تۈركۈمگە تەۋە كىشىلەردىن خېلى بەك جىق. مەن ئارىلاشقان ئامېرىكىلىقلار ئىچىدە يەنە پۈتۈنلەي دىندىن خالى ياشايدىغانلىرىمۇ خېلى كۆپ.

مەكتىۋىمىزدىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلار تەشكىللىگەن دىنلار ئارا دىيالوگ دېگەن بىر پروگرام بار ئېدى. بۇ پروگرامدا يېقىن ئەتراپتىكى چىركاۋلارنىڭ خادىملىرى بىلەن مەسجىدلەرنىڭ ئىمام خاتىپلىرى بىر ئاراغا كېلىپ دىننىڭ مەنىۋىي ھاياتتىكى ئورنى، دىنلارنىڭ ئورتاق مەۋجۇدلۇقى ۋە دۇنيا تىنچلىقى، دىنلارنىڭ دۇنيانىڭ سىياسى تەرتىبىدە تۇتقان ئورنى، دىنلارنىڭ مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى رولى، تۈرلۈك توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتا دىنلارنىڭ تۆھپىسى، يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، موھىت بۇلغۇنىشى، توقۇنۇشلار، ئۇرۇشلار قاتارلىق دۇنياۋىي مەسىلىلەردە دىننى چۆرىدەپ مۇلاھىزىلەر بولاتتى. بۇ پروگراممىنىڭ قاتناشچىلىرى تۈرك ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا بۇ پائالىيەتكە قىزىققۇچىلار بولاتتى. پائالىيەتكە تۈرك ئوقۇغۇچىلار يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئىچىملىك ھازىرلايتتى. تاتلىقلار، پىچىنە پىرەنىكلەر ۋە باشقا يىمەكلىكلەرنى تەييارلايتتى. مەنچە پائالىيەت ئارقىلىق ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىيانلار ئارىسىدا ئۆز ئارا چۈشىنىش كۈچەيتىلەتتى، بۇندىن باشقا ھەم تۈرك تاماق مەدەنىيىتى تەشۋىق قىلىناتتى ھەم ئامېرىكىدا ئىش قىلىشنىڭ يوللىرى ئۆگىنلەتتى. بىر گۈزەل دۇنيا ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان تاماسىز بۇ خىزمەتلەرنى كۆرگىنىمدە، پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلغىنىمدا ئۆزەمنى بەكمۇ يارامسىز ھىس قىلاتتىم. شۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بىرىدە سۆزلەنگەن بىر پوپنىڭ نۇتىقى ھېلىمۇ ئېسىمدە. «دۇنيانى نېمە قۇتقۇزىدۇ، ئىنساننى نېمە خوش قىلىدۇ، ھاياتنى نېمە مەنىلىك قىلىدۇ؟ ئۇرۇشمۇ، زوراۋانلىقمۇ، پۇلمۇ، ھوزۇرلىنىشمۇ، ئىشرەتمۇ؟ ياق، پەقەت بىرلا نەرسە، ئۇ بولسىمۇ مۇھەببەت! ياراتقۇچىنى سۆيۈش ئۈچۈن ياراتقۇچى ياراتقان ھەر بىر مەۋجۇداتنى سۆيۈش كېرەك. ياراتقۇچى بارلىق مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن قويغان ھەتتا پەرىشتىلەرنىمۇ سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان ئىنساننى شەرتسىز سۆيۈش كېرەك. سۆيۈش سۆيۈلۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ياراتقۇچىنىڭ مەمنۇنىيىتى ئۈچۈندۇر» دىن نوقتىسىن ئالغاندا ئۇيغۇردىكى مەنىۋىي ھايات بىلەن ئامېرىكىدىكى مەنىۋىي ھايات ئاجايىپ ئوخشاشلىقلارغا ئىگەن. دولان ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىكى «ۋاي ئاللاھ، ۋاي ئاللاھ، ۋاي ئاللاھ» دەپ باشلانغان ناخشىلارنىڭ تېكىستىگە ۋە غەزەلخانلارنىڭ كەيپىياتىغا قارايدىغان بولساق دىنىي تۇيغۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ھاياتىدا قانچىلىك موھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز. بۇندىن باشقا ئۇيغۇرلاردىمۇ ئاللاھ، پەيغەمبىرىمىز ۋە ئىسلام مەدھىيەلەنگەن مەخسۇس مۇناجاتلار، ھۆكمەتلەر بولغان. ئۇيغۇردىكى مەنىۋىي ھاياتنىڭ تومورى دىندۇر. قەشقەرگە كەلگەن خەنسۇلار ئۈچ مازار بىر بازارنى ساياھەت قىلىمىز دېيىشىدۇ. بۇ يەردىكى ئۈچ مازار مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى ۋە ئاپپاق خوجا مازىرىدۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرى ئەسەرلىرىنى بىسىمىللاھ دەپ باشلىغان، ئاللاھ مەدھىيسى قىسمىنى ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ بېشىغا تىزغان كىشىلەردۇر. ئاپپاق خوجا ئەينى دەۋردىكى دىنىي سۈلۈك بولغان ئاق تاغلىق ئىشانلار گورۇھىنىڭ كاتتابېشى. بىر بازار دېگىنى ئۇيغۇر ئىسلام بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان يېڭى بازاردۇر. مەيلى بازاردا بولسۇن ياكى مازاردا بولسۇن مەسجىد- جامە كام بولمايدۇ. يېڭى بازار دېيىلىدىغان بۇ بازارغا جۈمە ۋاقتىدا بېرىپ قالسىڭىز ناماز ئاخىرلاشقىچە ساقلاشقا مەجبۇر بولىسىز. جۈمە نامىزى باشلانغاندا بازاردا بىر ئادەم قالمايدۇيۇ ھىچ كىمنىڭ يىڭنە چاغلىق بىر نەرسىسى يىتمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى ئامېرىكىدىمۇ ئۇچرۇتۇش ئاسان ئەمەس.

ئۇيغۇردىكى مەنىۋىي ھاياتنىڭ خوراپاتلىققا ياتىدىغان تەركىبى ئامېرىكىدا ئانچە كۆزگە چېلىقمايدۇ. بۇ ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيىسى، مائارىپنىڭ ئومۇلىشىش دەرىجىسى قاتارلىقلاردىكى پەرقلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پالغا ئىشىنىش، داخانغا ئوقۇتۇش، باقشىغا باقتۇرۇش قاتارلىق خوراپاتلىقلار ئۇيغۇر مەنىۋىي ھاياتىدا تېخىچە تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرغىنى يوق. بىر قېتىم بىر قىزىقارلىق گەپنى ئاڭلىغانىدىم. قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيسىدە بىر خەنسۇ داخان بارمىش. شۇ داخانغا بارمىغىچە كىچىك بالىلارغا چاپلىشىۋالغان خەنسۇنىڭ جېنى بوۋاقنى ئارامىدا قويمايمىش. قەشقەردەك ئىسلام مەرىپىتىنىڭ ئوچىقىدا، ئۆلىمالار ماكانىدا كىشىلەرنىڭ خەنسۇ دۇخانغا دۇئا ئوقۇتۇپ يۈرۈشى كىشىنى ئويغا سالماي، ئەپسۇسلاندۇرماي قالمايدۇ. بۇ ھادىسىلەرنىڭ بۇنچە ئەۋج ئېلىشى كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرنىڭ ئەقىللەرگە قاراڭغۇ، سىرلىق، مەنىۋىي تەرپىنى بىلىشكە بولغان ئىھتىياجىنىڭ مۇۋاپىق ئىلمىي، دىنىي يول بىلەن قاندۇرۇلمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كىشىلەرنىڭ دىللىرىدىكى قورقۇنچ، ۋەسۋەسە، ئەندىشە، پۇشمان قاتارلىقلارغا موۋاپىق سورۇندىكى نورمال ئىلمىي چۈشەنچە، دىنى تەرغىبات ۋە تەبلىغلەر بىلەن مەلھەم بېرىلگەن، قانائەتلەندۈرۈلگەن بولسا بۇنچە خۇراپىي ھەركىكەتلەرگە شاھىد بولمىغان بولاتتۇق. خوراپاتلىقتىن باشقا ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋىي ھاياتىدا دىننى سۈيئىستىمال قىلىنىشمۇ بىر خىل بىنورماللىق. مەسىلەن فورقان، تەقۋا، مائىدە، كىرمان قاتارلىقلارنىڭ تاۋار ماركىسى قىلىنىشىدا، ئاشخانا، تاكسىي ۋە ساتىراچخانىلارغا قۇرئاننىڭ مودىلى، ئايەتلەر ۋە ئاللاھ، مۇھەممەد دېگەن خەتلەرنىڭ ئېسىلىشىدا، پالچى، داخان ۋە باقشىلارنىڭ ئايەتلەرنى ئوقۇپ ئىسىتقۇ-سوۋۇتقۇ قىلىشلىرىدا دىننى سۈيىئىستىمال قىلىپ ئىخلاسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ پۇلىنى ئۇتۇش مەقسەد قىلىنغان. بۇنداق دىننىي سۈيىئىستىمال قىلىدىغان قىلمىشلارغا قانۇن مۇكەممەل بولغان ئامېرىكىدا ئورۇن يوق.

ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋىي ھاياتىدا خوراپاتلىق يەنە كىتاپ خوراپاتلىقى ۋە ئۆلىما خوراپاتلىقى شەكلىدىمۇ ئىپادىلىنىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. مەسىلەن «قۇرئان بار ئۆيگە شەيتان كىرمەيدۇ» دېگەنلىك كىتاپ خوراپاتلىقىدۇر. قۇرئاندىن بىرنى ئەمەس مىڭنى ئۆيگە قويۇپ قويغان بىلەن كىشى ئۇنى ئوقۇپ چۈشەنمىسە، ئىماننىڭ نۇرى بىلەن قاراڭغۇ دىلىنى يورۇتمىسا شەيتان ھەرقانداق يەرگە كىرىدۇ. بۇنداق خوراپاتلىق يەنە بىلىملىك ئاتالغان، ھەجگە بارغان ئۆلىمالارغا چوقۇنۇشتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغۇردا بىر ھۆكۈمنىڭ، چۈشەندۈرۈشنىڭ توغرا خاتالىقى قۇرئان ۋە ھەدىسلەرگە تايانغان ياكى تايغانمىغانلىقى بىلەن ئەمەس بەلكى قايسى ساقاللىق ئۆلىمانىڭ دېگەنلىكى ۋە قەيەردىن ئاڭلاپ كەلگەنلىكى بىلەن ئۆلچۈنۈپ قالىدىكەن. بىر ناھىيىدە بىر كېلىن پەرزەنتلىك بولالماپتۇ. شۇ خېجىلچىلىقتا قېيىن ئاتا- ۋە قېيىن ئانىنىڭ خىزمىتىنى شۇنچە بېرىلىپ قىلىپتۇكى ئۇلارنى رازى قىلىش ئۈچۈن پۇل يىغىپ ھەرەمگە يولغا ساپتۇ. قېيىن ئاتا بولغۇچى ھەرەمدىن شۇنداق بىر پەتىۋانى كۆتۈرۈپ كەلگەنمىش. دېيىلىشىچە پەرزەنتلىك بولالمىغان ئەر جەننەتكە كىرەلمەيمىش. شۇنىڭ بىلەن تەقۋادار كېلىننى ئالدامچىنىڭ ئەپسۇن خالتىسىغا سېلىپ ئۆز رازىلىقى بىلەن ئوغلىدىن ئاجراشتۇرۇۋاپتۇ. دىن ھەققىدىكى تەربىيە ئومۇلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن، مەنىۋىي ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈش ئىلمىيلىك يولىغا چۈشكەن، ئىلاھىيەت (تىئولوگىيە) فاكۇلتىتلىرى ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەردىن ئورۇن ئالغان، مۇكەممەل قانۇن ئىتىقادنى قوغۇدايدىغان ئامېرىكىدا بۇنداق پاجىيەلەر يۈز بەرمەيدۇ.

تۈگەنجە

ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېركىلىقلارنىڭ پەرقى يالغۇز يۇقارقى نوقتىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. يازسام شۇ قەدەر ئۇزۇن داۋاملىشىدۇركى قارىماققا ئامېرىكا ۋە ئامېركىلىقلار ھەققىدىكى بايانلىرىم مۇشۇ پەرقلەرنى گەۋىدىلەندۈرۈش ئۈچۈن يېزىلغادەكلا تۇيۇلىشى مۇمكىن. يازغانلىرىمنىڭ تەپسىلىرەك يېزىلغىنى ئۆزەم باشتىن كەچۈرگەنلىرىم، قىسقىلا تىلغا ئېلىنغانلىرى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىم خالاس. پەرقلەر ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا بۇنداق پەرقلەرنىڭ سانائەتلەشكەن جەمئىيەت بىلەن ئەنەئەنىۋىي يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتى ئارىسىدا، شەخسنىڭ ھۆرلۈكى مۇتلەق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن جەمئىيەت بىلەن بۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتقان جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا، پىلانلىق ئىگىلىك ۋە كومۇنىستىك ئىدولوگىيە ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈلگەن جەمئىيەت بىلەن ھىچ قانداق ئىدولوگىيە يادىرو قىلىنمايدىغان جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا، دۇنياغا پۇقرالار دۆلىتى سالاھىيىتى بىلەن رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۆلەت بىلەن جوڭخۇا مەدەنىيەت سالاھىيىتىنى دۇنياغا ئىتىراپ قىلغۇزۇش يولىدا تىرىشىۋاتقان دۆلەت ئوتتۇرىسىدا، مائارىپ ئومۇملاشقان، قائىدە تۈزۈملەر مۇكەممەللەشكەن، ياشاش مەۋجۇدلۇق جەريانى ئەمەس ھوزۇرلىنىش جەريانىغا ئايلانغان پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا بارلىققا كېلىشى مۇمكىن بولغان پەرقلەردىن ئىبارەت. بۇ پەرقلەرنىڭ بولغانلىقى بىزنىڭ ئوخشىمىغان مىللەتكە ۋە ئوخشىمىغان جەمئىيەتكە تەۋە ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. پەرقلەرنىڭ بولۇشى يامان ئىش ئەمەس يامىنى پەرقلەرگە توغرا مۇئامىلىدە بولالماسلىق ۋە پەرقلەرنىڭ سەۋەبىنى توغرا تەھلىل قىلالماسلىقتۇر.



ئالدىنقى: ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاشلىقى

كـىيىنكى: ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلاردا« تۆمۈر ئات»