ئانىلار بايرىمى

ئورنى Wikipedia

«ئانىلار بايرىمى»نىڭ كېلىش تارىخى

ئانىلارنى ئىززەتلەش، ئانا مىھرىنى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان «ئانىلار بايرىمى »نى ،نۈۋەتتە نۇرغۇن دۈلەتلەر ئۆز دۈلەتلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم بايرىمى قاتارىدا ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ .

ئانىلار بايرىمىنىڭ كېلىش تارىخىنى بەلكىم كۆپلىگەن كېشىلەر بىلىپ كەتمەسلىكى مۈمكىن، تۈۋەندە مەن قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. «ئانىلار بايرىمى»نى ئۆتكۈزۈش ، ئەڭ بۇرۇن ئامېرىكىدا پەيدا بولغان. 1906 – يىلى 5 –ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكىنىڭ فىلادىلفىيە شەھىرىدە ئولتۇرۇشلوق ئاننا جاۋىسنىڭ ئانىسى بەخىتكە قارشى ۋاپات بولىدۇ، ئۇ بۇ ئىشتىن قاتتىق ئازاپلىنىدۇ. ئىككىنجى يىلى ئانىسىنىڭ ۋافاتىنىڭ 1 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، ئاننا جاۋىس ئانىلارنى ياد ئىتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ،باشقىلارنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق،كۆيۈمجان ئانىلىرىغا بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈشكە چاقىرىق قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەممە جايدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە جەمىئيەتتىكى ھەر ساھەگە مۇراجىئەت قىلىپ ، «ئانىلار بايرىمى» تەسىس قىلىشنى چاقىرىق قىلىدۇ . ئۇنىڭ مۇراجىئەتى قىزغىن قوللاشقا ئىرىشىدۇ. 1913 – يىلى 5 –ئاينىڭ 10 – كۈنى ، ئامېرىكا كېڭەشپالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى قارار ماقۇللاپ، ئەل باشى ۋېلسۇننىڭ ئىمزا قويىشى بىلەن، ھەر يىلى 5 – ئاينىڭ ئىككىنجى يەكشەنبە كۈنىنى ئانىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىدۇ. كېيىنچە بۇ ھەرىكەت باشقا دۈلەتلەرنىڭ كەينى كەينىدىن دورىشى نەتىجىسىدە، 1948 – يىلى ئاننا ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر 43 دۈلەت ئانىلار بايرىمى تەسىس قىلىپ بولىدۇ.

ھەر قايسى دۈلەتلەرنىڭ ئانىلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ ، ياپونىيەنىڭ ئانىلار بايرىمىمۇ 5 – ئاينىڭ ئىككىنجى يەكشەنبە كۈنى بولۇپ ، بايرامدا كىشىلەر ئانىلىرىغا گۈل (红石柱) سوۋغا قىلىپ بايرىمىنى قۇتلۇقلايدۇ .

فرانسىيە ئەڭ دەسلەپ 1928 –يىلى ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلىگەن بولۇپ،بۇ بايرامنى 5 – ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەكشەنبە كۈنىگە بىكىتكەن. بۇ كۈندە تۈمەنلىگەن ئانىلار خۇشال كەيفىياتلار بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ گۈزەل ئارزۇ – تىلەكلىرىنى قۇبۇل قىلىدۇ. تايلاند 1976 – يىلى ھەر يىلى 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنىنى ئانىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ ، بۇ كۈن، تايلاند خانىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. بايرامدا ،پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە «مۇنەۋۋەر ئانا» لارنى باھالاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدۇ.

ئوتتۇرا شەرقتىكى كۆپلىگەن ئەرەپ ئەللىرىنىڭ ئانىلار بايرىمى 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى «نەۋرۇز»دە بولۇپ،ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ باھار مەزگىلى ، شۇنداقلا يىلنىڭ باشى، بۇ ئارقىلىق ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلىقى سىمۇۋۇل قىلىنغان.

پورتوگالىيەنىڭ ئانىلار بايرىمى 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى بولسا ، ھىندۇنىزىيەنىڭ 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئىكەن .

دۈلىتىمىزدە ئانىلار بايرىمى تېخى بايرام قىلىپ تەسىس قىلىنمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئېشىك ئىچىۋىتىلگەندىن بۇيان، بۇ بايرامنى تەبرىكلەش خىلىلا ئومۇملىشىپ قالدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولۇپمۇ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئارىسىدا بۇ بايرامنى تەبرىكلەپ، ئانىلىرىغا گۈل ۋە ماددىي بويۇم سوۋغا قىلىش ئەھۋاللىرى يىقىنقى يىللاردىن بېرى خېلىلا ئومۇملىشىپ قالدى . 5 – ئاينىڭ ئىككىنجى يەكشەنبە كۈنى قاندۇقتۇر بىر يامان كۈنمۇ ئەمەس ، ئانىلار بايرىمى ھەرگىزمۇ بەزىلەر دەپ ئۆتكىنىدەك خىرىستىيانلارنىڭ دىنىي بايرىمىمۇ ئەمەس . دۈلىتىمىز ئانىلار بايرىمى ئۈچۈن تېخى مۇقىم بىر كۈننى بېكىتمىگەن شارائىتتا، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان كۈنىمىز بولمىغان شارائىتتا ، مىنىڭچە خەلقئارا ئانىلار بايرىمى كۈنى بولغان ماينىڭ ئىككىنجى يەكشەنبە كۈنىنى بىزمۇ ئانىلار بايرىمى قاتارىدا تەبرىكلەپ ، بىزنى بىقىپ چوڭ قىلغان سۈيۈملۈك ئانىلىرىمىزغا ئۆز ۋافادارلىقىمىزنى بىلدۈرسەك تامامەن بولىدۇ .