ئىشىھاما جۇنتارو
ئىشىھاما جۇنتارو (Juntaro Ishihama ياكى 石濱純太郎/いしはま じゅんたろう) (1888-1968) ياپون شەرق تارىخچىسى، تاڭغۇتولوگ ئالىم ۋە غەربىي يۇرت قەدىمكى ھۆججەتلىرى تەتقىقىقاتچىسى. «دۇنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقاتى» نىڭ قۇرغۇچىسى (1925)[1].
ئىشىخاما جۇنتارو 1888 - يىلى (مېيجى 21 - يىلى) ياپونىيەنىڭ ئوساكا ۋىلايىتىدە دورا-دەرمەك تاجىرى ئىشىخاما تويوزونىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ تۇغۇلغان. 1897 - يىلى 10 ياش ۋاقتىدا كانگاكۇجۇكۇ خاكۇئېن شوين (ھازىرقى كانساي ئۇنۋېرسىتىتى) غا كىرگەن ۋە دەسلەپ فۇجىساۋا نەنگاكۇدا، ئاندىن ئوساكا ۋىلايەتلىك ئىچىچوكا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىدە (ھازىرقى ئوساكا ۋىلايەتلىك ئىچىئوكا ئوتتۇرا مەكتىپىدە) ئوقۇغان بولۇپ، رەسسام كويدې ناراشىگې ۋە كومپوزىتور نوبۇتوكى كىيوشى بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان[2].
1908 - يىلى توكيوغا كۆچۈپ كېلىپ، توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىغا تىزىملاتقان. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى «ئوۋياڭ شۇنى تەكشۈرۈش» تېمىسىدا تاپشۇرغان ۋە 1911 - يىلى 7 - ئايدا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن ۋە يۇرتى ئوساكاغا قايتىپ كەلگەن. 1915 - يىلى نىشىمۇرا تېنجو تەرىپىدىن جۇڭگو شېئىر ھەۋەسكارلىرى جەمئىيىتى كەيكەيگە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇچرىشىش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلەر نەتىجىسىدە ناگاۋ ئامىياما، تاكۇچى يوشىيو ۋە باشقىلار بىلەن تونۇشقان.
1921 - يىلى ئوساكا چەتئەل تىلى مەكتىپى (ھازىرقى ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەتئەل تەتقىقات فاكۇلتېتى) ئېچىلغاندا، ئۇ موڭغۇل تىلى فاكۇلتېتىغا ئوقۇغۇچى ئولاراق تاللىنىپ موڭغۇل تىلىنى ئۆگەنگەن. 1923 - يىلى 6 - ئايدا ئوساكا شەرق جەمئىيىتى ئوساكا چەتئەل تىلى مەكتىپىدە قۇرۇلغان. ئۇ يەنە كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا كونان نايتونىڭ قول ئاستىدا ئوقۇغان[2] ۋە 1924-يىلى 7-ئايدا كونان نايتوغا ياۋروپا يولچىلىقىدا ھەمراھ بولغان.