ئۆمەر موللا بەرداش
قىسقىچە تەرجىمىھالى
[تەھرىرلەش]پروفېسسور ئۆمەر موللا بەرداش ( Ömer Molla Berdash) 1936-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭىسار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. دۆلەت دەرىجىلىك تۆھپىكار مۇتەخەسسىس، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاھىدە تۆھپە قوشقان مۇتەخەسسىسى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكولتېتىنىڭ دۈنيا ئىقتىسادىي جۇغراپىيەسى پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، پىنسىيەگە چىققان بولسىمۇ ئىلمىي تەتقىقاتىنى ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا.
پروفېسسور ئۆمەر موللا بەرداش 1953-يىلدىن 1956-يىلغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيە فاكولتېتىدا، 1956-يىلدىن 1961-يىلغىچە سابىق سوۋېت ئىتىپاقى تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكولتېتىنىڭ ئىقتىسادىي جۇغراپىيە كەسپىدە ئوقۇغان. 1961-يىلدىن 1962-يىلغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيە فاكولتېتىتىدا ئىشلىگەن. 1962-يىلدىن 2000-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە فاكولتېتىدا ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو ئىقتىسادىي جۇغراپىيە ئىلمىي تەتقىقت جەمىئىيىتىنىڭ ئىجىرائىيە ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۇنيا بانكىسىدىن قەرز ئېلىپ ئىشلەنگەن تارىم ئويمانلىقىنى سۇغۇرۇش ۋە مۇھىت ئاسىراش (2-قارار) قۇرۇلۇشىنىڭ جەمىئىيەتشۇناسلىق بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەمۇرىي كادىرلارغا ئۇنۋان بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى قاتارلىق ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. «دۇنيا ئىقتىسادىي جۇغراپىيسى»، «دۇنيا تەبىئىي جۇغراپىيسى»، «گېئومورفولوگىيە»، «ئۇنىۋېرسال تەبىئىي جۇغراپىيە پىرىنسىپلىرى»، «جۇڭگو جۇغراپىيسى» قاتارلىق مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدىغان دەرسلىكلەرنىڭ تەرجىمە قىلىش ۋە تەھرىرلەش ئىشلىرىغا قاتناشقان. تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا «دۇنيا نوپۇسى»، «دۇنيا ساياھەتچىلىكى»قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزىگەن. 1990-يىلدىن باشلاپ نوپۇس ۋە مۇھىت يۆلىنىشى بويىچە ئۈچ قارار ئاسپىرانت تەربىيلىگەن. 30 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى «يەر بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى 1989-يىلى ئۆزبېكىستان جۇغراپىيە جەمىئىيىتىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئوقۇلغان ھەم قۇرۇلتاي ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. مۇستەقىل يازغان «ھىندىستان»، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىگەن «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە يەر ناملىرى قوللانمىسى»، «دۇنيا جۇغراپىيسى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان.
پروفېسسور ئۆمەر موللا بەرداش يازغان 584 بەتلىك "«تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ جۇغراپىيەلىك قىممىتى" ناملىق كىتاۋىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بەكمۇ يۇقۇرى. بۇ كىتاپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىندىن 2011-يىلى نەسىر قىلىنغان.
«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ جۇغراپىيىلىك قىممىتى
[تەھرىرلەش]نەشر قىلغۇچى: شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2011 ئومۇمىي بەت: 584
1، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى يۇمىلاق «دائىرە» خەرىتىسى ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمكى خەرىتىسىدۇر.
شەرق خەلقىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت تارىخىدا شۆھرەتلىك ئورۇن تۇتقان ئۇيغۇر ئالىمى، سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىسى مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»ناملىق ئېنسكلوپىدىيىلىك ئەسىرى تىلشۇناسلىق ۋە فولكلور ئىلمى ساھەسىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇغراپىيە ساھەسى جەھەتتىمۇ زور قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك ئەسەر بولۇپ، مۇھىم جۇغراپىيىلىك قىممەتكە ئىگە بولغان ئۈنىۋېرسال جۇغراپىيە بىلىملىرى خەزىنىسىدۇر.
ھەممىگە مەلۇمكى، «جۇغراپىيە» ناملىق كىتاپنى بۇندىن 2000 يىللار بۇرۇن ئالىكسانىرىيىلىك ئالىم ئېراتوسفېن يازغان. بۇ كىتاپتا يەرنىڭ شەكلى ۋە چوڭلىغى، شۇ ۋاقىتتا ئاپتورغا مەلۇم بولغان دېڭىز- قۇرۇقلۇقلارنىڭ تارقىلىشى تەسۋىرلەنگەن. شۇندىن باشلاپ پۈتۈن يەر يۈزىنى ياكى يەر يۈزىنىڭ بىرەر قىسمىنى(ياكى بىرەر مەملىكەتنى) تەسۋىرلەشنى جۇغراپىيە، دەپ ئاتايدىغان بولغان. ئېراتوسفىندىن كېيىن يەنى مىلادىيە2- ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق ئاسترونوم، ماتېماتىك ۋە جۇغراپىيىچى كلاۋدى پىتولومى (باتلىموس) ئۆزىنىڭ «جۇغراپىيىلىك يوللانما» ناملىق كىتابىنى ماتېماتىكىلىق بىلىملەرگە ئاساسلىنىپ يازغان بولۇپ، ھەر بىر تەسۋىرلىگەن جاينىڭ كەڭلىك ۋە ئۇزاقلىقلىرىنى كۆرسەتكەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىردە ئۆتكەن سىترابون جۇغراپىيىلىك كىتابتىن 17نى يازغان،بۇنىڭ سەككىزى ياۋروپانى، ئالتىسى ئاسىيانى، بىرسى ئافرىقىنى( بۇيەردىكى ئافرىقا پەقەت ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمىنىلا كۆرسىتىدۇ) تەسۋىرلىگەن. شۇندىن ئېتىبارەن جۇغراپىيە ساھەسىدە ئىككى ئېقىم پەيدا بولۇپ، بىر ئېقىم پەقەت يەر يۈزىنى تەسۋىرلەشكە، يەنە بىر ئېقىم ئايرىم-ئايرىم مەملىكەتلەرنى تەسۋىرلەشكە يۈزلەنگەن، كېيىنچىرەك بۇ ئېقىملار تەرەققى قىلىپ، بىرىنچى ئېقىم تەبىئى جۇغراپىيىنى، ئىككىنچى ئېقىم ئەل-يۇرتلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەسۋىرلەيدىغان رايونلار جۇغراپىيسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈگەن. ھازىرقى زامان جۇغراپىيىسى يەر شارىدىكى تەبىئىي ئامىللار بىلەن گومانىتارلىق (ئىنسانىي) ئامىللارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بىرى بىرىگە كۆرسىتىدىغان رولىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، تەبىئى جۇغراپىيە(ئومۇمىي تەبىئى جۇغراپىيە، كلىماتولوگىيە، گىئومورفولوگىيە، ھىدرولوگىيە، ئۆسۈملۈك جۇغراپىيىسى، ھايۋانات جۇغراپىيىسى، تۇپراقچىلىق جۇغراپىيىسى، مۇھىت جۇغراپىيىسى...) گومانىتارلىق جۇغراپىيە، ئىقتىسادىي جۇغراپىيە، مەدەنىيەت جۇغراپىيىسى، نوپۇس جۇغراپىيىسى، مەھەللە جۇغراپىيىسى، ساياھەت جۇغراپىيسى، مۇھىتشۇناسلىق، يەر ناملىرى ئىلمى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا مۇشۇ ساھەلەرنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ چېتىلىدىغان مەلۇماتلار تىلغا ئېلىنغان ۋە تەسۋىرلەنگەن. شۇڭا، مەھمۇت كاشىغەرىي بۈيۈك جۇغراپىيەشۇناس بولۇشقا مۇناسىپتۇر. جۇغراپىيىلىك مۇھىت جەمئىيەت تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.«جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەقىقەتەنمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل. شۇڭا، گېلىل دۇنيا تارىخىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى جۇغراپىيىلىك سەھنىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. مەھمۇد كاشىغەرىيمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۆز زامانىسىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ياشايدىغان كەڭ زىمىننى 15 يىلچە ئايلىنىپ چىقىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆز ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا مۇجەسسەملىگەن. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرغاندىن باشقا، ئۇلار ياشىغان ئەل-يۇرتلارنىڭ جايلاشقان ئورنى، تاغ-دەريالىرى، كۆللىرى، سەھرا-شەھەرلىرى، چۆل-جەزىرىللىرى، ھاۋارايى ۋە باشقا ئەھۋالاردىن مەلۇمات بەرگەن. قەبىلىلەرنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، يېمەك-ئىچمەكلىرى توغرىسىدىمۇ كەڭ مەلۇمات بەرگەن. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا يەنە دىھقانچىلىققا دائىر سۆزلەر (زىرائەتلەر، ھەرجايدا ئۆسىدىغان گىياھ-دەرەخلەر)، چارۋىچىلىق ۋە مال-دوختۇرلۇققا دائىر سۆزلەر، ھەر خىل ھايۋانلار، ئۇچار قاناتلاردىن كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىنىڭ ناملىرى ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. مەھمۇد كاشىغەرىي تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ جايلاشقان كەڭ دىيارىنى يەر يۈزىنىڭ يۇمۇلاقلىقى ئۇقۇمى بويىچە قىياسەن خەرىتە قىلىپ سىزىپ بەرگەن. بۇ خەرىتە ئاپتورنىڭ ئۆز تىلى بويىچە «دائىرە» دەپ ئاتالغان(1-خەرىتىگە قاراڭ). مەھمۇت كاشىغەرىي ئۆز ئەسىرىدە «رۇم ئۆلكىسىدىن ماچىنغىچە بولغان تۈرك ئەللىرىنىڭ بويى بەش مىڭ پەرسەخ(پەرسەخ-پارىسچىدا يول ئۆلچىمى بولۇپ، بىر پەرسەخ 6.24km غا تەڭ كېلىدۇ)، ئېنى ئۈچ مىڭ پەرسەخ كېلىدۇ، بۇلارنىڭ ئورنىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەممىسىنى يەر يۈزى شەكلىدىكى دائىرە ئىچىدە كۆرسىتىپ ئۆتتۈم» دەپ يازغان. تۈركىي خەلقلەرنىڭ زىمىنلىرىدىكى جۇغراپىيىلىك ئۇچۇر مەزكۇر خەرىتە يۈزىدە ئىپادىلەنگەن.«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ جۇغراپىيىلىك قىممىتى بۇ خەرىتە ئارقىلىق تېخىمۇ يورۇتۇپ بېرىلگەن. جۇڭگۇ ئالىمى جاڭ گۇاڭدا ئەپەندى ئۆز ماقالىسىدە بۇ خەرىتە ھەققىدە توختىلىپ:«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ كارتوگرافىيىلىك قىممىتىنى مۆجىزە خاراكتېرلىك يۇقۇرى بالداققا كۆتۈرۈپ، يېڭىلىق سۈپىتىدە تونۇتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى دەل ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن «دائىرە» (يۇمۇلاق) شەكىلدىكى خەرىتىدۇر» دەپ يازغان. مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «دائىرە» (يۇمۇلاق خەرىتە)سى يەر يۇمۇلاق قىياسى بويىچە سىزىلغان بولۇپ، «ئاسىيانىڭ شۇ كەمگىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ مۈكەممەل، ئەڭ قەدىمكى خەرىتىسىدۇر». خەرىتىدە بېرىلگەن زىمىننىڭ دائىرىسى بۇرۇنقىلارسىزىپ چىققان ھەرقانداق خەرىتىدىن كەڭ. خەرىتىنىڭ شەرق تەرىپىدە ياپونىيە، شىمالىدا شىمالىي مۇز ئوكيان، جەنۇبىدا سىرلانكا، غەربىدە ئىبرىيە يېرىم ئارىلى، ئافرىقىنىڭ شىمالىدىكى ئېپىئوپىيە، لىۋىيە قاتارلىق جايلارنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى4-ئەسىردە ئۆتكەن ھېرودوتنىڭ نەزىرىدىكى دۇنيانىڭ غەربىي تەرىپى ئىبىرىيەگىچە، شەرقىي تەرىپى ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى تار چۆللۈكىگىچە،شىمەلىي تەرىپى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىغىچە، جەنۇبىي تەرىپى سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىغىچە بولغان زىمىن ئىدى (2-خەرىتىگە قاراڭ)
مىلادىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىردە ئۆتكەن پومپونىي مېلا (Pomponius Mela) «يەرنىڭ تۈزۈلۈشى (De situ orbis ) »ناملىق كىتابىدا ئىككى ئوكيان يەنى غەربىي ئوكيان ۋە شەرقىي ئوكيانلار، شىمالىدىكى بېرتانىيە ۋە سىكىفىيە ئوكيانلىرى بىلەن جەنۇپتا ئېپىئوپىيە دېڭىزى، قىزىل دېڭىز ۋە ھىندى دېڭىزلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ» دەپ يازغان (3-خەرىتىگە قاراڭ). پومپونىي مېلادىدىن 100 يىللار كېيىن ئۆتكەن پىتولىمىنىڭ «جۇغراپىيە» ناملىق ئەسىرىدىمۇ بۇنىڭدىن ئارتۇق يەرلەرنىڭ بارلىقى توغرىلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن (4-خەرىتىگە قاراڭ).
كىشىلەر يۇقىرقى خەرىتىلەرنىڭ ھەممىسى قەدىمقى دەۋرگە خاس، بۇنى ۋاقىت جەھەتتىن 1000يىللار كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر خەرىتىسى بىلەن ئەلۋەتتە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ،دىيىشى مۈمكىن. پاكىت سۈپىتىدە مەھمۇد كاشغەرىيدىن كېيىنرەك ئۆتكەن مەشھۇر سەيياھلار تەرىپىدىن سىزىلغان خەرىتىلەرگە سېلىشتۇرۇپ باقساقمۇ بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان خەرىتىنىڭ تېخى مەيدانغا كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەسىلەن: 12-ئەسىردىكى مەشھۇر جۇغراپىيىچى،سەيياھ،شىمالىي ئافرىقىلىق ئىدرىس(1160~1100)نىڭ نەزىرىدىكى دۇنيانىڭ كۆرۈنۈشى بېرىلگەن خەرىتىدە ئىپادىلەنگەن جايلارنىڭ دائىرىسىمۇ «دائىرە» دە بېرىلگەن جاينىڭ چوڭلىقىغا يەتمىگەن (5-خەرىتىگە قاراڭ).
ھەتتا1490 -يىلى سىزىلغان پورتۇگالىيىنىڭ دۇنيا خەرىسىدىكى جايلارنىڭ دائىرىسىمۇ شەرقىي ھىندىتان ۋە جۇڭگونىڭ بىر قىسىم جايلىرىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان (6-خەرىتەگە قاراڭ).
«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «دائىرە»دەپ ئاتالغان يۇمۇلاق خەرىتىدە كونا قۇرۇقلۇق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، خەرىتىنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا قەھرىتان سوغۇق بولىدۇ،ئادەم ياشىمايدۇ،دەپ يېزىلغان. ھازىرقى بىزگە مەلۇم بولغان ئامېرىكا قۇرۇقلۇقى، ئانتاركتىكا،ئاۋسترالىيىلەر تېخى ئىنسانلارغا مەلۇم بولمىغان زىمىنلار ئىدى. شۇڭا، «دائىرە»دە ئۇ جايلار ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنى تاپمىغانلىقى تەبىئىي ئەھۋالدۇر. بۇ جايلار 1492-يىلى كولومبونىڭ ئامېرىكىغا، 1498- يىلى ۋاسكادا-گامانىڭ شەرقىي ھىندىستانغا كېلىشى بىلەن كىشىلەرگە مەلۇم بولغان. دۇنيانىڭ يۇمۇلاقلىقى توغرىسىدا قاراشلار مىلادىدىن بۇرۇنلا مەيدانغا كەلگەن. شۇ قاراشلار بويىچە، «دائىرە» سىزىلغان بولسىمۇ،1522- يىلى ماگېللاننىڭ دۇنيانى ئايلىنىپ قىلغان سەپىرىدىن كېيىنلا ئاندىن دۇنيا ھەقىقەتەن شار شەكلىدە ئىكەن، دېگەن قاراش مۇقۇملاشتى. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دۇنيانى يۇمۇلاق، دەپ قىياس قىلىشى تەسادىپىي ئىش ئەمەس. يەرنىڭ شار شەكلىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەلىماتنى بىرىنچى بولۇپ ئارستوتېل(مىلادىدىن بۇرۇنقى 322~388-يىلى) ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇنىڭ شاگىرتى دىكېئارخ ۋە ئېراتوسفىنلەرمۇ مۇشۇنداق قاراشتا بولغان. بۇ ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئەرەپ دۇنياسىغا ۋە ئوتتۇرا، مەركىزىي ئاسىيالارغىمۇ تەسىر قىلغان. شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، مىلادىيىنىڭ2- ئەسىرلىرىدىن ئوتتۇرا ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا جۇغراپىيىنىڭ تەرەققىياتىدا بىر مەھەل توختاپ قېلىش ھالىتى شەكىللەنگەن. ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەركىزىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالاردا ئىلىم-پەن جۈملىدىن جۇغراپىيە ۋە ئالەم قاراشلىرى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. بۇ زىمىن ھەر خىل مۆجىزىلەرگە تولغان ھېكمەتلىك ماكانغا ئايلاندى. « مۆجىزىلەرنىڭ بىرى تەبىئەتنى بىلىش ھېكمىتىدىن ئىبارەت ئىدى. قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ ئاسترونومىيە، ھاۋارايى، جۇغراپىيە ۋە ھېساپلاش قاراشلىرى ئەڭ قەدىمكى ئادەم يارىلىش ئەپسانىلىرى بىلەن بىللە يىراق ئۆتمۈشتە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان ئىدى. ئىپتىدائىي ئالەم قاراشلرى ئىپتىدائىي كوسمولوگىيىلىك-ئاسترونومىيىلىك قاراشلارنىڭ بىخى ھەم ئۇرۇقى بولدى. يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي بەلۋىغىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەر توپلىغان ئاسترو-ماتېماتىكىلىق بىلىملەر شەرق بىلەن غەرپنىڭ ئۆلچەش- ھېساپلاش بىلىملىرى بىلەن قوشۇلۇپ يېڭى سېنكىرتىك قاتلام ھاسىل قىلدى. ئەل خارزومى(783~850-يىلى)، فەرغانى(?~861-يىلى)، فارابى(870~950-يىلى)، ئىبنى سىنا(980~1037-يىلى)، بېرونى(973~1048-يىلى)، ئۆمەر ھەييام (1040~1123-يىلى) قاتارلىق ئۇلۇغۋار ئىلىم ئەھلىلىرى ئۆز پائالىيىتى ۋە ئەسەرلىرى ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئاسترو-فىزىكىسىنىڭ ئىلمىي ئۇلىنى قۇردى. بۇلار يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي ئوچىقىدا روياپقا چىققان كاتتا ھىكمەت دۇردانىسى».مۇشۇ ھېكمەتلىك دۇنيادا ياشىغان مەھمۇد كاشغەرىيمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتالىغان. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا سىزىلغان خەرىتىلەرنى «دائىرە» خەرىتىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كىشىلەردە تەبىئىي ھالدا 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە جۇڭگودا بەلكىم ياخشى سىزىلغان خەرىتىلەر بولغان بولغىيتى، دىگەن پىكىر توغۇلىدۇ. ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى رايونلىرىدا مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن خېلى كۆپ خەرىتىلەر سىزىلغان ئەلۋەتتە، ئەپسۇسكى بۇلار بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن، كەلگەنلىرىمۇ «دائىرە» خەرىتىسىدەك مۈكەممەل، ئۈنىۋېرىتسال ئەمەس. بۇ خەرىتىلەر ھەققىدە «جۇڭگو ئېنسكلوپىدىيىسى»(جۇغراپىيە قىسىمى)دا مۇنداق دىيىلگەن: 1700يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ تارقىلىپ يۈرگەن تارىخىي خەرىتىلىرىنىڭ سانى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن كۆپ، سەۋىيىسىمۇ ئوخشاش دەۋردىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش تۈردىكى خەرىتىلىرىنىڭ سەۋىيىسىدىن يۇقۇرى، بىراق ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك كەمچىلىك تەرەپلىرى بار: (1) جۇغراپىيىلىك خەرىتىلەرنى تەگلىك قىلغان بىر قەدەر ئېنىق خەرىتىلەر كەمچىل؛
(2) ئۇ خەرىتىلەر پەقەت ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرىنىڭ مەمۇرىي رايون دائىرىسىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، چەت-چېگرا رايونلار ناھايىتىمۇ تەخمىنىي قىلىنغان ياكى ئاق قالدۇرۇلغان؛ (3) ئايرىم خەرىتىلەردىن باشقىلىرىنىڭ ماسىشتابلىرى ناھايىتى كىچىك، سىغىمىمۇ چەكلىك؛ (4) مەزمۇنى جەھەتتىن دۆلەت زىمىنىنىڭ مەمۇرىي رايونلار بويىچە تەدرىجىي ئۆزگىرىش تەرەققىياتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، تەبىئىي جۇغراپىيە ۋە باشقا ئىجتىمائىي(گومانىتارلىق) جۇغراپىيىگە دائىر مەزمۇنلار ناھايىتى ئاز؛ (5) ھۆججەت- ماتېرىياللارغا ئاساسەن سىزلغان بولۇپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ سىزىش ناھايىتى ئاز بولغان.
خەرىتەشۇناسلىق تارىخىغا ئائىت يۇقىرىدىكى ئەمەلىي پاكىتلىق ماتېرىياللار مەنبىئىگە ئاساسلانغاندا، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ«دائىرە» دەپ ئاتالغان خەرىتىسى يالغۇز جۇڭگو خەرىتەشۇناسلىق تارىخىدىكى بىر مۆجىزە ھىساپلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيا خەرىتەشۇناسلىق ساھەسىدىمۇ زور شۆھرەتكە ئىگىدۇر.
ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە:
(1) تەرەپ ئۇقۇمى ناھايىتى ئېنىق. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى خەرىتىدە تۆت تەرەپ ئۇقۇمى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، شەرق، شىمال، غەرپ ۋە جەنۇپتىن ئىبارەت تۆت تەرەپ سۆزلىرى يۇمۇلاق خەرىتىنىڭ ئەتراپىغا يېزىلغان. قاراخانىلار دەۋرىدىكى خەلقلەرنىڭ كۈن چىقىشنى ئالدى تەرەپ، كۈن پېتىشنى ئارقا تەرەپ، دەيدىغان ئەنئەنىۋى قارىشىنى ئاساس قىلىپ سىزىلغان. خەرىتىنى قولغا ئالغاندا، ئوڭ قول تەرەپ شەرق، سول قول تەرەپ غەرپ، ئۈستى شىمال، ئاستى جەنۇپنى ئىپادىلىگەن. خەرىتىدىكى جۇغراپىيىلىك ئورۇنلارمۇ مۇشۇ تەرتىپتە تىزىلغان. كۆرگۈچىلەرنىڭ مۇشۇ تەرتىپ بويىچە كۆرىشى تەۋسىيە قىلىنغان؛ (2) دۆلەت ۋە جايلارنىڭ ئارىلىق ئۇزۇنلۇقلىرى ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئارىلىقى بىلەن تەڭ كېلىدۇ. مەسىلەن، تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نەتىسىگە ئاساسلانغاندا، خەرىتىدىكى ئىسسىقكۆلدىن ياپونىيىگىچە، ئىسسىقكۆلدىن ئېپىئوپىيىگىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆلچىگەندە، ھارىزقىغا ئوخشاش چىققان؛ (3) شەرتلىك بەلگە ئۇقۇمىغا ئىگە. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى خەرىتىدە تاغۇ-دەريالار، شەھەر-قەلئەلەر بىر يۈرۈش شەرتلىك بەلگىلەر ئارقىلىق ئېنىقلىققا ئىگە قىلىنغان. مەسىلەن، تاغ تىزمىلىرى قىزىل رەڭ بىلەن، دېڭىزلار ھاۋا رەڭ بىلەن، دەريا-كۆللەر يېشىل رەڭ بىلەن، قۇملۇقلار سېرىق رەڭ بىلەن ئىپادىلەنگەن. بۇ خىل ئۇسۇل ھازىرمۇ كارتوگرافىيە (خەرىتىشۇناسلىق) ئىلمىدىمۇ ئۆز قىممىتىگە ئىگە؛ (4) خەرىتىدىكى شەھەر ۋە ئەل-يۇرتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، چۆل رايونلاردىكى بوستانلىقلارنىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتى بىلەن بىردەك ئىپادىلىنىپ، رەڭمۇ شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇلۇپ بېرىلگەن؛ (5) خەرىتىدىكى ئىجادىيلىق كۆپ تەرەپلەردىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسلام خەرىتەشۇناسلىقىنىڭ كونا قاراشلىرىدىن ھالقىپ چۈشكەن. مەسىلەن، بۇ ھەقتە جاڭ گۇاڭدا ئەپەندى ئۆز ماقالىسىدە مۇنداق دىگەن:« ئاپتور گەرچە ئىسلام مۇرىتى بولسىمۇ،«دائىرە» خەرىتىسىدە مەككە بىلەن مەدىنەنى خەرىتىنىڭ مەركىزىي رايونى ئورنىدا چۈشۈرمىگەن. شۇنداقلا قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئىككى دېڭىزدىن باشقا ئۆزى ئىگىلىگەن ئەمىلىي ماتېرىيال ئاساسىدا ھىندى ئوكيان، كاسپىي دېڭىز ۋە يەنە بىر ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدىكى دېڭىزنى خەرىتىگە چۈشۈرگەن.
دېمەك، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا سىزىلغان «دائىرە» خەرىتىسىدىكى جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلاردا، ھەم خەرىتىنىڭ ئۆزىدە مۇسۇلمان جۇغراپىيىچىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئاسمان جىسىم ھادىسىللىرى،ئىقلىم بەلۋىغى نەزەرىيىسى ھەققىدىكى كونا قاراشلارنى تامامەن دېگۈدەك ئىشلىتىلمىگەن.
2. «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ جۇغراپىيە تەتقىقاتىدىكى رېئال ئەھمىيىتى
«تۈركىي تىللار دىۋانى» تۈركىيە ۋە ئۆزبېكىستاندا نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، 1981-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا نەشىر قىلىنغان ئىدى. بۇ يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2توملۇق « تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ تولۇقلانغان نۇسخىسىنى نەشىر قىلىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. بۇ مەھمۇد كاشىغەرىي تۇغۇلغانلىنىڭ 1000يىللىقىغا قىلىنغان قىممەتلىك سوۋغا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ-مەدەنىيەت- سەھىيە مەھكىمىسىنىڭ 2008-يىلىنى «2008 مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ ئاتىغانلىقىنى تەبرىكلەش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنى تەبرىكلەش ۋە مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000يىللىقىنى (1008-2008) خاتىرىلەش يۈزىسىدىن پايتەختىمىز بېيجىڭدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۈنۋېرسىتىتىدا كۆلىمى زور بولغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. ئارقىدىن قەشقەر، ئۈرۈمچىدىمۇ بۇ خىلدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتىدا يەنە 300دىن ئارتۇق ئالىم-مۇتەخەسىسلەر قاتنىشىشى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. شۇنىڭدەك بۇ يىل يەنە تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە، ئىستامبول، رىزە شەھەرلىرىدە، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە، تۈركمەنىستاننىڭ ئاشخاباد شەھىرىدە، قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھرىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يغىنلىرى ئېچىلدى. بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىز ۋە دۇنيادا «تۈركىي تىللار دىۋانى» قىزغىنلىقى پەيدا بولدى. 2008-يىلىنىڭ ب د ت تەرىپىدىن «2008 مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ ئاتىلىشى دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىنى بېيىتىشتا بىزنىڭمۇ ھەسسىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي تۈركشۇناسلىق ئىلمىنىڭ پىشىۋاسى بولۇشتىن سىرت، بىز جۇغراپىيىچىلەرنىڭمۇ پىشىۋايىمىز، شۇنداق ئىكەن بىز مۇشۇ«تۈركىي تىللار دىۋانى» قىزغىنلىقى سېپىدە كېتىۋاتقان قوشۇننىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا ھەقلىقمىز، ئەلۋەتتە. «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ تەتقىقات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، تىلشۇناسلىق دائىرىسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ خېلى بۇرۇنلا تەتقىقات ئىشلىرىنى قانات يايدۇرغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، جۇغراپىيە ساھەسىدىكى تەتقىقاتلار تېخى ئەسەر بىلەن تونۇشۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا. شۇ تونۇشۇش باسقۇچىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ جۇغراپىيىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى تونۇشتۇرۇش يۈزىسىدىن يېزىلغان ماقالىلارنىڭ قوشۇمچىسى سۈپىتىدە بۇ ماقالىنى يازدۇق. بىز بۇنىڭدىن كېيىن، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن ئىبارەت بۇ ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش بىلەنلا چەكلەنمەي، ئۇنى جۇغراپىيە نۇقتىسىدىن چىقىپ جۇغراپىيە ساھەسى بويىچە تەتقىق قىلىشىمىز ھەم ئۇنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز لازىم. چۈنكى «تۈركىي تىللار دىۋانى» جۇغراپىيىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنى قىممەتلىك مەنبەلەر بىلەن تەمىن ئىتىدۇ. شىنجاڭ جۇغراپىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
2- (1) «تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ جۇغراپىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ
جۇغراپىيە تەتقىقاتى يولىدا مەھمۇد كاشىغەرىي روھى بىزنىڭ ئۈگۈنۈش ئۈلگىمىز بولۇپ قالىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن ئىبارەت جۇغراپىيىلىك مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنسكلوپېدىيىلىك ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، شىنجاڭ جۇغراپىيىسىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر قۇر ئەسلىمەي تۇرالمايمىز. رايونىمىزدا جۇغراپىيە تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەردىكى جۇغراپىيە فاكولتېتلىرى دۆلەتنىڭ پىلانىغا ماسلىشىپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى. بىزنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىمىز، ئۇيغۇر جۇغراپىيىچىلىقى بۇ ساھەدە بەزى ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىم ئۇيغۇر مەتبەئەچىلىكى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىنسانىيەتنىڭ ئاپىرىدىگاھىلىرىدىن بولغان «شىنجاڭ» توغرىسىدا (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەرىتىلەر توپلىمىنىڭ ئىككى قېتىملىق نەشىر قىلىنىشى بۇنىڭ سىرتىدا) ئۇيغۇر ئاپتورلار ئۆزى يازغان بىرەر پارچە چوڭ ھەجىملىك جۇغراپىيىلىك ئىلمىي ئەسەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغىنىمىز يوق. يەنە كېلىپ بۇ ھەقتىكى بەزى مەلۇماتلارنى پەقەت چەت ئەل ئالىملىرى ۋە ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەت ئالىملىرىنىڭ ماقالە- ئەسەرلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن ئازغىنا ستاتىسكىلىق ماتېرىياللار ئارقىلىق تەھلىل قىلىپ پىششىقلىغىنىمىزنى ئويلىغىنىمىزدا، بۇنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تۈرك ئەللىرىنى 15 يىل كېزىپ چىقىپ، بەش يىل ياقا يۇرتتا يەنى باغدادتا ئولتۇرۇپ يېزىپ چىققانلىغىنى ئويلىساق، ھىچ يەرگە بارماي تۇرۇپ، ئۆيدە ئولتۇرۇپلا ھەممە جاينىڭ ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدىغان مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىت ۋە ئۇچۇر دەۋرىدە تۇرۇپمۇ، شىنجاڭ جۇغراپىيسىگە ئائىت پەخىرلەنگىدەك، كىشىلەرگە سوۋغا قىلغۇدەك جۇغراپىيىلىك ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا ھۇجۇتقا چىقىرالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن خىجىللىق ھىس قىلماتىمىز. بىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ جاپالىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەتقىق قىلىش، تەتقىقات نەتىجىسىنى ئىلمىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشتەك ئېسىل روھىدىن ئۈگىنىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش ئارقىلىق ئانا يۇرت جۇغراپىيىسىگە دائىر تەتقىقاتنى يېڭى باسقۇچقا كۆتىرىشىمىز، خىجالەت تۇيغۇسىنى شەرەپ تۇيغۇسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» يەنە شىنجاڭ يەر ناملىرى تەتقىقاتىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەر ناملىرى- جۇغراپىيىلىك ناملار كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا تارىخىي جەريان بىلەن بەكرەك مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ يەر ناملىرىغا دائىر تەتقىقاتلار ئەگەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىقاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە، ئۇنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. « تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى 106 جۇغراپىيىلىك نامنىڭ 76سى شەھەر نامى بولۇپ، بىزنىڭ تەتقىق قىلىشمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى تاشكەنت (شاش)كوساك، قەشقەر، يەركەند، كېرىيە، چەرچەن، كاسپىي دېڭىزى(بەھرى ئوبىسكۈن)، خارەزىم(خاۋەرەزىم)، ئامۇ دەريا(جەيھۇن)، تاراز(جامبۇل)،خوتەن قاتارلىق مەركىزىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا يەر ناملىرىدىن باشقا، ئەتراپتىكى خوراسان،كەشمىر، ھىندىستان، ماچىن(جۇڭگو)، ياپونىيە(جەپارقا) ۋە باشقا ناملار ھازىرغىچە ئۆز نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان جايلاردۇر.
بىز يەر ناملىرى تەتقىقاتى جەريانىدا، دىيارىمىزدىكى يەر ناملىرىنىڭ نىمە دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، مەنىسى قاتارلىقلارنىلا ئەمەس، مۇھىمى ئەسلى نامىنى، يەنى ئەزەلدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان نامىنى قوغدىشىمىز لازىم ئىدى. ئەپسۇس، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلالمىدۇق. مەسىلەن،«دائىرە» دەپ ئاتالغان خەرىتە ۋە ھازىرمۇ يەركەند دەپ ئاتىلىۋاتقان جۇغراپىيىلىك نام يەنى يەركەند دەرياسى بەزى نوپۇزلۇق قەلەمكەشلەر، ئالايلۇق قۇربانجان ئابلىمىت، نىياز كېرىمى، فېڭ جىۋېن قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۇرۇپلا «زەرەپشان»غا ئايلاندۇرۋېتىلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بەزىلەر «زەرەپشان»نى چاي ماركىسى قىلسا، ۋە بەزىلەر رېستۇران، مېھمانخانا نامى قىلىۋاتىدۇ. بۇلار «زەرەپشان» دىگەن نامنى ماركا ئورنىدا ياكى بىرەر جاينىڭ نامى قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى، لېكىن بولمىغان يېرى ئۇلار «زەرەپشان» دىگەن نامنىڭ خەنزۇچە نامىنى «叶尔羌河» ( يەكەن دەرياسى) دەپ ئېلىۋاتىدۇ، بۇنداق بولغاندا «زەرەپشان»دىگەن سۆزدىن «يەركەند» دىگەن مەنا چىقىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، دۆلەتلىك ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ئۆلچەپ-سىزىش ئىدارىسى تەرىپىدىن تۈزۈپ نەشىر قىلىنغان ئەڭ نوپۇزلۇق خەرىتىلەر توپلىمىنىڭ ئۇيغۇرچىسىدىمۇ يەركەن دەرياسى يەنى» «叶尔羌河» زەرەپشان» قىلىۋېتىلگەن. مەسىلەن، جۇڭگو خەرىتە نەشرىياتى بىلەن شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى بىرلىشىپ 2005-يىلى نەشىر قىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەرىتىلەر توپلىمى»دا (بۇ يېڭى نەشىر قىلىنغان خەنزۇچە ئاتلاستىن تەرجىمە قىلىنغان)،تارىختىن بېرى يەركەند دىگەن نام قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ئەزىم دەريا - يەركەند دەرياسى«叶尔羌河»نى ئۇيغۇرچە ئىپادىلىگەندە خاتا ھالدا «زەرەپشان» دەپ ئالغان. يېقىندىن بېرى، بەزى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ كۆرسىتىش ۋە ئاڭلىتىش پروگراممىلىرىدىمۇ «يەركەن دەرياسى»نى «زەرەپشان دەرياسى» دەپ ئاتايدىغان؛ بەزى ناخشا تېكىستلىرىدە «زەرەپشان»نى «يەركەند» دەرياسىنىڭ ئورنىغا قويىدىغان ئەھۋاللار پات-پات كۆرۈلمەكتە. بۇ خاتالىقلار بولۇپمۇ، ئاتلاستىكى خاتالىق چوقۇم تۈزىتىلىشى لازىم. ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئاتلاسنى نەشىر قىلىشنىڭ ئالدىدىكى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە قاتناشقان جەمىئيەتتە مەلۇم تەسىرى بار، نوپۇزلۇق ئەرباپلارنىڭ «يەركەند» بىلەن «زەرەپشان»نىڭ پەرقىنى بىلمەي تۇرۇپ خاتالىققا يول قويغانلىقىدۇر. كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە «زەرەپشان» دىگەن دەريا يوق. «زەرەپشان» دىگەن نامغا ئامراق كىشىلەرنىڭ «زەرەپشان»نىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن، تۆۋەندىكى «زەرەپشان»لارنى قوشۇمچە قىلىدۇق.
(1) زەرەپشان- ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا ۋىلايىتىگە جايلاشقان شەھەر بولۇپ، ئۆزبېكىستان ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنىڭ مەركىزى.
(2) زەرەپشان- تاجىكىستان بىلەن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى شەرقتە تۈركىستان تاغ تىزمىسى، ئالاتاۋ تىزمىسى ۋە زەرەپشان تاغ تىزمىلىرىنىڭ تۇتاشقان ئېگىز جايىدىن باشلىنىپ غەرپكە قاراپ ئېقىپ، سەمەرقەنت، بۇخارا ۋىلايەتلىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان دەريانىڭ نامى، ئۇزۇنلۇقى 781 km دىن ئاشىدۇ. سەمەرقەنت، بۈخارا، كاتتا قورغان، ناۋايى، كاگان قاتارلىق شەھەرلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. (3) زەرەپشان- تاجىكىستان بىلەن ئۆزبېكىستان تېررىتورىيىسىدىكى تاغ تىزمىسى. (4) زەرەپشان- ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى سەمەرقەند شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە ئۇدۇل كېلىدىغان تەبىئىتى قوغدىلىدىغان ھايۋانات باغچىسى. (5) زەرەپشان- تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ياغناپ دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان بىر كىچىك يېزا. (زەرەپشان دەرياسىنىڭ تەپسىلاتىنى مۇشۇ سان ژورنالنىڭ 204- بېتىدە ئايرىم مەلۇمات قىلىپ بەردۇق. تەھرىردىن)(ئاخىرىغا قوشۇمچە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.)
يەركەن دەريسى تارىم دەرياسىنىڭ ئۈچ چوڭ مەنبە ئېقىنلىرىنىڭ بىرى سانىلىدۇ، ئۇ قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىي يانباغرىدىكى رەسكەم دائىرىسىدىن باشلىنىدۇ. دەريا باش ئېقىنىدا كۈلچىن دەرياسى بىلەن تاشقورغان دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى تارماق ئېقىننىڭ قوشىلىشىدىن شەكىللىنىدۇ. يەكەن، پوسكام، مەكىت، مارالبېشى ناھىيىلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەنبەدىن تاكى شورچاقتىدا تارىم دەرياسىغا قۇيۇلغىچە بولغان دەريا ئۇزۇنلۇقى 1165 كىلومېتىر، دەريا ساھىلىنىڭ كۆلىمى 96500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
2- (2) «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىقاتى يەنە جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلار تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ئۇيغۇرچە جۇغراپىيە قوللانمىلىرىدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئاتالغۇلارنىڭ ئىچىدە چەتتىن كىرگەن ئاتالغۇلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا، بەزى چەتتىن كىرگەن ئاسان چۈشەنگىلى بولمايدىغان، ئۆز تىلىمىزنىڭ ئىچىدىن ئىزدەپ ئات قويساق تامامەن بولىدىغانلىرىنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى سۆزلەردىن ئىزدىسەك بولامدۇ-يوق؟ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كۆرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇرۇن بىزنىڭ تىلىمىزدىكى «يار»، «يارداڭ»، «توقاي»، «تاقىر»(تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى ئىستىمال مەنىلىرى تېتىر،تېقىر)، «قۇرۇم»، «قىر»(خاقاسلار خىر دەيدۇ)، «مىئاندىر»، «تايغا»، «تەڭگە»، «بازار»، «كارىز» قاتارلىق گىئومورفولوگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلار روس تىلىغا، بۇ ئارقىلىق ئېنگىلىز تىلىغا، بەزىلىرى ھەتتا خەنزۇ تىلىغا سىڭىپ كىرگەن. مەسىلەن، جوڭگو شىنجاڭ ئالتاي رايونىغا يېقىن بىر چېگرا رايونى بولۇپ، كىراسنويار، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جايدا «يار» سۆزى بىر دەريا جىلغىسى ئورنىدا قوللىنىلغان. تايغا ئەسلى تۈركىي خەلقلەردىن تۇۋالار ياشايدىغان جايدا يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ئۆسىدىغان جايلارنى كۆرسىتەتتى. (ئالتاي تۈرك تىل سىستىمىسىغا كىرىدىغان موڭغۇللاردىمۇ تايغا دەيدۇ)، روسلار بۇ زىمىنغا كەلگەندىن كېيىن، يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان بار رايوننى ۋە شۇ خىل ئۆسۈملۈك بەلۋىغىنى يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان رايونى ياكى بەلۋىغى دىگەن مەنادا «تايگا» دەپ ئاتىغان. چۈنكى روسلاردا «غ» ھەرپى بولمىغاچقا، ئۇنى «گ» ھەرىپى بىلەن ئىپادىلىگەن، كېيىن بۇنى ئېنگىلىزلارمۇ «تايگا» پېتى قوبۇل قىلغان. خەنزۇلارمۇ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە تەيجا ئورمىنى(泰加林) دەپ قوبۇل قىلغان. يەنە روس ۋە خەنزۇلار «توقاي» دېگەن سۆزنى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «توگاي» دەپ قوبۇل قىلغان. چۈنكى چۆللەردىن ئېقىپ ئۆتىدىغان دەريانىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئورمان مەنزىرىسى روس ۋە خەنزۇ رايونلىرىدا ئۇچرىمايتتى. شۇڭا، ئۆز پېتى قوللانغان.«تاقىر» سۆزى روسچە ماتېرىياللاردا ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «تاكىر» دەپ قوللىنىلىدۇ. چۈنكى بۇ خىل مەنزىرە ياۋروپادىكى روس رايونلىرىدا بولمىغاچقا، روسلار ئۆزلىرىنىڭ گېئومورفولوگىيە ئىلمىگە دائىر ماتېرىياللىرىدا شۇ پېتى قوللانغان. گېئومورفولوگىيە ئىلمىدە يىلاننىڭ مېڭىشىغا ئوخشايدىغان، غەرپكە، جەنۇپقا،شىمالغا بۇرۇلۇپ ئاقىدىغان دەريا ئېقىنىنى مېئاندىر شەكلىدىكى دەريا دەيدۇ. بۇمۇ بۇرۇنقى مېئاندىر تاللارنىڭ يۇرتىدىكى مېئاندىر (مىئاندرىس) دەرياسىنىڭ نامى، بۇ دەريا دەل شۇنداق ئاقىدۇ. «تەڭگە» بۇرۇنقى پۇل نامى بولۇپ، روسلاردا ئەينى زاماندا تېخى پۇل نامى بولمىغانلىقتىن، دەسلەپ بۇ ئاتالمىنى پۇلنىڭ نامى قىلىپ، ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «دېنگى» دەپ قوبۇل قىلغان (ھازىر قازاقىستاندا پۇلنى تەڭگە دەپ ئاتايدۇ). دېمەكچى بولغىنىمىز، بىزنىڭ تىلىمىزدا بەزى جۇغراپىيىلىك ناملار بۇرۇنلا قويۇلغان.
باشقا تىللاردىن ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش نورمال ئىش، لېكىن، تېپىلسا ئىلاجى بار ئۆزىنىڭ ئانا تىل بايلىقىدىن قېزىپ چىقىپ، شۇ ئاتالغۇغا ۋارىسلىق قىلغان ياخشى. «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىقاتى دەل بۇ جەھەتتە بىزگە يېقىندىن ياردەم بېرەلەيدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىزنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزدىن بىرىدۇر. ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىزنىڭ مۇناسىپ بۇرچىمىزدۇر. شۇڭا بىز، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى سانىلىدىغان، شۇنداقلا تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ تىلى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە بىۋاستە ماتىرىيال سۈپىتىدە مەلۇمات بېرىدىغان ئېنسكلوپېدىيىلىك قامۇس- «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانساق، ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك قىممىتىنى بۈگۈن ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرالايمىز.
قوشۇمچە: «زەرەپشان» ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات
زەرەپشان (پارىس-تاجىكچە زەر- ئالتۇن، ئافشان-چاچقۇچى-چاپار) تاجىكىستان ۋە ئۆزبىكىستاندىكى دەريا. تارىخىي مەنبەئەلەردە پولستىمېت،نومىق، رۇدى مۇساف، ھاراكوم، رۇدى شارف ياكى رۇدى ژارف(چورف)، سومژان، ۋادىي ئۇسسۇفد، ناھىر ئۇل-بۇخارا،دەريائىي كۇھەك قاتارلىق ناملار بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. 18-ئەسىردىن باشلاپ ئاندىن زەرەپشان دەپ ئاتالغان. دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقى 781 كىلومېتىر، دەريا باسسېيىنىسىنىڭ (ھەۋزىنىڭ) مەيدانى 41مىڭ 860 كۋادرات كىلومېتىر. ھەۋزىنىڭ تاغلىق قىسمىنىڭ مەيدانى 17مىڭ 710 كۋادرات كىلومېتىر. زەرەپشان دەرياسى تۈركىستان، زەرەفشان ۋە ئالاي تاغلىرى تۇتاشقان جاي-ماستچوھ(كۆكسۇ) تاغ تۈگىنىدىكى مۇزلۇقتىن ماستچوھ دەرياسى نامى بىلەن باشلىنىدۇ. 200 كىلومېتىرچە ئاققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا فاند دەرياسى قوشۇلۇپ زەرەفشان دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە 100كىلومېتىرچە ئاققاندىن كېيىن، تاجىكىستان تەۋەسىدىن چىقىپ ئۆزبىكىستاننىڭ سەمەرقەند ۋە بۇخارا ۋىلايەتلىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. سەمەرقەند، كاتتا قورغان، ناۋايى ۋە بۇخارا، كاگان قاتارلىق شەھەرلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. قەدىمكى زاماندا زەرەفشان سۈيى ئامۇ دەرياغا قۇيۇلغان دېگەن پىكىرلەرمۇ بولغان، لېكىن، كونا تارىخىي مەنبەلەردە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتلار يوق ئىدى. مەسىلەن ئالىكساندىر ماكىدونىسكىنىڭ تارىخچىسى كىۋىنت كۇرتسې رۇف ۋە يۇنان جۇغراپىيىچىسى سترابون (مىلادىدىن ئىلگىرىكى1-ئەسىر) پولىتىمېت (زەرەپشان) قۇمغا سىڭىپ كېتىدۇ دەپ يېزىشقان، بىراق ھافىز ئابدۇئابى كۆھەك(زەرەفشان) سۈيى ئامۇ دەرياغا يېتىپ بارىدۇ، دەيدۇ. يا.ف.غۇلاموۋ زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئامۇ دەرياسىغا قۇيۇلغانلىقى توغرسىدىكى ئىزلارنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىغان. زەرەفشان-ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇخارا ۋىلايىتىدىكى شەھەر بولۇپ، بۇخار شەھىرىدىن 200كىلومېتىرچە شىمالغا جايلاشقان. قىزىلقۇم چۆللىكىنىڭ مەركىزىي قىسمىدا، تامدى تېغىنىڭ غەربىي يانباغرىدا، مۇرۇنتاۋ ئالتۇن كېنىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، 1967-يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. ھازىر ئۆزبېكىستاننىڭ ئالتۇن قېزىپ چىقىرىش سانائىتىنىڭ مەركىزىي شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. (« ئۆزبىك سوۋېت ئېنسكلوپېدىيىسى»دىن ئېلىپ جۇغلاندى)