ئۇيغۇرتىلنىڭ ئەپسانىسى ۋە رىياللىقى

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە بىرقىسىم ئەپسانىلەرنىڭ تاراپ يۈرگەنىگە ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ مەن ئانچە ئىرەن قىلمىغان ئىدىم. چۈنكى مائارىپ ئىدولوگىيەنىڭ بويۇنتۇرقىغا چۈشكەن جەمئىيەتتە ھەقىقى بىلىمدىن كۆپرەك ئىدولوگىيەنىڭ بازارلىق بولىدىغانلىقى تەسەۋۋۇرۇمدا ئىدى. يەككە ئىدولوگىيەنى مەنبە قىلغان جەمئىيەتتە كىشىلەر ئىدولوگىيە كۆرىشىگە بەنت بولۇپ كېتىپ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئامالسىز قالىدۇ-دە ھەممە نەرسە مەلۇم ئىدولوگىيەنىڭ ياكى شۇ ئىدولوگىيەگە ئىنكاس شەكلىدە مەيدانغا چىققان باشقا بىر ئىدولوگيەنىڭ ۋاستىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. مەن بۈگۈن توختالماقچى بولغان "ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى ھەرقانداق تىلنىڭ تاۋۇشلىرىنى ئىپادە قىلالايدىغان ئەۋرىشىم تىل" دېگەن ئەپسانىمۇ دەل "ئۇيغۇر تىلى قالاق تىل، زامانىۋىي جەمئىيەتكە، مائارىپقا ماس كەلمەيدىغان تىل، زامانىۋىي پەن تېخنىكىنى ئىپادىلەشكە ئاجىز تىل" دېگەندەك ھاكىم ئىدولوگىيەنىڭ ئەپسانىسىگە قارشى ئىزچىل تىرەجەپ تۇرۇۋاتقان مەھكۇم ئىدولوگىيە ئەپسانىسىدۇر. مەنچە بۇ ئەپسانىنى ئىنكار قىلىش ھىچقانچە خەتەرلىك ئەمەس، ھەم ستراتىگىيەلىك دىتسىزلىقمۇ ئەمەس. مەنچە سەپسەتىگە، ساختىغا ئىشىنىپ پەخرلەنگەندىن ھەقىقەتكە ئىشىنىپ ئويلانغان ئەۋزەل.

فونىتىكا تەجرىبىسىگە ئاسالانغاندا دۇنيادىكى ھىچقانداق مىللەت يات تىلدىكى تاۋۇشنى ئەينەن تەلەپپۇز قىلالامايدۇ. سەۋەبى يات تىل بىلمىگەن بىر كىشى يات تىل تاۋۇشنى ئۆز ئانا تىلىدىكى تاۋۇشقا ئوخشۇتۇپ ئاڭلىۋالىدۇ. باشقىچە ئاڭلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئىنساننىڭ يات تىل تاۋۇشلىرىنى بىر بىرىدىن ئايرىش ئىقتىدارى ئون ئايلىق بولغاندا ئاساسەن يوقايدۇ، ۋە ئاناتىلدىكى تاۋۇشلار مىڭىدە مۇقۇملىنىشقا باشلايدۇ. يات تىل ئۆگىنىش جەريانى دەل شۇ يات تىلدىكى تاۋۇش ۋە شۇ تاۋۇشقا ئورالغان مەنىنى مەشىق ئارقىلىق ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدۇر. مۇشۇ قائىدىچە بولغاندا ئۇيغۇرلار ھەرقانداق تىلدىكى تاۋۇشنى پەقەت ئۇيغۇر تىلىدا بار 30 فونىمىغا ئوخشۇتۇپ ئاڭلايدۇ، بۇنىڭ سىرتىدىكىنى ئاڭلاپ پەرقمۇ قىلالمايدۇ. ئەگەر پەرق قىلماقچى، ئۆگەنمەكچى بولسا مەلۇم مۇددەت مەشق قىلىش كېرەك. شۇڭا ئۇيغۇر تىلى بارلىق تىللارنىڭ تاۋۇشلىرىنى ئىپادىلەش قۇدرىتىگە ئىگە دېگەن سۆزئىدولوگىيەچىلىكتۇر، ساۋاتسىزلىقتۇر. يۇقاردا دېگەن تەجرىبىنى مەن قىلىپ باققان. ھىندىستاندىكى مەلۇم بىر تىلدا توت د تاۋۇشى باركەن ھەم بىر بىرىدىن مۇتلەق پەرقلىق ئىكەن، مەن پەقەت ئۇيغۇرچىغا سەل ئوخشايدىغان بىرنىلا ئاڭلىيالىدىم. قالغاننى شۇبىر د دىن پەرقلەندۈرەلمىدىم.

ھەرقانداق ئىنساننىڭ تىل ھەققىدىكى تۇغما ئالاھىدىكى ئوخشاش. چۈنكى تىل قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئىنساننىڭ سول مىڭىسىدە بىر تەرەپ بولىدۇ. ئەمدى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ يات تىل تاۋۇشلىرىنى ئاسان تەلەپپۇز قىلالىشىغا كەلسەك، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا مۇزىكىغا ئالاھىدە ھېرىسمەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى تىلنىڭ تاۋۇش قىسمىنى سول مىڭە بىر تەرەپ قىلغان بىلەن جۈملىگە ۋە سۆز بېرىكمىسىگە تەۋە رېتىم قىسىمىنى ئوڭ مىڭە بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئوڭ مىڭە مۇزىكىغا، رېتىمغا مەسئۇل بولغاچقا مۇزىكىغا ھېرىس كىشىلەر باشقىلارنى ئاسان دورىيالايدۇ. مۇرادىل ئىسىملىك كىنو ئارتىسىمىزنىڭ ئون خىلغا يېقىن يات تىلنى "سۆزلەپ" مەشرەپتە كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇشى شۇ سەۋەپتىن. ئۇ كىشى ئارتىست بولغاچ ئاۋاز-مۇزىكىغا ئالاھىدە سەزگۈر، شۇ سەۋەپتىن نەچچە خىل يات تىلنى دوراپ چىقالىغان. مەنچە يەنە بىر ئامىل ئۇيغۇر بالىرىنىڭ كىچىكىدىن ئەرەب تىلىدىكى ئايەتلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولىشى ۋە دوراپ يادلىشىمۇ ئۇلارنىڭ تەلەپپۇز ئورگانلىرىنىڭ يات تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلىشقا كىچىكىدىن ماسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ يات تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارىنىڭ باشقالارنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانغا ئىلمىي ئاساس يوق. باشقا ئەپسانلەر ئېسىمگە سېلىنسا يەنە يېزىشىم مۇمكىن.


ئالدىنقى: يات تىلدا شىئېر يازغىلى بولامدۇ؟

كـىيىنكى: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ پىشكەللىكلىرى