ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ پىشكەللىكلىرى
1.ئۇيغۇر ئىسىملىرى ھەققىدە چۈشەنچە بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئىسىملىرى مەنبە جەھەتتىن ئەرەبچە ئىسىملار، فارىسچە ئىسىملار، ئەرەبچە+فارىسچە+ئۇيغۇرچە ئارىلاش ئىسىملار ۋە ئۇيغۇرچە ( تۈركچە ) ئىسىملار دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەبچە ئىسىملار ئەڭ كۆپ بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان مىللەت بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، ئابدۇللا، ئامىنە،ئائىشە….فارىسچە ئىسىملار نىسبەتەن ئاز بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت فارىسلار بىلەن جۇغراپىيەلىك قوشنا ۋە مەدەنىيەتتە دوست بولۇپ ياشىغانلىقى بىلەن باغلىق، مەسىلەن، سۇدابا، دىلبەر، رۇستەم، مايگۈل، مەردان، زىبىگۈل، خۇشگۈل….ئۇيغۇرچە ئىسىملار ئەڭ ئاز بولۇپ، كۆپىنچە ئۇيغۇرچە ئىسىملار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي چۈشەنچىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن ئالاقىداردۇر. يەنى ئۇيغۇرلاردا بالا تۇرمىسا توختى، تۇرسۇن، تۇرقىز دېگەندەك ئىسىملارنى قويسا پەرزەنتلەرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ ، دەيدىغان مىللىي چۈشەنچە بار. بۇندىن باشقا كۆزگە كۆپ چېلىقىدىغان ئادەتتىكى نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى قويسا بالىغا كۆز تەگمەيدۇ دەيدىغان قاراشمۇ بار. بالىنى ياراتقۇچىدىن ياكى مەلۇم ئالاھىدە كىشىلەردىن تىلىۋالسا ئۆمرى قىسقا بولمايدۇ ، دېگەن قاراشمۇ ئومۇملاشقان. ۋاھاكازالار. مەسىلەن،توختى،تۇرسۇن،پالتا،ئىگەمبەردى،خوجامبەردى ،تۆلەندى،سېتىۋالدى،تۇخان ،تۇرانقىز،ئالتۇنگۈل،پالۋان،تىلىۋالدى… 2.ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ بۈگۈنكى شەكىل ۋە مەزمۇن ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇر ئىسىملىرى مەيلى قايسى مەنبەدىن كېلىشىدىن قەتئىي نەزەر ئاللىقاچان شەكىل جەھەتتىن ئۇيغۇرچىلىشىپ كەتكەن. چۈنكى،1. ئۇيغۇرچە قۇشۇمچىلار قوشۇلغان .مەسىلەن ، سەيدۇللام، ئامىنەم ، ئايشەم، ھېيتەم، يەنى بۇ يەردىكى ‹‹ م ›› ئامراقلىق تۈسىنى بىلدۈرىدىغان قوشۇمچە . 2. ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ۋە ھايات چۈشەنچىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر قوشۇلغان مەسىلەن ،مەمەتجان ، ئايىمنىسا ، پاتىگۈل ، ئەلزات، ئەرزات، شىرزات بۇ يەردىكى گۈل ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك چۈشەنچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئۇيغۇرلار قىزلارغا ئايدەك، گۈلدەك گۈزەللىك، پاكلىق ، نازۇكلۇق، جۈرئەت، چىدامچانلىق قاتارلىق گۈزەللىك تەلەپلىرىنى قويۇپ مۇناسىپ سۆزلەرنى قوشسا :يىگىتلەرگە جانلىق، قۇدرەتلىك، باتۇرلۇق قاتارلىق تەلەپلەرنى قويغان شۇڭا جان، ئەر، شىر دېگەن سۆزلەرنى ئەرەبچە ئىسىملارنىڭ كەينىگە قوشقان. 3. تەلەپپۇز جەھەتتىن تولۇق ئۇيغۇرچىلاشقان. مەسىلەن دوسمەت(ئەسلى دوستمۇھەممەد)، ماينۇر(ماھىنۇر)…ئەرەب فارىسچە ئىسىملار تەلەپپۇزدا تولۇق ئۇيغۇرچىلاشقانلىق سەۋەبلىك ئەرەبچە فارىسچە قاتارلىق باشقا لۇغەتلەردىن ئاسانلىقچە ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى تەلەپپۇزى بويىچە تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بەزىلەرنىڭ ئەختەم دېگەن ئىسىمنى ئەھدە(ۋەدە)، دەپ خاتا چۈشىنىشى ياكى ئەرەبچە لۇغەتتىن ئەختەم دېگەن سۆزنى ئاقتۇرۇپ "بالدۇر تۈگىگۈچى" دەپ مەنا ئېيتىشىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. (ئەختەم سۆزى ئەخەت سۆزى بىلەن بىر سۆز بولۇپ ئاللاھنىڭ بىرلىك سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ، بىر دېگەن مەنىدە). مۇشۇ مەنىدىن ئۇيغۇرچە ئىسىملار شەكىل جەھەتتىن ئاللىقاچان ئۇيغۇرچىلىشىپ كەتكەن.
مەزمۇن جەھەتتىن ئەرەبچە ئۇيغۇر ئىسىملىرى قۇرئاندىن ئېلىنغان بولۇپ، ئىنساندىكى گۈزەل تۇيغۇلار، تەبىئەتتىكى تۈرلۈك ھادىسىلەر ۋە تۈرلۈك ئېسىل ئىجتىمائىي كەيپىياتلارنى مەزمۇن قىلغان سۆزلەردىن تاللانغان.بۇندىن باشقا ئاللاھنىڭ توقسان توققۇز ئىسمى(ئابدۇلئەھەد،ئابدۇلرەشىد،ئابدۇلسەمى،ئابدۇلبەسىر…) ، پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاپىئاتلىرىنىڭ ئىسمى(سارە،راھىلە،ھاجەر،داۋۇت،ئىبراھىم،ئىسا،مۇسا،ئىسمائىل) ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ جەمەتى ۋە ساھابىلىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ كۆپ تاللانغان(مۇتەللىپ،تالىپ،ئابدۇللاھ،ئامىنە مۇھەممەد،ئوسمان،ئەبۇبەكرى،ئەلى،ئۆمەر،ئوممە گۈلسۈم(ئىمىر گۇسۇڭ، گۇسۇڭقىز ئەمەس ). شۇڭا ئۇيغۇرچە ھېچبىر ئىسىمنىڭ سەت مەنىسى يوق. مەسىلەن ، بەزىلەر ئىبراھىم دېگەن ئىسىمنى يەھۇدىي دېگەن مەنىدە، راھىلە دېگەن ئىسىمنى يۈكلۈك تۆگە مەنىسىدە دەپ يېڭىلىشتى ، يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە جەمەتىنىڭ ئىسىملىرىدۇر. باشقىلار سەتكەن دېگەن ئىسىملار دەل ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزدىكى ئەرەبچە سۆزنى ئەرەبچە لۇغەتتىن ئاقتۇرغاندا كېلىپ چىققان ئوقۇشماسلىق . فارىسچە ئىسىملار ئاساسەن پارسلاردىن كىرىپ كەلگەن خەلق داستانلىرىدىكى ئۇلۇغ كىشىلەر ۋە گۈزەل سۆزلەرنى مەنبە قىلغاندۇر.مەسىلەن رۇستەم،بەھرام،دىلزىبا،سەرۋىناز،پەرھات،شىرىن،دىلسوز…بۇلارمۇ پۈتۈنلەي چىرايلىق مەنىلىك سۆزلەردىن تۈزۈلگەن ئىسىملاردۇر. ئۇيغۇرچە ئىسىملار ئۇيغۇرنىڭ مىللىي چۈشەنچىلىرىنى ئەكس ئەتكۈزگەندىن باشقا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ ئامانلىرىنى ئەكس ئەتكۈزگەن ئىسىملار كۆپ بولۇپ ئاساسەن پىېئىللار، سۇپەتلەر ۋە قىسمەن ئىسىملاردىن تۈزۈلگەن. مەسىلەن،پالۋان،يولۋاس ،شىر،ئەركىن،ئۇلۇغ،قۇتلۇق،يۇلتۇز،ياشار،يانار،يارقىن،دولقۇن، تۇيغۇن،ئىلغار، تۇران،يۈكسەل …
دېمەك، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا قايسى مەنبەدىن بولسۇن يېقىمسىز، كۆرۈمسىز ئىسىم يوق. باشتا تىلغا ئالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرچە بىزگە ھازىر سەل يېقىمسىز ئاڭلىنىدىغان(مەسىلەن، سۇپۇرگە،ئىگەمبەردى،چاۋار،پالتا…) ئىسىملاردا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھايات پەلسەپىسى ئەكس ئەتكەن. بىز ھازىر ئۇ خىل قاراشلارغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالغاچ بىزگە سەت تۇيۇلغان بولۇشى مۇمكىن.
3. ئۇيغۇر ئىسىملىرى دۇچ كەلگەن پېشكەللىكلەر
بىرىنچى ، بىلمەستىن سەت كۆرسىتىش ۋە چۈشەنمەستىن يەكلەش. ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ قانداق سەت كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى يۇقىرىدا تىلغا ئالدۇق.ئەمدى يەكلەشكە كەلسەك ،بۇ بىر قىسىملارنىڭ ئىسىملىرىمىزنى ئەرەب پارسچە ئىكەن دەپ يەكلىشىنى كۆرسىتىدۇ.دۇنيادا ئەرەب پارسچە ئىسمى بار مىللەتتىن بىزگە تۇغقان كېلىدىغان 20دىن ئارتۇق تۈرك قەۋمى،ۋە ھازىرقى پاكىستان،ئافغانىستان،ھىندىستان،تاجىكىستان،باڭلادىش(بېنگال) قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان نەچچە يۈز مىليون كىشى بار.دېمەك بۇ بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى خەلقىمىزنى نادانلىقى ،ئاتا بوۋىمىزنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس. بۇنى يەكلەپ ئەتراپىمىزدىكى مىڭ يىلدىن ئارتۇق خەلقلەر دوستلۇقى تارىخنىڭ بىزنىڭ روھىمىزغا سىڭدۈرگەن ئىزلىرىنى ئۆچۈرەلمەيمىز.سىز بالىڭىزغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويدۇم دېگەن بىلەن ئۇ ھىندىستان ناخشىلىرىنى سۆيۈپ ئاڭلاۋېرىدۇ،ئىراننىڭ كىنولىرىنى يىغلاپ تۇرۇپ كۆرۈدۇ .شۇڭا ئاتا بوۋىمىز رەت قىلمىغان،يەكلىمىگەننى بىزنىڭ يەكلىگىنىمىز بىر مەزگىللىك ھاياجان بىلەن تاماملىنىدۇ،خالاس…
ئىككىنچى ، زورلاپ كەينىگە قايتۇرۇش ،ئۆزلىشىپ بولغاننى ياتلاشتۇرۇش. تىلىمىزدىكى ئەرەبچە،پارسچە ئىسىملارنى ئەسلىگە ياندۇرۇش ھازىر بىر يۈزلىنىش ھالىتىگە كەلدى.ئىسىممۇ ماھىيەتتە بىر سۆزدۇر، تىل رولى جەھەتتىن ئېيتقاندا ئالاقە قورالى.سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى چاقىرىدىغىنى ئۇيغۇر دادىڭىز، ئانىڭىز ۋە قېرىنداشلىرىڭىز، ئەرەب ياكى پارس ئەمەس. تىلنىڭ قانۇنى تەبىئىي قانۇن .سىزنىڭ ئاغزىڭىزغا كەلمىگەن ئىكەن سىز ئۆزگەرتىسىز بۇنى ھىچ قاچان ئاڭلىق قىلمايسىز پەقەت ئاغزىڭىز كەلمەيدۇ. مۇھەممەد دېگەن ئىسىمنى مەت قىلىۋالغان خوتەنلىك ئۇيغۇر پەيغەمبىرىمىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ خاتا ئاتىمايدۇ ،ئاغزى كەلمەي شۇنداق ئاتايدۇ. ئەسلىگە قايتۇرۇش تەشنالىرى سىز ئۇيغۇرنىڭ تىلىنى ئۆزگەرتمەكچىمۇ؟شۇنچە غەيرىتىڭىز بولغان ئادەم نېمە دەپ ئابۇدۇ، گۇلى بوپ يۈرىسىز؟ ياكى مەيتى دەپ چاقىرىلىشقا رازى بولىسىز؟
ئەگەر ئەسلى تەلەپپۇزىغا قايتۇرۇشقا توغرا كەلسە ئۇيغۇر تىلىدىكى 21% پىرسەنت ئەرەب پارسچە قاتارلىق يات سوزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەسلى تەلەپپۇزىغا بۇيسۇندۇرۇپ ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇ چاغدا بىر جۈملە سۆزنىمۇ توغرا دېيەلمەي يا يازالماي تالادىلا ئەمەس ئۆز ئائىلىڭىزدىمۇ تىلىڭىز قىسىلىدۇ.
ئۈچىنجى، يوچۇنلاشتۇرۇش، قائىدىسىزلەشتۈرۈش، ياۋروپاچىلاشتۇرۇش .
ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇر ئىسىملىرى يوچۇنلاشتۇرۇش پېشكەللىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ. يوچۇنلاشترۇش بارغانچە ئەدەۋاتىدۇ. بۇنداق دېگىنىمىزدە بىر قىسىم ئۇيغۇرنىڭ پەقەت غەيرى،ياكى ماسلاشقان بولۇشىنىلا كۆزلەپ ئىسىم ياسىشىنى كۆزدە تۇتىمىز. .مەسىلەن ئاپىسى پەرىدە بولسا قىزىنىڭ ئىسمىنى پەرزىدە ،ئاچىسى رۇقىيە بولسا سىڭلىسى روفىيە،دادىسى ئارمان بولسا ئوغلى ئارفان، ئاكىسى تايىر بولسا ئىنىسى بايىر،ھاممىسى ئەلفىرە ،سىڭلىسى دىلفىرە،يەنە بىرسى گۈلفىرە،ئەلفەر…تېخىمۇ قىزىقى دادىسى تۇردى بولسا قىزى تۇردىنە ئەييۇ ھانناس،سادىغاڭ كېتەي!!!…
يەنە بىرى ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇم دەپ قائىدىسىزلەشتۈرۈش. بۇ يەردە ئۇيغۇرنىڭ تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتىگە چۈشمەيدىغان ئىسىملارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى دېمەكچى.مەسىلەن ئەركئال.ئالئەرك. ئالپەر، ئەلئامان…بۇنىغۇ ئۇيغۇرچە دەرمىز،لېكىن ئۇيغۇرچە قانداق تەلەپپۇز قىلىمىز؟قايسى ئۇيغۇرنىڭ ئاغزىغا ئوڭ كېلىدۇ؟
ئىسىملارنى ياۋروپاچە قويۇشمۇ ھازىر مودىغا ئايلانغىلى تۇرۇپتۇ.مەسىلەن،رىنات،ۋىنىرا، مارىس،مارىيە…
خەققە ئوخشىمىغان خاسلىقىمىزنىڭ ھەممىنى ئاختىلاپ، بوغۇچلاپ، تاراچلىغىلى تۇرساق قەددىمىز تېخىمۇ پۈكىلىپ، روھىمىز تېخىمۇ يىگىلەپ كەتمىسۇن. ھىچ ئىش قىلالمىساق، ھىچ نېمىگە خوجايىن بولالمىساق دادىمىز ئەزان تولاپ قويغان ئىسمىمىزغا بولسىمۇ ئىگە بولايلى. بىزنىڭ ئىسمىمىز بولۇپ قالغان گۇناھىغا شۇ بىچارە ئىسىملار ئۇنچە پىشكەللىك تارتمىسۇن.
ئالدىنقى: ئۇيغۇرتىلنىڭ ئەپسانىسى ۋە رىياللىقى
كـىيىنكى: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق تۇغۇلغانلىقىنىڭ يۈز ئون يىللىق خاتىرىسىگە