ئۇيغۇردا كەمسىتىش ۋە كەمسىنىش

ئورنى Wikipedia

كەمسىنىش ئىنساننىڭ ئۈمىدسىز، ئىشەنچسىز كەيپىياتتا تۇرۇپ ئۆزىگە بەرگەن پاسسىپ باھاسى بولۇپ ئۇ ئەقلىي ۋە ئوبىكتىپ تەھلىل ئاساسىغا قۇرۇلمىغان بولىدۇ. كەمسىتىش بولسا بىراۋلارنىڭ ئۆزى قادىر بولغان ياكى شۇنداق دەپ قارىغان كۈچ، ئىمكانىيەت ۋە شارائىتنىڭ تۈرتكىسىدە مەزكۇر ئەۋزەللىكلەردىن مەھرۇم قالغان ياكى شۇنداق دەپ قارالغان باشقىلار ئۈستىدىن چىقارغان سەلبىي ھۆكۈملىىرگە قارىتىلغان. ئىنساندىكى كەمسىنىش ۋە كەمسىتىش تۇيغۇلىرى پىسخىك بىنورماللىقنىڭ ئىپادىلىرىدۇر. مەيلى كەمسىنىش بولسۇن ياكى كەمسىتىش بولسۇن ھەر ئىككىلىسى ساغلام جەمئىيەتتە ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق ئەخلاق مىزانلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدىغان خۇيلار سانىلىدۇ. ۋەھالەنكى، ئەتراپىمنى كۈزەتكىنىمدە بۇنداق كەمسىتىش ۋە كەمسىنىشلەرنى ھەر ۋاقىت ئۇچرىتىپ تۇرىمەن. مەنچە كەمسىتىش ۋە كەمسىنىش ئۇيغۇرلاردا ئورتاق كەيپىياتقا ئايلانغىلى تۇرغاندەك قىلىدۇ. مەسىلەن، مېنىڭ نەزىرىمدە ئۆز مىللىتىگە بولغان مۇھەببەت تەبىئىي تۇيغۇ، ئەمما ئەتراپىمدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ ئىنسانىي تۇيغۇنى ئۆزگە مىللەتلەرنى كەمسىتىش بەدىلىگە ئىپادىلەشلىرى مېنى ھەيران قالدۇرىدۇ. يەنە مىسال، ئىنساننىڭ ئۆز مىللىتىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى تەقدىرلەشكە سازاۋەر، ئەمما بەزى كىشىلەردە بۇ ئۆز مىللىتىدىن كەمسىنىش شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق كەمسىنگۈچىلەر جەمئىيەتتە پەيدا بولۇۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ مۇرەككەپ سەۋەبلىرىنى بايقۇت قىلىدۇ، ئۇلار ”ھەممىسى ئۆزىمزنىڭ شورى، زادى بىز خەق ئەسكى، ھەممە ئىش ئۆزىمىزدىن چىقىۋاتىدۇ، ئىش چىقىرىدىغانمۇ، چاقىدىغانمۇ، باسىدىغانمۇ ئۆزىمىز، ئەجەپ ناچار مىللەتكەنمىز“ دەپ قارايدۇ. مەن مىللەتكە بولغان مۇھەببەتنى، كۆڭۈل بۆلۈشنى بىر بولسا باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش يەنە بىر بىر بولسا مىللىتىدىن بەدىلىگە ئىپادىلەشنى ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي ۋە پىسخىك بىنورماللىق دەپ قارايمەن. تۆۋەندە يازىدىغانلىرىم مەن يولۇقتۇرغان ئۇيغۇرنى كەمسىتىش ۋە ئۇيغۇردىن كەمسىنىش ھەققىدە بولىدۇ. بۇ يازمام ئىككى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ بىرىنجى بۆلەكتە ئۇيغۇردىكى مىللەتنى كەمسىتىش ۋە مىللەتتىن كەمسىنىش كەيپىياتىنى كۆزەتكەنلىرىم ئاساسىدا بايان قىلىمەن. ئىككىنجى بۆلەكتە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىمەن. يازمىدا جاۋاپ تېپىلىدىغان سۇئاللار: كەمسىنىش ۋە كەمسىتىش قانداق ئىپادىلىنىۋاتىدۇ؟ كەمسىتىش ۋە كەمسىنىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ كەمسىتكۈچى كىملەر كەمسىنگۈچىلەرچۇ؟


ئۇيغۇردا كەمسىتىش ۋە كەمسىنىش مەن كۈزەتكەن ئۇيغۇرنى كەمسىتىش ئەھۋاللىرى خېلىلا چېلىقارلىق بولۇپ بۇنىڭدا كەمسىتكۈچىلەر ئۇيغۇر ھەققىدە خۇددى بىر يات تايىپە ھەققىدە سۆزلەۋاتقاندەك بايان قىلىشىدۇ. ئەڭ ئىچىنارلىقى ئاڭلىغۇچىلاردىن بۇنىڭغا ئۆكتە قوپىدىغان سادالار ئاڭلانمايدۇ. كەمسىتكۈچى كەمسىتىش ئارقىلىق خۇددى بىر يېڭى قانۇنىيەتنى بايقىغاندەك مەغرۇرلىنىدۇ. ئاڭلىغۇچىلار بىر بولسا ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر پاراڭغا شاھىد بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ، يەنە بىر بولسا ھەسرەتلىك ئۇھسىنىپ دوست تارتىشىدۇ. يۇقارقى ئەھۋاللاردا نارازى بولىدىغان، مۇنازىرىلىشىدىغان، پاكىتلارنىڭ چىنلىقىغا گۇمان قىلىدىغان ئاڭلىغۇچى ئىنتايىن ئاز چىقىدۇ ياكى جىق چىقمايدۇ. مەنچە ئۇيغۇرنى كەمسىتىش تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەنمەكتە.


ئۇيغۇرلۇق= قالاقلىق+ئىقتىدارسىزلىق 2012-يىلنىڭ باھار ئايلىرىدا غايىلىك بىر دوستىمىز قەشقەردىكى ئىقتىدارلىق ۋە ئىرادىلىك سانىلىدىغان ياشلارنى يىغىپ دىدار مۇلاقەتتە بولدى. سورۇندا بىر دوستىمىز ئۆزى ۋاكالەتچىلىك قىلىۋاتقان شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ نەقەدەر تەدبىرسىزلىكى، ئىقتىدارسىزىلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۇلارنى ”ئۇيغۇرچە تىجارەت قىلىدۇ“ دەپ قالدى. ھەمدە بۇ شىركەتنىڭ بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيىتىنى خەنچە ئوقۇغان بىر مۇئاۋىن دېرىكتۇرغا باغلاپ، ”چۈنكى ئۇ دېگەن خەنسۇچە ئىش قىلىدۇ“ دەپ تەرىپلىدى. ئارىدا گەپتىن گەپ چىقىپ ”قەشقەردە يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئادۋۇكات بار، قاملاشتۇرۇپ توختام يازالايدىغاندىن بىرسى چىقىدۇ يا چىقمايدۇ. خەنسۇلاردا نەچچە مىڭ يىللىق توختام ئەنئەنىسى بار، شۇڭا خەنسۇلار توختامغا پۇختا. ئۇيغۇرلاردا توختاملىشىش دېگەن چۈشەنچە يوق…“ دەپ قالدى. يىغىلىش ئاخىرىدا ھېلىقى غايىلىك دوستىمىز كىملەرنىڭ ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى سورىغىنىدا مەزكۇر ۋاكالەتچى بۇرادەر ”مەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن، لېكىن ئىشنى ئۇيغۇرچە قىلمايمەن، رەسمىي توختاملىشىپ قىلىدىغان ئىش بولسا مەن تەييار“ دەپ گېپىنى تۈگەتتى. مەن بۇ سۆھبەتتە ئىككى نوقتىغا دىققەت قىلدىم، بىرى ئۇنىڭ باشتىن ئاخىر قالاقلىق سانىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ”ئۇيغۇرچە“ دەپ ئىپادىلەشلىرى، يەنە بىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلۇقنى قالاقلىق دەپ تەبىرلەشلىرىگە سورۇندىكى مۇنەۋۋەرلەردىن ھىچ كىمنىڭ ئىتىراز بىلدۈرمەسلىكى.

2012-يىلى رامازاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بىر ئاكا ئاغىنمىز بىلەن تاماقتا بىرگە بولدۇق. ئۇزاق ئۆتمەي داستىخانغا ئۇ ئاكىمىزنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇغان، چوڭ بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان ئېنىسىمۇ داخىل بولدى. مەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىملاردا باش كۆتۈرگەن ئىلىم، ئەمەل، ۋە تىجارەت سورۇنىدا ھىچ قانداق پىرىنسىپنى كېرەك قىلماي كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا ئويلايدىغان، دائىم ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكىنى ئەلا بىلىپ ياشايدىغان پىسخىكا ھەققىدە توختالدىم ۋە “ بىزنىڭ بەزەن كىشىلىرىمىز كۆز ئالدىدىكى رىياللىقنى مەڭگۈلۈك دەپ تونۇۋېلىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ ئىلىمدار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ تەھلىل، باھا ۋە ھۆكۈملىرى رىياللىقنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن زاماندارلىق، مەنپەئەتدارلىق يولىغا چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ“ دەپتىمەن. ھېلىقى دوختۇر، ”ئادەتتە قالاق، ئىپتىدايى مىللەتلەر شۇنداق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇكەممەل تارىخى بولمىغاچقا كۆز ئالدىدىكى ئىشلارنىلا بىلىدۇ، ھەم شۇنى بىردىنبىر ھەقىقەت دەپ تونۇيدۇ“ دەپ قالدى. ئۇنىڭ گېپىچە ئۇيغۇر ”قالاق، ئىپتىدائىي مىللەت“ بولۇپ قالغانىدى.

2011-يىلى تومۇزدىن كېيىن تولۇق ئوتتۇرىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن شىرىكلىشىپ تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ئىشلىرىنى باشلىدۇق. ئەسلىدىكى سىنىپلىرىمىزنى قايتا ئۆزگەتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ بۇ ئىشقا قايسى شىركەتنى تەكلىپ قىلىشتا تارتىشما بولدى. مەن ئۇيغۇر شىركەتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ باقماقچى بولدۇم، شىرىكىم ”ئۇيغۇر بالىلار بۇنداق ئىشلارنى قىلالمايدۇ. بۇ ئىشلارنى ئەزەلدىن خەنسۇ شىركەتلىرى قىلىپ كەلگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزى يەتمەيدۇ“ دەپ تۇرۇۋالدى. مېنىڭ نەزىرىمدە سىنىپلارنى ساختا تامدا توسىدىغان ئاددىي ئىشنى خەنسۇنىڭ قىلىپ ئۇيغۇرنىڭ قىلالماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇد ئەمەس ئېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە خەنسۇ شىركەت بىلەن دېيىشتۇق. ئۇلار ھەممە چىقىم بولۇپ ئەڭ ئاز بولغاندا 56 مىڭ سومغا پۈتكۈزۈپ بېرىدىغان بولدى. بىر ئۇيغۇر بالىنى باشلاپ كېلىۋېدىم 50 مىڭ سومغا توسىدىغان بولدى. نەتىجىدە ئىشنى ئۇيغۇر بالىلارغا بەردۇق. ھۈنەرۋەن كىشى شاگىرتلىرى بىلەن ئۈچ كۈن ئىچىدە پۈتكۈزۈپ بەردى. بىز دەرىزە قويۇشنىلا ئويلۇشۇپ ھاۋادان قويۇشنى بىلمەي ئويلاشمىغانىكەنمىز، خەنسۇ بېزەكچىلەرمۇ ئۇ تەكلىپنى بەرمىگەنىدى. ئۇيغۇر بالىلار سىنىپنى ئۆزى لايىھەلەپ ئۇيغۇرنىڭ ئۆيلىرىدەك ھاۋادانلىق قىلىپ بىر چىرايلىق پۈتكۈزۈپ بەردى. بۇنى كۆرگەن شىرىكىم “ ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدىكەن، قايسى خەنسۇدىن ئۆگەنگەن بولغىيدى؟“ دەپ ئىڭەك تاتىلاپ قالدى.


ئۇيغۇرلۇق=مەينەتلىك+شەھۋانىيلىق ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ 2012-يىللىق ئىتوت كېچىلىكىدە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ مېھمانخانىدا قىلغان ئەخمىقانە قىلىقلىرى كۈلكە قىلىنىپ ئىشلەنگەن بىر ئىتوت سەھنىگە ئېلىپ چىقىلدى. ئىتوتتا ئىككى ئۇيغۇر مېھمانخانىنىڭ قىممەتلىكىدىن زارلىنىپ ئەسلەھەلەردىن ئۆچىنى ئالماقچى بولۇشىدۇ. ئۇلار سۇخانىدىكى ئوچاققا تاماكا قالدۇقى، قەغەز تىقىپ قويۇش، تەرەتنى چۈشۈرمەي ياتاقنى پۇرىتىۋېتىش… قاتارلىقلارنى مەسلەھەتلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىدى ياتاقنى ”مىللىي پۇراققا تولدۇرىۋېتىش“ بولىدۇ. مېنىڭ ھەيران قالغىنىم سېسىق پۇراق قانداق بولۇپ مىللىي پۇراق بولۇپ قالدى؟ بۇ قاراپ تۇرۇپ ئۇيغۇرنى مەينەت دېگەنلىك بولماي نېمە؟ بۇ گەپنى ئاڭلىغان تاماششابىنلارنىڭ چاۋاك چېلىپ كېتىشلىرى بۇ باھاغا قوشۇلغانلىقمۇ، ياكى بىپەرۋالىقتىنمۇ؟

ئادىل مىجىتنىڭ قاچانلاردىدۇر ئوينىغان بىر ئىتوتى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئىتوتتا بىر تۇل ئەر بىلەن يەنە بىر تۇل ئايالنىڭ تونۇشتۇرۇلۇغاندىن كېيىنكى كۆرۈشۈش جەريانى سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان. تۇل ئەر تۇل ئايالدىن ئۇنىڭ مۇھەببەتلىشىش تارىخىنى سورايدۇ. ئايال ئۆزىنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن تۇل ئەر ”مۇھەببەتلەشسە باشقا ئىش بولماي قالامدىكەن، مەن بىز خەقنى ئوبدان بىلىمەن“ دەپ قايناپ كېتىدۇ. بۇ يەردە دېمەكچى بولغان گەپ ”بىز خەق دېگەن شەھۋانى…“ دېگەن كەمسىنگەن يەكۈندىن ئىبارەت.

ئەسلى بىر مىللەتنىڭ شەھۋانىيەتكە مايىل دېيىلىشى ھار ئېلىنىشقا تىگىشلىك ئىش. مەن ئاڭلىغان سۆزلەندىلەردە باشقا مىللەت تەرىپىدىن ئۇيغۇرلۇق شەھۋانىيلىققا باغلىنىپ تەسۋىرلەنسە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ پەخىرلەنگەندەك ھاللاردا بولۇشى مېنى تاڭ قالدۇرىدۇ. ئادەتتە ئامېرىكىدا ئاق تەنلىكلەگە قارا تەنلىكلەر، ڧرانسىيەدە ڧرانسوزلارغا شىمالى ئاڧرىقا كۆچمەنلىرى، ئەنگىلىيەلىكلەرگە ئەرەبلەر، گېرمانىيىلىكلەرگە تۈركلەر ”جىنسىيىتى كۈچلۈك“ كىشىلەردەك بىلىنىدۇ. بۇنىڭدا مۇستەملىكە قىلغۇچى مىللەتنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەتكە بولغان ئاممىۋىي باھاسى ئەكىس ئېتىدۇ. ئۇيغۇرنى شەھۋانى دەپ كەمسىتش بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەلق ئارىسىغا تارقالغان، ھەممە كىشى دېگۈدەك بىلىدىغان مۇنداق بىر سۆزلەندى بار، ”ئىككى خەنسۇ بىر يەرگە كەلسە قورساقنىڭ گېپى، ئىككى ئۇيغۇر بىر يەرگە كەلسە …نىڭ گېپى“. بۇندىن باشقا نەسرىددىن ئەپەندى ھەققىدە يېزىلغان ئەختەم ئۆمەرنىڭ كىتابىدا ”ئىككى پۇتىدىن تۇتقانلىرىغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئوخشىمامدىلا“ دېگەن بىر يۇمۇر كىرگۈزۈلۈپتۇ. بۇلاردا دېيىلمەكچى بولغىنى ئۇيغۇر دېگەنلىك شەھۋانى دېگەنلىكتۇر. بۇنداق كەمسىتىشنىڭ سەھنىلەرگە چىقىشى، خەلق ماقاللىرىدەك تارقىلىشى، كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىنىشى ئۇيغۇرنى ئىنساننىڭ ھايۋانى تەبىئىتىگە يېقىن قىلىپ تەبىرلەپ كەمسىتىشنىڭ ئومۇملاشقانلىقنىڭ ئىپادىسى. ئۇيغۇرنى كەمسىتىشنىڭ يۇقارقىدەك قالاق، ئىقتىدارسىز، مەينەت…دېگەندەك شەكىللىرى بولغاندىن سىرت نادان، قورقۇنچاق، زوراۋان، قوپال، خۇراپىي، مۇتىئەسسىپ…قاتارلىق ئىپادىلىرىمۇ مەۋجۇد. يازمىنىڭ سەھىپە ئىتىبارى بىلەن ھەر بىرىگە ئايرىم مىسال ئالمىدۇق.

ئۇيغۇردىن كەمسىنىشنىڭ ئىپادىسى بەلكىم كۆپتۇر ئەمما مەن ئۇچراتقان كەمسىنىشلەر ئىچىدە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئىتىراپ قىلماسلىق، ئۆزىنى چەتئەللىك دەۋېلىش ئەڭ گەۋدىلىكلىرىدىندۇر.

ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش 2011- يىلى تومۇزنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەردىكى بىردىنبىر ئالى مەكتەپكە بارغىنىمدا قەشقەرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. ماڭا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگۈچى بۇ ئورۇنغا مەسئۇللۇققا تەيىنلىنىش ئالدىدا ئىكەن. ئۇ پاراڭ قىلىپ ئولتۇرۇپ“ مېنى باش مۇدىر قىلىدىغان ئوخشايدۇ، بىرەر خەنسۇنى باش مۇدىر قىلسا، مەن مۇئاۋىن بولۇپ ئىشلىسەم بولاتتى. خىيىم خەتىرى چىقىپ قالسا خەنسۇ ئىگە بولسا ياخشىراق، ئۇيغۇر دېگەننىڭ بىر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىمىقى تەرس.“ دەپ قالدى.

شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىدا ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئېدى. بىر قېتىم مەزكۇر ئۇنۋېرىستىتنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتىتىدا ئىشلەيدىغان بىر خانىم بىلەن دۆلەتلىك ئېنگىلىزتىلى ئالتىنجى دەرىجىلىكلەر ئىمتىھانىغا كامسىيە بولۇپ قالدۇق. ئىمتىھان قەغىزىنى تارقىتاي دەپ تۇرسام ”ئۇكام ئىككىلىمىز ئۇيغۇركەنمىز بىر چاتاق چىقىپ قالارمۇ، بىرەر خەنسۇنى قوشۇپ ئورۇنلاشتۇرغان بولسا خاتىرىجەم بولماسمىدۇق! بىز ئۇيغۇرلار ھەرقانچە قىلساقمۇ خەنسۇلاردەك ئەستايىدىل ئەمەس. بىر ئىش چىقىپ قالسا ھۆدىسىدىن چىقالماسمىزمىكىن“ دەپ قالدى. ئىمتىھانمۇ تۈگىدى، چاتاقمۇ چىقمىدى. خوشلىشىدىغان چاغدا ”ئۇيغۇرنىڭ مۇستەقىل نازارەت قىلالايدىغانلىقىغا ئەمدى ئىشەندىڭىزمۇ؟“ دەپ سورۇدۇم… ھادىسىلەردىن ئەقلىي خۇلاسە چىقارغىدەك بولغان چاغلىرىمدىن باشلاپ ھىساپلىسام مېنىڭ ئۈيغۇرلار ئارىسىدا ئوقۇغان، ئىشلىگەن ۋاقتىم ئۇزۇن ئەمەس، لېكىم ماڭا تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى خەنسۇلاردىن تۆۋەن كۆرۈشلىرى، كەمسىنىشلىرى بولدى.

بېيجىڭدا ئوقۇغان ۋە لەنجۇدا ئىشلىگەن چاغلىرىمدا پويىزدا دائىم ئۇيغۇرلار ئۇچراپ قالاتتى. ماڭا ئەڭ تەئەججۈپلۈك تۇيۇلغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇر ئەمەس دەپ تۇرۇۋېلىشلىرى ئېدى. بىر قېتىم پويىزدا بىر سىتۇدېنت قىزدىن يەنە بىر ئۇيغۇر كىشى ”سىز ئۇيغۇرمۇ“ دەپ سورىۋېدى ھېلىقى قىز ”ياق، ياق مەن خەنسۇ“ دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇيغۇر كىشى چىشلىرى ئارىسىدىن چىقىرىپ “ ئۇيغۇر بولمىساڭ، ئۇيغۇرچىنى چۈشەنمىسەڭ، مېنىڭ نېمە دەپ سورىغىنىمنى نەدىن بىلدىڭ؟“ دەپ قويۇپ كېتىپ قالغانىدى. ئۆزىنى ئۇيغۇر دېمەيدىغانلارنى ئامېرىكىدىمۇ كۆردۈم. ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان بىر ئۇيغۇر قىزى مەن ئوقۇغان مەكتەپكە ئوقۇشقا كېلىپ يېرىم يىلغىچە ئۆزىنى تۈرك دەپ يۈرۈپتۇ. مەكتەپتىكى يالغۇز ئۇيغۇر بىلەنمۇ ئۇچراشماپتۇ. ئاخىرى ئۇيغۇر بولۇشنى خالىمىغاچ تۈركلەر ئارىسىدىمۇ ئىتىراپقا ئېرىشەلمەي خەنسۇلار كۆپ نىيو يورك شەھرىگە كېتىپ قاپتۇ. تەبىئىيكى، بۇنداق ئۇيغۇرلۇقنى ئىتىراپ قىلماسلىقنىڭ كەينىگە ئۇيغۇرلۇق سالاھىيەت ۋە كىملىكتىن كەمسىنىش، ئەنسىرەش، خۇدۇكسىرەش يوشۇرۇنغان.

ئۇيغۇردا ئومۇملاشقان كەمسىنىشلەر يەنە؛ ئىتىپاقسىزلىق، ھورۇنلۇق، بېكىنمىچىلىك، تەرەققىيسىزلىك، تەرتىپسىزلىك… قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدىنلا كۆرۈپ ئۇھسىنىش بىلەنمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.


كەمسىتىش ۋە كەمسىنىشنىڭ سەۋەبى كۈزەتكەنلىرىمگە ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرنى كەمسىتىش قىسمەن دىن ۋە پەن ئوقۇغانلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان. مەكتەپ مائارىپىدا پەن ئوقۇپ كادىر بولغان بەزى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئۆزىدەك ھۆكۈمەت دەپتىرىگە ئۆتمىگەن، تۈرلۈك ئەۋزەل سىياسىي ئورۇن، ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلەردىن مەھرۇم ئاۋام ئۇيغۇرنى نامرات، قالاق، نادان، زوراۋان، قوپال، مۇتىئەسسىپ، خۇراپىي…دەپ كەمسىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يازغۇچىلارنىڭ كەمسىتىشلىرى بىر قەدەر سېستىمىلىق، قايىل قىلارلىق بولۇپ كەڭرى تارقىلىش پۇرستىگە ئىگە. مەسىلەن، ”يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام“، ”ئۆزىمىزنى ئىتىراپ قىلايلى“ ”ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار“…قاتارلىق ئەسەرلەر ۋە ”شىنجاڭ مەدەنىيىتى“ ژورنىلىدا ئون نەچچە يىل ئېلان قىلىنغان ئىللەتچىلىلىك ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەسەرلەر. بۇنداق يازارمەن زىيالىلار مىللەتنى كەمسىتىشنىڭ ئەدەبىي ئەسەر، ئىلمىي ماقالە، رادىيو-تېلۋىزور سۆھبىتى…قاتارلىق تۈرلۈك ۋاستىلىرىغا ئىگە. يۇرتىمىز ۋە چەتئەللەردە دىن ئوقۇغان گاھى زىيالىلار ئۆزىدىكى دىنىي بىلىم ئەۋزەللىكى ۋە ئىجتىمائىي ئورۇندىكى ئىمتىيازنى مەنىۋىي دەستەك قىلىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاۋامنى كەمسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەرەپ، نەزىر ۋە خەتمە قۇرئان (قۇرئان تۈگەللىمە) قاتارلىق سورۇنلىرى بار. ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرىنى بىدئەتكە چىقىرىش، مەۋجۇد دىنىي يوسۇنلارنى ئىسلاھ قىلىشتۇر. مەسىلەن 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان دوپپىسىز ناماز ئوقۇش تەرغىباتى، ئامىننى ۋارقىراپ دېيىش تەلىماتى، تاراۋى نامىزىنى سەككىز رەكەت ئوقۇش تەشۋىقاتى…قاتارلىق ھىچ بىر ئەمەلىي ئەھمىيىتى ۋە تەخىرسىز زۆرۈرىيىتى يوق مەسىلىلەردىن ئىبارەت. كومۇنىستىك مائارىپتا تەربىيەلەنگەن قىسمەن زىيالىلارنىڭ مىللەتنى كەمىسىتىشىنىڭ سەۋەبى مەنچە ئاۋۋال ئۇلارنىڭ مائاشلىق بولۇپ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورنىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاۋام ئۇيغۇردىن زىيادە پەرقلەنگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگۇدەك نەچچە مىڭ يىل ماددىي ئىھتىياج بارلىق ئىھتىياجنىڭ ئاساسى بولغان جەمئىيەتتە ئىقتىسادلىقلارنىڭ كەمبەغەللەرنى كەمسىتىشى ھەيران قالارلىق مەسىلە ئەمەس. دىيارىمىزدا كومپارتىيە بايلارنى باپلاپ كەمبەغەللەرنىڭ سانىنى كۆپەيتكەندەك قىلغان بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يېڭى بىر سىنىپ بولغان مائاشلىقلار تەبىقىسىنى شەكىللەندۈردى. ئۇيغۇردىكى بۇ تەبىقە ئىشقا ئورۇنلىشش، داۋالىنىش، بېقىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بۇ تەبىقىگە مەنسۇپ بولمىغانلار ئېرىشەلمەيدىغان ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغاچقا ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىنىڭ باش كۆتۈرىشى تەبىئى. بۇنداق ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىسى كەمسىتىشتۇر.

1930-يىللاردا شىڭشىسەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى سوۋېتچە قېلىپقا چۈشۈشكە باشلىغان. ئۇيغۇرلار ئىچىدە سوۋېتنىڭ كومۇنىستىك مائارىپىدا تەربىيەلەنگەنلەر 50 –يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە پۈتۈنلەي يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتكەن. ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدىكى سوۋېتپەرەس مائارىپتا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئوقۇش، تەبىيىلىنىش نەتىجىسىدە روس مەدەنىيىتى ۋە روس مەدەنىيىتى ئارقىلىق دۇنيا يېڭىلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولغان. بۇ ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ ئۇلاردا ئۆزىنى يېڭى مەدەنىيەت، يېڭى بىلىم ۋە يېڭى ئاڭ بىلەن قوراللانغان يېڭى بىر ئەۋلاد دەپ سانايدىغان خاھىشنى پەيدا قىلىپ قويغان. نەتىجىدە ئوقۇغان كىتاب، كۆرگەن كىنو بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئاۋام ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى ئۇلارغا قەدىمىيلىقتەك، تەرەققىياتسىزلىقتەك، قالاقلىقتەك كۆرۈنگەن. ئانامنىڭ ئېيتىشىچە 50-يىللاردا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا تانسا ئۆگىتىلگەنىكەن. مەكتەپتە پات-پات تانسا ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇراتتىكەن. شۇ چاغلادا ئوقۇپ كادىر بولغان بىر تۇغقىنىمىزنىڭ 84-يىللىرى ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ خىزمەتكە چىققان ئوغلى بىلەن بولغۇسى كېلىنىنى بىزگە تانسا ئوينىتىپ بەرگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە. يۇرتىمىزدا يېقىنقى يىللارغىچە ئالى مەكتەپتە ئوقۇغاننىڭ بەلگىسى تانسا بىلىش، ھاراق ئىچىش، كىيىمنى ئالا بۇلىماچ، چاچنى غەيرى قويۇشلاردا ئىپادىلەنگەنلىكى ئېسىمدە. ئۇيغۇردا مائارىپنىڭ ئادەمنى يېڭىلىشى ۋە ”يېڭىلانغان“ ئادەمنىڭ ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشىنى تەرەققىيات دەپ قاراپ قەۋمىدىكى ”كونا“لىقلارنى كەمسىتىشى 30 –يىللاردىكى سوۋېتچە مائارىپنىڭ بۈگۈنگىچە داۋاملاشقان ئاسارىتى خالاس. بۈگۈنكى مائارىپتا ئانا تىلنىڭ ئورنىغا يات تىلنىڭ دەسسىشى بۇنداق كەمسىتىشلەرنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدىغانلىقىدەك شۇملۇقنى بۇرنىمىزغا پۇراتماقتا.

كۆزىتىشىمگە ئاساسلانسام، ئۇيغۇر سەرخىللىرى تاكى 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە خەنسۇ سەرخىللىرى بىلەن بىۋاستە رىقابەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ باقمىغان. ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ زامانىۋىي دۇنيانى كۆرۈش پۇرستىمۇ كۆپ بولمىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ سودا، يېزائىگىلىك ۋە مۇلازىمەت ساھەسى ئىچكىرى شىركەتلىرىنىڭ كۈچلۈك زەرەتلىشىدىن مۇستەسنا بولغاچقا ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىكى تۈرلۈك يېتىشسىزلىكلەر تولۇق ئاشكارىلانمىغان بولۇشى مۇمكىن. ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرى پىلانلىق ئېگىلىكنىڭ ئاسارىتىدە تىڭىرقاپ يۈرگەن شارائىتتا خەنسۇ كارىخانىلىرى بازار ئىگىلىكىنىڭ مىۋىسىنى تېتىپ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت، ئىجادچانلىق قاتارلىق تەرەپلەردە پىشىپ يېتىلىشنى تاماملاپ بولغان. خەنسۇ شىركەتلىرىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي ئەۋزەللىكلەرنىڭ قالقان بولۇشى بىلەن رايۇنىمىزغا كىرىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر سەرخىللىرى بىلەن خەنسۇ سەرخىلىللىرىنى بىۋاستە ئۇچراشتۇردى. بۇنداق ئۇچرىشىشتا كىمنىڭ قانداق ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقى كۈندەك ئايدىڭ. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر سەرخىللىرى خەقنىڭ ئالدىدا ئاشكارلىنىپ قالغان يېتىشسىزلىكلىرىنى ئۇيغۇر مىللىتىدىكى ئاجىزلىق، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى كەمتۈكلۈك، ئۇيغۇرلاردىكى تارىخىدىن قېلىپ قالغان ئىللەت دەپ بارچە گۇناھنى ئۇيغۇرغا ئارتىپ قويۇشتى. ئۇيغۇر زىيالىلىرى زامانىۋىي دۇنيانى كۆرگەندىن كېيىن زامانىۋىي ئەللەردىكى كىشىلەرنىڭ تۈزۈمدىكى زامانىۋىيلىق، مائارىپتىكى زامانىۋىيلىق، تېخنىكىدىكى زامانىۋىيلىق ۋە جامائەت ئەسلەھەلىرىنىڭ مۇكەممەل بولۇشى سەۋەبلىك بىزدىن پەرقلىنىدىغان تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىلغارلىق دەپ قاراپ ئەسەرلەر يېزىپ ئۇيغۇرنى كەمسىتىشىتى. ئۇلارنىڭ خۇلاسىسى بويىچە بولسا ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى ھالىغا پەقەت ئۇيغۇرنىڭ ئىللەتلىك مىللەت بولغانلىقىلا سەۋەبچى ئېدى. مەنچە زىيالىلار ۋە سەرخىللاردىكى بۇنداق كەمسىتىش ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش پۇرسىتىگە، رىقابەت پۇرسىتىگە ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىكى تۈرلۈك روھىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان زەيىپلىكنى مىللەتكە دۆڭگەپ ۋايساش دېيىلسە مۇۋاپىق. بۇ خۇددى زامانىمىزدا پارتىكوم ياكى بىر ئىدارىنىڭ ماشىنىسى پۇتىنى توكۇر قىلىپ قويغان كىشىنىڭ ساق ئادەم بىلەن تەڭ يۈگۈرەلمەي ئاقىۋەتتە ”داداممۇ توكۇر ئېدى، مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاقساپ مېڭىپ مېنىمۇ ئاقساشقا كۆندۈرۈپ قويدى“ دەپ زارلىغىنىغا ئوخشاش ئىش.

خۇلاسە قىلسام، كەمسىتىشنىڭ سەۋەبىنى، ئۇيغۇرلاردا زىيالىلار قوشۇنىنىڭ مۇستەقىل ئىجتىمائىي قاتلام سۈپىتىدە ئەمەس ھاكىمىيەتكە بېقىندى، ئىتىبارلىق مۇئاشلىقلار تەبىقسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى، سوۋېتچە ئىدولوگىيەنى تارقىتىشنى مەقسەد قىلغان مائارىپتا تەربىيەلەنگەن ئوقۇمۇشلۇقلارنىڭ ئاتالمىش يېڭىلىقپەرۋەرلىكى، تۈرلۈك ئەۋزەللىكلەرگە ساھىپ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھاياتى بىلەن ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ خاتا سېلىشتۇرۇلىشى ۋە ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئۆزىدىكى ۋە زاماندىكى تۈرلۈك مەسىللىلەرنىڭ مىللەتكە دۆڭگەپ نامۇۋاپىق خۇلاسە چىقىرىشى قاتارلىق نوقتىلارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن. كەمسىتكۈچى قاتلام بىلەن كەمسىنگۈچى قاتلام ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىق بولدى، ئەلۋەتتە.

كەمسىنىشنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك كۆرمەك تەرس ئەمەسكى، بۇ كەمسىتكۈچىلەرنىڭ ”تىرىشچانلىقى“ نىڭ نەتىجىسى. كەمسىتكۈچىلەرنىڭ دەرسخانا، مۇنبەر، مەتبۇئات، رادىيو-تېلۋىزور ۋە تۈرلۈك جامائەت سورۇنلىرىدىكى پىكىر بايان قىلىش پۇرسەتلىرىنى كونترول قىلىشى كەمسىتىشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ئاممىۋىيلاشتۇردى. كەمسىتكۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى كەمسىتىلگۈچىلەردە كۈچلۈك نارازىلىقنىڭ كۆتۈرلىشىگە پۇرستە بەرمىدى. كەمسىتىشنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك، كۆيۈيۈم، ئوپىراتسىيە، داۋالاش، دىئاگونوز، تەتقىقات، ئىجادىيەت قاتارلىق ئىجابىي گەپلەر بىلەن ئاتىلىشى ئاۋام ئۇيغۇرنىڭ كەمىسىتىشنى ھەق دەپ قوبۇل قىلىشىغا مەيدان ھازىرلىدى. ئاۋام ئۇيغۇردىكى كەمسىنىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بۇ مىللەتنىڭ رىياللىقتىكى ناتىۋانلىقىدۇر. بىر ئاكا ئاغىنىمز بار، قەشقەردە بىر ئەرزىيەت ئورنىدا ئىشلەيدىغان. دېھقانلار ئەرز قىلغىلى كىرىدىكەنيۇ، گېپىنى ئۇقتۇرالمىسىمۇ ئۇتتۇر خەنسۇ خادىمنىڭ ئالدىغا بارىدىكەن. بۇ يالغۇز دېھقاندىكى مەسىلىمۇ ئەمەس. 2005-يىلىمىكىن بىر ماگىستىر قىز ئۈرۈمچىدىن خىزمەت تاپالماي لەنجۇغا ئىش ئىزدەپ كەلدى. مۇدىر ئىشخانىسىدا تېبەت (خەنچىراي) مۇئاۋىن مۇدىر بىلەن ئۇيغۇر مۇئاۋىن مۇدىر ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇراتتى. قاراپ تۇرسام ئۇيغۇر مۇدىرغا مۇنداقلا سالام قىلىپ قويۇپ ئۆزىنىڭ خەنچە سەۋىيە ئىمتىھانىدا 11-دەرىجىدىن ئۆتكەن كىنىشكىسىنى ۋە باشقا تۈرلۈك كىنىشكىلىرىنى كۆرسىتىپ سۆزلەپ كەتتى. ئۈرۈمچىدىن يېڭىلا كەلگەن، ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان بۇ ئۇيغۇر قىزى لەنجۇدىكى بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇرنىڭ گېپى ئۆتىدىغانلىقىدىن بىخەۋەر بولغاچ ئۆزى خەنسۇ دەپ ئويلاپ قالغان تېبەتكە يېقىنچىلىق قىلىپ ھاللاندى. بىچارە قىز شۇ ئىشتا ئۇيغۇر مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەچ خىزمەتكە كىرەلمىدى ۋە ئۈرۈمچىگە قايتىپ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا مەجبۇر بولدى. مەنچە ئۇيغۇردىن كەمسىنىشنىڭ بىۋاستە سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرنىڭ ھەر ساھە، ھەر سورۇندىكى بىقوۋۇللىقى بولسا كېرەك. ئەگەر مۇشۇنداق ناتىۋانلىق داۋاملاشسا تۈرلۈك ھالەتلەرنىڭ كۆرۈلىشى تەسەۋۋۇرىمىزدا. بىرى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەرتىبىلىك توپلۇمنىڭ ھەممە ئىشىدا بىر خىسلەت بار دەپ بىلىپ چوقۇنۇش، يەنە بىرى مەزكۇر توپلۇمنىڭ ھەممە نەرسىسىنى رەزىللىكنىڭ، كەمسىتىشلىشنىڭ مەنبەسىدەك كۆرۈپ رەت قىلىش.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كەمسىنىش ۋە كەمسىتىشنى تەھلىل ۋە بايان قىلغاندا بىز ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن مەنبەلەنگەن كەمسىتىشنى تەھلىل قىلدۇق. ئەگەر بۇ تەھلىل بىر ئاجىز ئىجتىمائىي توپ سۈپىتىدە، بىر بېقىندى مەدەنىيەت تۈركۈمىنىڭ ئىگىلىرى سۈپىتىدە، تۈرلۈك ئىمكانىيەتلەردىن چەتلەشتۈرۈلگەن كىشىلەر سۈپىتىدە ياشاۋاتقان قەۋىم ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلگەندە باشقىچە بولۇشى كېرەك. كەمسىتىلىش تەھدىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇردىكى كەمسىتكۈچىلەر بىلەن كەمسىنگۈچىلەرنى ئىككى قۇتۇپ قىلىپ ئايرىپ تەھلىل قىلشنى پۈتۈنلەي توغرا دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ نوقتىدا كەمسىتكۈچىلەر ئەمەلىيەتتە كەمسىنگۈچىلەرگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ بەك كەمسىنگۈچىلەردۇر. كەمسىتىش ۋە كەمسىنىش خۇسۇسى كەيپىيات سۈپىتىدە دۇنيانىڭ ئىنسان ياشايدىغان ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا مەۋجۇد. ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەمسىتىلىش، كەمسىتىش ۋە كەمسىنىشنىڭ ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ كېتىشى دىققەتنى تارتىشى كېرەك بولغان ھادىسىدۇر. خۇددى بىر ئىنساندىكى كەمسىتىش ۋە كەمسىنىش ببىنورمال پىسخىكا سۈپىتىدە داۋالاشقا مۇھتاج بولغاندەك ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئايلانغان كەمسىتىش ۋە كەمسىنىشلەرمۇ تۈزەشكە، ئىلاجىنى قىلىشقا مۇھتاج.


ئالدىنقى: مىراس نادامەت، مىراس قىسمەتلەر

كـىيىنكى: بالىلار ئوينىغانغا بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟