مىراس نادامەت، مىراس قىسمەتلەر
مىراس نادامەت
مەن ئابدۇرېھىم ئەخمىدىنىڭ ناخشىلىرىنى ياخشى كۆرىمەن. بولۇپمۇ ئامېرىكىدا بولغان چاغلىرىمدا ئۇنىڭ كۈي، غەزەللىرى دائىملىق ھەمرىيىم بولغانىدى. مەرھۇمنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى، ھەسرەتلىك نىداسى ۋەتەنسىزلىكتىكى پىغانلىرىمغا مەلھەم بولغانىدى. 50- يىللاردا ۋەتەندىن ئايرىلىپ قازاقىستاندا ئىستىقامەتتە بولغان، جۇدالىق ئازابىنى، ھىجران دەردىنى، ۋەتەنسىزلىكنىڭ مۇشەققىتىنى ناخشىلىرىغا سىڭدۈرىۋەتكەن بۇ كىشىنىڭ ئاۋازىدىن ئۆزەمدە بىر تۇيغۇ ئورتاقلىقىنى ھىس قىلاتتىم. بۇ غەزەلخاننىڭ مۇڭلىرىغا قۇلاق سالغانچە ئىچىمگە سىغمايۋاتقان پەريادلىرىم بوغۇزۇمغا قاپلىشاتتى. توردىن ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرلەرنى كۆرمەيمەن دەپ ھەر كۈن ئۆزۈمگە ۋەدە قىلاتتىم يۇ، ھەر كۈنى ۋاقتىم بولسىلا قىلىدىغان ئىشىم ۋەتەنگە ئائىت ماقالە- ئاخباراتلارنى ئاختۇرۇش بىلەن بولاتتى. ئاخباراتلاردىن ئۆزۈم بىلىدىغان ئېنگىلىزچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە، خەنسۇچە، ھەتتا چالاپۇلا بىلىدىغان پارىسچەم ئارقىلىق خەۋەردار بولغاندىن كېيىن ئا. ئەخمىدىنىڭ مۇڭلىرىغا جۆر بولغاچ تاپشۇرۇق ئىشلەش، تەتقىقاتىمغا تەييارلىق قىلىش مېنىڭ ئامېرىكىدىكى كۈندىلىك ئادىتىم ئېدى.
ئورىگان ئۇنۋېرىستىتىدا يىغىن ۋە لېكسىيەدە بولغان كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى كۈتۈپخانىدا قۇلۇقۇمغا تىڭشىغۇچ تاقاپ ئابدۇرېھىم ئەخمىدىنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاچ ئولتۇرۇپ يېڭى لېكسىيەگە ئىشلەۋاتاتتىم، ئاۋازىنى بەك چىڭ قىلىۋالدىممۇ قانداق يېنىمدىكى بىرەيلەن دولامغا نوقۇدى، بېشىمنى كۆتۈرسەم مەن تاتار دەپ بىلىدىغان بىر قىز بېشىمدا قاراپ تۇرۇپتۇ. تىڭشىغۇچىنى قۇلۇغۇمدىن ئېلىپ تۈركچە سالاملاشتىم. بۇ قىز بىلەن بىر تۈرك بالىلار ئارقىلىق قەيەردىدۇ چالا پۇلا كۆرۈشكىنىم ئېسىمدە. ئۇ تۈركىيەلىك داڭلىق ئۆلىما گۈلەن ئەپەندى رەھبەرلىكىدىكى ئاقارتقۇچىلار ئوكرائىينانىڭ قىرىمدا ئاچقان تۈرك مەكتىبىنى پۈتكۈزۈپ بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ئامېرىكىغا كەلگەنىكەن. -ئاپلا دەخلى قىلىپ قويۇپتىمەن، ھە! ئاۋازنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى تۇيماپتىمەن، دېدىم خىجىللىق بىلدۈرۈپ، - سىز ئۇيغۇرمۇ؟ ئابدۇرەھىم ئەخمىدىنىڭ ناخشلىرىغا ئامراق ئىكەنسىز، دە! - ئەلۋەتتە، مەن بۇ كىشىنىڭ ناخشلىرىغا ئاشىق، بولۇپمۇ مۇساپىرچىلىقتا بەكرەك تەسىر قىلىدىكەن. - مەنمۇ ئۇيغۇر، بۇ ناخشىلارنى داداممۇ بەك ياقتۇراتتى، رەھمەتلىك بۇ يىل قازا قىلىدى. - ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي. - سىز قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدىن بولامسىز؟ - ياق، مەن قەشقەر ئۇيغۇرلىرىدىن. - ھە، شۇنداقمۇ! مەرھۇم داداممۇ قەشقەر ئۇيغۇرلىرىدىن، ئۇ تاجىكىستانغا ياركەنتتىن چىققانىكەن. دادامنىڭ يۇرتىدىن ئىكەنسىز، سىزنى كۆرۈپ دادامنىڭ تۇغقانلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم! ھاياجاندىن ئۇ قىز ئىككىمىزنىڭ ئاۋازى بەك ئۈنلۈك چىقىپ كەتتى بولغاي ئەتراپىمىزدىكىلەر بىزگە قاراشقا باشلىدى. ئۇلاردىن ئۆزرە سوراپ كۈتۈپخانىنىڭ بىر بۆلىكىدىكى قەھۋەخانىغا بېرىپ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.
مەن تاتار دەپ يۈرگەن بۇ ئۇيغۇر قىزنىڭ ئىسمى لالە بولۇپ ئۆزىنى تۈرك دەپ بىلىدىكەن، ئۇنىڭ نەزىرىدە تۈرك دېگەن ئۇيغۇر دېگەنلىك ئىكەن. ئۇنىڭ دادىسى ئۇيغۇر ئانىسى ئۆزبېك ئىكەن. دادىسىنىڭ ئىسمى جۇماخۇن بولۇپ 60-يىللاردا ئاۋۋال ياركەنتتىن ئابغانىستانغا چىقىپ ئۇ يەردىن ئەينى چاغدا سوۋېتكە تەۋە تاجىكىستانغا ئۆتۈپ كەتكەنىكەن.
لالەنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ تۇغۇلۇپ بەش يىلدىن كېيىن تاجىكىستان مۇستەقىل بولۇپتۇ. ھەممە ئادەم تەشنا بولغان مۇستەقىل تاجىكىستان ئۇزاققا قالماي ئىچكى ئۇرۇشقا پېتىپ قاپتۇ. تىنچ ياشاش پۇرستىدىن مەھرۇم قالغان لالەنىڭ ئائىلىسى تاجىكىستاندىن ئابغانىستانغا ئاندىن پاكىستانغا سەپەر قىلىپتۇ. پاكىستاندىكى نامراتلىق، ئىشسىزلىق، قالايمىقانچىلىق ئۇلارنى خاتىرجەم ھاياتقا ئېرىشتۈرەلمەپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىسى ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەبلىك دۇچ كەلگەن تۈرلۈك نازارەت، تىنتىش ۋە تەكشۈرۈشلەر ئۇلارنى بىر كۈنمۇ ئارامىدا قويماپتۇ.
سىنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇرۇن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋرۇپا دۆلەتلىرى، كانادا، ئاۋستىرالىيە قاتارلىق جايلارغا يۆتكىلىشى، پەقەت بولمىغاندا تۈركىيەگە كۆچۈشى ئاسانىكەندۇق. سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا بۇ يولمۇ قىيىنلىشىپتۇ. پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ تاپ باستۇرۇپ تىنتىشلىرىدىن باشقا دوللارغا ۋە كويچەنگە سېتىلغان يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئابغانىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ بېرىشلىرىمۇ كۈندە دېگۈدەك يۈز بەرگىلى تۇرۇپتۇ. بىر كۈنى بۇنداق تۇتقۇنلۇق لالە ئائىلىسىنىڭمۇ بېشىغا كەپتۇ. ئادەتتە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار يا جوڭگۇغا قايتتۇرىلىدىكەن يا ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن. بۇلارنىڭ پاسپورتى تاجىكىستاننىڭ بولغاچقا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىپتۇ. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مازار شەرىپتىكى بازىسىدا بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىككى ئاي سوراق قىلىنغاندىن كېين تاجىكىستان دائىرىلىرىگە قايتتۇرۇپ بېرىپتۇ. تاجىكىستانغا قايتىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ تىنچ كۈن كەچۈرەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن جۇماخۇن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئائىلىسىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈپ، يوللاردا كۆپ مۈشكۈللەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرى بىلگىيەدىن پاناھلىققا ئېرىشىپ شۇ يەردە ياشاپ قاپتۇ.
- دادام ھاياتىدا ئىككى قېتىم غايە ئۈچۈن چەتئەلگە سەپەر قىلىپتىكەن. بىرىنجى قېتىم ئۆزىنى كومۇنىزىم جەڭچىسى دەپ قاراپ دۇنيادا كومۇنىستىك غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلاغا چىقىش يولى تېپىپ بەرمەكچى بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەپتۇ. نەتجىدىچۇ؟ ئەسكەرلىكتە چوشقا گۆشى يىيىشىكە مەجبۇر بولۇپ، ئابغانىستان ئۇرۇشىدا بىر كۆزىدىن ئايرىلىپ ئاخىرىدا زاۋۇتنىڭ قاراۋۇللىقىغا خىزمەتكە چۈشۈپ توختاپتۇ. ئىچىگە سىغماس، قېنىغا پاتماس دادام 90- يىللاردا ھىدايەت تېپىپ ئۆزىنى ھىجرەت قىلغان ساھابىلەرگە، ئابغان، پاكىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئەنسارىلەرگە ئوخشىتىپ ئىككىنچى قېتىم سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ئاقىۋەتتە ئىككى ئوغلىنى شاھادەتكە ئۇزۇتۇپ بىزنى ئون يىل سەرگەردان قىلىپ ھەممە نېمىسى بىزگە يات بولغان ياۋرۇپاغا ماكانلىشىپتۇ. قەيسەر، سۆيۈملۈك دادام مېنى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم چوڭ بولمىسۇن دەپ قىرىمدا- تاتارلارنىڭ يېرىدە ئوقۇتتى. رەھمەتلىك ماڭا تولۇق ئوتتۇرىغا چىققۇچە ھىكايە ئېيتىپ بېرەتتى. ئەقلىمنى بىلسەم دادام ئۆزىنى قۇملۇقتىكى قامغاققا ئوخشىتاتتىكەن. كىچىكىمدە دادامنىڭ ئاغىزىدىن دائىم قۇملۇقتىكى يۇلغۇن ۋە قامغاق ھەققىدىكى ھىكايىلەرنى ئاڭلايتتىم. ئۇنىڭ ھىكايىسىدىكى قامغاق كۈلپەتكە قالسىلا زېمىندىن ئايرىلاتتى، بوراندا قالسا قېچىپ كېتەتتى، مۈشكۈلنى يوقاتماي تۇرۇپ ئاسانغا ئۆزىنى ئاتاتتى، ئەركسزلىك بەدىلىگە خاتىرىجەم ياشايتتى، ھالاۋەتنى خەقنىڭ ھالاۋەتلىك قوينىدىن ئىزدەيتتى. ئەمما ھەش پەش دېگۈچە قۇرۇپ قالاتتى. يۇلغۇن ۋەھشى پالتىلاردا قىرىلاتتى، قانلىق قوللاردا سۇندۇرىلاتتى، ياۋۇز ئوتتا كۆيدۈرىلەتتى، ئەمما قاچمايتتى، قورقمايتتى دۈشمەنلىرىنى تاپىنى ئاستىغا دەپىن قىلىپ قىپ قىزىل بىخ سۈرۈپ گۈل ئاچاتتى…
- داداڭىز قىلغان سەپەرنىڭ سەۋەبىنى دېدىڭىز، سىزنىڭ سەپىرىڭىز نېمە ئۈچۈن؟ سىز پەرزەنتىڭىز بولغاندا قانداق ھىكايە ئېيتىپ بەرمەكچى؟
- مەن دادامنىڭ ئەكسىچە ھىچ قانداق ئۇلۇغۋار مەقسەدلەردىن مۇستەسنا ئامېرىكىغا سەپەر قىلدىم. ئامېرىكىدىكى شارائىت مېنىڭ مۇكەممەل بىر مۇسۇلماننىڭ ھاياتىنى داۋام قىلىشىمغا يېتىدۇ. دادامدەك بىر قەۋمنىڭ يۈكىنى يۈدۈش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. بىلىسىز، ئاللاھ ھىچ كىشىنى قۇدرىتى يەتمىگەن ئىشقا بۇيرىمايدۇ. دادام سۆيگەن قەۋىمنى ئاللاھ نىجادلىققا ئېرىشتۈرمىسە بىكار. ئۇلارنىڭ دىنىنى ئاللاھ قوغۇدايدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە مېنىڭ باش قاتۇرۇشۇم بىھاجەت. ھىكايىنىڭ گېپىنى قىلدىڭىز، مېنىڭ بىلىدىغىنىم يەنە شۇ قامغاقنىڭ ھىكايىسى. ئامېرىكىدىكى ھاياتىمنى خۇلاسىلىسەم مەنمۇ ئۆزەمنى بىر قامغاقتەك ئويلايمەن. ئامېرىكىدا ياشايمەن ئەمما ئاڭلايدىغىنىم دادام سۆيگەن ئۇيغۇرچە مۇقاملار، يەيدىغان تاماقلىرىم دادامغا ئېتىپ بەرسەم ماختاپ تۇرۇپ يەيدىغان ئۇيغۇرچە تاماقلار…مەن ئامېرىكىدا ياشايمەن ئەمما بۇمېنىڭ جىسمىم خالاس، روھىمدا ھەمىشە دادام بىلەن ياشايمەن، يالغۇزلا قالسام ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىمەن. مەن ئامېرىكىلىق ئەمەس، قىرىملىقمۇ ئەمەس، بىلگىيىلىك تېخىمۇ ئەمەس، شۇنداقكەن مەنمۇ قامغاق بولماي نېمە؟
- يىلتىزسىز قامغاق بولغانلىقىدىن دادىڭىز نادامەت چەككەنىكەن. سىزمۇ قۇتۇلالماپسىز. داداڭىز ئۇيغۇرلۇقتا تولۇق ياشاشنى تاللاپتىكەن، سىز ئۇيغۇرلۇقتىكى شەخسىي ھاياتقا تەۋە دىننىلا داۋام قىلماقچى بولۇۋېتىپسىز. بىزدە تۇڭگان دەپ بىر مىللەت بار. سىزنىڭ تاللىشىڭىز جوڭگۇدىكى ھازىر خۇيزۇ ئاتىلىۋاتقان بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ تارىختىكى تاللىشىغا ئوخشايدىكەن.
مىراس قىسمەتلەر
ئارىدا لالە بىلەن ئانچە مۇنچە پاراڭلىشىپ تۇردۇق. بىر كۈنى ئۇ ناھايىتى خۇشال كۇتۇپخانىغا كىرىپ كەلدى.
- مېنى مۇبارەكلەڭ، خۇش خەۋىرىم بار. مېنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئەسكەر بولۇش ئىلتىماسىم قوبۇل بولدى! ئابغانىستان ۋە پاكىستانلاردا سەرسان بولغان كەچۈرمىشىم جىق ئەس قېتىپتۇ. ئەمدى ئامېرىكا پۇقراسى بولۇش، خىزمەت تېپىش دېگەندەك بېسىملاردىن ئوڭايلا قۇتۇلىدىغان بولدۇم… لالە توختىماي سۆزلەيتتى، كۈلەتتى، مەن بولسام ئۇنىڭ شۇنچە ھاياجانلىق سۆزلىرىگە ماسلىشىپ بولالماي ئاۋارە ئېدىم. پەقەت ئاڭلاپ ھۆرمەت يۈزىسىدىن كۈلۈمسىرەپ قويدۇم. لالە چىرايىمنىڭ بارغانچە ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ مېنىڭ ئانچە قىزغىن بولمىغىنىمنىڭ سەۋەبىنى بىلدى بولغاي، كېيىن پاراڭلىشىقا ۋەدە بېرىپ تاقلاپ تاقلاپ مېڭىپ كېتىپ قالدى. ئۇنى چاقىرىپ توختاتماقچى بولدۇم، ئەمما جۈرئەت قىلالمىدىم.
لالەگە مۇنداق بىر خەۋەرنى ئېيتىپ بەرمەكچى ئېدىم. 40-يىللاردا ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلىنىڭ قاراۋۇللىقىنى قىلغان بىر ئۇيغۇر كىشى بولغانىكەن. ئىسمىنى داۋۇت سۇلايمان دېدىمۇ سۇلايمان داۋۇت دېدىمۇ تازا ئېنىق ئېسىمدە يوق. 49-يىلنىڭ ئاخىرىدا كونسۇل ئۈرۈمچىدىن چېكىنگەندە بۇ كىشىمۇ كونسۇلخانا خادىملىرى بىلەن بىللە چېكىنىپ ئامېرىكىغا كېتىپتۇ. شۇ يەردە ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۈچۈن ئىشلەپتۇ. سوۋېت ئابغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندا جەڭگاھقا ئەۋەتىلىپتۇ. پاكىستان ۋە ئابغانىستانلاردا بىر مەزگىل ئىشلەپتۇ. قىزىق يېرى لالەنىڭ دادىسى جۇماخۇن ئاكىمىز سوۋېت ئارمىيىسى تەركىبىدە ئابغانىستاندا جەڭ قىلغان. ئىككى ئۇيغۇر ئىككى دۆلەتكە ۋاكالىتەن جەڭگە قاتناشقان. ئۇلارنى بۇ ئۇرۇشقا كىم، نېمە مەقسەدتە سۆرەپ كىردى؟ نېمە ئۈچۈن؟ ئۇلار كىم ئۈچۈن ئۇرۇشقان؟ لالە بىلەن بۇلارنى سۆزلەشكىدەك بولمىغانىدۇق.
بىر كۈنى جىددىي دەرسكە تاييارلىق قىلىۋاتسام لالە كۇتۇپخانىدىكى جايىمدىن مېنى تېپىۋالدى. ئالدىراش ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ گەپ قىلمايلا دادىسىدىن قالغان بىر خاتىرىنى قولۇمغا تۇتقۇزدى. ئۇيغۇرچە ئوقۇيالمايدىكەن، شۇڭا مېنىڭ ئوقۇپ بېقىشىمنى ئېيتىپ كېتىپ قالدى. بىچارە قىز مەن بىلەن دادىسى ھەققىدە پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرەتتى. خاتىرىنى ۋاراقلىدىم. باش بەتلىرىدىكىسى پۈتۈنلەي شىئېرلار بولۇپ ”سەن“، ”سەنسىزلىك“، ”چارەسىزلىك“،“زۇلمەت“، ”پەرياد“، ”تاجاۋۇز“، ”مەھكۇملۇق“، ”ۋىسالسىز“ دېگەن سۆزلەر كۆپ ئۇچرايتتى. قارىماققا مۇھەببەت لېركىسىدەك تۇيغۇ بېرەتتى. ئىچىدىكى مۇنۇ مىسرالار ئېسىمدە قاپتۇ. باغۋەندۇرمەن باغسىز، چېچەكسىز، ئازاپ تەردىم شاتلىق تەرمىدىم. زۇلمەتتىكى پەريادىم بىلەن باياۋاندا يىگانە كەزدىم. نە چارەمكى ئاۋارە كۆڭلۈم، جاندىن كەچتىم، سەندىن كەچمىدىم.
خاتىرىنىڭ ئاخىرقى بەتلىرىدە ”مەن ھاياتىمنى نېمىگە ئاتىدىم. نېمە ئۈچۈن ئۆزۈمنى بۇ سەۋداغا مەھكۇم قىلدىم. نېمىشقا ئاخىرقى نەپىسىمگىچە ئۆزۈم بىر ئۆمۈر سۆيگەن ۋەتەنگە باغرىمنى ياقالمىدىم؟ ۋەتەننىڭ بەختى ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلدىم، دەپ ئاغزىمدا شۇنداق دېدىم، ئەمما قەلبىم ۋەتەندە قالدى. ھايا چېغىمدا نە ۋەتەننىڭ بەختىنى كۆرەلمىدىم، نە ئۆز بەختىمنى قۇچالمىدىم. مەن سەۋدايىلارچە كۆيگەن ۋەتىنىمنىڭ كېلەچىكىنى نېمىشقا خەقنىڭ يېرىدە، خەقنىڭ غايىسىدە چېچەكلەتمەكچى بولدۇم؟ خەقنىڭ توپراقلىرىدا ئاققان قاندىن تەكلىماكاندا يۇلغۇن قىزىراتتىمۇ؟ خەق ياسىغان جەڭگاھتا ئاققان ئۇيغۇرنىڭ قېنىدىن ھۆرىيەت قۇياشىمىز تۇغۇلاتتىمۇ؟ سوۋېت پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلگۈچىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن كۆرەش قىلىمىز دېسە ئالدىنىپ ھاياتىمنىڭ يېرىمى خوراتتىم. جاھان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇلتۇزىنى ئۈستۈن قىلىمىز دېسە ئىخلاس قىلىپ ئىككى ئارسلانىمنى قۇربان قىلدىم. مەن نېمە ئۈچۈن كۆرەشتىم؟ ئۆزەمنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىمنىڭ ھاياتىنى نېمە ئۈچۈن دوغا تىكتىم؟ ھىدايەت تاپتىم، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن كۆرەش قىلدىم، بەرھەق! ئەمما ئۇيغۇرنىڭ رىزاسى ئاللاھ رىزاسى ئەمەسمىدى؟ئۇيغۇرنىڭ يۇلتۇزى ئۈستۈن بولسا بولمامدىكەن؟ ئۇيغۇرنىڭ ئۈستۈنلىكى ئون مىليۇن مۇسۇلماننىڭ ئۈستۈنلىكى ئەمەسمىدى؟ “ خاتىرىدىكى بايانلار مۇشۇ تەرىقىدە داۋام قىلىپ تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قالغانىدى. بەلكىم بوۋاينىڭ ئاخىرىنى يېزىشقا قۇربى يەتمىگەندۇ. ھاياتىدا ئۈچ بالىلىق بولغان بۇ كىشى ئاخىرىدا بىلگىيەدە يالغۇز جان ئۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ ئۆزبېك ئايالى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇلارنى تاجىكىستانغا قايتۇرغاندىن كېيىن ئاجرىشىپ ئۆزبېكىستانغا قايتىپ كەتكەنىكەن.
كانزاسقا قايتىدىغان چېغىمدا خاتىرىنى بۆلەك بىرسىگە بېرىپ قويدۇم. لالەگە خوش دېمەي قايتتىم. توغرىسى نېمە دەپ خوشلىشىشىمنى بىلمەيتتىم. ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ ئابغانىستان جەڭگاھلىرىدىكى يۈرەكنى قانىتىدىغان كەچمىشلىرىنى سۆزلەشتىن تىلىم قىسىلاتتى. ئامېرىكا پۇقراسى داۋۇت سۇلايمان بىلەن سوۋېت پۇقراسى جۇماخۇنىكامنىڭ كەچۈرمىشىنى لالەگە سۆزلەپ تاشلاشتىن ئەنسىرىدىم. ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئاللاھ ئەزىز دىيارىمىزغا خەلىپە قىلىپ ياراتقان جانلىرىنى يات تۇپراقلاردا، ئۆزىمۇ تولۇق چۈشەنمەيدىغان گورۇھلارنىڭ سىياسىي نىشانى ئۈچۈن قۇربان قىلىپ بىر بىرىگە ئوت ئاچقان كەچۈرمىشلىرىنى لالەگە ئەسلەتكۈم يوق ئېدى.
ئالدىنقى: مەھكۇم چېچەك، مەزلۇم خەمەكلەر
كـىيىنكى: ئۇيغۇردا كەمسىتىش ۋە كەمسىنىش