ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسسىنىش ئادىتى

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇرلار قىش كۈنلىرى ئاساسەن مورا ئوچاق، كاڭ، سەندەلدىن پايدىلىنىپ ئىسسىنىپ كەلگەن، كېيىنچە مەش. تام مەشتىنمۇ پايدىلىنىپ ئىسسىنىدىغان بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە كاڭ بىلەن سەندەل قىلىپ مۇنداق ياسىلىدۇ: ئالدى بىلەن مەخسۇس كاڭ كېسىكى قۇيۇلىدۇ. كېسەك تەييار بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ، قاتار يول پىلانلىنىدۇ ۋە مەلۇم ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ ئاددىي كېسەكتە «تۈۋرۈك» قويۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىس ماڭىدىغان يول شەكىللىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە كاڭ كېسىكى قاتار قىلىپ قويۇلۇپ، ئاندىن ئۇستى سامانلىق لايدا سۇۋۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بورا ۋە كىگىز - پالاز سېلىپ يېتىپ - قوپۇلىدۇ. قىش كۈنى چاي - تاماق كاڭ ئوچىقىدا ئېتىلىدۇ. شۇڭا ئۆي ھىم، ئىسسىق تۇرىدۇ. سەندەلنى ئەمەلىيەتتە چوغ ئېلىنغان «جاۋۇر» دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئىچىگە چوغ ئېلىپ چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ يېتىپ - قوپۇلىدۇ. بۇ ئۈسكۈنىلەر كۆمۈر يوق جايلاردا پۈتۈنلەي ئوتۇن بىلەن ئىسسىتىلىدۇ. شۇڭا باغ - ئورمان قىلىش ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۈزەل ئادىتىگە ئايلانغان.