ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تارىخى ئۇزۇن، ئارقا كۆرۈنىشى كەڭ ۋە چوڭقۇر. مۇقاملار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن تارىخىي دەۋرلىرى بىلەن ھەمقەدەمدۇر. مۇقاملار كۆپلىگەن ماكان ۋە بىر قانچە زاماندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۇرغۇنلىغان بەستىكارلىرى، ناخشىچىلىرى ۋە چالغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان خەلق مۇزىكىسىدۇر. بۇ قېتىم ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلىپ قايتا رەتلەنگەن، تولۇقلانغان، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ئون ئىككى مۇقام360ئاھاڭ، 4492مىسرادىن تەركىپ تاپقان ھەمدە ئۇ يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى، ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ پارچىلىرى ۋە خەلق قوشاق بېيىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى
[تەھرىرلەش]1.راك مۇقامى23 نەغمە 205 مىسرا
2.چەببيات مۇقامى23 نەغمە 251 مىسرا
3.مۇشاۋىرەك مۇقامى31 نەغمە 363 مىسرا
4.چارىگاھ مۇقامى18 نەغمە 212 مىسرا
5.پەنجىگاھ مۇقامى25 نەغمە 240 مىسرا
6.ئۆزھال مۇقامى 29 نەغمە 224 مىسرا
7.ئەجەم مۇقامى17 نەغمە 143 مىسرا
8.ئوشاق مۇقامى23 نەغمە 286 مىسرا
9.بايات مۇقامى19 نەغمە 119 مىسرا
10.ناۋا مۇقامى20 نەغمە 119 مىسرا
11.سىگاھ مۇقامى 6نەغمە 72 مىسرا
12. ئىراق مۇقامى8 نەغمە 102 مىسرا
ئومۇمىي ئەھۋالى
[تەھرىرلەش]مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر، ئەمگەكچان، ئىجاتچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرىپىنى مۇزىكا تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان بەدىئىي قامۇستۇر. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە گۈزەل مەنىۋىيىتى، ئىستەك خاھىشىلىرى، تارىخىي رىئاللىق ۋە تۇرمۇش مۇھىتىدىن كېلىپ چىققان مۇھەببەت-نەپرەتلىرى ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ مۇزىكا، بەدىئىي ئەدەبىيات ۋە ئۇسۇل قاتارلىق خىلمۇ-خىل شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن. مۇنداق مۇزىكا ئەسىرى دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ سەنئەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان ئالاھىدە ئەسەر بولغاچقا‹‹شەرق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى مۆجىزە›› دەپ تەرىپلەنمەكتە. قىسقىسى، «ئون ئىككى مۇقام» ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىكى مۇقەددەس سەنئەت «ئىلاھى» سۈپىتىدە كىشىلەرگە مەنىۋى قۇۋۋەت ۋە ئىستېتىك زوق، بەخش ئېتىپ كەلگەن. تىل بىلەن ئىزھار قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۈرەك تارىلىرىمىزنى تىترىتىپ، پىسخىك ھالىتىمىز بىلەن ئورگانىك ھالدا بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن. «ئون ئىككى مۇقام»نىڭ مۇزىكىلىق سېزىمىگە ھەقىقىي ھالدا مەپتۇن بولغۇچى «ساتارنىڭ تارىسىغا جان رىشتىسىدىن تار ئېشىپ» چېلىشنى ۋە ئۇنىڭ ساداسىدىن «بىناۋانىڭ كۆڭلىنى ئېلىش»نى تەلەپ قىلغۇچىلار، شۈبھىسىزكى، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ھەقدارى-ئۇيغۇر خەلقىدۇر.
تارىخى
[تەھرىرلەش]ئۇيغۇر ناخشا–مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئانىسى بولغان «ئون ئىككى مۇقام» بىر ۋاقىتتىلا بىر يەردە، بىرەر شەخس تەرىپىدىن بىر يوللا پەيدا بولغان ئەمەس، بەلكى ھەر يەردە، ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا كوللېكتىپ تەرىپىدىن بىر-بىرلەپ ئىجاد قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئون ئىككى سېكىلدىن ئىبارەت ئۇيغۇر مىلودىيىسىنىڭ تىمسالىدۇر. شۇڭا «ئون ئىككى مۇقام»نىڭ پەيدا بولۇشىنى مۇئەييەن بىر تارىخىي دەۋر بىلەن چەكلەپ قويغىلى بولمايدۇ. تارىخ سەھنىسىدە ئۈزۈلمەس دولقۇندەك ئۆز ئارا ئىز بېسىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق تۇرمۇشى بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا چۆل-باياۋان، تاغ-دالا، دەريا-ئۆستەڭ، يايلاق ۋە ئېتىز-ئېرىق كۈيلىرىنى، ئۇنىڭغا مۇناسىپ ناخشا-قوشاقلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بۇ كۈيلەر ئۆزىنىڭ مىلودىيە ئالاھىدىلىكى بويىچە تۈركۈملىشىپ تەدرىجىي يۈرۈشلەشكەن مۇقام گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىل قىلغان.
مۇقام سۆزى ئېتمولوگىيەلىك جەھەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر كۈسەن-تۇخار تىلىدىكى «مەقەۋمە» - maka-yame سۆزىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇپ، «چوڭ نەغمە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ «ئورۇن»، «دەرىجە» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەرەبچە «مۇقام» سۆزى بىلەن ئاھاڭداش بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىغا «مۇقام» بولۇپ ئۆزلەشكەن ۋە چوڭ ھەجىمدىكى يۈرۈشلەشكەن ناخشا–ئۇسۇللۇق مۇزىكا چۈشەنچىسىنى بېرىدىغان خاس ئىسىمغا ئايلىنىپ كەتكەن.
ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقامى»نىڭ قېزىلىپ-رەتلىنىپ بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىشىدە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇ سەئىدخاننىڭ ئوغلى ئابدۇرېشىتخاننىڭ ھامىيلىقىدا ۋە مەدەتكارلىقىدا مەشھۇر مۇقامشۇناس،شائىر قىدىرخان ۋە خانىش ئاماننىساخانلار ئۆچمەس تۆھپە قوشقان،ئەنە شۇ ئاماننىساخان باشچىلىقىدا رەتلىنىپ مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇرداخۇن ئاكا ۋارىسلىق قىلىپ ساقلىغان ۋە 1956-يىلى نوتىغا ئېلىنغان.لېكىن، «ئون ئىككى مۇقام» باشتىن-ئاياغ بىردەك ئون ئىككى بىلەن چەكلەنگەنمۇ ئەمەس. مۇقام ئۆز تارىخىدا كۆپ قېتىم كېمىيىش، كۆپىيىش، قوشۇلۇپ ئىخچاملىنىش، ئوخشاشمىغان يەرلىك ۋارىيانتلارنى پەيدا قىلىش تارىخىنى بېشىدىن كەچۈرگەن. «ئون ئىككى مۇقام»دا ناخشا-مۇزىكا شەكلى بىلەن ئىنسانىي مۇھەببەت، گۈزەل ئارزۇ-تىلەكلەر، كىشىلىك ھاياتتىكى شاد-خۇراملىق، ھەسرەت-نادامەت، جۇدالىق، بىرلىك-ئىناقلىق، كۆڭۈل ئازادىلىك، مۇڭ-پىغان، غەزەپ-نەپرەت، زۇلۇم-كۈلپەت قاتارلىق ئۆتمۈشنىڭ تۇرمۇش مەنزىرىلىرى بايان قىلىنغان.