ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى

ئورنى Wikipedia


ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى (ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتالغان)، تەخمىنەن 1945-يىلى 4-ئايدا داڭلىق شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار يېتەكچىلىكىدە ئاقسۇدا قۇرۇلغان مۇستەملىكىگە قارشى مەخپىي تەشكىلات.

تەشكىلات تۈزۈلمىسى:[تەھرىرلەش]

لۇتپۇللا مۇتەللىپ __ تەشكىلات رەئىسى

مۇنىرىدىن خۇجا __ كاتىپ ،مۇئاۋىن رەئىس

ھېكىم نۇرى __ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى  

ئوسمان مۇھەممەد -تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ كاتىپى

ئابدۇللا داۋۇتوف __ تارىخ تەتقىقات بۆلۈمى باشلىقى

ئابباسوف يۈسۈپجان __ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى

تەشكىلات مەقسىتى:[تەھرىرلەش]

تەشكىلات مەقسىتى غۇلجىدا پارتىلىغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ماسلىشىپ، دېھقانلارنى قوراللىق قوزغىلاڭغا قوزغاشتىن ئىبارەت .

«ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى »مىللى ئارمىيە ئاقسۇغا يېقىنلاشقان ھامان قوراللىق قوزغىلاڭ كۈتۈرۈپ ئاقسۇنى ئازات قىلىش پىلانىنى تۈزدى . بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللار ئاقسۇ گومىنداڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئارخىپىدا مۇنداق خاتىرلەنگەن . «لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەشكىلارتى تەشۋىقات ئىشلىرىنى يېزا -سەھرالاردا مەخپى يۈرگۈزۈپ ياشلارنى ،گومىنداڭ ھاكىميىتىگە قارشى كىشىلەرنى قوزغاپ ئىقتىساد توپلاپ ،ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇپ ،قوراللىنىپ مىللى ئارمىيە ئاقسۇ تەۋەسىگە كىلىش بىلەنلا قوراللىق ھەركەت باشلاپ ئاقسۇنى قولغا كەلتۈرۈپ مىللىي ئارمىيەگە قوشۇلماقچىكەن».  

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ غۇلجىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتكەن خېتىدا «بىز جۈمە نامىزىغا تاھارەت ئېلىپ قويدۇق ، جۈمە نامىزىنى سىلەر بىلەن بىللە ئوقۇماقچىمىز »دەپ تەشكىلات مەقسىتى ۋە ھەركەتلىرىنى ئىپادىلىگەن.

تەشكىلات تارىخىي:[تەھرىرلەش]

مۇنىرىدىن خوجا تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولغان، بۇ ۋاقىتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە بولغانلىقتىن سىرتتىن ياردەم قىلغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 5-پولكتىكى ئودىلكوم (ئوتدىلىنىيە كومانىدىرى، بەنجاڭ) ئوسمانجان (ۋۇجەنگوڭ) قاتارلىق بەزى ئىلغار پىكىرلىك ياشلارنى تەشكىلاتقا تارتقان. ئوسمانجان لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۆز-ئارا دوستلاشقان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قۇرغان گومىنداڭ باشچىلىقىدىكى جوڭگۇ ھاكىميىتىگە قارشى تەشكىلاتقا قاتنىشىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئىلتىماس يېزىپ ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئارمىيە ئىچىدە ئەزا كۆپەيتىشكە ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېيىن ئۇ پولكنىڭ ئات دوختۇرى مۇسا ئەلىنى تونۇشتۇرغان. مۇسا ئەلى (قازاق) تەشكىلاتقا كىرىپ ئۇزۇن بولماي قولغا ئېلىنىپ ئۈلتۈرۈلگەن. شۇ يىلى 7-ئايدا ئوسمانجان ئۆز ئوتدىلىنىيەسى بىلەن مۇزداۋاندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ يەنە خاچېڭ (ئودىلكوم) ئوتدىلىنىيەسى قاتارلىق ئالتە ئوتدىلىنىيە مۇزداۋاندا تۇراتتى، ئوسمانجان خاچېڭغا كۆپچىلىك بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىپ، سىزنىڭ بىر ئوتدىلىنىيە، مېنىڭ بىر ئوتدىلىنىيە كىشىلىرىم بار، بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرەيلى، دەيدۇ، لېكىن خاچېڭ رەت قىلىدۇ. مىللىي ئارمىيە مۇز داۋانغا يېقىنلاشقاندا، ئۇلار ئاقسۇغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ئوسمانجان يەنە خاچېڭغا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ رەت قىلغان. ئۇلار يەنە مۇز داۋانغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ يولدا كېتىۋېتىپ، ئوسمانجان بىر ئەسكەرنى مىللىي ئارمىيە بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئەۋەتكەن، بۇ ئەسكەرنىڭ ئىسمى ئابدۇللا بولۇپ باي ناھىيەسىدە قارىبەگ دېگەن باۋجاڭ تۇتۇۋېلىپ گومىنداڭ ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ باشلىقى جاۋ خەنچىڭ ئۇنى سوراق قىلغاندا، ئۇ قورقماستىن «ئىلى تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇلارنى باشلاپ كېلىپ كاللاڭنى ئالغىلى ماڭغان، ھازىر سەن مېنى تۇتۇۋالدىڭ، قانداق قىلساڭ شۇنداق قىل» دېگەن.  بۇ ۋەقەلەر 1945-يىلى 8-ئايدا بولغان. 8-ئاينىڭ ئاخىرى مىللىي ئارمىيە مۇز داۋانغا كەلگەندە ئوسمانجان ئوتدىلىنىيەسىنى باشلاپ مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن .

ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىدا شۇ چاغدىكى ئىلغار كىشىلەر بولۇپ، بەزى مۇھىم شەخسىلەر يۈسۈپجان، تەۋەككۈل، يۈسۈپجان ئابدۇكېرىم، ئارىپوف قاتارلىقلار مىسال بولۇشى مۇمكىن. يۈسۈپجان باي ناھىيە ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئۇيۇشمىدىكى ھامۇت ئەزىزنى، ھامۇت ئەزىز  ھاكىم ھېكىم نۇرنى قوبۇل قىلغان. ھامۇت ئەزىز ئۇيغۇر ئويۇشمىسىغا باشلىق ۋاقتىدا  ھاكىم ھېكىم نۇر ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئىدى. ھاكىم بۇ ئىشلارنى ئۇققاندىن كېيىن ساقچى 2-بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خا يىۋېنغا مەلۇمات يوللىغان. «مەن ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىندىم، مەن سىلەرنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيمەن، مەن ھاكىم بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق نەتىجە ياراتمىدىم، ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن ماتېرىيال توپلاپ سەمىمىيىتىمنى بىلدۈرسەم»، دەپ دوكلات يازغان. كېيىن بۆلۈم باشلىقى خا يىۋېن ئۇيغۇرچە بىر پارچە خەت يېزىپ، ياسىن ئەزىزدىن ئەۋەتىپ بەرگەن. خەتتە «سىز ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا كىرسىڭىز بولىدۇ، دائىم بىزگە ماتېرىيال يوللاپ تۇرۇڭ، قانچىلىك پۇل لازىم بولسا بېرىمىز»، دېيىلگەن ئىدى. ياسىن ئەزىز خەتنى ھاكىمنىڭ ئۆيىگە ئەلىپ بارغاندا، ھاكىم ئابدۇللا داۋۇت، مامۇت ئەزىز، يۈسۈپجان قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ شاراب ئىچىۋاتقان ئىكەن. ياسىن ئەزىز ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، يۈسۈپجان يالغاندىن مەست بولۇۋېلىپ كارىۋاتتا ياتقان ئىكەن. ياسىن ئەزىز ھاكىم قۇيۇپ بەرگەن بىر رومكا ھاراقنى ئىچىپ بولۇپ، يېنىپ ئىشىك ئالدىغا چىققاندا ھاكىممۇ چىقىپ ساقچى ئىدارىسىىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ خەتنى كۆرۈپ بولۇپ ياسىن ئەزىزگە «ماڭا پۇل لازىم ئەمەس، مەندە پۇل بار، پەقەت خىزمەت قىلدىم، ئازراق كۈچ چىقاردىم، بۇندىن كېيىن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرايلى، بۇندىن كېيىن سىز بىر ئادەملا كېلىڭ، باشقىلار كەلمىسۇن، بولمىسا باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويىمىز»، دېگەن. شۇندىن كېيىن  ھېكىم نۇر دائىم ماتېرىيال يوللاپ تۇرغان، ئۇ يوللىغان مەلۇماتلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق

 1) تەشكىلات قۇرۇش توغرىلىق مۇزاكىرەنىڭ مەزمۇنى .

2) تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلىدىغان ۋاقتى ۋە ئورنى (قىزىل كۆۋرۈكنىڭ سىرتىدىكى ئورمانلىق

3) تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئەھۋالى، تەشكىلاتنىڭ نامى ۋە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى، جۈملىدىن تەشكىلاتنىڭ «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئىكەنلىكى، مۇنىرىدىن خوجىنىڭ سېكىرىتار، ئابباسوف يۈسۈپجاننىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى، كەسىف ئىۋان (رۇس) نىڭ كاتىب،  ئۆزىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى، ئوسمان مۇھەممەد تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ كاتىپى، ئابدۇللا داۋۇتنىڭ تارىخ تەتقىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكى، بۇ تەشكىلاتقا سىياسىي جەھەتتىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقى، يەنە ئابدۇللا روزىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان .

4) يەنە مۇشۇ تەشكىلاتتىكى 5–پولكنىڭ ئات دوختۇرى مۇسا ئەلىنىڭ ئەھۋالى .

5) تەشكىلاتنىڭ مۇددىئاسى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزا كۆپەيتمەكچى بولغانلىقى، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئىلى ئىنقىلابىغا ياردەم قىلىپ، ئاقسۇنى ئازاد قىلىش قاتارلىق سىياسىي ئەھۋاللار .

6) 15 كۈن ئۆتكەندە ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇمات يوللاپ، ئۇلارنىڭ گۇمانلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى سەۋەب قىلىپ، 11 ~ 12 ياشلاردىكى سىڭلىسى پاتەمنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ماتېرىيال يوللىغان. كېيىن بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقى، 1-قېتىم يىغىن ئاچقانلىقى، تەشكىلاتنىڭ پىلانى، يىغىندا بۆلۈم باشلىقلىرىدىن باشقا مال دوختۇرخانىسىنىڭ ئادىمى ئەلى ئاخۇن، يۈسۈپ قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغان. ھاكىم ئۇچتۇرپانغا بېرىپ ئابدۇكېرىم ئايۇپوف، تەۋەككۈل يۈسۈپ قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلغان، قادىر ئېلى (ئەرمىيا ئېلىنىڭ ئىنىسى) نى تېپىپ خىزمەت پىلانىغا ئىمزا قويدۇرغان .

«ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» نىڭ باشتىكى ئەزالىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا، (سېيىت) ئابباسوف، يۈسۈپجان، ئابدۇللا داۋۇت، ھۈسەيىنوف، ئوسمانجان مۇھەممەت، ئەلى ئاخۇن (مال دوختۇرى)، مۇسا ئەلى (مال دوختۇرى)، ئابدۇللا روزى، تەۋەككۈل يۈسۈپوف، ئابدۇكېرىم ئايۇپوف، ئىۋان، قادىر ئەلى، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرەھىم مۇھەممەت، بىلال ئەزىزى، جالالىددىن ئاخۇن، مەۋلانجان تۇردى، رەھمەت يۈسۈپ، ئوسمان قاسىم، ئوسمان يۈسۈپ .

ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى ئەزالىرنىڭ قولغا ئېلىنىشى  [تەھرىرلەش]

ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ بىر يېرىم ئاي بولغاندا 5-پولكنىڭ مال دوختۇرى مۇسا ئەلى قولغا ئېلىنغان. 7-ئايدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ قولغا ئېلىنغان. 3-قېتىمدا ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بىلال ئەزىزى ساقچى ئىدارىسىدە بىر قانچە كۈن نازارەت قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي قولغا ئېلىنغان. بىلال ئەزىزىنىڭ قولغا ئېلىنغاندىكى ئەھۋال مۇنداق: ئەينى ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ  خادىمى ئۆمەر بىلال ئەزىزگە «ئىككىمىز ئىلگىرى ساۋاقداش ئىدۇق، شۇڭا بۇرۇندىنلا تونۇشىمىز، ئىلگىرى ھەممىمىز ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىدۇق، ھازىر نۇرغۇنلىغان يولداشلىرىمىز قولغا ئەلىندى. بىز دائىم لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن ئىنقىلاب مەسىلىلىرىنى سۆزلىشەتتۇق، ھازىر ئۇ قولغا ئېلىندى، سەنمۇ ئويغۇنىشىڭ كېرەك، بۇ ژۇرناللارنى كۆپرەك كۆر»، دەپ 4-5 پارچە «شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلىنى بەرگەن، ئۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا ژۇرناللارنى ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىر پارچە ماتېرىيال يېزىپ ئىلگىرى خاتا قىلغانلىقىنى ئېيتسا، ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇنى قولغا ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىلال ئەزىزى ماتېرىيال يېزىپ ژۇرناللار بىلەن بىرگە ئاقسۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن ئۇنى ئاقسۇ ساقچى ۋىلايەتلىك ئىدارىسىگە يۆتكەپ ئاپىرىپ نازارەت قىلىپ ئون نەچچە كۈندىن كېيىن قولغا ئالغان .


1945-يىلى ئىيۇلنىڭ باشلىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوف،قاسىمجان قەمبىرى، داموللا رازىيوف قاتارلىقلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، سوپاخۇن ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە ئاقسۇ رايۇنىغا ئاتلانغان. بۇ قوشۇن1945-يىلى 8-ئاۋغۇست باي ناھىيەسىگە يېقىن قېيىر دېگەن جايدا پەيدا بولۇپ بۇ جاينى مۇداپىئە قىلىۋاتقان بىر لىيەن جوڭگۇ ئارمىيىسىنى يوقاتقان. 14-چىسلا باي ناھىيەسىگە يىتىپ كېلىپ تۆت سائەتتىن ئوشۇق جەڭ قىلىپ باي ناھىيەسىنى ئالغان. ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىغا ئىشپىيۇنلۇققا ئەۋەتىلگەن ھېكىم نۇر «مەن سىلەرگە پاش قىلىپ بېرىۋاتقان بۇ ماتېرىياللارنى ئۆزۈم ئاپىرىپ بەرسەم، ئەتراپتىكىلەرنىڭ گۇمانى تۇغۇلۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا سىڭلىم ئارقىلىق ئەۋەتىۋاتىمەن (سىڭلىسى 12 ياشتا ئىدى)، ئۇلار يېقىن ئارىدا ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلقنى قوزغاپ، باي، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى ئالماقچى ، شۇڭا تېز ھەرىكەت قىلىپ، ل.مۇتەللىپ باشلىق «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى قولغا ئالماي بولمايدۇ.»دەپ ئۇچۇر يوللىغان. بۇ ۋاقىتتا جەڭگە تەييارلىنىۋاتقان « ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ ئەزالىرى ئارقىمۇ -ئارقا قولغا ئېلىنغان.


ساقچى ئورۇنلىرى ئۆمەر سامى بىلەن ھېكىم نۇرنىڭ يازغان ماتېرىياللىرىغا ئاساسلىنىپ، 1945-يىلى، ئاۋغۇست ئېيىدا، «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى قولغا ئېلىشقا باشلايدۇ. ساقچى ئىدارىسىدىكى زۇنۇن (زومېڭ)، ياسىن، نىيازۇف، ھىمىتلار مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئالدىن تەييارلىۋالغان ئاچقۇچى بىلەن ئۇنىڭ قۇلۇپىنى ئاچماقچى بولغان، لېكىن ئېچىلمىغانلىقتىن كالتەك تېپىپ كېلىپ قايرىپ ئاچقان. ئۇلار مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ خىزمەت پىلانىنى تېپىپ چىقىپ تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن زۇنۇنغا بەرگەن. ئۇلار يەنە بېرىپ مۇنىرىدىن خوجىنى قولغا ئالغان ۋە ئىككى كۈن ئۆتكەندە ئۇنى سوراق قىلغان. سوراقتا «سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭنى بىلدۇق، سىلەرنىڭ تەشكىلاتىڭلارنىڭ خىزمەت پىلانىغىمۇ ئېرىشتۇق، تەشكىلاتىڭلارنىڭ ئەھۋالى يېزىپ چىق»، دەپ ئۇنىڭغا بىر ۋاراق قەغەز بەرگەن. مۇنىرىدىن خوجا ھېچنەرسىنى يوشۇرۇپ قالماستىن يېزىپ چىققان، شۇندىن كېيىن ئۇ قاماققا ئېلىنغان. مۇنىرىدىن خوجا قاماققا ئېلىنغاندىن كېيىن ساقچى ئىدارىسى قالغان ياشلارنى قولغا ئەلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئادەم تۇتۇشقا بارغانلار − ياسىن ئەزىز، شىن باۋشەن، مىجىت، لىن يۈشەن، ياڭ شۈنخەيلەر دەرھال  قوراللىنىپ بېرىپ ئۇلارنى تۇتقان. ياسىن ۋە شىن باۋشەنلەر يۈسۈپجان، ئابدۇللا داۋۇت، ئوسمان مۇھەممەد، ئېلاخۇن دوختۇر، ئابدۇللا روزى قاتارلىقلارنى تۇتقان.

ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن غوجا، يۈسۈپجان ئابدۇللا، داۋۇت ھۆسەنوۋ، ئوسمانجان مۇھەممەت، ئېلاخۇن، مۇسا ئېلى، ئابدۇللا روزى، تەۋەككۈل يۇسۇپوۋ، ئابدۇكېرىم ئايۇپوۋ، ۋاسىلىي، ئىۋان (بۇلارنىڭ فامىلىسى ئېنىقلانمىدى)، قادىر ئېلى، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرېھىم مۇھەممەت، بىلال ئەزىزى، جالالىدىن ئاخۇن، مەۋلانجان، رەھمەت يۈسۈپ، ئوسمان قاسىم، ئوسمان يۈسۈپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ھېكىم نۇر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا كېلىپ «مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ماتېرىيال بەرگىنىم ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، خەلقنىڭ ئالدىدا «ئىشپىيون» دېگەن ئاتاققا قېلىشنى خالىمايمەن، شۇڭلاشقا مېنىمۇ قوشۇپ قاماققا ئېلىڭلار، ئۇلار مېنىڭدىن گۇمانلىنىپ قالمىسۇن» دەيدۇ. ئۆزىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇنىمۇ قولغا ئالغان بولۇپ، تۈرمىگە سولاپ قويىدۇ، بىراق بۇ سولانغان ئۆي گىلەم ۋە باشقا زىننەتلىك جابدۇقلار بىلەن بېزەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ئاقسۇدا ۋەزىيەت بىر ئاز قېلىپلاشقاندىن كېيىن، ئۇ تۈرمىدىن بوشىتىلىپ، ساقچى ئىدارىسىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

12-سېنتەبىر كۈنى گۇگۇم چۈشكەندە، ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شاۋبىڭ بۆلۈم باشلىقلىرىنى يىغىپ، «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىدىكى بەش كىشىگە ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋىتى بار دەپ ئېيتىلغان ئابلا داۋۇت، ئابدۇللا روزى، ئەخمەت يۈسۈپ، ئوسمان مۇھەممەت، ئارىپوۋ، تەۋەككۈل ئۇلۇغوۋ، ئىبراھىم ئىدرىسوۋ، مەۋلانجان، ھاپىز داموللام، مۇسا ئېلى قاتارلىق كىشىلەرگە سىياسىي باشقارمىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىش بۇيرۇقى كەلگەنلىكىنى جاكارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈرمە جاللاتلىرى ئىشقا كىرىشىپ، ئەڭ ئالدى بىلەن، يۈسۈپجاننىڭ ئىسمى ئوقۇلۇپ، گۇندىپايلار ئۇنى سىرتقا سۆرەپ چىقىدۇ. ساقچى باشلىقى ۋۇ شاۋبىڭ يۈسۈپجاننىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ھازىر ساڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ» دەيدۇ. ئاندىن ساقچى باشلىقى يۈسۈپجاننىڭ ئاغزىغا پاختا تىقىپ كەپلەپ قويۇشنى بۇيرۇيدۇ، بىراق يۈسۈپجان قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، گۇندىپايلار يۈسۈپجاننى ئۇرۇپ ھوشسىزلاندۇرۇپ، ئاغزىغا پاختا تىقىپ، كەپلەپ قويىدۇ. ئاندىن ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان ئۆرەكنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، قىلىچ بىلەن چاپىدۇ، ئەتراپقا قىپ-قىزىل قان چاچراپ، ئۇنىڭ تېنى پارچىلىنىپ ئۆرەككە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارمۇ شۇ تەرىقىدە چېپىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ دەل شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئىدى.

1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى يېرىم كىچىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خۇجا ،بىلال ئەزىزى ،ئابدۇللا روزى ، مەۋلانجان تۇردى ،تۇردى ئاخۇن ، ئابدۇللا داۋۇتوف، يۈسۈپجان ،ھامىت ئەزىز ،ئىلاخۇنۇم ، ئارىپوف، ھۈسەيىن ،قادىر ئېلى قاتارلىق «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ 21نەپەر ئەزاسى شۇنداقلا خىتتاي مۇستەملىكە ھاكىمىيىتى گۇمانلانغان 13 كىشى بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلگەن . ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىلال ئەزىزى يالقۇنلۇق نۇتۇق سۆزلىگەن ھەم ساقچىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن .بۇ ئىككەيلەن ئېتىلغاندىن كېيىن باشقىلارمۇ ئېتىلغان ھەم بۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئازگالغا تاشلاپ ئوت قويىۋەتكەندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ ئۈستىگە چوشقا قوتىنى ھەم ھاجەتخانىلارنى ياسىغان .  

ئەينى چاغدىكى قانلىق پاجىئە ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ ۋە ئىنىق مەلۇمات بەرگەن«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ».تەرىپىدىن چىقىرىلغان«كۈرەش »ژورنىلىنىڭ 1946-يىلدىكى 6-7-قوشما سانىدا مۇنداق يېزىلغان :«ئۆلتۈرۈش شۇ تەرەقىدە مۇدەھىش بولغانكى ،ئاساسلىق ھۆججەتلەرگە قارىغاندا بىر خوتۇننىڭ قارنى يېرىلغان ،12كىشى چېپىلغان ۋە جادۇدا توغرالغان ، 23كىشى ئېتىلغان ، شۇ قاتاردا ياش شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ ئۆلتۈرۈلگەن .ئاخىرىدا ياش شائىرىمىز بىلەن بىر قاتاردا تورىدىغان بىلال ئەزىزىمۇ ئېتىلغان ................. ۋەھشىلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن 36نەپەر ئىنقىلابچىمىزۋە شەھىتلىرىمىزنىڭ پاك جەسەتلىرى ئاقسۇ يېڭى شەھەر سىپىلىنىڭ غەربى بۈلىكىدە ئىتىبارسىزلارچە تۇپراق ئاستىغا يوشۇرۇلدى .ئەمما بۈگۈنكى ئىنقىلابى خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر دىلىدا ئۇلارنىڭ ئىنقىلابى روھى ئەبەدى تىرىك »دەپ يېزىلغان.



مەنبەلەر :

ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى (3)» مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 414-بەت .

تۇرسۇن ئەرشىدىن «لۇتپۇللا مۇتەللىپ» شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت – فوتو سۈرەت نەشرىياتى 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1-بەت .

باي ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش «باي تارىخ ماتېرىياللىرى (1)» 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 312-بەت .'

"ئىلى دەرياسى" ژۇرنىلى 2012-يىللىق 2-سان

ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر «مەن بىلىدىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ» «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 2006–يىللىق ئۇيغۇرچە 1–سان

شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش-تەھرىرلەش كومىتېتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» مىللەتلەر نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 140-بەت .