لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ئورنى Wikipedia
لۇتپۇللا مۇتەللىپ
مىللىتى ئۇيغۇر
كەسپى شائىر


لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ھاياتى[تەھرىرلەش]

ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﻤﯩﺰ لوﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ 1922-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻤﯘتاﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﭼﯜﻧﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺒﻮﻳﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . 1931 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﮬﯧﺰﯨﻤﺎﺧﯘﻥلوتپۇللانىﺭﻭﺱﯞﻩتاتارﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻥ ...

لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 23 يىللىق ھاياتىدا «يىللارغا جاۋاپ » خىيالچان تىلەك « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى ،«پادىشاھ سامورايلىرى ھالسىرايدۇ » « ئەجەل ھودۇقۇشىدا » ناملىق مەشھۇر فېلىيەتونلارنى يېزىپ قالدۇردى ،شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل ،چۈشۈنۈشلۈك ، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرىت مىللەتپەرۋەرلىك ، خەلىقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ،ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا !!

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان، كىيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن ، كېيىن ئاقسۇ گېزىتىدە ئىشلىگەن ۋە بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . 1944 يىلى غولجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاپ سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ، لوتپۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى لۇپتۇللا مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۇرمىگە قامىغان ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە ، گومىنداڭ تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىلەرچە قەتىل قىلغان . كىيىن كىشلەرلوتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتنى ئەۋرەز كارىزىغا تاشلىۋىتىلگەن يېرىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ تاراپ ئاقسۇ شەھەرى ئاق مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى ( ھازىرقى شىياڭگاڭ بازىرىنىڭ ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلغان .

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدىكى قەبرىسى


لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيى چۈشكەن سۈرىتى


لوتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر ، ئەدىب بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ، تىنىچلىقى ، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت . بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش -ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز !

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدىكى ئىدىلوگىيە[تەھرىرلەش]

نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

خەلقىمگە[تەھرىرلەش]

ئەي شىنجاڭ خەلقى، خىزمەتكە دائىم تەييار بول، ئۈستۈنلۈكلەرنى جانلاندۇرۇشتا ھوشيار بول. نېمىلەر چۆرگىلىمەكتە جۇڭگو بېشىدا، خەلقىم، پۇرسەت يەتتى، ھەممىگە تەييار بول.

جەڭ مەيدانىدا غالىب بولماقتىمىز، قەھرىمانلارغا ياردەم توپلاش كويىدا بول. ئاخىرقى چوڭ ئۈستۈنلۈكنى ئېلىپ چىقىشقا، جاھانگىرلارغا توسالغۇ ئۆڭكۈر-غار بول.

تىرىشقىن، خەلقىم، كېچە-كۈندۈز ئىش يولىدا، ئاداققى دەمدە سائادەتلىك باھار بول. ياخشى چۈشىنىپ سوۋېت بىلەن دوستلۇقىنى، كۈرەشتە سەن قەھرىمان، جەسۇر بول.

قەدەم چىقماستىن ئازادلىقنىڭ يولىدىن، مەھكەم بۇزۇلماس سەپنىڭ قوينىدا بول. ماڭغىن سائادەت دۇنياسىغا كەڭ ئاتلاپ، ۋەتەن، ئەل ئۈچۈن قايتماس پىداكار بول.


ئازادلىق يولىنى مەزلۇملارغا ئېچىشقا، ئۇلارنىمۇ ئىنسان قاتارىغا قېتىشقا. قاراڭغۇ ماكانغا ساپ چېچشقا، سۆيۈملۈك خەلقىم، قۇۋۋەتلىك ساپ نۇر بول.

1937-يىل ئۆكتەبىر، غۇلجا



«ئەپەندى» بولماق[تەھرىرلەش]

بۇ يىل ئون ئىككى يىل بولۇپ قالدى، ئۇكام، بۇ، ئەپەندى بولماق مېنى بىر بالاغا سالدى، ئۇكام. شۇ ئون ئىككى يىل ئىچىدە ساقلىمىنى قىرىپ يۈردۈم، كەينى يىرتىق چاپانلارنىمۇ كىيىپ يۈردۈم. لېكىن «ئەپەندى» دېگۈچىلەرنى ھېچ كۆرمىدىم، ئۇكام، بىر جاۋاب بەرسىڭىزچۇ، «ئەپەندى» دېمەسكە يەنە نېمەم كام؟

غەم يېمەڭ، ئاكا، ئۇنىڭ ئىشى بۇ زاماندا بەك ئاسان، ھازىر ئۇدۇللا ماگىزىنغا بارىسىز. ئازراق پۇلىڭىزغا كاستۇمدىن بىرنى ئالىسىز، يەنە كازبىكتىن يانچۇققا بىرنى سالىسىز، يەنە ئالىسىز ئاق كۆڭلەك ۋە ئۇزۇن گالىستۇك، بىر سېرىق شىبلىت كىيىسىز ئاندىن ئۇنى موك. تاماكىڭىزنى قىڭغىر چىشلەپ يۈرۈۋېرىڭ، سىزنى «ئەپەندى» دېگۈچىلەرنى كۆرۈۋېرىڭ.

1937 -يىل نويابىر، غۇلجا


دېھقىنىمغا[تەھرىرلەش]

قىشلار كەتتى، كۆكلەم يەتتى. كۈننىڭ نۇرى چېچىلدى.

ئاپئاق قارلار ئېرىدى، دېھقىنىم، باھارنى سېغىندىڭمۇ؟

بوستانلاردا قۇشلار سايراپ، ئىشقى-شوقى بىلەن قاراپ

دەردلىك كۆڭۈلنى ئاچقان ئوماق قۇشلارنى سېغىندىڭمۇ؟

يەر قوينىنى تىلغاشنى بۈگۈن يەنە سېغىندىڭمۇ؟

ئېتىزلارنى بوستان قىلىپ، يەر باغرىغا پاك كۈچ سېلىپ.

نۇرغۇن ھوسۇل ئېلىشنى، ئەي دېھقىنىم سېغىنىدىڭمۇ؟

كېچە-كۈندۈز كەتمەن چېپىپ قارا يەردىن ئالتۇن تېپىپ؛

ماڭلاي تەرنى يەرگە سېپىپ ئېتىزلارنى سېغىنىدىڭمۇ؟ 1938-يىل مارت،غۇلجا

كۈرەشچان جۇڭگو خوتۇن-قىزلىرى[تەھرىرلەش]

«ئىت ۋاپا، خوتۇن جاپا» دەپتىكەن بىر ساددا تىتىرەك، قارا يىللارنىڭ بىر «دانىشمىنى»(!؟)

بىز ئەمدى ئارقىغا تاشلىدۇق، بىز يىراققا، «چېچى ئۇۇزن، ئەقلى قىسقا» دېگەن چىگىش ئۆتمۈشنى.

ئەقلىڭ بىلەن تەڭشەپ ئۆتمۈش يىللىرىنىڭ، دەل كۆكسىگە كۈرەش خەنجىرىنى ئۇرساڭ؛ مىڭ بىر بالالار بىلەن چاپلاشتۇرغان سىرلىرى ئېچىلىدۇ روشەن بولۇپ، قىلنى قىرىق يارساڭ.

ھەممىمىز كۈرەشچان بىز، يىللىرىمىز كۈرەش يىللىرى، كۈرەشنىڭ نازۇك سىرلىرىنى ئۆگەندى بىزدەك ئەر-خوتۇن قىز ئۆتمۈشنىڭ تار يوللىرى قالدى ئارقىدا ماڭىمىز،ئېچىلىدى ئالدىمىزدا داغدام يول ــ ئىز.


1938 -يىل مارت، غۇلجا



بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى[تەھرىرلەش]

كۈرەش، كۈرەش دەپ دائىما تىرىشىپ تۇرساق، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى. ھەر قەدەمدە كونا تۇرمۇش بىلەن ئېلىىشپ تۇرساق، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

جاھانگىرلار يەر يۈزىدىن تامام يوقالسا، مەزلۇم ئەللەر يېڭى ھاياتتىن كەڭ يول ئالسا، زادى تۈگىمەس سائادەتكە قەدەم قويسا، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ئۆمەكلىىشپ مەزلۇملار بىلەن بىللە ئىشلىسەك، ھەقىقەتەن يېڭى يولغا راست كىرىشسەك، باراۋەرلىك ئۇللىرىنى مەھكەم قۇرساق، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

يوقسۇل، مىسكىنلەر ئەمدى تارتمىسا مۇشەققەت، «ئاھ...نەيلەي، قىسىلىدىمغۇ»دىمىسە پەقەت، ئازادلىقتىن شۇلارغا ياغسا مېھىر-شەپقەت، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ئېلىمىزدە ئىلىم-مەرىپەت تېشىپ تۇرسا، دولقۇنلاپ ئۆزىمىزدىن ئېشىپ تۇرسا، خائىنلار يوللىرى كېسىپ تۇرسا، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئچىلاتتى.

ھەربىر يەردە زاۋۇت-فابرىكا ۋارقىراپ تۇرسا، تۆمۈر يولدا ئوت ھارۋىلار جارقىراپ تۇرسا، ھاۋا قۇشلىرى ئۈستىمىزدە غارقىراپ تۇرسا، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

قەھرىمان ياشلار ئەمدى تەييار تۇرسا، قەھرىمانلارچە ھەربىر ئىشتا ھوشىيار تۇرسا، قاراڭغۇ بۇلۇڭلارغىمۇ چىراغلار يېقىلسا، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ئەسكى تۇرمۇش ھەر قەدەمدە ۋەيران بولسا، ئىسىبداتچى قارا كۈچلەر گۇمران بولسا، ئوقۇمىغان نادانلار ئەمدى ئىنسان بولسا، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

گۇرۇھ-گۇرۇھ زىيالىيلار قىلسا خىزمەت، ھەربىر ئېغىر ئىشلارغا قىلسا جۈرئەت، پۈكسە كۆڭلىگە دائىما توغرا نىيەت، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

مىللەتچىلىك يىلتىزىنى يۇلۇپ تۇرساق، ھەقىقەت دەپ مەيدىمىزنى كېرىپ تۇرساق، جۇڭگونىڭ ئازادچى ئەللىرى بولساق، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ھەربىر ئىشتا ئەل خىزمىتىگە ئاساسلانساق، قۇرۇپ تېخنىكا، ئېغىر ئىشنى ئاسانلاتساق، تەرەققىيات يولىغا ئەزىز جاننى ئاتىساق، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى. مۇتەللىپ، سەن ھەقىقەتنى تارتىنماي سۆزلە، غەيرەت بىلەن قۇزغۇنلار يوللىرىنى تورا. بۇ يولداۋارقىرىساڭ ھەيۋەت بىلەن «ھۇررا» بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

1938-يىل ئاپرېل، غۇلجا



كۆكلەم ئىشقى[تەھرىرلەش]

يېشل كۆكلەم،سەن پەسىللەر ئەركىسى، سېغىندىم،سېغىنغاندۇ سېنى ھەر كىشى. يەنە گۈللەر بۇلبۇل ۋە سۇمبۇللار، سېنىڭ نەقىش زىننىتىڭدۇر بۇلار ھەممىسى. يەنە سۇلار،شارقىراتمىلار، شوخ شاماللار، ئەركىلەپ، سۆيۈپ باغرىڭدا جەۋلان قىلغۇسى. سۈزۈك تاڭ، سۈزۈك كەچ، ئايدىڭ تۈنلىرىڭ، ئەمگەك كۈنلىرىڭ سىردىشىدۇر دېھقان بالىسى. ئېتىز چىرايلىق، ئېتىز قايناق، ئېتىز يېقىملىق، ئېتىز ئەمگەكنىڭ كەڭتاشا، ئەركىن سەھنىسى. قۇش-قۇرتلار سازەندە، تورغايلار داپچى، ئۇرغۇپ جاراڭلار ھەريەردە ئەمگەك نەغمىسى. چاپ كەتمەننى، تىلغا يەرنى، تەڭكەش قىلىپ، شۇ سەھنىنىڭ سەنئەتكارى ــ دېھقان ئاممىسى. ئانىسى ئۇرۇقچى، قىزلىرى سۆرەمدە، ئائىلە ئىشتا، ھەربىر ئايال ــ داڭدار مېھنەت ئارتىسكىسى. ئېتىزدە توي، داغدۇىلىق كونسېرتنى قوي، كۆكلەم ئىشقى ــ ياش شائىرنىڭ ئىلھامچىسى.

1938-يىل ئاپرېل، غۇلجا

چىمەن[تەھرىرلەش]

چىمەن ــ ئىشچان قىز، زادى ھارمايدۇ، ئىشلەپ كېچە-كۈندۈز بىكار يۇرمايدۇ. ئەمگەك يارىتىدۇ، ئاڭا جان ئاتىدۇ، خۇشاللىلق تاپىدۇ، لايغەزەل بولمايدۇ.

خوراز قىچقارغاندا،تاڭلار ئاتقاندا، ئىلدام ئېتىزغا قاراپ چامدايدۇ. ناخشىلار ئېيتىپ، تەرلەر ئاققۇزۇپ، ئىشلاردا ئۈزۈپ، مۆلچەر قامدايدۇ.

كۈمۈش ئايدىڭلاردا، ساپ ھاۋالاردا، ئورۇپ ئورمىلار چوڭلاردىن قالمايدۇ. ئالتۇن باشچىلاردىن ئۈنچىلەر تىزىپ، سۈرەتتەك قىلىپ باغنى باغلايدۇ.

كەينىدە قالغانلار «ئۇھ» دەپ ھارغانلار، چىمەن كۈلۈپ قويغاندا ئالغا ئاتلايدۇ. چىمەنگۈل شۇنداق، بىرىنچى ھەرۋاق، ئاھ، ھەممە ئامراق «چىمەن» دەپ يادلايدۇ.

تېخى چىمەنگۈل «بەشىنچى» بۇ يىل، خۇددى ئۇ بۇلبۇل، كىتابقا قارايدۇ. سەھنىگە چىقىپ ئوقۇساناخشا، شېئىر يادلىسا، بۇلبۇلدەك سايرايدۇ.

ئوقۇش تۈگىسە، ئاتا-ئانىسى كۆنسە، يەنە مەكتەپتە ئوقۇشنى ئويلايدۇ. ئىلىم ئوقۇپ نىيەتكە، چۈشىنىپ سىياسەتكە، ئەل ئارا خىزمەتكار بىر يوللا بويلايدۇ.

چىمەننىڭ مەقسىتى شۇ، ئاڭا يەتمەكچى ئۇ، ئېيتىپ «قوزغال» نى خۇشال ئوينايدۇ. دەۋر چىمەنلىرى بەرگەندە سالام، مۇتەللىپ يۈرىكىدە ئىلھام قاينايدۇ.

1938-يىل ماي، غۇلجا


بىز شىنجاڭ ئوغۇل-قىزلىرى[تەھرىرلەش]

بىز شىنجاڭ ئوغۇل-قىزلىرى، بىز ئۈمىد يۇلتۇزلىرى، كۈرەش قاينىمىدا ئۆسكەن، كىرسىز-پاك قۇندۇزلىرى. بىز ئۈمىد يۇلتۇزلىرى، كەلگۈسىنى كۆزلەيمىز ھامان.

ئالىي بىزنىڭ تىلەكلەر، ئىشچان باتۇر بىلەكلەر، دائىم ئالغا ئىنتىلىدۇ دولقۇنلاپ ياش يۈرەكلەر. ئالىي بىزنىڭ تىلەكلەر، ئالغا ئاتلايمىز تىنماي ھەر زامان.

ناخشا ئېيتىمىز تارتىماي، ۋەتەن يولىدا تىنماي، بىرلىك سەپتە تەكشى ماڭىمىز، بىر-بىرىمىزدىن قالماي. ۋەتەن، ئەل يولىدا تىنماي، قەھرىمانلارچە ماڭىمىز كۆزلەپ مەيدان.

ئېگىز-پەسنى تۈزلەيمىز، يېڭىلىقنى كۆزلەيمىز، «مەزلۇملار، بىرلىشىڭلار!» دەپ دائىما سۆزلەيمىز. ئېگىز-پەسنى تۈزلەيمىز، پۈتۈن جۇڭگونى قىلىمىز گۈلىستان.

بىزگە قەدىرلىك ئەمگەك، شۇڭا يېپىىشىمىز بەك، ئەمگەك بىلەن ھەر ئىشىمىز ئالغا ماڭار دېگەندەك. بىزگە قەدىرلىك ئەمگەك، ئەمگەك بىلەن پەيدا بولار ھۆر ماكان.

بىز كۈرەش يارىتىمىز، بنىز ئۇنىڭغا جان ئاتىمىز، كۈرەش بىزگە شۇنداق يېقىن، ئۇ ئاتا-ئانىمىز. بىز كۈرەش يارىتىمىز، كۈرەش بىلەن كېلىدۇ بىزگە چوڭ دەرمان.

سازىمىزنى قولغا ئېلىپ، بىرلىك پەدىگە چېلىپ، خەلقئالەم دىققىتىنى ئۆزىمىزگە جەلپ قىلىپ. بىرلىك پەدىگە چېلىپ، قويمايمىز يۈرەكتە ھېچ ئارمان.

جەڭ قاينىمىدا قايناپ، جەسۇرانە مەيداندا ئويناپ، ھەر مىنۇتتا غالىب كېلىپ، ئەزىز تۇپراقنى قوغداپ. ھەرمىنۇتتا غالىب كېلىپ، بولىمىز راست ئازادچىل قەھرىمان.

1938-يىل ئاۋغۇست، غۇلجا


جۇڭگو پارتىزانلىرى[تەھرىرلەش]

جەڭ قايناملىرى دېڭىزدەك قايناپ تۇرىدۇ، ئاچ كۆز ياپونلار بىزگە قارشى سويلاپ تۇرىدۇ. ياغدۇرۇپ بومبا، چېچىشىپ زەھەرلىك گازلار، يىرتقۇچ ھايۋاندەك قان ئىچىپ، بويلاپ يۈرىدۇ. شۇ پۇرۇقلىغان چوڭ كۈرەش، مەيدان ئىچىدە، كۆكرەكلەر كېرىپ بارماقتا بىزنىڭ پارتىزانلار. سوققىلار بېرىپ ھەر قەدەمدە فاشىستلارغا، قانلار كېچىشىپ، ئىنتىقام ئالماقتا ئارسلانلار. تۈن كېچىلىرى ياتمايدۇ دۈشمەننى كۆزلەپ، قايتىدۇ جەڭدىن ياۋنى يۇملىتىپ يۈزلەپ. ئالىي بولغاچقا تىلىكى، قىلماي ھېچ نالە، كېتىپ بارىدۇ ياپوننىڭ ئاكوپىنى تۈزلەپ. ئېغىرلىقلارغا چىدايدۇ، ئىزدىن تايمايدۇ، قىزغىن جەڭلەردە ھەرگىز ئارقىغا يانمايدۇ. ۋەتەننى ئازادلىق-ھۆرلۈككە يەتكۈزمەي تۇرۇپ، كۈرەش كەۋسىرىن ئىچىپ يۈرىكى قانمايدۇ. ئەنە قولىدا جۇڭگو ئەلىمى يەلپۈنىدۇ، «ۋەتىنىم!» دەپ ئالغا قاراپ تەلپۈنىدۇ. باسقۇنچىلارنىڭ يىلتىزىن قۇمۇرۇپ تاشلاشقا ھەر چامدامدا ئالغا قاراپ تەمشىلىدۇ. ئىشقا ئاشمايدۇ ياۋنىڭ مەخپىي پىلانلىرى، چۆچۈتەلمەيدۇ بومبىلاپ ئايروپىلانلىرى. كۆتۈرەلىسە گەر دۈشمەن كۆككە خۇددى قۇشتەك، چۈشۈرىدۇ تىك، مەرد جۇڭگو پارتىزانلىرى.

1938-يىل سېنتەبىر، غۇلجا


كۈرەش[تەھرىرلەش]

كۈرشنى قىزىتتۇق بىز، ئاخىرقى يېڭىش بىزنىڭدۇر، كۈرەشكەنسرى چېڭىش، زەپەرلىك سۈرئەت بىزنىڭدۇر.

كۈرەشكەن ھەر فرونتتا، ھەر دائىما بىزلەر يەڭدۇق، يېڭىشتە ئالغا مېڭىش، كۈچ-قۇۋۋەت بىزنىڭدۇر.

ئەسىر بويى مەزلۇملار زۇلۇم-زۇقۇملار تارتىپ كەلدى، جاھانگىر-جاللاتلارنى يوق قىلىش نۆۋەت بىزنىڭدۇر.

شۇڭلاشقا بۇ كۈرەشنىڭ قايناملىرىغا چۈشتۇق بىز، ئازادلىقنىڭ يولىدا چىن غالىبىيەت بىزنىڭدۇر.

بۇ كۈرەش ئىقبالىدىن قايناق تىلەك تاغدەكتۇر، ئەڭ ئاداققى زور يېڭىش، يېڭى ھايات بىزنىڭدۇر. 1938-يىل سېنتەبىر، غۇلجا جانان ئەيلەر

بۇ كۈرەش مەزلۇملارنىڭ بەختى-تەلىيىن گۈلىستان ئەيلەر، ئەزگۈچى، قانخور جاھانگىرلارنىڭ باغرىن كېسەر، قان ئەيلەر.

مەزلۇملارنىڭ قۇدرەتلىك بىرلىك كۈچىن يېڭەلمەيدۇ دۈشمەن، دۇنيادا ۋەھشىيلەر تەختىن قويماستىن چاقار، ۋەيران ئەيلەر.

يورۇقتۇر مەزلۇملار ئىقبالى كۈرەشكەندە ئالغا چامداپ، گاڭ بىلەكلەر تاۋلانغان، دۇنيانى چاپسان كەڭ مەيدان ئەيلەر.

«قوزغال،ئەمدى قۇللۇقنى خالىمىغان ئىنسان ئەۋلادى»، كۈرەش، ئالغا چامدا، بۇ كۈرەش بەختىڭنى ئاچار، جانان ئەيلەر.

1938-يىل سېنتەبىر، غۇلجا

خەلقىمگە[تەھرىرلەش]

ئەي شىنجاڭ خەلقى، خىزمەتكە دائىم تەييار بول، ئۈستۈنلۈكلەرنى جانلاندۇرۇشتا ھوشيار بول. نېمىلەر چۆرگىلىمەكتە جۇڭگو بېشىدا، خەلقىم، پۇرسەت يەتتى، ھەممىگە تەييار بول.

جەڭ مەيدانىدا غالىب بولماقتىمىز، قەھرىمانلارغا ياردەم توپلاش كويىدا بول. ئاخىرقى چوڭ ئۈستۈنلۈكنى ئېلىپ چىقىشقا، جاھانگىرلارغا توسالغۇ ئۆڭكۈر-غار بول.

تىرىشقىن، خەلقىم، كېچە-كۈندۈز ئىش يولىدا، ئاداققى دەمدە سائادەتلىك باھار بول. ياخشى چۈشىنىپ سوۋېت بىلەن دوستلۇقىنى، كۈرەشتە سەن قەھرىمان، جەسۇر بول.

قەدەم چىقماستىن ئازادلىقنىڭ يولىدىن، مەھكەم بۇزۇلماس سەپنىڭ قوينىدا بول. ماڭغىن سائادەت دۇنياسىغا كەڭ ئاتلاپ، ۋەتەن، ئەل ئۈچۈن قايتماس پىداكار بول.


ئازادلىق يولىنى مەزلۇملارغا ئېچىشقا، ئۇلارنىمۇ ئىنسان قاتارىغا قېتىشقا. قاراڭغۇ ماكانغا ساپ چېچشقا، سۆيۈملۈك خەلقىم، قۇۋۋەتلىك ساپ نۇر بول.

1937-يىل ئۆكتەبىر، غۇلجا


جۇڭگو پارتىزانلىرى[تەھرىرلەش]

جەڭ قايناملىرى دېڭىزدەك قايناپ تۇرىدۇ، ئاچ كۆز ياپونلار بىزگە قارشى سويلاپ تۇرىدۇ. ياغدۇرۇپ بومبا، چېچىشىپ زەھەرلىك گازلار، يىرتقۇچ ھايۋاندەك قان ئىچىپ، بويلاپ يۈرىدۇ. شۇ پۇرۇقلىغان چوڭ كۈرەش، مەيدان ئىچىدە، كۆكرەكلەر كېرىپ بارماقتا بىزنىڭ پارتىزانلار. سوققىلار بېرىپ ھەر قەدەمدە فاشىستلارغا، قانلار كېچىشىپ، ئىنتىقام ئالماقتا ئارسلانلار. تۈن كېچىلىرى ياتمايدۇ دۈشمەننى كۆزلەپ، قايتىدۇ جەڭدىن ياۋنى يۇملىتىپ يۈزلەپ. ئالىي بولغاچقا تىلىكى، قىلماي ھېچ نالە، كېتىپ بارىدۇ ياپوننىڭ ئاكوپىنى تۈزلەپ. ئېغىرلىقلارغا چىدايدۇ، ئىزدىن تايمايدۇ، قىزغىن جەڭلەردە ھەرگىز ئارقىغا يانمايدۇ. ۋەتەننى ئازادلىق-ھۆرلۈككە يەتكۈزمەي تۇرۇپ، كۈرەش كەۋسىرىن ئىچىپ يۈرىكى قانمايدۇ. ئەنە قولىدا جۇڭگو ئەلىمى يەلپۈنىدۇ، «ۋەتىنىم!» دەپ ئالغا قاراپ تەلپۈنىدۇ. باسقۇنچىلارنىڭ يىلتىزىن قۇمۇرۇپ تاشلاشقا ھەر چامدامدا ئالغا قاراپ تەمشىلىدۇ. ئىشقا ئاشمايدۇ ياۋنىڭ مەخپىي پىلانلىرى، چۆچۈتەلمەيدۇ بومبىلاپ ئايروپىلانلىرى. كۆتۈرەلىسە گەر دۈشمەن كۆككە خۇددى قۇشتەك، چۈشۈرىدۇ تىك، مەرد جۇڭگو پارتىزانلىرى.

1938-يىل سېنتەبىر، غۇلجا


جانان ئەيلەر[تەھرىرلەش]

بۇ كۈرەش مەزلۇملارنىڭ بەختى-تەلىيىن گۈلىستان ئەيلەر، ئەزگۈچى، قانخور جاھانگىرلارنىڭ باغرىن كېسەر، قان ئەيلەر.

مەزلۇملارنىڭ قۇدرەتلىك بىرلىك كۈچىن يېڭەلمەيدۇ دۈشمەن، دۇنيادا ۋەھشىيلەر تەختىن قويماستىن چاقار، ۋەيران ئەيلەر.

يورۇقتۇر مەزلۇملار ئىقبالى كۈرەشكەندە ئالغا چامداپ، گاڭ بىلەكلەر تاۋلانغان، دۇنيانى چاپسان كەڭ مەيدان ئەيلەر.

«قوزغال،ئەمدى قۇللۇقنى خالىمىغان ئىنسان ئەۋلادى»، كۈرەش، ئالغا چامدا، بۇ كۈرەش بەختىڭنى ئاچار، جانان ئەيلەر.

1938-يىل سېنتەبىر، غۇلجا


لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ سىياسى پائالىيەتلىرى ۋە كۈرەشلىرى[تەھرىرلەش]

ئوتتۇرا ئاسىيادا لۇتپۇللا مۇتەللىپ[تەھرىرلەش]

ئوت يۈرەك شائىر - لۇتپۇللا مۇتەللىپ

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئەسەرلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش[تەھرىرلەش]

  1. لوتپۇللاھ مۇتەللىپ يازغان « تىياتىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە راۋاجلىنىش تارىخى » ناملىق ماقالە « شىنجاڭ گېزىتى » نىڭ 1942 - يىلى 9- ئاينىڭ11 - كۈندىكى سانىدىن باشلاپ بىر نەچچە سانغا بۆلۈپ ئېلان قىلىنغان.
  2. نېمشېھىت 1946 - يىلى ئايدا « ھەپسىدە كەتكەن دوستۇم ل . مۇتەللىپكە» ناملىق مەرسىيەسىنى يازغان. ( « يۈرەك سۆزى » شېئىرلار توپلىمى 1980 - يىلى 1- ئاي مىللەتلەر نەشرىياتى. )
  3. زەينىدىن سالىيۇپ 1946 - يىلى 8 - ئايدا شىخۇدا « مۇسىبەت » ناملىق مەرسىيەسىسىنى يازغان. (« بىزنىڭ تىلەك »، كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمى، 1981 - يىلى 3 - ئاي شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.)
  4. شائىر ئەلقەم ئەختەم 1946 - يىلى 9 - ئايدا ل . مۇتەللىپكە بېغىشلانغان 54 مىسىرالىق مەرسىيەسى « ئېچىنىش » نى يازغان. بۇ مەرسىيە 1954 - يىلى قازاقىستاندىكى « قازاق ئىلى » ژورنىلى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. شائىرنىڭ « ئۆمۈد دولقۇنلىرى » ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.
  5. تىيىپجان ئېلىيوف 1948 - يىلى 3 - ئايدا قورغاستا « لوتپۇللاغا » ناملىق شېئىرىنى يازغان. (« ت.ئېلىيوف شىئېرلىرى » 1 - تومغا كىرگۈزۈلگەن.)
  6. « شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1952 - يىللىق 6 - سانىغا ل.مۇتەللىپنىڭ « لېنىن شۇنداق ئۈگەتكەن» ناملىق ئەسىرى بېسىلغان.
  7. « شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1952 - يىللىق 8 - سانىغا « ل . مۇتەللىپ خاتىرىسى » دېگەن ماۋزۇدا تەھرىر بۆلۈم نامىدىن ل . مۇتەللىپنىڭ ھاياتى رەسىمى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان ۋە ل . مۇتەللىپنىڭ « ئەجەل ھودۇقىشىدا »، « كۈرەش ئىلھامى »، « يىللارغا جاۋاب »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق ئەسەرلىرى بېسىلغان.
  8. ئەلقەم ئەختەم 1953 - يىلى 9 - ئايدا« دوستۇم مۇتەللىپ » ناملىق شېئىرىنى يازغان (1957 - يىل 9 - ئاي مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان« كۈرەش دولقۇنلىرى » غا كىرگۈزۈلگەن.)
  9. « شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1955 - يىللىق 6 - سانىدا ل . مۇتەللىپنىڭ « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان.
  10. « شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ1955 - يىللىق 8 – سانىدا « ل.مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 10يىللىقى ئالدىدىن» دېگەن سەھىپە ئىچىلىپ، ت.ئېلىيوفنىڭ « ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك شائىرى » دېگەن ماقالىسى بىسىلغان، بۇ ماقالە جەمئىي 23 بەتلىك. بۇ ماقالە ل.مۇتەللىپنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ئىجادىيتىدىكى ئىلغار ئىددىيەلەرنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىشقا بىغىشلاپ ئىككى بۆلەك بويىچە يېزىلغان. مىنىڭچە ل.مۇتەللىپ ھەققىدە بۇ ئەڭ دەسلەپتە يېزىلىپلا قالماي، يەنە مۇكەممەل يېزىلغان ماقالىدۇر.
  11. « شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1955 - يىللىق 9 - سانىدا « ل.مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن » دېگەن مەخسۇس سەھىپە ئىچىلىپ « چىلىش يىللىرىنىڭ باتۇر كۈيچىسى » ناملىق مەخسۇس ماقالە بېسىلغان. ئاندىن « ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدىن » دېگەن سەھىپىدە « يىللارغا جاۋاب »، « يانار تاغلار »، « ماي كۈرەشچان ئاي »، « ھورۇن دېھقانغا »، « بىزنىڭ مەمەت »، « پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ » قاتارلىق ئەسەرلىرى بىسىلغان. ل.مۇتەللىپكە ئاتالغان ئەسەرلەردىن تۇردى سامساقنىڭ « شائىر » ناملىق شېئىرى، يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ « مەڭگۈ بىز بىلەن » شېئىرى، مەمەت يۈسۈپنىڭ « پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىمىز » ناملىق شېئىرى، ئابدۇكېرىم خوجايوفنىڭ « بىرىنچى جەڭدە » ناملىق ھېكايىسى بىسىلدى. بۇ ھېكايىدە ل.مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇغا سۈرگۈن قىلىنىش جەريانى ۋە ئاقسۇدا « ياپۇن جاھانگىرلىكىگە قارشى ناخشىلارنى ئېيتتى » دېگەن نام بىلەن بىرىنچى قېتىم تۈرمىگە سولىنىش جەريانى تەسۋىرلەنگەن.
  12. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1955-يىلى نەشر قىلغان « كۈرەش ناخشىلىرى » ناملىق توپلامدا ل.مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاب »، « باھار ھەققىدە مۇۋاششەھ » ،« پارچە »، « شائىر توغرىسىدا مۇۋاششەھ »، « تەسىراتىم »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
  13. مەمەت سىدىق نۇرۇزۇۋنىڭ نەشرىگە تەييارلىشى بىلەن1955 - يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ل.مۇتەللىپنىڭ « مۇھەببەت ھەم نەپرەت » ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلغان. توپلامنىڭ بىشىغا ت.ئېلىيوفنىڭ « چىلىش يىللىرىنىڭ باتۇر كۈيچىسى » ناملىق ماقالىسى بېرىلگەن، توپلامغان ل.مۇتەللىپنىڭ 37 پارچە ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن.
  14. بېيجىڭدا1956-يىلى « يازغۇچىلار » نەشرىياتى تەرىپىدىن ل.مۇتەللىپنىڭ « ل.مۇتەللىپ شېئىرلىرى » ناملىق خەنزۇچە توپلام نەشىىر قىلىنغان.
  15. شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1957 - يىل نەشر قىلغان « ياشلىق ئۆگەن » نامىدىكى 18 شائىرنىڭ كوللىكتىپ توپلىمىغا ل.مۇتەللىپنىڭ « ياشلىق ئۆگەن »، « بىز شىنجاڭ ئوغۇل- قىزلىرى »، « چىمەن »، « لېنىن شۇنداق ئۈگەتكەن »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا »، « پارچە » قاتارلىق ئالتە پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.
  16. زەينىدىن ساليوف « ياشلار ئۆگىنىشى » ژۇرنىلى 1957 - يىللىق 2 - سانىدا ل . مۇتەللىپكە تەقلىد قىلىپ « غۇلاچ تاشلا » ناملىق شېئىرىنى يازغان ھەم شېئىرنىڭ بېشىغا ل . مۇتەللىپنىڭ « ياشلىق ئۆگەن » ناملىق شېئىرىدىن بىر كۇپلىت مىسال ئالغان.
  17. شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 - يىللىق 1 - سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « كۈرەشچان جۇڭگو خوتۇن قىزلىرى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان.
  18. شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 - يىللىق 2 - سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف بىلەن يۈسۈپ خوجايۇف بىللە تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « كۆرىشىۋاتىمىز »، « چىمەن»، « ئىشلە دېھقان ئاكا »، « دوستۇمغا »، « خوش » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسلغان.
  19. شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 – يىللىق 3- سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « مۇھەببەت ھەم نەپرەت » داستانى بېسىلغان.
  20. « تارىم » ژورنىلى1957 - يىللىق 9 - سانىدا شائىر ۋاپاتىنىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن « ل.مۇتەللىپنىڭ يېڭى تىپىلغان شېئىرلىرى » دېگەن سەھىپىدە ل.مۇتەللىپنىڭ « مۇختىمىلات »، « مىشچان قىز »، « تۈن يىرىپ ئىزلار باسقاندا »، « پارچە » قاتارلىق ئەسەرلىرى بېسىلغان.
  21. « تارىم » 1958 - يىللىق 6 - سانىغا ت.ئېلىيوفنىڭ « ل.مۇتەللىپ يەنە بىز بىلەن » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان.
  22. « تارىم » 1958 - يىللىق 9 - سانغا ۋاڭ يۈخۈينىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ <جۇڭگو> دېگەن ئۆلمەس شېئىرىنى ئوقۇغاندا » ناملىق ماقالىسى بىسىلغان، يەنە ل.مۇتەللىپنىڭ « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « خەلقىمگە »، « خوش »، « كەل يېڭى يىل »، « ئازاد گۈلىستانى ياسار »، « دوستۇم » قاتارلىق يېڭى تىپىلغان شېئىرلىرىمۇ بىسىلغان.
  23. شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1958 - يىللىق9 - سانىغا يۈسۈپ خوجايۈف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ« ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « بوراندىن كېيىنكى ئاپتاپ »، « جۇڭگو پارتىزانلىرى »، « كۈرەش »، « باتۇر يىللار »، « يانار تاغلار » قاتارلىق شېئىر ۋە درامىمىسى بىلەن ئابدۇكېرىم خوجايۇفنىڭ ل . مۇتەللىپنى خاتىرلەپ يازغان « سېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈڭ ئېچىلدى » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان.
  24. « ياش كوممۇنىسىت » ژۇرنىلى (يېرىم ئايلىق ژۇرنال)نىڭ 1959 - يىللىق 15 - سانىدا ھېزىم قاسىمنىڭ « مۇتەللىپ خاتىرىسى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان.
  25. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1959 - يىللىق 1 - سانىدا ل.مۇتەللىپنىڭ « مىللەﺗﭽﯩ- لەرگە زەربە »، « ھەسەن - ھۈسەن »، « مۇخەممەس » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسىلغان.
  26. شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1959 - يىللىق10 - سانىغا يۈسۈپ خوجايۈف تەرجىمە قىلغان « ل . مۇتەللىپنىڭ ئىككى پارچە شېئىرى » دېگەن ماۋزۇدا « ھەسەن –ھۈسەن » شېئىرى بىلەن « مۇخەممەس » شېئىرى بېسىلغان.
  27. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1959 - يىللىق 10 - 11 - سانلىرىدا لىيۇ شىياۋۋۇ، ئەلقەم ئەختەم، ئابدۇكېرىم خوجايوف، زەي دىسىڭلار بىرلىكتە يازغان ل.مۇتەللىپنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتىغا بېغىشلانغان « يېراقتىكى ئۇچقۇنلار » ناملىق سېنارىيە بېسىلغان. بۇ سىنارىيە 1958 - يىلى دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا سوۋغا سۈپىتىدە يېزىلىپ، 1959 - يىلى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلغان.
  28. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1960 - يىللىق 8 - 9 قوشما سانىدا ل . مۇتەللىپنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرىنىڭ خەنزۇچە توپلىمى چىقىرىلدۇ دەپ خەۋەر بېرىلگەن.
  29. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1962 - يىللىق 4 - سانىدا مۆمىن مۇھەممىدى يازغان « قاينام ئۆركىشى » ناملىق ئوچېرىك ئېلان قىلىنغان.
  30. جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى شىياۋ سەن باش مۇھەرىرلىكىدىكى 1962 - يىلى 6 - ئايدا تولۇقلاپ نەشر قىلغان « ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرىدىن ناملىق كىتابقا ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « خىيالچان تىلەك »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « مۇخەممەس »، « كۈرەشچان جۇڭگو خوتۇن ـ قىزلىرى »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا » قاتارلىق 6 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. كىتابنىڭ شىياۋ سەن يازغان كىرىش سۆزىدە ل . مۇتەللىپنىڭ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى تەھلىل قىلىنغان. بۇ كىتابقا يەنە تېيىپچان ئېلىيۇف يازغان « چېلىش يىللىرىنىڭ باتۇر كۈيچىسى » ناملىق ماقالىنىڭ قىسقارتىلىمىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن.
  31. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1962 - يىللىق 11 - 12 قوشما سانىدا « ل.مۇتەللىىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن سەھىپە ئېچىلىپ، ژۇرنال نامىدىن « شائىر، جەڭچى، ۋەتەننىڭ سادىق ئوغلى » دېگەن ماقالە بېسىلغان. تىيەن جەننىڭ« ل.مۇتەللىپنى ئەسلەپ »، ئەلقەم ئەختەمنىڭ « ئەسلىدىم »، نېمشىھىتنىڭ« مېنىڭ سېغىنىشىم »، تېيىپچان ئېلىيۇفنىڭ « ئەسلەش » قاتارلىق مەرسىيەلىرى ۋە شىبە يازغۇچىسى گوجىنەننىڭ « ۋەتەننىڭ ياخشى ئوغلى » دېگەن شېئىرى بېسىلغان. ئاندىن « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرى » دېگەن ماۋزۇدا ل . مۇتەللىپنىڭ « جۇڭگو »، « ۋەتەن ئەلا، خەلق ئەلا »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى » ،« مىللەتچىلەرگە زەربە »، « يىللارغا جاۋاپ »، « ماي ناخشىسى »، « شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ »، « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « كۈرەش قىزى »، « ئەدەبىياتتىكى تىپ توغرىسىدا » قاتارلىق ئەسەرلىرى بېسىلغان.
  32. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1963 - يىللىق 7 - سانىغا شىياۋ سەننىڭ « ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرى » دېگەن كىتابقا يازغان كىرىش ماقالىسى رەخىم قاسىمۇف تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلغان. بۇ ماقالىدا ل.مۇتەللىپنىڭ ئۈچ پارچە شېئىرى تىلغا ئېلىنغان ھەم تەھلىل قىلىنغان.
  33. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1965 - يىللىق 5 - سانىدا « ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز » ئىستۇنىدا ل.مۇتەللىپنىڭ « جۇڭگو پارتىزانلىرى » دېگەن شېئىرى بېسىلغان.
  34. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1978 - يىلى 10 - ئايدا نەشر قىلغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ« تىل ـ ئەدەبىيات دەرسلىكى » 4 - قىسىمغا ل . مۇتەللىپنىڭ « بىز شىنجاڭ ئوغۇل ـ قىزلىرى » ناملىق شېئىرىنى كىرگۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن نەشر قىلىغان ئۇيغۇر ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ « تىل ـ ئەدەبىيات » دەرسلىكىلىرىگە ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « خىيالچان تىلەك »، « پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ »، « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « جۇڭگو » قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى.
  35. شائىر ئەزىزوف قاسىم 1979 - يىلى 2 - ئايدا ل.مۇتەللىپكە بېغىشلاپ « يىللار كۈيچىسىگە » ناملىق شېئىرىنى يازغان. بۇ شېئىر شائىرنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلغان « قىلىچ » ناملىق شېئىرلار توپلمىغا كىرگۈزۈلگەن.
  36. « شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ1979– يىللىق 4 – سانىدا « ئىنقىلابى شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن » دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا شائىرنىڭ تەرجىمھالى، ئىجادىيەت ئەھۋالى، ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا نامى قارىلانغانلىقنى، 3 – ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن نامىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىىگە دائىر مەزمۇنلار بېسىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ « يىللارغا جاۋاب »، « جۇڭگو »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق 3 پارچە شېئىرنى باسقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەلقەم ئەختەمنىڭ ل . مۇتەللىپكە بېغىشلىغان « ئەسلىدىم »، ھەسەن تېلىۋالدىنىڭ « ل . مۇتەللىپكە »، تۇرسۇن قۇرباننىڭ « قەۋرەڭنى ئىزلەپ » قاتارلىق شېئىرلىرىمۇ بېسلىغان.
  37. « شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ1979– يىللىق 4 – سانىغا « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن » دېگەن ماۋزۇدا لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى تونۇشتۇرغان ماقالە بېسىلغان. ئاندىن « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاپ »، « شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا » . « ماۋۇزسىز » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسىلغان.
  38. « شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ1979– يىللىق 7 – سانىغا ئىبراھىم سەيدۇللانىڭ لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ۋاپاتنىڭ 35يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان « كۈرەشچان ھايات، شانلىق قۇربان » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان.
  39. « شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1979 - يىللىق 9 – سانىدا ئىنقىلاۋى شائىر ل . مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 34 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس سەھىپە ئېچىلىپ « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن » دېگەن ماۋزۇدا شائىرنىڭ يېڭىدىن تېپىلغان ماۋزۇسىز شېئىرى پارچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان 6 پارچە شېئىرنى ۋە « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا »، « ياشلىق ئۆگەن »، « ئىككى لىرىكا » قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئېلان قىلدى. يەنە ئەزىزۇپ قاسىمنىڭ « قاينام ئۆركىشىنى ئەسلەيمەن »، ئىلھامجاننىڭ« شائىر لوتۇن »، ماھمۇت زەيدىنىڭ « قاينام ئۆركىشىگە » قاتارلىق شېئىرلىرى ئېلان قىلىندى. بۇ ساندا يەنە رەھىم قاسىمنىڭ « سۆيۈملۈك ئىنقىلاۋى شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ » ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. يەنە ئىبراھىم سەيدۇللانىڭ« كۈرەشچان ھايات، شانلىق قۇربان » تېمىلىق ماقالىسى بېسىلغان. ئۇندىن باشقا يەنە ل . مۇتەللىپنىڭ 1941 – يىلىدىكى « شىنجاڭ گېزىتى » دىكى خىزمەتدىشى ئابدۇرەھىم روزى جۇشقۇننىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ھەققىدە ئەسلىمە » ناملىق ئەسلىمىسىمۇ بېسلغان.
  40. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىل 1 - سانىدا شائىر رەخىم قاسىمنىڭ ل . مۇتەللىپ بىلەن نېمشېھىت ئىككىسىگە بېغىشلانغان « شائىر » ناملىق 121 كۇبلېتلىق چوڭ ھەجىملىك داستانى بېسىلغان.
  41. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتى نەشرگە تەييارلىغان، مىلەتلەر نەشرىياتى 1980 - يىلى نەشر قىلغان كولېكتىپ توپلام « ھېكايىلەر » توپلىمىغا ل . مۇتەللىپنىڭ « ئەجەل ھودۇقىشىدا »، « پادىشاھ سامورايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ »، « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق » قاتارلىق ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

42. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 1 - سانىدا زەينۇرە ئەيسانىڭ « سەبدەگۈل » باللاداسى ئېلان قىلىنغان، باللادادا سەبدەگۈلنىڭ ل . مۇتەللىپكە بولغان مۇھاببىتى ۋە سېغىنىشىنى ۋاستە قىلىپ، ل . مۇتەللىپنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ئىنقىلاۋى ھاياتى، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى نامىنىڭ قارلىنىشى، 3 - ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كېلىش جەريانى لىرىك ئوبراز بايانى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. 43. « شىنجاڭ ياشلىرى » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 4 - 5 - 6 - 7 - سانلىرىغا ئابدۇللا تالىپ يازغان « ل.مۇتەللىپ ۋە ياش ئەۋلاتلار » ناملىق ماقالە بېسىلغان. 44. 1980 - يىلى 6 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كوللېكتىپ توپلام « داستانلار » غا ل.مۇتەللىپنىڭ « مۇھەببەت ھەم نەپرەت » داستانى كىرگۈزۈلگەن. 45. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ1980– يىللىق 9 - سانىغا ئابلەت ئابدۇللانىڭ « لوتۇن خاتىرىسىگە » ناملىق كىچىك داستانى بېسىلغان. 46. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ1980– يىللىق 9 – سانىغا تېيپچان ئېلىيۇفنىڭ « ل . مۇتەللىپنى خاتىرلەيمەن » ناملىق شېئىرى بىلەن ئەلقەم ئەختەمنىڭ « ل . مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى »، ئىبراھىم سەيدۇللانىڭ« كۈرەشچان يىللار ،پارلاق شېئىرىيەت » ناملىق ماقالىلىرى بېسىلغان. 47. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 12 - سانىغا نىياز مەخسۇتنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ئەسلەيمەن » ناملىق ئەسلىمىسى بېسىلغان. بۇ ئەسلىمە يەنە ئاقسۇدىكى « تارىم ئەدەبىياتى » نىڭ 1980يىللىق 3 - سانىغىمۇ بېسىلغان. 48. 1980 - يىلى 2 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان كوللېكتىپ توپلام « تارىم ئۆركەشلىرى » گە ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « خىيالچان تىلەك »، « ياشلىق ئۆگەن » قاتارلىق 3 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 49. ئەلقەم ئەختەمنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1981 - يىل 2 - ئاي، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان « ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرى » ناملىق بۇ توپلامغا ئەلقەم ئەختەمنىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى » ناملىق ماقالىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن، يەنە ل.مۇتەللىپنىڭ 53 پارچە شېئىرى، ئىككى فېلىيەتۇنى كىرگۈزۈلگەن. 50. جاڭ شىرۇڭ، ياڭ جىنشىياڭلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرى » ناملىق كىتاب 1981 - يىلى 12 - ئايدا شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 51. شائىر ئەلقەم ئەختەم يازغان « ل.مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى » ناملىق ماقالىسى 1982 - يىل 1 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن، كېيىن ۋاڭ يېجى تەرىپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ « شىنجاڭ قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇلاھىزە » دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. 52. ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان پەسىللىك خەنزۇچە ژۇرنال « تىيانشان » نىڭ 1982 - يىللىق 2 - سانىدا ل . مۇتەللىپنى تونۇشتۇرغان ۋە ئابدۇكېرىم خوجايۇف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسىلغان. 53. شىياۋسەن ئاپتورلىقىدا تۈزۈلۈپ جوڭگۇ ياشلار نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982 - يىلى 4 - ئايدا خەنزۇچە نەشر قىلىنغان « ئېنقىلابى قۇربانلار شېئىرلىرىنىڭ داۋامى » ناملىق كىتابقا ل . مۇتەللىپنىڭ ئابدۇكېرىم خوجايوف تەرىپىدىن خەنزۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « يىللارغا جاۋاپ »، « خىيالچان تىلەك »، « مۇھاببەت ھەم نەپرەت »، « پارچىلار » قاتارلىق 6 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 54. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1982 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان« شىنجاڭ قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇلاھىزە » (خەنزۇچە) دېگەن كىتابقا خەنزۇ تەتقىقاتچىلاردىن شاۋسەننىڭ« ئۆزگىچە ئېچىلغان بىر تال گۈل »، شىڭ پېڭنىڭ « شائىر، جەڭچى، ۋەتەننىڭ سادىق ئوغلى » قاتارلىق ماقالىللىرى كىرگۈزۈلگەن. 55. « شىنجاڭ سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 4 - سانىغا ئەرشىدىن تاتلىقنىڭ ل.مۇتەللىپكە بېغىشلانغان « ۋەتەن قۇربانلىرى » ناملىق دىراممىسى، بېسىلغان. 56. « ئىلى دەرياسى » 1982 - يىللىق 4 - ساندا « ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن، ئۇ ھەربىر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن » دېگەن سەھىپىنى ئېچىپ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەپ ل.مۇتەللىپنىڭ « تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەم ۋاراجلىنىش تارىخى » دېگەن ماقالىسىنى باسقان. يەنە ئىسلام سادىقنىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدىكى ھاياتىدىن ئىككى خاتىرە » ناملىق ئەسلىمىسى بىلەن يازغۇچى مۆمىن مۇھەممىدىنىڭ ل.مۇتەللىپكە بېغىشلانغان « تۇنجى قەدەم » ناملىق ئوچىرىكى ئېلان قىلىنغان. 57. « شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) 1982 - يىللىق 4 - ساندا « ل.مۇتەللىپ توغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن ئىستون ئېچىلىپ، شائىرنىڭ ياڭ جىن شىياڭ، جاڭ شىرۇڭلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان « كۈرەش سېپىدىن شەپە »، « كۈرەش »، « كۆرىشىۋاتىمىز »، « مۇخەممەس »، « كەل يېڭى يىل »، « چوڭ قەھرىمان ئويغاندى »، « دوستۇمغا »، « يەنە ئويغان »، « ماۋزۇسىز »، « يانار تاغلار »، « ھەسەن ـ ھۈسەن »، « ئىككى شېئىر » قاتارلىق 12 پارچە شېئىرنى، « ماركىس، ئېنگىلىسلار ئەدەبىيات توغرىسىدا »، « سەنئەتكە مۇھەببەت » ناملىق ئىككى پارچە ماقالىسىنى، قۇربان باراتنىڭ « ئاسىيا ئاسمىندا چاقىنىغان يۇلتۇز » ناملىق سېلىكىنى ھەمدە مۇھەممەت ھەسەر ئىركەنىڭ « ل.مۇتەللىپكە » ناملىق شېئىرى بىلەن ئىسلام سادىقنىڭ « ل.مۇتەللىپنى ئەسلەيمەن » ناملىق ئەسلىمىسىنى باسقان. « ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن، ئۇ ھەربىر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن » دېگەن سەھىپىنى ئېچىپ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەپ ل.مۇتەللىپنىڭ « تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەم ۋاراجلىنىش تارىخى » دېگەن ماقالىسىنى باسقان. يەنە ئىسلام سادىقنىڭ « ل.مۇتەللىپ ئاقسۇدىكى ھاياتىدىن ئىككى خاتىرە » ناملىق ئەسلىمىسىنىمۇ باسقان. 58. « شوغىلا » (قازاقچە) ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 11 - سانىدا ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن دېگەن سەھىپە ئېچىلىپ، ل . مۇتەللىپنىڭ 60 يىللىقى خاتىرلەندى ۋە شائىرنىڭ « تاڭ يورۇپ ئىزلار باسقاندا »، « ھەسەن ـ ھۈسەن »، « ياشلىق ئۈگەن » قاتارلىق ئۈچ پارچە شېئىرى بېسلدى. 59. 1982 - يىل9 - ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل.مۇتەللىپ ھەققىدە ھېكايە » ناملىق پوۋىستى نەشر قىلىنغان. 60. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 10 - سانىدا « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ئەسلەيمىز » دېگەن سەھىپە ئېچىلىپ قۇربان باراتنىڭ « ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز » ناملىق 7 پارچە شېئىردىن تەركىب تاپقان ئىپىك شېئىرىنى، ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ « گۈل باللاداسى » ناملىق باللاداسىنى باسقان. 61. شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982 - يىل 10 - ئايدا ئابدۇللا تالىپ يازغان « قاينام ئۆركىشى » ناملىق بىئوگىرافىك رومان 31 مىڭ تراژدا نەشر قىلىنغان. 62. « مىللەتلەر ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە)، 1982 - يىللىق 10 - ساندا « شېئرىيەتنىڭ سېغىنىشى » دېگەن ئستون ئېچىلىپ ل . مۇتەللىپ، موڭغۇل شائىرى سايىن چوكتۇ، نېمشىھىت ئۈچىنى سىزما رەسىمى، تەرجىمھالى ۋە شېئىرلىرى بىلەن تونۇشتۇردى. ل . مۇتەللىپنىڭ ئابدۇكېرىم خوجايۇف تەرجىمە قىلغان « بۇ مېنىڭ ياش گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاب » ناملىق ئۈچ پارچە شېئىرى بېسىلغان. 63. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 11 - سانىدا ژۇرنال نامىدىن « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ » ناملىق ئوبزور ماقالىسى بېسىلغان. ئاندىن « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدىن » نامىدا شائىرنىڭ « جۇڭگو »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا »، « ھەسەن – ھۈسەن »، « يىللارغا جاۋاب »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق » ناملىق ئەسىرى بېسىلغان. يەنە تەتقىقاتچى ئابدۇشۇكۈر تۇردىنىڭ( كىچىك ماۋزۇدا : ل . مۇتەللىپنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى توغرىسىدا ) « ئۇلۇغ غايىنىڭ بايرىقى مەڭگۈ لەپىلدەيدۇ » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 64. « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى » ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 4 - سانىغا تەتقىقاتىچى قادىر ئەكبەر يازغان« لوتپۇللاھ مۇتەللىپ پوئېزىيەسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 65. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 12 - سانىدا « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ئەسلەيمىز » دېگەن مەخسۇس ئىستون ئېچىلىپ تىيەن جىيەن، جاڭ جژمىن، ليۇ شياۋۇ، ئەزىزۇپ قاسىم، جاپپار ئەمەت، ماخمۇتجان ئىسلام، قېيۇم سوپى قاتارلىقلانىڭ ل . مۇتەللىپكە بېغىشلانغان شېئىرلىرىنى باستى. يەنە تېيىپجان ئېليوفنىڭ « يىللاغا جاۋاب توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسىنى باستى. ئابدۇللا تالىپنىڭ « قاينام ئۆركىشى » ناملىق رومانىدىن 4 - بابى بولغان « سۈرگۈن » نى باستى. تىيەن چەن بىلەن جاڭ جژمىننىڭ شېئىرلىرى 1962 - يىلى 9 - ئايدا ئاقسۇدا يېزىلغان. 66. 1982 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى جۇڭگو يازغۇچىلار جەميىتى شىنجاڭ شۆبىسى ئۈرۈمچىدە ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىن خەلق تىياتىرخانىسىدا ئېچىلىدى. 200 دەك ئادەم قاتناشتى. ماقالە ئوقۇلدى. يىغىندا ئاپتونۇم رايۇننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنۇپ ھامۇت « ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش يولىدا تىرىشايلى » دېگەن تېمىدا سۆزلەپ ل . مۇتەللىپنىڭ ئالغا بېسىش، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق، ھاياتىنى ۋەتەن، خەلق ئىشلىرىغا بېغىشلاش روھىدىن ئۆگىنىشكە چارقىردى. 67. « شىنجاڭ گېزىتى » نىڭ 1982 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى سانىغا تېيىپچان ئېلىيۇف يازغان« ۋەتەننىڭ سادىق، مۇنەۋۋەر ئوغلى - ۋەتەنپەرۋەر شائىر ل، مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » ناملىق ماقالە بېسىلغان. 68. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) 1982 - يىللىق 12 - سانىغا لى ماۋكۈي يازغان « ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ۋەتەنپەرۋەر شائىرى - ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقنىڭ 60يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » ناملىق ماقالە بېسىلغان. 69. شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 4 - سانىغا جاپپار ئەمەتنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيتى » ناملىق ماقالىسى بېسلىغان. 70. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1 - سانىغا تېيپجان ئېلىيوفنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن ماقالىسى ۋە ئابدۇمىجىت قاسىمى، غۇلام ئەبەيدۇللا، ئابدۇغېنى سىيىت قاتارلىقلارنىڭ ل . مۇتەللىپكە بېغىشلانغان « يېشىل قارىغاي »، « يادىنامە »، « شائىر خاتىرىسىگە » ناملىق شېئىرلىرى بېسىلغان. 71. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1 - سانىنىڭ ئىچ مۇقاۋىسىغا رەسسام غازى ئەھمەت سىزغان ل . مۇتەللىپنىڭ رەسىمىنى باستى. 72. « شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1 - ساندا « ل.مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى » مۇناسىۋىتى بىلەن « ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن سەھىپە ئېچىپ شۇ ۋاقىتتىكى ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنوف ھامۇتنىڭ « ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز » نى باستى. ت.ئېلىيوفنىڭ « ۋەتەننىڭ سادىق، مۇنەۋۋەر ئوغلى » دېگەن ماقالىسىنى، ئابدۇشۈكۈر تۇردىنىڭ « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك » ناملىق ماقالىنى باستى. شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسىتلىرى شائىرنىڭ « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاب » ناملىق شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلغانلىقى، مۇھاكىمە يىغىنىدا ت. ئېلىيوف، ئا. تۇردى، ئابلەت ئۆمەر، بۇغدا ئابدۇللا، ئەخمەتبەگ كىرىشبايلارنىڭ ماقالە ئوقۇغانلىقىنى، 2000 دەك ئادەم قاتنىشىپ، « يىراقتىكى ئۇچقۇنلار » كىنوسى قويۇپ بېرىلگەنلىكى، يىغىننىڭ 1982 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەلق تىياتىرىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىندى. 73. 1983 - يىل 8 - ئايدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنى نەشرىگە تەييارلاش گۇرۇپپىسى تۈزگەن ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ تولۇقلاپ نەشر قىلىنغان توپلىمى« ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرى » نى نەشر قىلدى. كىتابنىڭ بىشىغا « ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ تولۇقلاپ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن » دېگەن ماقالە بېسىلدى. بۇ توپلامغا ئۇنىڭ شېئىرلىرى، نەسىر، فېلىيەتونلىرى، « كۈرەش قىزى »، « چىن مودەن » ناملىق دراممىسى، « ئەدەبىيات نەزەرىيىسى »، « سەنئەتكە مۇھەببەت »، « تىياتىرنىڭ كىلىپ چىقىش ۋە راۋاجلىنىش تارىخى » ناملىق ئۈچ پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلدى. 74. « مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ژورنىلىنىڭ (خەنزۇچە) 1984 - يىللىق 2 - ساندا جاڭ يۆ ئىمزاسىدا « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئىنقىلابى ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىسى » دېگەن تېمىدىكى ل . مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيتى مۇھاكىمە قىلىنغان ماقالىسىى بېسىلغان. 75. شائىر ھېيتەم ھۈسەيىننىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008 - يىلى نەشر قىلغان « گۈل ئوغرىسى » ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا 1984 - يىلى يازغان « ل.مۇتەللىپ قەبرىسى ئالدىدا » ناملىق شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 76. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1984 - يىلى نەشر قىلغان قازاق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ 7 - سىنىپ دەرسلىكى « ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقى » 2 - بۆلۈمدە ل . مۇتەللىپنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان ۋە شائىرىنىڭ « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق » ناملىق نەسىرى كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى نەشر قىلىنغان قازاق ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ « ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقى » دەرسلىكلىرىگە ل . مۇتەللىپنىڭ « لېنىن شۇنداق ئۈگەتكەن »، « يىللارغا جاۋاپ »، « ھەسەن ـ ھۈسەن » قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى. 77. تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « لوتۇن » ناملىق كىتابى 1984 - يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 78. « تارىم » ژورنىلىنىڭ1985 - يىللىق9 - سانىغا ئىمىن تۇرسۇن يازغان « ئوت يۈرەك شائىر » ناملىق نەسىرى بېسىلغان. 79. شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى1986 - يىللىق يىللىق 4 - سانىغا نۇرمۇھەممەت زامانىنىڭ ل.مۇتەللىپ ئىجادىيتى تەھلىل قىلىنغان « جاپالىق يىللاردىكى جەڭگىۋار ئەدەبىيات » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 80. « شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 1986 - يىللىق 4 - سانىغا جاپپار ئەمەتنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ شېئىر ئىجادىيتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىىسى بېسلىغان. 81. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1987 - يىللىق 2 – سانىدا ئۆزبەكىستاننىڭ تاشكەندە 1976 - يىلى غەپۇر غۇلام نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت نەشرىياتى ل . مۇتەللىپنىڭ شائىر خەمىت غۇلام، روزى قادىرلار تەرجىمە قىلغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى « ياشلىق خۇددى چاقماق دېگەن نام بىلەن كىتابچە قىلىپ نەشر قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. 82. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1988 - يىل نەشر قىلغان ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى، « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى » نىڭ نۇرمۇھەممەت زامانى تۈزگەن 4 - كىتابى « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى » قىسىمىدا لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى تونۇشتۇرۇلغان. 83. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1988 - يىللىق 2 - سانىدا « ئۇيغۇر دېمكۇراتىك ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىدىن » سەھىپىسىدە « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ » دېگەن نام بىلەن ل . مۇتەللىپنى تونۇشتۇرغان. 84. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ « قانلىق ساۋاق » ناملىق درامىسىدا ل . مۇتەللىپ ئوبرازى يارىتىلغان. بۇ دىرامما ئاپتۇرنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990 - يىل نەشر قىلغان « كۈرەش يولى » دراممىلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. 85. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1992 - يىللىق 1 - سانىغا شائىرە سەييارە سەلەينىڭ : « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىكى بەدىئي ئۇسلۇب توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 86. ۋۇ چوڭياڭ يازغان،مەركىزىي مىللەرتلەر ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1992 - يىلى نەشر قىلغان « جۇڭگو ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى » ناملىق كىتابتا ل . مۇتەللىپنىڭ ھاياتى، ئىجادىيتى تونۇشتۇرۇلغان. 87. 1993 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە نىلقىدا « ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 71 - يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئېچىلىدى. يىغىندا قېيۇم تۇردى، ئازاد سۇلتان، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، مەمەت شاۋۇدۇن قاتارلىقلار ماقالە ئوقۇدى. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 11 - سانىدا بۇ ھەقتىكى خەۋەر ۋە ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ يىغىندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكىمىتىنىڭ رەئىسى يولداش ماۋزېدۇڭ ئىمزا قويغان، 1956 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكىمىتى چۈشۈرگەن ل . مۇتەللىپكە ئىنقىلاۋى قۇربان دەپ شەرەپلىك نام بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى گۇۋاھنامە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى. 88. « تارىم » ژۇرنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 11 - سانىغا ئازات سۇلتاننىڭ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 71يىللىقىغا بېغىشلاپ يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇلاھىزە » ناملىق ماقالە بېسىلغان. مۇشۇ سانغا نىلقا ناھىيەلىك پارتىكوم شۇجىسى جاۋ دېجۇڭنىڭ « ل . مۇتەللىپ مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن تەبرىك سۆز » ى بېسىلغان. 89. « مىللىي يازغۇچىلار » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 6 - ساندا « ل . مۇتەللىپ توغۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى خاتىرلەندى » دېگەن ژۇرنال ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، بۇ يىغىننىڭ 1993 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە ل . مۇتەللىپنىڭ يۇرتى نىلقىدا ئېچىلغانلىقى، يىغىندا ئىسمائىل ئەھمەت، تۆمۈر داۋامەتلەرنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ ئوقۇپ ئۆتۈلگەنلىكى، ئاندىن ئاپتونوم رايونلوق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى قەييۇم تۇردىنىڭ « ۋەتەنپەرۋەر شائىر، ئىنقىلابىي قۇربان ل . مۇتەللىپ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات » دېگەن تېمىدا سۆز قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى باستى. خەۋەردە يەنە يىغىندا ئاتاقلىق يازغۇچى لىيۇ شاۋۋۇ، ئاپتونوم رايونلوق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چىن بەيجۇڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتكەنلىكى، تەتقىقاتچىللاردىن ئازات سۇلتان، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم قاتارلىقلارنىڭ ماقالە ئوقۇغانلىقى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇللا تالىپ قاتارلىقلارنىڭ ل . مۇتەللىپ ھەققىدە سۆزلىگەنلىكى، يىغىندا يەنە نىلقا ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسىمۇ سۆز قىلغانلىقى، نىلقا ناھىيەلىك 2،3 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز تىللىرىدا ل . مۇتەللىپنىڭ « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاب » شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلغانلىقى، بۇ يىغىننى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيتى، شىنجاڭ كۆرگەزمىخانىسى، سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك ئەدەبىىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، نىلقا ناھيەلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغانلىقى، يىغىن مەزگىلىدە ل.مۇتەللىپنىڭ ئېنقىلابى ھاياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن « يىراقتىكى ئۇچقۇنلار » ناملىق كىنونىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلى خەۋەر بېرىلدى. ژورنالنىڭ بۇ سانىغا يەنە جاڭ يۆنىڭ « ل . مۇتەللىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاساسى » دېگەن ماقالىسىمۇ بېسىلدى. 90. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 11 - سانىغا قېيۇم تۇردىنىڭ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 71يىللىقىغا بېغىشلانغان « ۋەتەنپەرۋەر شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 91. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 12 - سانىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى مۇقاۋىلىرىغا ل . مۇتەللىپ ھەققىدە نىلقىدا ئېچىلغان 1993 - يىلىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ سۈرەتلىرى بېسىلغان. 92. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 - يىلى نەشر قىلغان مەخمۇتجان ئىسلام، ئابلىمىت ئىسمائىل تۈزگەن، « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى » ناملىق كىتابتا لوتپۇللا مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان. 93. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 1994 - يىللىق 4 - سانىغا مۇھەممەت ئەيسا جامىنىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ دراما ئىجادىيتى ھەققىدە ئىزدىنىش » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 94. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 1 - سانىغا. تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل . مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىسى بىلەن نەشر قىلىنغان نۇسخىسىدىكى ئوخشىماسلىقلار » ناملىق ماقالىسى بېسلىغان. 95. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 2 - سانىغا شائىر ئابدۇكىرىم مەخسۇت يازغان« مۇتەللىپ ئېلىپ كەلدى نىلقىغا مېنى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان. 96. شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 2 - سانىغا ئەنەيتۇللا قۇربان يازغان « <يىللارغا جاۋاب> نىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئېستىتىك قىممىتى توغرىسدا » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 97. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 7 - سانىدا جاپپار ئەمەتنىڭ « ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى » دېگەن ماقالىسى بېسىلغان. 98. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 8 - سانىغا ئابدۇللا تالىپنىڭ « شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئىجادىيىتىنىڭ قىممىتى » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 99. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان ئىمىنجان ئەھمىدى تۈزگەن « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخدىكى نامايەندىلەر » ناملىق كىتابتا ل . مۇتەللىپ تونۇشتورۇلغان. 100. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1997 - يىلى 4 - ئايدا نەشر قىلغان، ئۇچقۇنجان ئۆمەر تۈزگەن« ئاھ نۇرلۇق ئابىدىلەر » ناملىق توپلامغا ل . مۇتەللىپكە بېقىشلانغان مەرسىيەلەردىن ئەلقەم ئەختەمنىڭ 1953 - يىلى يازغان« دوستۇم مۇتەللىپ »، تۇردى سامساق 1955 - يىلى يازغان « شائىرغا »، رەخمىتۇللا جارى 1962 - يىلى يازغان« ئوت يۈرەك شائىر »، ئابدۇللا تالىپ 1980 - يىلى يازغان « جەڭگىۋار شائىر »، ھەجەر قادىر 1980 - يىلى يازغان« ئىجادىڭ ئۆمرى تەڭ مىڭ ئۆمۈرگە »، ئوسمانجان ساۋۇت 1981 - يىلى يازغان « لوتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسىگە »، جەمىلەم غۇجەش 1982 - يىلى يازغان « شائىر ئۆلمىدى »، ئايىمخان ئاۋامسىلىم 1983 - يىلى يازغان « ئۆچمەس يۇلتۇز »، ئابدۇساتتار ناسىرى 1983 - يىلى يازغان « ئۆچمەس يۇلتۇز »، ئابدۇكېرىم خوجايۇف 1986 - يىلى يازغان « لوتپۇللا مۇتەللىپ قەبرىسى ئالدىدا »، ئابدۇكېرىم مەخسۇت 1986 - يىلى يازغان« تۇر شائىر، ئېنىڭ كەلدى سېنى ئىزدەپ »، ئابدۇسالام توختى 1995 - يىلى يازغان « خەلق ئوغلانى لوتپۇللا »، ئابلىز ئۆمەر يازغان « ئىزىڭ ئۆچمەيدۇ » قاتارلىق مەرسىيەلەر كىرگۈزۈلگەن. 101. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1997 - يىللىق 12 - سانىغا مەمەت شاۋدۇننىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ خەلقنىڭ قەلبىدىكى شائىر » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 102. مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1998 - يىلى يازغۇچى مۆمىن مۇھەممىدى يازغان ل.مۇتەللىپنىڭ بالىلىق ھاياتىغا بېغىشلانغان « شاۋقۇن » ناملىق رومان نەشر قىلىنغان.

  1. شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى 2001 - يىلى نەشر قىلغان، ئازاد سۇلتان، جاڭ مىڭ، نۇرمۇھەممەت زامانلار تۈزگەن« 20 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى » ناملىق كىتابتا لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ھاياتى ئىجادىيىتى تونۇشتۇرۇلغان.
  2. مىللەتلەر نەشرىياتى 2001 – يىلى 8 - ئايدا نەشر قىلغان مۇھەممەت ئەيسا جامى يازغان « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا » ناملىق ئىلمى كىتابتا ل . مۇتەللىپ درامىلىرى بىر باب تەھلىل قىلىنغان.
  3. مىللەتلەر نەشرىياتى 2002 - يىلى 10- ئايدا نەشر قىلغان« جۇڭگو مىللەتلەر تىل - ئەدەبىيات تەتقىقاتى ماقالىللىرى » (خەنزۇچە) ناملىق كىتابقا خۇجىڭخۇا يازغان « ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر شائىرى ل.مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيتى » ناملىق ماقالە كىرگۈزۈلگەن.
  4. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2002 - يىلى نەشر قىلغان ئەركىن ئوغۇز ئابدۇرېھىم، ئابدۇللا سۇلايمان تۈزگەن « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخى » ناملىق كىتابتا ل . مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلۇپ، تەھلىل قىلىنغان.
  5. « شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » نىڭ2003 - يىللىق 1 - سانىغا تەتقىقاتچى شەۋكەت ئېلاخۇن يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ بەدىئىي مىراسلىرىنىڭ مەنىۋى قىممىتى » ناملىق ماقالە بېسىلغان.
  6. « شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2003 - يىللىق 2 - سانىغا دوكتۇر مۇھەممەت ھوشۇر يازغان « ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە لوتپۇللاھ مۇتەللىپ شېئىرلىرى ئۈستىدە دەسلەپكى سېلىشتۇرما» ناملىق ماقالە بېسىلغان.
  7. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003 - يىل نەشر قىلغان ھاجى ئەھمەت كۆلتىگىن يازغان، « ئىككى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ رىشتىسى - ئەھمەت زىيائىي » ناملىق كىتابىدا ل . مۇتەللىپ بىلەن ئەھمەت زىيائىينىڭ دوستلىقى بايان قىلىنغان.
  8. « شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2004 - يىللىق 3 - سانىغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ژانىر تۈرلەرگە قوشقان تۆھپىسى » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان.
  9. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004 - يىلى نەشر قىلغان تەتقىقاتچى قاۋسلىقان قامىجانىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ناملىق كىتاب ھەققىدە » ناملىق ماقالە « ئەدەبىيات تەرەققىياتى ھەققىدە ئويلار » ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن.
  10. مىللەرتلەر نەشرىياتى 2006 - يىل نەشر قىلغان ئىمىنجان ئەھمدى، مۇھەممەت تۇردى مىرزائەھمەت، ھەبىبۇللا ئابدۇسالام، شەۋكەت ئېلاخۇن، ماخمۇتجان مۇھەممەتلەر تۈزگەن، « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى » (3 - قىسىم)دا لوتپۇللاھ مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان.
  11. « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى » ژورنىلىنىڭ 2006 - يىللىق 2- سانىغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىىيات قارىشى ھەققىدە تەتقىقات » ناملىق ماقالە بېسىلغان.
  12. شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 2006 - يىلىلىق 2 - سانىغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « 40 - يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەۋائىي ئوبرازى » ناملىق ماقالە بېسىلغان. ماقالىدا ل . مۇتەللىپ ھەققىدە توختالغان.
  13. « مەركىزىي مىللەرتلەر ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » (خەنزۇچە)نىڭ 2006 - يىللىق 4 - سانىغا ۋۇ شىياۋچىڭ، ئەكبەر قادىر بىرلىكتە يازغان « شىنجاڭ ھازىرقى زامان شائىرى مۇتەللىپ بىلەن تاڭجارىق ئەسەرلىرى ئۈستىدە تەتقىقات » ناملىق بېسىلغان. ماقالىدە لوتپۇللاھ مۇتەللىپ بىلەن قازاق شائىرى تاڭجارىق سېلىشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىنغان.
  14. لىياۋ نىڭ نەشرىياتى 2006 - يىل نەشر قىلغان خەنزۇچە كىتاب « جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەزكىرىسى » دەل . مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان.
  15. « شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2007 - يىللىق 2 - سانىغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى ۋە لوتپۇللاھ مۇتەللىپ» ناملىق ماقالە بېسىلغان.
  16. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئاتاقلىق شائىرلىرى دېگەن يۈرۈشلۈك كىتابلار قاتارىدا2008 - يىلى 7 - ئايدا ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ » ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
  17. شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى نەشرىياتى 2008 - يىلى نەشر قىلغان كېرىمجان ئابدۇرېھىم باش تۈزگۈچىلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر دەرىسلىكى« ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى » ناملىق كىتابتا ل.مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان.
  18. « شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2008 - يىللىق 3 - سانىدا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ۋە پۇشكىن » ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدا ل. مۇتەللىپ ھەققىدىمۇ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن.
  19. تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل.مۇتەللىپ » ناملىق كىتابى 2008 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
  20. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2008 - يىلى نەشر قىلغان ئۇيغۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ « تىل - ئەدەبىيات » دەرسلىكى 1 - قسىمغا ل . مۇتەللىپنىڭ « تەسىراتىم » ناملىق شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.
  21. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2008 - يىلى 6 - ئايدا نەشر قىلغان ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ « تىل - ئەدەبىيات » دەرسلىكى 1 - قسىمغا ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « تەسىراتىم » ناملىق شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.
  22. « ئىلى دەرياسى » ژورنىلىنىڭ 2010 - يىللىق 6 - سانىدا يۈسۈپ ئەيسا يازغان « قاينام ئۆركىشى تەخەللۇسى ھەققىدە » ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان.
  23. تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز » ناملىق كىتابنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1984 - يىلى نەشر قىلىندى.
  24. تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل.مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى » ناملىق كىتابىنى شىجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1998 - يىلى 11 - ئايدا نەشر قىلىندى.
  25. شىيا چىنرۇ يازغان « ل . مۇتەللىپ ھەققىدە ھېكايە » ناملىق قوش تىللىق رەسىملىك كىتابچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2010 - يىلى 12 - ئايدا نەشر قىلىغان.
  26. « مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ( خەنزۇچە) ژۇرنىلىنىڭ 2010 - يىللىق 4 - سانىغا چى شىياۋبىڭ يازغان « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شائىرى ل . مۇتەللىپ ۋە رۇس سوۋېت ئەدەبىياتى » ناملىق ماقالە بېسىلدى.
  27. شىنجاڭ ئۈن - سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن 2011 - يىلى« لوتپۇللاھ مۇتەللىپ » ناملىق ئۇيغۇرچە بالىلار ئوقۇشلۇق كىتابى نەشر قىلىندى.

ل.مۇتەللىپنىڭ چەتئەلدە نەشر قىلىنغان كىتابلىرى[تەھرىرلەش]

  1. قادىر ھەسەنوفنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1951 - يىلى ئالمۇتادا « قازاق ئىلى» نەشرىياتى تەرىپىدىن ل.مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاب » ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان.
  2. قازاقىستان دۆلەت ئوقۇش پېداگوكىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن 1957 - يىلى نەشر قىلىنغان ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 9 - ،10 - سىنىپلىرى ئۈچۈن دەرسلىك « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى » ناملىق كىتابقا ل . مۇتەللىپنىڭ تەرجىمھالى ۋە شېئىرلىرى ئۈستىدىكى تەھلىل كىرگۈزۈلگەن.
  3. مۇرات ھەمرايوفنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1975 - يىلى ئالمۇتادا « يازغۇچى » نەشرىياتى تەرىپىدىن ل.مۇتەللىپنىڭ تاللانما ئەسەرلىرىدىن تۈزۈلگەن « لوتپۇللا مۇتەللپ » ناملىق كىتاب تۈزۈلگەن.
  4. ئا.كورىنوۋ بىلەن مۇرات ھەمرايوفنىڭ روس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1976 - يىلى موسكوۋادا « ھەقىقەت » نەشرىياتى تەرىپىدىن ل.مۇتەللىپنىڭ « ياشلىق خۇددى چاقماق» ناملىق توپلىمى روس تىلىدا نەشر قىلىنغان.
  5. خەمىت غۇلام بىلەن روزى قادىرلارنىڭ روسچىدىن تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن1976 - يىلى ئۆزبەگىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە غاپۇر غۇلام نامىدىكى نەشرىيات تەرىپىدىن ئىبراھم غەپۇرۇپ مۇھەرىرلىكىدە « ياشلىق خۇددى چاقماق » ناملىق كىتابنىڭ ئۆزبەكچە تەرجىمىسى نەشر قىلىنغان.
  6. ياش گىۋاردىيە نەشرىياتىنىڭ نەشرگە تەييارلىشى ھەم نەشر قىلىشى بىلەن 1982 - يىلى ئۆزبەكىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە ل.مۇتەللىپنىڭ « ماي ناخشىسى » ناملىق توپلىمى روس تىلىدا نەشر قىلىنغان.
  7. ئۆزبېكىسىتاننىڭ پايتەختى تاشكەنىت شەھىرىدە1982 - يىلى ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
  8. مۇرات ھەمرايوفنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1983 - يىلى ئۆزبەكىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە ل.مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاب » ناملىق توپلىمى ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلىنغان.

پايدىلانغان مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  • ‏‏