ئۈچ ئەخمەق

ئورنى Wikipedia

«ئۈچ ئەخمەق» ( ئىنگىلىزچە : Three idiots)بولسا ھىندىستاننىڭ بازارلىق كىتاب يازغۇچىسى چىتان باخاگات يازغان تۇنجى رومانىنى سىنارىيەلەشتۈرۈپ كىنو ئېكرانىغا ئېلىپ  چىققان بوللىۋود داڭلىق فىلىمى.

فىلىمدە راجكۇمار ھىرانى رېژسسورلىق قىلغان. بومان ئىرانى فىلىم ئىچىدىكى «ۋىروس» داپ ئاتالغان مەكتەپ مۇدىرىنىڭ رولىنى ئېلىپ، ئامىرخان، شارمان جوشى، مادخاۋان قاتارلىقلار رول ئالغان «ئۈچ ئەخمەق» بىلەن نۇرغۇن قىزىقارلىق ھەم ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلىلەرنى  ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئۈچ ئەخمەق
ھەممە نەرسە ئوڭشىلىپ كىتىدۇ تەشۋىقاتى
ئۈچ ئەخمەق
ڧارخان
ئۈچ ئەخمەق
ئامىرخان
ئۈچ ئەخمەق
باش ئايال رولچى

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى ئۈچ ئەخمەق
باش رولچى ئامىرخان، شارمان جوشى، مادخاۋان قات
ئۇزۇنلىقى 170 مىنۇت
قويۇلغان ۋاقتى 2011.12.8
دىئالوگ تىلى ھىندى تىلى، ئىنگىلىزچە، ئۇيغۇرچە(تەرجىمە)، خەنزۇچە (تەرجىمە)
سېنارىست راجكۇمار ھىرانى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 三傻大闹宝莱坞
تۈرى ۋەقەلىك \مۇھەببەت \كومىدىيە
ئىشلەنگەن ۋاقتى 2009-يىلى
imdbكودى tt1187043
رېژىسسور راجكۇمار ھىرانى

ۋەقەلىكى[تەھرىرلەش]

فىلىمدە قىستۇرما بايان ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۈچ باش قەھرىمان رانچو، فارخان ۋە راجو قاتارلىقلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى ھېكايىلىرى سۆزلەنگەن. رانچو تولىمۇ ئۆزگىچە ئوقۇغۇچى ئىدى. ئۇ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن يۈزمۇ-يۈز مۇنازىرلىشىشتىن يانمايتتى،  ئوچۇق ئاشكارا ھالدا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا گۇمانىي نەزەردە قاراپ سوئال قويالايتتى، ئەقىل-پاراسىتى بىلەن  مەكتەپنىڭ بىر ئىزىدا توختاپ قالغان ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش نۇقتىنەزىرىنى بۇزۇپ تاشلىيالايتتى. رانچونىڭ ئۆزگىچىلىكى ئۈلگىلىك ئوقۇغۇچى چاتۇر-«ئاۋازسىز تاپانچى» نىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئون يىلدىن كېيىن بىر يۇقىرى-تۆۋەنلىك تالىشىشقا قەسەمياد بەردى. لېكىن رانچو مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىزدېرەكسىز يوقاپ كەتتى.

ئون يىلدىن كېيىن خىزمىتىدە ئۇتۇق قازانغان چاتۇر قايتىپ كېلىپ ئەينى يىلدىكى قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ. ئۇ فارخان ھەم راجونى تېپىپ،ئۇلار بىلەن بىرلىكتە رانچونى ت ئىزدەش يولىغا قەدەم باستى.بىر يولدا ئۇلار ئالىي مەكتەپتىكى ئىشلارنى ئەسلەپ، ئەسلىمىسىنىڭ چوققۇر قاتلىرىدا ئورۇن ئالغان رانچونىڭ تېخىمۇ كۆپ سىرلىرىنى بايقىماقچى بولىدۇ.

مەزمۇن تۇنۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

رانچو، فارخان ۋە راجو ئالىي مەكتەپتىكى ياتاقداشلار، ئۇلار ھىندىستاندىكى داڭلىق بىلىم يۇرتى-ئىمپىرىيە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى.فارخان ئىنژىنىربولۇشنى خالىمايتتى،  ئۇنىڭ قوتوگراف بولۇش ئارزۇسى بار ئىدى. راجونىڭ ئائىلىسى تولىمۇ كەمبەغەل بولۇپ خۇددى 70-يىللاردىكى رەڭسىز كىنونىڭ ئۆزى ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ياخشى خىزمەت تېپىپ ئائىلە شارائىتىنى ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. رانچونىڭ كېلىپ چىقىشى بىر سىر بولۇپ تا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ئون يىلدىن كېيىن بۇ سىر ئاخىرى يېشىلىدۇ.  

ئالىي مەكتەپ ھاياتى ھامان ئۆگۈنۈش، ئىمتىھان ۋە مۇھەببەت بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. رانچونىڭ نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى، ئۇنىڭ نەتىجىسىمۇ دائىم ئالدىدا تىزىلىدۇ. يەنە كېلىپ رانچونىڭ مېخانىكىغا بولغان قىزغىنلىقى ھەم تالانتى ھېچكىمگە ئوخشىمايتتى. ئەمما فارخان بىلەن راجو ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار گەرچە ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇسىمۇ لېكىن نەتىجىسى يەنىلا ئارقىدىن سانىلىدۇ. فارخان كۈندە سۈرەت تارتىشنى ئويلايدۇ، راجو ھېلى بۇنىڭدىن، ھېلى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدۇ، ھەركۈنى ئىلاھتىن ئۆزىنى ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشىنى تىلەيدۇ.

رانچونىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاندىن سىرت دائىم باشقىلارغا تەسەللى بېرىشنى ئۇلارغا يول كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ خۇددى تەڭرى ئەۋەتكەن ئىلاھەدەك دائىم ئەتراپىدىكىلەر خاتا يولغا كىرىپ قالغاندا، ئامالسىز قالغاندا ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ بېرەتتى.  دەل ئۇنىڭ مۇشۇنداق خىسلىتى سەۋەبلىك ئۇ مۇدىرنىڭ چىشىغا تېكىپ قويدى، ئۆلۈك يادلاشنىلا ئۇقىدىغان ساۋاقدىشىنى ئەخمەق قىلدى، ئەلۋەتتە ئۆز مۇھەبىتىگىمۇ ئېرىشتى.

مەكتەپ پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا، مەكتەپ مۇدىرى شان-شەرەپنىڭ ۋەكىلى بولغان «ئالەم بوشلىقى قەلىمى»نى رانچوغا تەغدىم قىلىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزى ئۇچراتقان ئەڭ تالانتلىق ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. مەكتەپ پۈتتۈرگەن ۋاقىتتا، فارخان ۋېنگرىيەدە داڭلىق فوتوگرافنىڭ ياردەمچىسى بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، راجو مەلۇم شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ. لېكىن رانچو ئىزدېرەكسىز غايىپ بولىدۇ. ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

ئون يىلدىن كېيىن رانچو ئەخمەق قىلغان« ئاۋازسىز تاپانچا »چاتۇر قايتىپ كېلىپ، فارخان ھەم راجونى ئېلىپ رانچونى ئىزدەيدىغان يولغا چىقىدۇ. ئون يىل بۇرۇن ئۇ رانچو تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنغان ئاخشىمى،رانچو بىلەن ئون يىلدىن كېيىن زادى كىم تېخىمۇ ئۇتۇق قازىنىدىغانلىقى توغرىسىدا تىكىشكەنىدى. ھازىر ئۇ يۇقىرى مائاش ئېلىپ، ۋولۋو ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئۆزىنى «ئۇتۇق قازانغۇچى »دەپ بىلەتتى.

شۇڭا ئۇ «ئىككى ئەخمەق» نى ئېلىپ بىر نامەلۇم ئادرىسقا قاراپ رانچونى ئىزدەپ ماڭدى.

ئۇلار ئالىي مەكتەپتىكى ئىشلارنى ئەسلىگەچ رانچونىڭ سىرلىرىنى ئاستا-ئاستا ئېچىشقا باشلىدى. نەتىجە كۈتۈلمىگەن يەدىن چىقتى. يوغان مەكتەپتە، كۈلۈپ تۇرغان رانچونى كۆرۈپ «ئاۋازسىز تاپانچا» چاتۇرمۇ بەيئەت بولۇشقا مەجبۇر بولدى. پىيا بىلەن رانچومۇ ئاخىرى مۇراد- مەخسىتىگە يېتىدۇ.

ئارتىسلار تىزىملىكى[تەھرىرلەش]

رانچو -------------------------------ئامىرخان

فارخان ------------------------------مادخاۋان

راجو--------------------------------شارمان  جوشى

پىيا---------------------------------كارىنا كاپور

ۋىروس--------------------------------بومان ئىرانى

چاتور--------------------------------ئومى ۋايديا

قۇيۇلغان ۋاقتى[تەھرىرلەش]

جۇڭگو--------------------------- 2011.12.8

جۇڭگو تەيۋەن----------------------- 2011.12.17

جۇڭگو شىياڭگاڭ---------------------- 2011.9.1

مالايسىيا ------------------------- 2009.12.24

ئامېرىكا ------------------------- 2009.12.23

كانادا -------------------------- 2009.12.23

ئەنگلىيە ------------------------ 2009.12.24

گوللاندىيە------------------------ 2009.12.24

ھىندونېزىيە ----------------------   2009.12.25

قىسمەن روللاردا[تەھرىرلەش]

ئامىرخان[تەھرىرلەش]

ھەقىقىي ئىسمى ۋانرو، ئۇ ھىندىستاندىكى بىر پۇلدار ئائىلىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن باغۋىنىنىڭ  ئوغلى بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئۆگىنىشى ئالاھىدە ياخشى ئىدى. باشلانغۇچتا تۇرۇقلۇق  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سوئالىنى ئىشلىيەلەيتتى. پۇلدار ئۇنىڭ ئۆز ئوغلىنىڭ نامىدا مەكتەپتە ئوقۇسا بولىدىغانلىقى ئەڭ داڭلىق مەكتەپنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن چوقۇم غايىپ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. رانچو مەكتەپكە بارغاننىڭ تۇنجى كۈنىلا  ئاددىي توك تاراتقۇنى ياساپ نەچچە يىللىق يۇقىرى ساۋاقدىشىنى ئەدەپلەيدۇ، ھەممىنى ھەيران قالدۇرغىنى، رانچو باشتىن ئاياغ ئۆلۈك ئۆگەنىشتىن ساقلاندى، ئەرزىمەس ئىشلارغا باغلىنىپ قالمىدى، ئۆلۈك يادلىمىدى. گەرچە مۇئەللىم  ۋە مەكتەپ مۇدىرى ئۇنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىسىمۇ، ئۇ يەنىلا داۋاملىق بىرىنچى بولاتتى. ئۇ سۆيىشىشتىن قورقىدۇ،چۈنكى سۆيۈشسە بۇرۇننىڭ  بىربىرىگە تاقىشىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا پىيا بىلەن قايتا ئۇچراشقاندا ئاندىن بۇرۇننىڭ تاقىشىپ قالمايدىغانلىقىنى ئۇقىدۇ.  مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ كېلىشىمگە ئاساسەن ئىزدېرەكسىز يوقاپ كېتىدۇ كېيىن 400 دىن ئارتۇق پاتېنت ھوقۇقى بار بولغان داڭلىق ئالىم  بولىدۇ.ھەتتا چاتۇرمۇ ئۇنىڭ بىلەن توختام تۈزمەكچى بولىدۇ.ئۇ داۋاملىق ئۆز خاھىشى بويىچە ياشايدۇ، بىر مەكتەپ قۇرۇپ ئۆزىنىڭ  خاھىشى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلىدى.

كارىنا كاپور[تەھرىرلەش]

رانچو بىلەن ئۇرۇشمىغىچە تېپىشماس دېگەندەك تېپىشىپ قالىدۇ، بىرىنچى قېتىم كۆرۈشكەندە  رانچو پىيانىڭ ئاچىسىنىڭ تويىدا پىيانىڭ بوغۇسى ئېرى سۇخاسنىڭ ئايىغىغا يالپۇز قىيامى  تۆكىۋېتىدۇ، ھەمدە سۇخاسنىڭ ئۇنىڭ ئۆمرىنى نابۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كېيىن  رانچو  بىلەن ئالاقىلاشقانسېرى ئۇلار ئارىسىدا مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا  راجونىڭ دېگىنى بويىچە قاچقۇن كېلىنچەڭ بولۇپ رانچو بىلەن مۇرادىغا يېتىدۇ.

مادخاۋان[تەھرىرلەش]

«ئۈچ ئەخمەق»نىڭ بىرى، كىچىكىدىنلا ياۋايى ھايۋانلا ر فوتوگرافى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن  ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ زورلىشى بىلەن ئىنژىنىر بولماقچى بولغان. رانچو بىلەن راجونىڭ ئەڭ ياخشى دوستى، راجو ئۈچۈن رانچو بىلەن بىرلىكتە ئىمتىھان سوئالى  ئوغۇرلايدۇ. كېيىن دادىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ھايۋاناتلار فوتوگرافىنىڭ ياردەمچىسى  بولىدۇ.كېيىن ئۆزىمۇ داڭلىق ياۋايى ھايۋانلا ر فوتوگرافى بولۇپ قالىدۇ. رانچو ئۈچۈن  راجو بىلەن پىيانى ئېلىپ قاچىدۇ.

شارمان جوشى[تەھرىرلەش]

«ئۈچ ئەخمەق»نىڭ بىرى، ئىنژىنىر بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، ئەمما ئىشەنچىسى كەمچىل، خۇراپىي، ئۆيى نامرات، دادىسى بۇرۇن پوچتا ئىدارىسىدا پوشتىكەچ ئىدى، ھازىر  ئۆيدە پالەچ ياتىدۇ، ئاپىسى پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچى، بىر ئائىلە كىشىلىرى  ئاپىسىنىڭ ئازغىنە مائاشىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرىدۇ. دائىم كوتۇلدايدۇ، ئاچىسىنىڭ تو يلۇقىغا بىر ماشىنا ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاچىسى ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالدى. كېيىن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىچىك تەرەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلگەندە تكتىنچى قەۋەتتىن سەكرەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. ئىككى پۇتى، ئون ئالتە قوۋۇرغۇسى سۇنغاندىن كېيىن،ھاياتى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىپ، رانچونىڭ ياردىمىدە ئۆسۈملۈك ئادەم ھالىتىدىن ئويغىنىپ، ساقىيىدۇ. مەكتەپ پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇنقى يۈزتۇرانە ئىمتىھاندىن  ئۆتۈپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ساقىلىنى ئېلىۋىتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ، كېيىن ئىنژىنىر بولىدۇ.

بومان ئىرانى[تەھرىرلەش]

ئىمپىرىيە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، ئىسمى ۋىرۇس دېگەن گەپكە يېققىن  بولغانچقا مەكتەپتىكى ھەممەيلەن ئۇنى « ۋىرۇس» دەپ چاقىراتتى. لېكىن ئۇ باشقۇرىۋاتقان مەكتەپ خۇددى يۇقىرى بېسىملىق قازانغا ئوخشايتتى، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسە خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ سەل غەلىتەرەك ئىدى. ئىككى قولىدا خەت يازالايتتى، گالاستۇكىنىڭ ئىلغۇچى بار ئىدى، توپچىنىڭ ئورنىغا سېرتما ئىشلىتەتتى.كۈندە چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە يەتتە يېرىم مىنۇت ناخشا ئاڭلىغاچ ساقال ئالدۇرۇپ ئارام ئېلىۋالاتتى. ئۇ رانچو ياخشى كۆرمەيتتى، رانچونى ئۆزىنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ دەپ قارايتتى.

ئومى ۋايدىيا[تەھرىرلەش]

ھېكايىنىڭ باشلىنىشىنىڭ ئوت پىلتىسى دېيىشكە بولىدۇ. فىلىمدىكى سەلبىي ئوبراز. ئۇ     ناھايىتى تىرىشىپ ئۆگۈنىدۇ، كۈندە 18 سائەت كىتاب يادلايدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن دائىم نۇرغۇن كومىلاچ دورىلارنى يەيدۇ، ئاندىن ناھايىتى سېسىق يەل قويۇپ بېرىدۇ يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېتراپ قىلمايدۇ.   شۇڭا باشقىلار ئۇنى «ئۈنسىز تاپانچا» دەپمۇ ئاتايدۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

ئىزدە قامۇسى