ئەركىن سىدىق يازما سۆھبەت 10-بۆلۈم

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

17. ﺳﻮﺋﺎﻝ: ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﯚﻟﭽﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. "ﻏﻪﺭﺏﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ"ﺩﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ؟

 

ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ 15 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﻪﯓﻛﻪﻡ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ- ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺑﯘ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻝ ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺰ ﮔﯧﺰﯨﺖ، ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﯞﻩ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﻤﯩﺰ.

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙﺋﯘﻗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، «ﻛﻪﺳﭗ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ» ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ-ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﻮﭼﺘﯩﺨﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻼﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ. ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻪﺳﭗﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﺳﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﺰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ 1-ﻛﯜﻧﯩﻼ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮ «ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺗﻮﭘﻼﻣﺪﺍ ﺳﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ-ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻛﻪﺳﭗ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﻪﺳﭗ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﯞﻩ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ-ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﯩﺮﻯﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﻟﯩﻢ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ JPL ﺩﯦﮕﻪﻥﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﻟﯩﻢ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻧﻰ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﻛﻪﺳﭗ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻱ ﺳﯘﻧﻤﺎﻱ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﭗﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﻩ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﺩﻩﺭﮬﺎﻟﻼ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪﺋﯩﺶ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺭﺳﺎﻕ، ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕﻓﯘﻧﻜﺴﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯩﺰ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، «ﺳﻪﻥ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﯖﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺴﻪﻥ؟ ﻣﺎﯕﺎﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﺍ؟» ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﺴﯩﮕﻪﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﭼﺎﺭﻩ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻤﯘ ﻳﻮﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻩﺭﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯩﺰ ﺋﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻼﻻﻳﺴﯩﺰ. ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻕ-ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ، ﺋﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﺴﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ ﻗﻮﻳﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍﺋﺎﺭﻗﺎ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﻪ ﻣﯧﯖﯩﺸﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﭘﺎﺭﻩ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻤﯘ ﮬﯧﺲﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ.

ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ. ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯜﺯﺩﻩ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ (ﺋﯘﻧﻰﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «superviser» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ؛ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ «ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ) ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯩﻢ. ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺗﯜﮔﻪﭖ، ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ: «ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ، ﺟﯜﺭ، ﻛﻮﻓﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﭽﻪﻳﻠﻰ» ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻮﻓﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺗﯚﻟﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﺋﯘ: «ﻳﺎﻕ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﻣﻪﻥ ﭘﺎﺭﻩ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥﻗﯩﻼﻱ» ﺩﻩﭖ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﻮﻓﯩﻴﯩﻤﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻢ ﺗﯚﻟﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ، « ﭘﺎﺭﻩ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﭘﺎﺭﻩ ﻳﯧﻴﯩﺶ» ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ، ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﻳﯜﻣﮕﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻥﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻳﯜﻣﮕﻪﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﯨﻢ. ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﺎﭼﺘﯘﻕ. ﺋﯘ ﺗﺎﻏﺪﺍ 1920-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﯧﻴﻨﯩﺸﺘﯧﻴﯩﻦﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻠﯧﺴﻜﻮﭖ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺷﯘ ﺗﯧﻠﯧﺴﻜﻮﭘﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪﺋﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖﻗﻪﻏﻪﺯ ﻗﺎﭘﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭖ Starbucks ﻛﻮﻓﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯨﺰﯨﻤﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ 50 ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍﭘﯘﻝ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮﮔﻪﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦﺗﯚﻟﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯗﻡ.

ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﯞﻩ ﻳﯧﻤﯩﺶ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﻛﯩﺮﺩﯗﻕ. ﺩﯗﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﯨﺪﻩ ﻛﯚﻙﺋﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﻳﻮﻕ. ﺑﯩﺰ ﻗﯧﺸﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻕ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﺪﯨﻦ «ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯗﻕ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ «ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﺎﯕﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻕ» ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻕ ﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻏﻪﺯﻩﭖﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯘﻕ. ﺋﯘﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻣﻪﻥ «ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﯩﯔ» ﺩﻩﭖﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﯗﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻜﯩﻼﺗﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻻﻕ ﺋﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ئەپۇ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﭘﯘﻝ ﺗﯚﻟﯩﻤﻪﻱﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﻣﻪﻥ: «ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻣﯩﯔ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯩﻦ» ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻼ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ 2 ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﺴﯩﻨﻰﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕﺑﯩﺮ ﯞﻩﻗﻪﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯘ ﺳﻮﺩﺍ ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦﻛﯚﭖ. ﺩﯗﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻧﺎﻣﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺩﯗﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﺮﻯﺋﯚﺯ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﺋﺎﺭﻯ: «ﺧﻪﺭﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻮﻏﺮﺍ. ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﻤﯩﺴﺎﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ» ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.

ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﺩﻭﺧﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯧﺴﻪﻝﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻳﯜﺭﻣﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺰ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﻨﻰ ﻛﻮﭘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻧﯚﯞﻩﺕ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻟﮕﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺗﯩﭗ «ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﻪﯓ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ» ﺩﻩﭖ، ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻟﻨﻰﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﻣﻪﭘﺘﯘ. ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻝ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺗﯩﺖ-ﺗﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﻐﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻨﻰﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ ﺩﻩﭖ، «ﺑﯩﺰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﺍﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻠﻰ 4-5 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺰﺩﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯘ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﺑﺎﺭ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﻟﯩﻴﻪﻟﯩﮕﯩﺪﻩﻙﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ. ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺗﯩﻼ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ، ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﻩﺗﺴﻪﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ؟» ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﻣﺎﯕﺎﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯚﺯﯛﺭﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻟﻨﻰ ﺩﻩﺭﮬﺎﻟﻼ ﻛﯚﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺰ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﺎﺗﯩﭙﻨﻰ ﺋﯘﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯗﻕ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﺘﯩﻤﯘ، ﻳﺎﻛﻰﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﯨﮕﻪ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻱ ﺋﯚﺯﻯ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﺎﺭﻣﯘﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯗﻕ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﻯ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭ ﻳﯩﻐﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭﺑﯩﺰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻟﻼﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻱ ﻗﺎﻟﺴﺎﻕ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻼ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ دوختۇرخانا ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺴﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯩﺶ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯩﺰ ﮬﻪﺭﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻣﻰ ﺗﺎﺯﻟﯩﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ (ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﭼﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ 2 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﺎﺯﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ؛ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﻨﻰ ﭼﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ)، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭼﯩﺶ ﭼﻮﺗﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩﭼﯩﺶ ﻣﻪﻟﮭﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﭼﯩﺶ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 30 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 100 ﺩﻭﻟﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ 5 ﺩﻭﻟﻼﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭﻏﺎﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ 100 ﺩﻭﻟﻼﺭ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺑﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍﻣﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺑﯘ ﮬﯧﺴﺎﺑﺎﺗﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ 2 ﺧﯩﻠﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ: ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ. ﻣﺎﺋﺎﺷﻠﯩﻖﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ 6 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ 10 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﻣﺪﯗ، ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻣﯘﻗﯩﻢﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﭖ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ 6 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘ 6 ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ 10 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﻩ 8 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ 2 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻨﯩﯔ 1.5 ﮬﻪﺳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪﺳﺎﺋﯩﺘﯩﮕﻪ 10 ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ 2 ﺳﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﮕﻪ 15 ﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﯩﻤﯘ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﮕﻪ 15 ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻳﺎﻛﻰﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﮕﻪ 20 ﺩﻭﻟﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ 2 ﮬﻪﺳﺴﻪ) ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯗﺭ.

ﻣﻪﻥ WaveSplitter ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻣﻪﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺪﺍ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، 30 ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻧﺰﯗﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﻧﯘﺭ ﺗﺎﻻ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﭘﭽﺎﺳﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖﻗﯩﻠﯩﭗ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺯﺍﭘﭽﺎﺳﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻻﺯﯨﻢﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭ ﺗﺎﻻﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﻓﯘﺟﯩﻜﯘﺭﺍ ﺑﯘ ﻣﻪﺷﯘﻻﺕﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯩﻠﻰ 10 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﮔﻪﺭﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﯩﺴﺎﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺪﺍ ﺑﺎﻛﺎﻻﯞﺭ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯘﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ (ﻳﻪﻧﻰ ﺟﻪﻣﻰ 3 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﺭ) ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﯩﻤﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺘﺘﯩﻢ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﻣﻪﻥﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﻣﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥﺧﻪﻧﺰﯗ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﻰ «تېخنىك» ﺋﯩﻜﻪﻧﺪﯗﻕ. ﺋﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻛﺎﻧﺪﯨﺪﺍﺕ ئىنژىنىر (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ "associate engineer") ﮔﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ئىھتىياجى ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘ مەسھۇلاتنى ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ﺑﯘﭘﺮﻭﺟﻪﻛﺘﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﯞﺍﻗﺘﻰ 30 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﭘﺮﻭﺟﻪﻛﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ئىنژىنىرلار ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﻛﯧﺘﯩﭗ (ئىنژىنىرلار ﻣﺎﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ)، ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ 2 ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﻳﻮﻗﺎﭖﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﯨﻢ. ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺵﻗﻪﻏﯩﺰﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ، ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ 30 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﭘﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ مېڭىشتىن ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺷﯘ ﻗﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﻪﺩﯞﯨﻠﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺟﻪﺩﯞﯨﻠﯩﮕﻪ ﺗﻪﯕﻼ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﺎﻣﻐﯩﺴﻰ ﺋﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ. ﻣﯧﻨﯩﯔﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﻪﻙ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪﯨﻢ. ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﻩﻙ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﻣﻪﻥﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 8 ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘﺋﯩﺸﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ 50 ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ خالىمىدىم. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﻟﯩﻢ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﻻﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻘﯩﻢ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭻ ﻛﯩﻤﮕﯩﻤﯘ ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﺪﯨﻢ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﭘﺮﻭﺟﻪﻛﺖﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻤﯘ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻐﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ 2-3 ﺋﺎﻱ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯚﺯﻯ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯧﻨﻰﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯘﯞﺍﮬﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ. ﻣﻪﻥﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﯘﯞﺍﮬﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﮕﻪﺧﯩﻼﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯦﺘﯩﻠﺪﻯ.

ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ، ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ، ﺋﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﭖ ﺋﯚﺗﺘﯘﻡ. ئامېركىدىكى ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺷﻪﺧﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﻯ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﺮ ﻳﺎﺕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻪﯕﻼ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰﻳﺎﺗﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ (ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﺸﻼﺭﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ، ﺩﻩﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ). ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﻩﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ، ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍﺗﻮﻧﯘﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻣﯧﻨﯩڭچە، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﺎﻧﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 50 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ «ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻥ» ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰﻛﻪﻣﺴﯩﺘﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ئامىركىدا بۇ خخلدىكى شىركەتلەر كۆپ بۇلۇپ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Equal Opportunity Employer» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﭖ، ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ «EOE» ﺩﻩﭖﻳﺎﺯﯨﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﮔﯧﺰﯨﺘﻜﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯧﻼﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻛﯚﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ «EOE» ﺩﻩﭖﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﯩﺰ. ﺳﯩﺰ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻴﺎﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﺎﺯﺍﻏﺎﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺗﻮﻧﯘﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﯩﯖﯩﺰﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﮔﯘﯞﺍﮬﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﺮﺍﻕ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺴﯩﺰ. ﻣﻪﻥ CVI ﺩﯦﮕﻪﻥﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻢ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﯩﻨﻰ WaveSplitter ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻡ. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ، ﻳﻪﻧﯩﻼﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ «ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﯘﻻﺳﯩﻨﻰﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﯚﭖﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ. ﻛﯩﭽﯩﻜﺮﻩﻙ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭼﻮﯓ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﯓ-ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﺯﺍﺩﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺶ، ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﭘﯘﻟﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕﻳﺎﻛﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲﻣﯩﺴﺎﻝ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ، ﺋﯚﺯ ﺳﻪﺭﮔﯜﺯﻩﺷﺘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺷﯩﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﺒﺎﺭ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ «Oracle» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ 10 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﺮ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺷﯩﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 30 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﭘﺘﯘ. ﺑﯘﺋﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ «Oracle» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﻮﺩﺍ-ﺳﯧﺘﯩﻘﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﺩﺍ ﭘﯜﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ Oracle ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﯜﺯﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ «ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﭘﯘﻟﻰ» ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ، ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕﺩﯦﺘﺎﻟﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺷﯩﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﯨﻦ « ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯩﺶ» (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﯩﺪﻩ «illegal practice» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﯘﻻﺳﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ Oracle ﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ تارتىۋىلىپ، ﺋﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻧﻰﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﮬﯧﺴﺎﺏ ﺑﺎﺭ. ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻕﻗﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺋﺎﺷﺘﯩﻨﻤﯘ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕﺗﯧﭙﯩﺸﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻯ ﭘﺎﺭﻩ ﻳﯧﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﭘﺎﺭﯨﻨﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﻤﯩﺴﻪ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ، ﮬﻪﺗﺘﺎﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺯﯨﻴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﻴﺎﻟﻠﯩﻖﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺵ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﺘﯩﻜﻰﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﭘﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ (2005-ﻳﯩﻠﻰ 28-ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ) ﻛﯜﻧﻰﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﻩ «ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﻧﻰ» ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﺑﯩﻠﮕﯜﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺶﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﮕﻪ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﺎﺭﺩﯨﻢ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺕ 5:45 ﺩﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺳﺎﺋﻪﺕ 6:15 ﺩﻩ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺳﺎﺋﻪﺕ 6:30ﺩﻩ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﯩﺒﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ. ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﮕﻪ 400-500 ﮔﻪﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﺎﻻ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﺘﯘﻕ. ﭼﯜﺳﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ 4 ﭼﻮﯓ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﭖ، ﻧﯚﯞﻩﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺯﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩﺑﯘ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺪﻩ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ 4-5 ﻧﻰ ﺋﯚﺯﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﻯ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺑﻪﺯﻯ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﯘﺯﺩﻯ. ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﻰﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﯞﻩ ﻗﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ 3-4 ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺎﺭﺩﯗﻕ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ Robot (ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻟﺘﺎ ﺳﻮﯞﻏﺎﺗﻤﯘ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ. ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻣﻤﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﯜﺭﺩﯗﻕ. ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﯩﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻳﺎﮬﯩﺘﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﻣﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﺳﻪﻡﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ-ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻡ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ: «ئېلىپ ﻛﯩﺮﯨﯟﻩﺭ» ﺩﯦﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻤﯘ ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ-ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ. ﺋﯚﺯﻯ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦﭘﯩﭽﯩﺮﻻﭖ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺪﯨﻦ 10 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﺮ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﺋﯘ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﮕﯩﻤﯘ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﮬﯧﭻ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯚﺳﯜﭖ-ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﯩﻤﯘ ﭼﯩﺪﺍﭖ، ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺟﺮﺍﺗﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯘﺭ. ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺷﻨﻰﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﻰ «ﺋﺎﺭﺍﻥ مۇنچىلىك ﭘﯘﻝ ﺋﯩﻜﻪﻥ» ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ.

ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ 40 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﺮ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺑﺎﺯﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥﺋﯘﭼﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ. ﺑﯘﻣﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﭘﯘﺧﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﯧﭻ ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﭘﯘﻝﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﺎﺯﯨﻐﯩﻤﯘ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ 5 ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯩﺰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻯ ﺗﯩﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ. ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻚ ﺋﯘﭼﺎﺭ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﻼﻥﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻮﺷﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﻼﻧﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯩﺮﮔﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﻛﯚﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰﭼﺎﺷﻘﺎﻥ-ﺷﻪﭘﻪﺭﻩﯓ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺭﺍﺩﺍﺭ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﺎﺭﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰ 3-4 ﻣﯧﺘﺮ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗﻛﯚﺭﺩﯗﻕ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻰ ﺑﺎﺭﺩﻩﻙ ھىس ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﺑﯩﺰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﻩ ﺗﯘﺭﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﺗﻮﺷﯘﻏﯘﭼﻰ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﻰ San Francisco ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻏﯘﺯﯨﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺩ Francisco San دا ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻣﯘ ﭘﯘﺧﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﮕﻪﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯ ﭘﯘﺧﺮﺍﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥﺑﯘﻧﺪﺍﻕ پائالىيەتلەرنى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖئۇرۇنلاشتۇرۇپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ئىرىنمەي ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ، ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺗﯩﻠﻐﺎﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯚﺳﯜﭖ-يىتىلىشى ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ 3 ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ: 1) ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ؛ 2) ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ؛ 3) ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ.

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ مىقداردا ﻣﻪﺑﻠﻪﻍﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺷﯩﺘﺎﺕ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻥ ﻣﯩﻛﺴﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺯﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ 2000-ﻳﯩﻠﻰﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﻛﻼﺗﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰﻧﻮﭘﯘﺳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺍﻥ 12 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﯜﺭﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ 44 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩ جەمىيەتنىڭ ﺑﺎﻻﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﭼﯘ؟ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﻕﭼﯧﻜﯩﺶ، AIDS ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ، ﺑﯘﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦﺋﯘﺭﯗﻕ-ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﻨﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﭼﯘ؟ ﺑﯩﺮﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ 5 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﯘﭖ، ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﯞﻩﮬﺸﯩﻴﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗﻛﻪﻳﭙﻰ-ﺳﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕﻗﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻪﻣﺪﯗ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘﻛﯚﻳﯜﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘﻛﺎﺭﻯ ﻳﻮﻕ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺑﯚﻟﯜﻣﻨﻰ 2 ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﺍﻱ:

«ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﭘﯘﻟﻠﯘﻕ. ﮬﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﭘﯘﻟﻰيىغىدىغان ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﺯﻳﯧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 2-3 ﺩﺍﻧﻪ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ، ﺗﻮﺧﯘﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ. نۇرغۇن ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻤﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯚﻟﻪﭖ، ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﺷﻤﯩﺪﻯ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ چاغدا ﺑﯩﺰ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗﻛﯧﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﯩﻠﻼﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻧﻪﺩﻩ ﭘﯘﻝ؟ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ، ﺩﻩﭖ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻮﻳﻐﯘﺩﻩﻙ ﮔﯚﺵ ﻳﯧﻴﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ، ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﻰﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. نۇرغۇن ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﻮﻗﯘﺷﺴﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ، ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ، ﺗﺎﺭﺍﻡ-ﺗﺎﺭﺍﻡ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ-ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰﻛﯚﺭﯛﭖ، ﭼﯩﺪﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻱ قالىمەن. ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺍﻧﻼ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﭼﻘﺎ، ﺟﯩﻖ ﺋﺎﻣﺎﻝﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ».‏