Jump to content

تۈر:ئەركىن سىدىق بىلەن بىلىۋال تورى ئۆتكۈزگەن يازما سۆھبەت

ئورنى Wikipedia

بىلىۋال تورى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يازما سۆھبەت

ئىلاۋە

[تەھرىرلەش]

بۇ يازما سۆھبەت 2005-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەتلىرىگە خېلە كەڭ تارالغان ئىدى. ئەمما، 2009-يىلى يازدىن كېيىن ئۇ نۇرغۇنلىغان تور بەتلىرى بىلەن تەڭ غايىپ بولدى. ھازىر تەكشۈرسەم، ئۇ ھازىر ھېچ قانداق توردا يوق ئىكەن. ئۇنى يېڭىدىن ئۆسۈۋاتقان، ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى كۆرۈشكە ئۈلگۇرمىگەن قېرىنداشلاشنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى ئۇشبۇ مۇنبەرگە چىقىرىپ قويدۇم. مەن بۇ سۆھبەتنىڭ بارلىق قىسىملىرىنى ئىنكاس شەكلىدە مۇشۇ بىر تېما ئاستىغىلا چىقىرىپ قويىمەن. مەن ھەر قېتىم بۇ سۆھبەتنى كۆرگىنىمدە، ئۇنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان بىلىۋال تورىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇربانجان روزى، سوئال چىقارغان بارلاس، ۋە ئۇنى تەھرىرلەپ ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەپ چىققان سابىق بىلىك تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مەمتىمىن ئەليار بىلەن سابىق ئورخۇن تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ياۋۇز (تۇرسۇنجان ھەزىم) قاتارلىق قەرىنداشلارنى ئەسلىمەي ھەمدە ئۇلارغا چوڭقۇر مىنەتدارلىق بىلدۈرمەي تۇرالمايمەن.

كىرىش سۆز ئورنىدا

[تەھرىرلەش]

مۇھەررىردىن: «بىلىۋال» http://www.biliwal.com تور بېتىمىز يېڭى قۇرۇلغان بولۇشىغا قارىماي، بارغانسېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىغا ئېرىشىپ، زىيارەت قىلغۇچىلىرى ئۆزلۈكسىز كۆپىيىشكە باشلىدى. بىز بۇ جەرياندا يۇرتىمىزدىكى تورداشلىرىمىزنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەققىدىكى قىزىقىش سادالىرىنى كۆپ ئاڭلىدۇق، بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار بىزنىڭ بۇ جەھەتتە ئىزدىنىشىمىزگە سەۋەب بولدى. شۇڭا بىز ئىشىمىزنىڭ مۇقەددىمىسى سۈپىتىدە ئامېرىكىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىدە، ئالىمنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلدۇق. بىزنىڭ ئالىمدىن سورىغان سوئاللىرىمىز بەلكىم ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ تەلەپلىرىنى قانائەتلەندۈرەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن، ئەگەر ئۇنداق بولۇپ قالسا جاۋابكارلىق پۈتۈنلەي بىزنىڭ تەجرىبىسىزلىكىمىزدە. لېكىن ئەركىن ئەپەندىنىڭ سوئاللىرىمىزغا بەرگەن جاۋابلىرى ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ كۈتكەن يېرىمىزدىن چىققان. شۇڭا بىز ئەركىن ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز. تورداشلىرىمىز ئەركىن ئەپەندى ھەققىدە يەنە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئارزۇسىدا بولسا، سۆھبەتنىڭ 3-جاۋابىدا ئەركىن ئەپەندى تىلغا ئالغان تور بېتىنى زىيارەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمىز.


خۇلاسە

[تەھرىرلەش]

«بىلىۋال» تور بېتىنىڭ تەھرىر ئىلاۋىسى:

شۇنداق قىلىپ «ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت»تىن ئىبارەت ئىلھامبەخش ئەسەرنىڭ تور بېتىمىزنىڭ ماقالىلەر سەھىپىسىدە بېرىلىدىغان قىسمى تامام بولدى. ئەمما ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغىنى سۆھبەتنىڭ ئاساسىي قىسمى، شۇنداقلا رەت تەرتىپ نومۇرى بويىچە ئېيتقاندا ئالدىنقى يېرىمى.

قالغان سوئاللارغا ئەركىن ئەپەندى داۋاملىق جاۋاب بېرىدىغان بولدى، سوئاللارغا تولۇق جاۋاب بېرىلىپ بولغاندا بىز ئۇنى تېزلىكتەتوردا PDF فورماتىدا، ULY ۋە UEY يېزىقىدا كىتاب قىلىپ چىقىرىمىز. ئەگەر ئىمكانىيەت يار بەرسە، ئۇنى رەسمىي باسما شەكلىدە چىقىرىشىمىزمۇ مۇمكىن، بۇ چەت ئەلدىكى قېرىنداشلارنىڭ مەسلىھەتى، شۇنداقلا ۋەتەندىكى تورداشلارنىڭ ئۈمىدى.

ئەركىن ئەپەندىنىڭ دەسلەپتىن باشلاپلا بەرگەن مۇكەممەل ھەم ئەتراپلىق جاۋابلىرىدىن ئىلھاملىنىپ چىقارغان سوئاللىرىمىز تورداشلىرىمىزنىمۇ رازى قىلدى، چۈنكى جاۋابلار بىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدىنمۇ كەڭ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ داۋام قىلدى. شۇنداق ئېيتالايمىزكى، بۇ سۆھبەت بىزنىڭ پۈتكۈل ھايات مۇساپىمىزگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە بىز ئەركىن ئەپەندىگە يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، «سۆھبەت»نى ئاخىرلاشتى دېيىشكە ئېغىز ئاچمىقىمىزنىڭ تولىمۇ قىيىنغا توختىغانلىقىنى ئېيتماي تۇرالمايمىز، بىز ئۇنىڭ سۆھبەتلىرىگە ھەمىشە مۇھتاج. شۇڭا بىز بۇنىڭدىن كېيىن تور بېتىمىزنى ئىشلەش جەريانىدا، تورداشلىرىمىزنىڭ رايىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئەتراپلىق جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدىغان مەسىلىلەر يولۇقسا ئەركىن ئەپەندىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەركىن ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمىز.

ئەركىن ئەپەندىگە2- تۈركۈمدە جاۋاپ بىرىشىگە يوللانغان قالغان سوئاللار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1.ھازىر جۇڭگو خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ بازار دەپ قارىلىۋاتىدۇ.جۇڭگو «غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» ستىراتېگىيىسىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. سىزچە، بازار ئىگىلىكى دەۋرىدىكى جۇڭگو بازىرىنى ئېچىش، پۇت دەسسەپ تۇرۇشتا قانداق قىلىش كېرەك؟ قانداق يولدا ماڭغاندا بۇ جەھەتتە تېز ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ؟

2.ئالدىنقى ئەسرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ شىنجاڭدا ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت خۇسۇسىي كارخانىچىلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى، شۇغىنىسى، بۇ شىركەتلەر مەھسۇلاتلىرىنى رايوندىن ھالقىتالمىدى. سىزچە خۇسۇسىي مىللىي كارخانىلار قانداق قىلغاندا ساھەدىن، رايوندىن، چېگرىدىن ھالقىيالايدۇ؟

3.سىزچە، بىر مىللەت قۇدرەت تېپىشتا ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي ساھەدە ئۆزىنى نامايان قىلىشى كېرەكمۇ؟ ناۋادا شۇنداق بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەكسىچە بولسىچۇ؟

4.سىز ھازىر ئىلىم-پەندە ئالەمگە يۈرۈش قىلىۋاتىسىز، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بولسا ئاپىرىدە بولغان شۇ جايىنىڭ ئەسلى-ۋەسلىنى بىلمەس ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. دېمەكچى، سىزنىڭ نەزەرىڭىزدىكى دۇنيا بىلەن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدىكى دۇنيا ھەققىدىكى قاراش قارىمۇ-قارشى، سىز بۇ ئوبيېكتىپ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟

5.سىزچە مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟ بۇ تەربىيىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەكمۇ-يوق؟

6.مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەشكە بولغان قاراشلىرىڭىز قانداق؟ قانداق قىلغاندا تېز ھەم مۇستەھكەم ئىگىلىك تىكلىگىلى بولىدۇ؟

7.ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىزدىن چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلار كۆپەيدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۇلارنىڭ بەزىلىرى قايتىپ كەلدى، بەزىلىرى قېلىپ قالدى، سىز بۇ ئىككى مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟

8.جۇڭگو مائارىپىدا، ئالىي مەكتەپلەردە ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلغان. بىزدە يېقىنقى 25 يىلدىن بۇيان ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇغانلار ھەقىقەتەن كۆپ بولدى. سىزچە تەبىئىي پەندە ئوقۇش ئالەمنىڭ خوجايىنى بولۇشنىڭ مۇقەددىمىسىمۇ؟

9.مىللىتىمىز ئارىسىدا «پېشقەدەملەر» ئۆزىنى كۆز-كوز قىلىش، ياشلارنىڭ ئۇتۇقلىرىغا ئاكتىپ، توغرا باھا بەرمەسلىك مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت. دېمەكچى، بىزنىڭ پىشىۋالىرىمىزدا بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ئۆسۈپ-يېتىلىۋاتقان ياشلىرىمىزغا «كەڭ قورساق بولماسلىق» مەۋجۇت، چەت ئەللەرنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىشلىرى قانداق؟

10.ھازىر ئۇيغۇرلاردا چەت ئەللەرگە چىقىشقا قىزىقىدىغان ھالەت بار، ھازىر دۆلىتىمىزدە بۇنىڭغا ئىلھام بېرىش سىياسىتى بار. شۇغىنىسى، بۇ جەھەتتە «كۆز قورقۇش» مەسىلىسى ئېغىر. سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارىشىڭىز قانداق؟

11. ئامېرىكىلىقلارنىڭ «سورۇن مەدەنىيىتى» ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆزلەپ ئۆتەمسىز؟

بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى يىقىن مەزگىل ئىچىدە تور بىتكىتىمىزدە ئىلان قىلىنىدۇ. قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرغايسىزلەر.

بىرىنچى تۈركۈمدىكى سۆھبىتىمىز تامام.

تەھرىرلىگۈچى بىلىۋال نىڭ باشقۇرغۇچىسى قۇربانجان رۇزى، مۇخبىر ئەپەندى

UEY بۆلىگىنى كوررېكتورلۇق قىلغۇچى:ساداق، ئەليار


ئىزاھات:1)قايتا كوررېكتورلۇق قىلىش داۋامىدا سۆھبەت ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىلگەن تور بەت ئادرېسلىرى تەھرىرلەپ قۇيۇلدى.

2) 8-بۆلۈمىگە ULYئېلىپبەسى قۇشۇپ قۇيۇلدى.

نەشىرھوقۇقى www.biliwal.com دا

تەييارلىغۇچى: www.bilik.cn/bbs

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]