ئەركىن سىدىق يازما سۆھبەت 2-بۆلۈم

ئورنى Wikipedia

7-سوئال: تور بېتىڭىزدە يۇرتتىكى ياشلار بىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىگە جاۋاب بېرىپسىز. بۇ تور بەتنى ئىشلەش ئارام ئېلىشىڭىزنىڭ بىر قىسمىمۇ؟[تەھرىرلەش]

جاۋاب: مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىن تارتىپلا، ساۋاقداشلىرىمغا ئۆگىنىشتە ياردەم بېرىشنى باشلىغان بولۇپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆزۈم ئۈچۈن شەرەپلىك ئىش، دەپ ھېسابلاش ماڭا شۇ چاغدىن باشلاپ ئادەت بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئادەتنى مەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. ئىمكانىيەتلا يار بەرسە، مەيلى بىرەر شەخسكە ياكى پۈتۈن مىللەتكە بولسۇن، پايدىلىقلا ئىش بولىدىكەن، مەن ئۇنداق ئىشنى قىلىشتىن زادىلا باش تارتمىدىم. ھەمدە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئەتراپىمدىكىلەرنى ئۆزۈم بىلەن بىرگە ئېلىپ مېڭىشقا، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاشقا تىرىشتىم. قولۇمدىن كەلسىلا، مەن ھېچكىمدىن ھەر قانداق ياردىمىمنى ئايىمىدىم. 1976-1978-يىللىرى مەن قايتا تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن بارغان يېزىدا، غالىپ ئىسىملىك بىر بالا بار ئىدى. ئۇ كونىشەھەر (ھازىرقى ئونسۇ) ناھىيىسىدىكى بىر باشلىقنىڭ بالىسى بولۇپ، باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇشتا داڭق چىقىرىپ، "غالىپ جودا"، دەپ ئاتىلىكەندۇق. مەن يېزىدا ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ، ھەر جەھەتتە ئۇنى يېتەكلىدىم. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇ بىر ئىنتايىن مۇلايىم، قولىدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياردەم قىلىدىغان يېڭى بىر ئادەمگە ئۆزگەردى. ئۇ چاغدا بىزگە يېزىدا 2 يىل ياخشى ئىشلەپ، شۇ ئارقىلىق بىرەر مائاشلىق ئىشقا ئېرىشىشتىن باشقا ھېچقانداق چىقىش يولى يوق ئىدى. يېزىدا ياخشى ئىشلىمىگەنلەر 2 يىلدىن كېيىنمۇ بىرەر خىزمەتكە ئېرىشەلمەيتتى. شۇڭا مېنىڭ تۇتقان يولۇم ئاشۇنداق بىر "پارلاق ئىستىقبال يولى" غا ماسلاشقان ئىدى.

مېنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ئۇيغۇر ياشلارغا بىر ئاز ياردەم قىلىشنى باشلىشىمدا يۇقىرىقىدىن باشقا يەنە بىر ئالاھىدە سەۋەبمۇ بار. مەن 1988-يىلى ئاپرېلدا ياپونىيەدىكى ئۆگىنىشىمنى تۈگىتىپ، يۇرتقا قايتىشتىن بۇرۇن، ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۇئار لۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ بىر قانچە پېشقەدەم ئۇيغۇر ۋە قازاق رەھبىرى (ئۇلارنىڭ بىرسى تۈگەپ كەتتى؛ ئۇ ئاتىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەنئەتتە بولغاي. مەن ئۇلارنىڭ ياردىمىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن) نىڭ ياردىمى بىلەن، ئامېرىكىدىكى كالىفورنىيە شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ Northridge شۆبىسى (CSUN) بىلەن ئالاقىلىشىپ، TOFLE ئىمتىھانىدىن ياپونىيەدە ئۆتۈپ، ئۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ بولغان ئىدىم. ئوقۇش پۇلۇمنى مەكتەپ تولۇق كۆتۈرىۋەتكەن بولۇپ، تۇرمۇشۇمنى ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ تاپىدىغان كىرىمىمگە تايىنىپ باقىدىغان بولغان ئىدىم (ئەمما، ماگىستېرلىق ئوقۇشىنى تۈگىتىپ، دوكتۇرلۇق ئوقۇيدىغاندا، مېنى قوبۇل قىلغان 5 ئالىي مەكتەپنىڭ ھېچقايسىسى ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىقى كەسپى بويىچە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا 1-يىلى ئوقۇش ياردەم پۇلى بەرمەيدىغان بولغاچقا، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى داۋىس شۆبىسى (UC Davis) گە 1-يىلى 13 مىڭ دوللار ئوقۇش پۇلى تۆلىدىم. بۇنچىلىك پۇلنى تېپىش ئۈچۈن مەن ئۆزۈم ئىشلەپلا قالماستىن، بىز 2 بالىمىزنى ئۈرۈمچىدىكى تۇققانلارغا قالدۇرۇپ قويۇپ، بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ئايالىم ئامانگۈلمۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ جاپالىق ئىشلارنى قىلدى. UCD نىڭ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، ئىشتىن چۈشۈپ، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، مايكىسىنى سېلىپ سىقسا، مايكىسىگە يىغىلىپ قالغان تەر سۈيى يەرگە تامچىلاپ ئاقاتتى). يۇرتقا قايتىپ، CSUN نىڭ ئوقتۇرۇش قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ قارىسام، ئۇ مېنىڭدىن 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەكتەپكە تىزىملىتىشىمنى تەلەپ قىلىپتۇ. مەن قىزىم 3 ئايلىق بولغاندا ياپونىيىگە كەتكەن بولۇپ، 3 ياشقا كىرەي دېگەندە قايتىپ كەلدىم (ئىككى ھەپتىگىچە قىزىم مىنى "دادا" دېگىلى ئۇنىماي، مىنى "ئەركىن ئاكا" دەپ چاقىردى). ئۇ چاغدا ئائىلىمىزدىكىلەرنى ياپونىيەگە چاقىرتىشقا ياكى بىزنىڭ يۇرتقا ئارىلىقتا تۇققان كۈرۇش ئۇچۇن قايتىشىمىزغا رۇخسەت قىلىنمىغاچقا، يۇرتتىن ئىككى يېرىم يىل ئايرىلىپ، ئۆينى ناھايىتى سېغىنغان ئىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن قايتىپ كېلىشىمگىلا، فاكۇلتېتتىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى 4 ئوقۇغۇچىسىنى ماڭا تاپشۇردى. مەن ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى يېزىشىغا بىر يېرىم ئاي يېتەكچىلىك قىلدىم. بۇلارنى ئاز دەپ، ماڭا ئامېرىكىدىن 1-قېتىم ماڭدۇرغان ئوقۇش چاقىرىق قەغىزى ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن يوقاپ كېتىپ، مەن پوچتىخانىمۇ پوچتىخانا سۈرۈشتە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خېلى ئاۋارە بولدۇم. شۇ چاغدا مەن ھېلىقى مەكتەپكە تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر تونۇشۇمغا خەت يازدىم. ئەمما، ماڭا ئۇنىڭدىن خەت كەلمىدى. مەن ئامالسىز 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىسى كېلىدىغان قۇربان ھېيتقىمۇ قارىماي، بېيجىڭگە بېرىپ ۋىزا ئېلىپ، 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئامېرىكىغا كېلىپ بولدۇم. كېلىپ قارىسام، مەكتەپكە 9-ئايغىچە تىزىملاتقىلى بولمايدىكەن. ھېلىقى مېنىڭ ئۇقتۇرۇش خېتىمدىكى تىزىملىتىش ۋاقتى ئەسلىدە ئامېرىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، ئاشۇ بىر كىچىككىنە ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، مەن ئىككى يېرىم يىل ئايرىلىپ كەتكەن ئۆيۈمدە ئاران 3 ئاي تۇرۇپ، ئامېرىكىغا بىر ئاي بالدۇر كېلىپ، ياتاق پۇلى تۆلەپ، بىكار ياتتىم. بۇ ئىش ماڭا ناھايىتى قاتتىق تەسىر قىلدى.

مېنىڭ غايەم بۇ دۇنيادا بار ئوقۇشنىڭ ھەممىسىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگىچە ئوقۇش ئىدى. ياپونىيەگە بېرىشتا، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى 50 كە يېقىن ياش ئوقۇتقۇچىلاردىن 3 پەن بويىچە ئىمتىھان ئېلىنىپ، ئۇلاردىن 15 كىشى تاللىنىپ، ياپونىيەگە ئەۋەرتىلدى. مەن ئۇ ئىمتىھانىلاردا جەمئىي 240 نومۇر ئېلىپ، 1-ئورۇنغا ئېرىشتىم. ئىچكىرى ئۆلكىدە ئوقۇغان بىر ئوقۇتقۇچى 180 نومۇر بىلەن 2-ئورۇنغا ئېرىشتى. ئاڭلىشىمچە ئاخىرىدا 40-50 نومۇر ئالغانلاردىنمۇ ھېلىقى 15 كىشىنىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر بار ئىكەن. ئەمما، مەن تەقسىم بولغان ياپونىيەدىكى مەكتەپتە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشى يوق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن بىلەن بىر قاراردا ياپونىيەگە بارغانلارنىڭ ئىچىدىكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنى خالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ماگىستېرلىق ئوقۇشىغا كىردى، مەن بىر يۇقىرى ئۇنۋان ئۈچۈن ئوقۇيالمىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن 2 يىل قاتتىق ئازاب يىدىم (لېكىن، چۈشكۈنلەشمىدىم. تارتقان دەرتلىرىمنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىمكان قەدەر كۆپرەك ئىلمىي ماقالە چىقىرىشقا تىرىشتىم. بۇ ھەقتىمۇ نۇرغۇن ھەكايىلىرىم بار. ئەمما، بۇ سۆھبەتنىڭ ھەجىم چەكلىمىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنى بۇ يەرگە يازمايمەن. ياپونىيەدىكى مەن ئوقۇغان مەكتەپ مېنى مەملىكەت بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىگە يۆتكەپ قويماقچى بولغانىدى، مەسئۇل ئورگانلىرىمىز ئۇنىڭغا قوشۇلمىدى. بۇ ئىش ئۇ مەكتەپكە بەك تەسىر قىلدى، مەن ياپونىيەدىن قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلار ماگىستېرلىق ئۇنۋانىنى تەسىس قىلىپتۇ--ئاشۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ماڭا 1991-يىلى ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنى شۇنچە تېز پۈتتۈرۈشىگە مەن سەۋەبچى بولۇپتىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەكتەپتە يەنە 10 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئوقۇدى). تەلىيىمگە يارىشا، پېشقەدەم ئۇيغۇر ئۇستازلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن، مەن ئۈچۈن بىر يامان ئىش ياخشى ئىشقا ئايلاندى. مەن ياپونىيەدە ئۇنۋان ئالالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئامېرىكىغا كېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەندە ئۆزۈمگە ئوخشاش ئوقۇش ئارزۇسى بار ھەممە ئۇيغۇر ياشلىرىغا چوڭقۇر ھېسداشلىقىم بار. شۇلارغا بىر ئاز بولسىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، 1994-يىلى مەن ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ماڭدۇرۇپ بېرىش ئىشىنى باشلىدىم. چىقىمنى (يەنى كوپىي قىلىش راسخودى بىلەن پوچتا راسخودىنى) ئەينى ۋاقىتتىكى تەڭرىتاغ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى (ئىنگلىزچە قىسقارتىلىپ "TOSSA" دەپ ئاتىلىدۇ) كۆتۈردى. ئىشلىرىنى مەن قىلدىم. بىر ئوقۇغۇچىدىن قايسى كەسپتە ئوقۇماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا بىر خەت تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مەن Peterson's Guide " دېگەن ئامېرىكىدا چىققان كىتابنىڭ شۇ كەسپكە ئائىت قىسمىنى كوپىي قىلىپ (نۇسخىلاپ)، ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرىنى تونۇشتۇرۇپ بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇلارنى ھېلىقى ئوقۇغۇچىغا پوچتا ئارقىلىق ئەۋەرتىپ بەردىم. بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن كوپىيخانىغا بېرىپ كىتابنى كوپىي قىلىش، خەت ۋە لىپاپلارنى تەييارلاش، ۋە پوچتىخانىغا بېرىپ تەييارلىغان خەتنى سېلىش ئۈچۈن مېنىڭ بىر شەنبە كۈنىدىكى يېرىم كۈن ۋاقتىم كىتەتتى. 1998-يىلىدىن كېيىن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ماڭا تەلەپ يازىدىغانلار، مەن بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلار ناھايىتى ئازلاپ كەتتى. مەن بۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆكۈندۈم.

مەن ئامېرىكىغا ئەڭ بۇرۇن كەلگەنلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىدىكى تۇرمۇش ۋەتەندىكىگە قارىغاندا خېلى كۆپ مۇرەككەپ بولغاچقا، كېيىن كەلگەن ۋەتەنداشلار مەندىن ئوقۇش، خىزمەت، تۇرمۇش، ۋە ئاتا-ئانىلارنى چاقىرتىش توغرىسىدا داۋاملىق ياردەم ۋە مەسلىھەت سوراپ تۇردى. ۋەتەندىكى ياشلاردىنمۇ خەت-تەلەپلەر كېلىپ تۇردى. ئۆزۈم ھازىرغىچە يىغقان تەجرىبىلەردىن ھەممەيلەننىڭ پايدىلىنىشى، ھەمدە ۋەتەندىكى ياشلارغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەن 2004-يىلى يازدا "http://www.meripet.com" دىگەن تور بېتىنى ياساپ، ۋەتەندىكى ۋە چەت ئەلدىكى يۇرتداشلارغا پايدىلىق دەپ قارىغان بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى شۇنىڭغا كىرگۇزۇپ قويدۇم. ھەمدە ماڭا كەلگەن سوئاللارغا قاراپ، يېڭى نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈپ تۇرۇۋاتىمەن.

بۇ تور بېتىدىن باشقا، مەن باشقا ۋەتەنداشلار ۋە تونۇش-بىلىشلەرگە داۋاملىق قىلىپ بېرىپ تۇرىدىغان ئىشلار خېلى بار. مەسىلەن، ئالدىمىزدىكى بىر ھەپتە (2005-يىلى 13- دىن 19-كۇنلىرىگىچە) ئىچىدە مېنىڭ باشقىلارغا قىلىپ بەرگەن ئىشلىرىم مۇنداق:

(1) ھەر كۈنى ۋەتەندىن ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5 ئېلخېتىگە جاۋاپ بېرىش.

(2) ۋەتەندىكى بىر قانچە ئوقۇغۇچىغا ئامېرىكىدىن ئوقۇش ئىلتىماسى يولىدىكى ياردەمچىلەرنى تېپىپ بېرىش.

(3) www.biliwal.com سورىغان سوئالغا جاۋاب يېزىش.

(4) ئاۋىسترالىيەدىكى بىر ئوقۇغۇچىغا "تەشەببۇس خېتى" (ئىنگلىزچە " Recommendation Letter " دەيدۇ) يېزىپ بېرىش.

(5) ياپونىيەدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئامېرىكىغا ۋىزا ئېلىشتا تەلەپ قىلىنغان "ساياھەت پىلانى" (Travel Schedule) يېزىپ بېرىش.

(6) ياپونىيەدىكى بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ كانادادىكى بىر پروفېسسورغا يازغان ئىنگلىزچە خېتىنى تەھرىرلەپ بېرىش.

(7) ئوپتىكىدا دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانى ئالغان بىر تۈرك تونۇشۇمنىڭ "مۇتەخەسىس كاتېگورىيەسى" بويىچە ئامېرىكىدا قېلىپ قېلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كەسپىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەنپەئەتىگە ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان "مۇتەخەسىسنىڭ باھالاش خېتى" نى يېزىپ بېرىش.

(8) فرانسىيەدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ، ئامېرىكىغا كېلىپ، بۇرۇن مېنىڭ قولۇمدا ئىشلىگەن بىر فرانسىيەلىك ئىنژېنېر يېڭى خىزمەتكە كىرىش ئۈچۈن، كۆرۈشۈش (job interview) غا بارماقچى بولۇپ، مەندىن 5 خىل تېخنىكىلىق سوئال سوراپ ئېلخەت يېزىپ، مۇمكىن بولسا بىر كۈننىڭ ئىچىدە جاۋاب بېرىشىمنى سوراپتۇ. مەن ئۇنىڭغا دەرھال جاۋاب يېزىپ ماڭدۇردۇم.

مەن قوشۇمچە ئىشلار بىلەن داۋاملىق ئالدىنقى بىر ھەپتىدىكىدەك ئالدىراش بولۇپ كەتمەيمەن. ئالدىنقى ھەپتە بىر ئاز ئالاھىدىرەك بولۇپ، مەن بىر قانچە كۈن كەچ سائەت 10 دىن ئاشقىچە ئىشلەشكە مەجبۇر بولدۇم. لېكىن، ماڭا ئاشۇنداق تەلەپلەر داۋاملىق كېلىپ تۇرىدۇ.

كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ 3 قىسمى بولىدۇ:

1) ماددىي تۇرمۇش (تاماق يېيىش، كىيىم كىيىش، ئۇخلاش قاتارلىقلار)،

2) روھىي تۇرمۇش (مەھماندارچىلىققا بېرىش، كونسەرت-كىنولارغا بېرىش، تېلېۋىزور كۆرۈش، ئارام ئېلىش، مۇھەببىتى بىلەن بىرگە بولۇش قاتارلىقلار).

3) ئىجادىيەت تۇرمۇشى (ئۆگىنىش، خىزمەت قاتارلىقلار). باشقىلارغا ياردەم قىلىش، مەن ئۈچۈن روھىي تۇرمۇش بىلەن ئىجادىيەت تۇرمۇشىنىڭ بىرلەشمىسىدۇر. مەن بىر ئادەمگە بىر ئىشتا ياردەم قىلالىسام، بىر نەتىجىگە ئېرىشكەن بىلەن ئوخشاش ئۆز-ئۆزۈمدىن خۇشال بولىمەن. بىر كىشىنىڭ ھاياتىغا چوڭراق تەسىر كۆرسىتەلىسەم، ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن. بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلمىغان بولسام، ئېھتىمال تېلېۋىزوردا بىر قانچە كىنونى ياكى بىر قانچە نبا ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنى (مەن ئۇ مۇسابىقىلەرنى كۆرۈشنىمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن) كۆپرەك كۆرگەن بولاتتىم. لېكىن، مەن ئۈچۈن يۇقىرىقى ئىشلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تېلېۋىزور كۆرگەننىڭ قىممىتى كۆپ تۆۋەندۇر.

ئامېرىكىغا كەلگەن 16 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەن جاۋاپ قايتۇرمىغان بىر پارچە خەت يوق. ماڭا پوچتا ۋە ئېلخەت ئارقىلىق كەلگەن خەتلەرگە بىرسىنىمۇ قويماي جاۋاب يېزىپ كەلدىم. (ئەگەر سىز ماڭا ئېلخەت يېزىپ، مەندىن جاۋاب كەلمىگەن بولسا، ئۇ چوقۇم سىزنىڭ ئېلخېتىڭىزدىن چاتاق چىققانلىقىدىن بولدى-مېنىڭ بەزى جاۋابلىرىم ئىگىسىگە يېتىپ بارالماي قايتىپ كەلدى. 3-4 قېتىم ماڭدۇرۇپ باقساممۇ قايتىپ كەلدى. ئەگەر سىزگە مەندىن جاۋاب كەلمىگەن بولسا، ماڭا قايتا ئېلخەت يېزىڭ. مەن چوقۇم جاۋاب قايتۇرىمەن.) بىز داۋاملىق مىللەتلەرنىڭ سۈپىتى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا گەپ ئاچىمىز. بىر مىللەتنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنىڭ مۇھىم بىر كۆرسەتكۈچى، شۇ مىللەتتە "راست ئادەم" بىلەن "يالغان ئادەم" نىڭ نىسبىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىدۇر. مېنىڭ بۇ يەردە "راست ئادەم" دېگىنىم، سىز بىر پارچە خەت يازسىڭىز، سىزنىڭ خېتىڭىزگە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئادەم؛ سىزگە "مۇنداق مۇنداق ئىشنى قىلىپ بېرىمەن"، دەپ، داستىخان ئۈستىدە ياكى ھاراق سورۇنىدا ۋەدە بېرىپ، ئەمەلىيەتتە بەرگەن ۋەدىسىنى ھەقىقەتەنمۇ قىلىدىغان ئادەمدىن ئىبارەت بولۇپ، "ساختا ئادەم" لەر بولسا يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە كىشىلەردۇر.

2002-يىلى فېۋرالدا مەن ياپونىيەگە بىر قېتىم خىزمەت ئىشى بىلەن باردىم. شۇ چاغدا، ئۆزۈمگە ياپونىيەدە تىكىلگەن كاستيۇم-بۇرۇلكىدىن بىرنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بىر كۈنى بازار چۆگىلىدىم. دۇكانلاردىكى كېيىملەر ئاساسەن جۇڭگودا ئىشلەنگەن بولۇپ، مىڭ تەسلىكتە ياپوندا تىكىلگەن كېيىم بار دۇكاندىن بىرنى تاپتىم. بىراق، مەن ياخشى كۆرگەن بىر قۇر كېيىمنىڭ نومۇرى مەن ئۈچۈن 1-2 نومۇر كىچىك ئىكەن. مەن دۇكاننىڭ ئىگىسىدىن ئۇ كېيىمنىڭ 1-2 نومۇر چوڭى بار-يوقلۇقىنى سورىسام، ئۇ كىشى "ھازىر دۇكىنىمدا يوق. سەل تۇرۇپ تۇرۇڭ. مەن بىر سۈرۈشتە قىلىپ باقاي"، دېدى. بەش مىنۇتتىن كېيىن مېنى چاقىرىپ، ئۇ كېيىمنى 3 كۈندىن كېيىن دۇكانغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئامېرىكىغا ئەتىسى قايتىدىغانلىقىمنى، شۇڭا سەل كىچىكرەك بولسىمۇ ھېلىقى دۇكاندا بار كېيىمنى ئېلىش قارارىمنى ئېيتتىم. لېكىن، ئۇ دۇكاننىڭ ئىگىسى، "ئۇ سىزگە بەك كىچىك ئىكەن. ئۇنى ئالماڭ" دەپ تۇرۇۋالدى. بۇ بىر كىچىك دۇكان بولۇپ، ئۇ چاغدا بۇ دۇكاندا مەندىن باشقا ھېچ قانداق خېرىدار يوق ئىدى. شۇ بىر كۈننىڭ ئىچىدە ئۇ كىشىنىڭ قانچىلىك سودا قىلالىغانلىغىنى بىلمەيمەن. ئەمما، مەن ئەتىسى ئامېرىكىغا قايتىدىغانلىقىمنى ئېنىق ئېيتساممۇ، ئۇ كىشى ماڭا "بۇ كېيىم سىزگە ناھايىتى ياخشى كەلدى. ئۇنىڭدىن 2-3 نى ئېلىۋېلىڭ"، دېمەي، بىرنى ئالىمەن، دىسەممۇ، ماڭا ساتمىغىلى تاس قالدى.

" راست ئادەم" دېگەن ئەنە شۇ. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ھاياتىم جەريانىدا ئۇچراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە "يالغان ئادەم" گە قارىغاندا، "راست ئادەم" لەرنىڭ سانى خېلىلا كۆپ. ئەمما، بۇ "راست ئادەم"لەرنىڭ كۆپىنچىسى يېزىلاردا. مەن شۇلار بىلەن بىرگە بولۇپ، ئۇلاردىن نۇرغۇن ئالىيجاناب خىسلەتلەرنى ئۆگەندىم. 2004-يىلى يازدا مېنىڭ 2 بالام يۇرتقا بېرىپ، مەن بۇرۇن ئويناپ چوڭ بولغان يېزىلارغا باردى. ئۇ يەردە بىزنىڭ دېھقان تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ، ئۇلار ئەتكەن تاماقنى ۋە ئۇلارنىڭ بېغىدىكى يېمىشلەرنى يەپ، ئۇلار ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، داپ بىلەن لىگەننى بىرلەشتۈرۈپ چېلىپ، جۈپ-جۈپ بولۇپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان، ھەمدە بىر-بىرىگە پوتا سالىدىغان، بىزنىڭ ئەڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل-ئېچىش ئويۇنىمىز "مەشرەپ" كە قاتناشتى. شۇ چاغدا مەن بىر قېتىم ئۇلارغا تېلېفون قىلغاندا، ئۇ ئىككىسى ماڭا ئايرىم-ئايرىم ھالدا: "دادا، بۇ يەردىكى ئادەملەر ئاجايىپ ياخشى ئىكەن. مەن بۇ دۇنيادا مۇنداق ياخشى ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى زادىلا بىلمەپتىكەنمەن. سىزنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقىدەك ئادەم بولۇپ چوڭ بولغانلىقىڭىزنى ئەمدى چۈشەندىم"، دېدى.

ياپونىيەگە بارغاندىن كېيىن، خۇددى ياپونىيىگە بارغان باشقا ئۇيغۇر ۋەتەنداشلارغا ئوخشاش، "يۇقىرى سۈپەتلىك مىللەت" نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندىم. ئاشۇنداق "راست ئادەم" لەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، مىللىتىمىزنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىش يولىدا ھەر بىر ئادەم بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايدۇ. مەن ھەممىمىز ئورتاق تىرىشىدىغانلا بولساق، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە خۇددى ياپونلۇقلار، يەھۇدىيلار ۋە گېرمانلارغا ئوخشاش بىر “تايىنى بار” مىللەت قاتارىدا دۇنياغا تونۇلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن.


8- سوئال: ھازىر مەملىكەتلىك مەتبۇئاتلاردا دۆلىتىمىز مائارىپنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى، چەت ئەل مائارىپىنىڭ ئىلغارلىقلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزىلەر بولۇپ تۇرىدۇ. سىز پەرزەنتلىرىڭىزنى ئامېرىكا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقان ئاتا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قانداق سېلىشتۇرىسىز؟[تەھرىرلەش]

جاۋاب: جۇڭگو مائارىپى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مائارىپى ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەنمۇ خېلى چوڭ پەرق بار. جۇڭگو مائارىپىنى يىغىنچاقلاپ، بىر ئېغىز سۆز بىلەن "يادلاش مائارىپى"، ئامېرىكىنىڭكىنى بولسا "ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش مائارىپى"، دەپ ئېيتىش مۇمكىن. بۇنداق ئىككى مائارىپ سىستېمىسىدا تەربىيىلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارىدىمۇ خېلى چوڭ پەرق بولىدۇ. تۆۋەندە مەن بۇ مەسىلىنى ئۆزۈم ئۇچراتقان ئەھۋاللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن:

ئامېرىكىنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپلا جۇڭگونىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، 1-سىنىپ بالىلىرىغا ھېساب ئۆتكەندە، جۇڭگودا كۆپىنچە ئەھۋالدا "بىرگە بىرنى قوشسا 2"، "ئىككىگە بىرنى قوشا ئۈچ"، دەپ يادلىتىدۇ. ئامېرىكىدا بولسا، بالىلارغا مەلۇم ساندىكى رەڭلىك بۇيۇملارنى تارقىتىىپ بېرىپ، "قىزىلدىن 3 نى بىر يەرگە، يېشىلدىن 4 نى بىر يەرگە قويۇڭلار. ئەمدى ئىككى رەڭدىكىلەرنى بىرلەشتۈرۈڭلار. ئەمدى ھەممىسىنى قوشۇپ ساناپ بېقىڭلار"، دەپ ھەممەيلەننى ئىشقا سېلىپ، مۇشۇ بىر پائالىيەت ئارقىلىق "3 كە 4 نى قوشسا، 7 بولىدۇ"، دېگەن نەرسىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ تۈپ پرىنسىپ، بالىلارنىڭ مېڭىسىگە بېسىم ئىشلەتمەي، يېڭى نەرسىلەرنى ئۆزلىرى قوبۇل قىلالايدىغان تەرىقىدە ئۆگىتىشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ سىنىپلىرىغا قارىسىڭىز، ساندۇق ساندۇقتا، ھەر خىل رەڭدىكى بۇيۇملارنى كۆرىسىز.

باشلانغۇچتىن باشلاپلا، بالىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يېڭى نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنىدۇ. مەن بۇرۇن ئوقۇغان بىر ماقالىدە، بىر زىيالىي بۇ ئىككى دۆلەتتىكى بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىدىكى پەرق ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپتۇ: "جۇڭگودا ھەممەيلەن بالىسىغا: باشقىلارنىڭ بالىسى قانداق قىلغان بولسا، سەنمۇ شۇنداق قىل، دەپ تەربىيىلەيدۇ. ئامېرىكىلىقلار بولسا بالىسىغا: ئىمكان بار باشقىلار قىلمىغاننى قىل، دەپ تەربىيىلەيدۇ". مۇشۇنداق بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىنىڭ نەتىجىسىدە، ئامېرىكىدا ھەممە كەسپ تۈرلىرى بويىچە يېڭى كەشپىياتچىلار دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ چىقىدۇ.

مېنىڭ ئوغلۇم باشلانغۇچنىڭ 5-سىنىپىدىلا ئىلمىي تەجرىبىنى قانداق ئىشلەش، ئۇنىڭدىن چىقارغان ئىلمىي يەكۈننى قانداق قىلىپ بىر ئىلمىي دوكلات شەكلىدە باشقىلارغا يەتكۈزۈشنى ئۆگەندى. مەن يۇقىرىقى سوئالنى (يەنى 8-سوئالنى) كۆرگەندىن كېيىن، ئوغلۇمدىن "سەن 5-سىنىپتا 1-قېتىملىق ئىلمىي تەجرىبىنى ئىشلەپ، ئۇنىڭدىن دوكلات يازغان ئىدىڭ. سەن شۇ چاغدا ئۆگەنگەن ئىلمىي تەجرىبە ئۇسۇللىرى قايسى؟" دەپ سورىسام، ماڭا تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتىپ بەردى:

1) ئىلمىي پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇش

2) تەجرىبە ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماتېرىياللارنى تەييارلاش ۋە تەجرىبە ئۇسۇلىنى لايىھىلەش

3) تەجرىبىنى ئىشلەپ، سان-سىفىرلارنى خاتىرىلەش

4) تەجرىبە نەتىجىسىگە قاراپ، 1) قىسىمدىكى ئىلمىي پەرەزنىڭ توغرا ياكى ناتوغرىلىقىنى، ئۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى، ھەمدە بۇ تەجرىبە ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىقارغان ئىلمىي خۇلاسىنى يېزىپ چىقىش.

ئۇلار ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا، ئۆزى ئىشلىگەن تەجرىبىنىڭ نەتىجىلىرىنى x-y رەسىمى (ئىنگلىزچە "x-y plot " دەپ ئاتىلىدۇ) ئارقىلىق ئىپادىلەشنى باشلىدى. مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، مەن ياپونىيەگە يېڭى بارغاندا، ئىلمىي تەتقىقاتنى قانداق ئىشلەش جەھەتتە يۇقىرىقىچىلىك بىلىمىم يوق ئىدى (ئېھتىمال بۇ خىل ۋەزىيەت ھازىر ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن)

ئامېرىكىدا باشلانغۇچنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن باشلاپ، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر مەۋسۈمدە بىر قېتىم دەرس پروجەكتىسى (ئىنگلىزچە " Class Project " دەپ ئاتىلىدۇ) ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بەزى ئوقۇتقۇچىلار سىنىپىدىكى 30 غا يېقىن ئوقۇغۇچىغا 15 ئەتراپىدىكى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان پروجەكت ماۋزۇسىنى چىقىرىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەنلىرىنى تاللىۋېلىشا قويىدۇ. بەزىلىرى بولسا، پروجەكت ماۋزۇسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تېپىشىغا قويۇپ قويىدۇ. مۇشۇنداق پروجەكتلار ئاساسىدا، ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە بىر قېتىم ئىلىم-پەن كۆرگەزمىسى (ئىنگلىزچە " Science Fair " دەپ ئاتىلىدۇ) ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، "ئوچۇق ئۆي" (ئىنگلىزچە " Open House " دەپ ئاتىلىدۇ) پائالىيەتلىرىمۇ بىر يىلدا بىر قانچە قېتىم بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ كۆرگەزمە ۋە ئوچۇق ئۆي جەريانىدا، ئاتا-ئانىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت مۇددىتى ئىچىدە مەكتەپكە كېلىپ، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۆرىدۇ. بۇ ئادەمنى خېلىلا ھوزۇرلاندۇرىدىغان پائالىيەت بولۇپ، بالىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئادەمنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرىدۇ. مەن ھازىرغا قەدەر ئۆز بالىلىرىمنىڭ مۇنداق پائالىيەتلىرىنىڭ بىرەرسىگىمۇ بارمىغان ۋاقتىم يوق. مېنىڭ ئوغلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىگەن پروجەكتنىڭ بىرسى، ئوخشىمىغان رەڭلىك نۇرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئۆلچەپ ئىسپاتلاپ چىقىشتىن ئىبارەت بولدى. بىر قىسىم ماتېرىياللارنى بازاردىن سېتىۋالدۇق. تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش ئەسۋابىنى مەن ئۆزۈمنىڭ شىركىتىدىن ئارىيەت ئېلىپ ئەكەلدىم. قىزىمنىڭ ئىشلىگەن بىر پروجەكتىسى، نۇر ئىسسىق ھاۋادىن ئۆتكەندە، ئىسسىق ھاۋا ئۇنىڭ يۆنىلىشىنى بىر ئاز ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش بولدى. مەن قىزىمنى ئۆزۈمنىڭ شىركىتىگە ئاپىرىپ، قىزىل رەڭلىك لازېر (قوزغىتىلغان نۇر) دىن بىرىنى ماڭدۇرۇپ قويۇپ، ئۇنىڭ نۇر يولىنىڭ ئاستىغا شام يېقىپ ھاۋانى ئىسسىتىپ، شۇ ئارقىلىق قىزىم ئىسپاتلىماقچى بولغان نەرسىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.


ئامېرىكىدا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىمۇ ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن جانلىق تەربىيىلىنىدۇ. مېنىڭ ئىككىلا بالام تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ھازىر دۇنيادا مەۋجۇت بولغان 4 چوڭ دىننى ئۆگىنىپ چىقتى. مەن ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنى توغرىسىدىكى دەرسلىك كىتابىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە ئىنتايىن ھەيران بولدۇم: مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىمدا دىن توغرىلىق بىرەر دەرسلىك ئەمەس، ھازىرغا قەدەر بۇنداق ياخشى يېزىلغان ئىسلام توغرىسىدىكى كىتابنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. قىزىم تولۇقسىزدىكى ۋاقتىدا، ئىجتىمائى پەن بويىچە بىر قېتىم ئېلىپ بارغان پروجەكتىسى مۇنداق بولدى: 3 ئوقۇغۇچى بىر گۇرۇپپا بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا جەمئىيىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردىن 5 نى تىزىپ چىقىش. ئاندىن بۇ 3 كىشىدىن بىرىنى "ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى" قىلىپ تاللاپ، بۇ "پرېزىدېنت" ئۆزىنىڭ يۇقارقى مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇسۇل لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقىش. (شۇ چاغدا قىزىم "ئامېرىكا پرېزىدېنتى" بولۇپ تاللىنىپ، بۇ پروجەكت ۋە قىزىمنىڭ "پرېزىدېنت" بولغانلىق خەۋىرى بىز تۇرۇۋاتقان شەھەرنىڭ يەرلىك گېزىتىگە بېسىلدى). ئەڭ ئاخىرىدا بۇ "پرېزىدېنت" ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكىنىڭ راست پرېزىدېنتى بېل كلىنتونغا يېزىپ ماڭدۇرۇش. بۇ ئىشتىن ئۇزۇن ئۆتمەي، قىزىم بېل كلىنتوننىڭ ئىمزاسى بېسىلغان، كلىنتوننىڭ ئىشخانىسىدىن كەلگەن كلىنتوننىڭ نامىدىكى بىر جاۋاب خەتنى تاپشۇرۋالدى. يەنە بىر ئىجتىمائى پەن پروجەكتىسىدە، قىزىمغا "ئەگەر سەن Haway شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى بولساڭ، ئۇ شىتاتنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنى قانداق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرىسەن؟ ئۆزۈڭنىڭ بۇ جەھەتتىكى سودا پىلانىڭنى (ئىنگلىزچە " business plan " دەپ ئاتىلىدۇ) يېزىپ چىققىن." دىيىلگەنىدى. ۋەتەندە بۇنداق ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمىسا كېرەك. مەن "سودا پىلانى" يېزىپ باقتىم: 1996-يىلى ۋە 2002-يىلى مەن باشقا 2 نەپەر ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسى بار، چوڭ شىركەتلەردە باشلىق بولۇپ باققان كىشىلەرگە شېرىك بولۇپ، ئىككى يۇقىرى تېخنىكىلىك شىركەت قۇرۇشقا قاتناشتىم. مانا شۇ چاغدا، بىز ئامېرىكىدىكى كاپىتالىستلاردىن مەبلەغ ئېلىش ئۈچۈن، ناھايىتى تەپسىلىي "سودا پىلانى" تەييارلاپ چىققان ئىدۇق (ئامېرىكا ئىقتىسادىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن، بىزنىڭ بۇ شىركەتلەر ماڭماي قالدى. ئۇلارنىڭ بىرسى ھازىرمۇ بار. مەن بۇ ئىككى شىركەتتە "باش تېخنىك" دېگەن ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئالغان ئىدىم. بۇ ۋەزىپە ئىنگلىزچە " Chief Technology Officer, CTO " دەپ ئاتىلىدۇ.)

مائارىپتىكى بۇنداق پەرقتىن كېلىپ چىققان نەتىجىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىنى مەن ئۆزۈمنىڭ ئامېركىدىكى خىزمىتىم جەريانىدا ئوبدان ھېس قىلدىم. مەن كالفونىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋىس شۆبىسىدە (UDC دە) يۇقىرى يىللىقلارغا دەرس ئۆتۈۋاتقان ۋاقتىمدا، بىر قېتىملىق يېرىم مەۋسۇملۇق ئىمتىھاننىڭ ئورنىدا، مۇنداق بىر لايىھىلەش پروجەكتى ئورۇنلاشتۇردۇم: ھەر بىر ئوقۇغۇچى مۇستەقىل ھالدا مەن چىقىرىپ بەرگەن تېخنىكىلىق كۆرسەتمە بويىچە بىردىن ئېلېكتىر توك يولى لايىھىلەپ چىقىدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسى، بۇ توك يولى ئىشلىتىدىغان ئېلېكتىر توك قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە (قانچە تۆۋەن بولسا، شۇنچە ياخشى)، سىگنال كۈچەيتىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە (قانچە يۇقىرى بولسا، شۇنچە ياخشى) ۋە پۇل چىقىمىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە (قانچە تۆۋەن بولسا، شۇنچە ياخشى) قاراپ، مۇشۇ 3 كۆرسەتكۈچنى argument قىلغان بىر تەڭلىمىگە ئاساسەن بېرىلىدۇ. نومۇرى ئەڭ يۇقىرى ئوقۇغۇچىغا "ئا+" بېرىلىدۇ. ئەڭ تۆۋەن ئوقۇغۇچىغا "ف" بېرىلىدۇ (ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيدۇ). قالغانلار مۇشۇ ئىككىسىنىڭ ئارلىقىدىكى نومۇرلارنى ئالىدۇ. ئەگەر 2 ئوقۇغۇچىنىڭ ماڭا تاپشۇرغىنى ئوپ-ئوخشاش بولۇپ (يەنى بىر-بىرىدىن كۆچۈرگەن بولۇپ)، ئۇلار 100 دىن نومۇر ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا، بۇ ئىككەيلەن بىر 100 نومۇرنى تەڭ بۆلۈشىدۇ (يەنى، ئۇلارغا 50 تىن نومۇر بېرىلىدۇ). ۋاقتى بىر ھەپتە (دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تۈگىتىشى كېرەك). بۇ ئېلېكتىر شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بىر ئېلېكتىر ئىنژىنېرىنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن ئوخشاش ئىش بولۇپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەقىقىي رىقابەتلىك ھالىتىگە ماسلاشقان، ناھايىتى ئەمەلىي پروجەكت ئىدى. ئامېرىكىلىك ئوقۇغىچىلار پروجەكت تەلەپلىرىنى چۈشىنىۋالغاندىن كېيىن يوقاپلا كەتتى. بىراق، مېنىڭ سىنىپىمدىكى 5 ئەتراپىدىكى ۋېتنام، شاڭگاڭ، تەيۋەن ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار بۇ بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر كۈنى ئىشخانامغا سوئال سوراپ كىرىۋېلىپ، مېنى خېلىلا ئاۋارە قىلدى (ئامېرىكىدا كۆپىنچە پروفېسسورلار ئىشىكىنى تاقاپ قويۇپ، مەخسۇس بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتىن باشقا چاغلاردا ئوقۇغۇچىغا ئىشىك ئېچىپ بەرمەيدۇ. ئەمما، مەن ئىشىكىمنى ياپمايتتىم.)

مەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئېلېكترو-ماگنېتلىق دولقۇن، مىكرو-دولقۇن تېخنىكىسى ۋە ئوپتىكا قاتارلىق كەسپلەر ئېلېكتىر ئىنژىنېرلىقى بويىچە ئەڭ تەس كەسپ. شۇڭلاشقا ئامېرىكا گىراژدانلىرى ئىچىدە بۇ كەسپتە ئوقۇيدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ، ئامېرىكىدا بۇ كەسپتە ئوقۇيدىغان ۋە ئىشلەيدىغان جوڭگولۇق خەنزۇلار ناھايىتى كۆپ. بولۇپمۇ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇ كەسپلەر ئۆتۈلىدىغان بولغاچقا، ئۇ مەكتەپنىڭ باكالاۋرلىقىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭ يېرىمى دېگىدەك ئامېرىكىغا كېلىپ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانلىرىنى ئېلىپ، ئامېرىكىدا تۇرۇپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ساھەسىدە بۇنداقلارنى ناھايىتى كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىمەن. مەن "Wawesplitter" دېگەن شىركەتتە ئىشلەۋاتقاندا، بىر مەزگىل ئىككى گۇرۇپپا كىشىگە مەسئۇل بولدۇم. ئۇنىڭ بىرسىدە، جۇڭگونىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىپ، ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان 2 خەنزۇ ئىنژىنېر، چىڭخۇانى پۈتتۈرۈپ، ئامېرىكىدا ماگىستېرلىق ئالغان بىر خەنزۇ ئىنژىنېر، ئامېرىكىلىق دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار 2 ئىنژىنېر ۋە باشقا بىر قانچە تېخنىكلار بار ئىدى. يەنە بىر گۇرۇپپىدا بولسا، تەيۋەننىڭ چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكالاۋرلىقنى ئېلىپ، ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇق ئالغان بىر ئىنژىنېر، ئامېرىكىلىق ماگىستېرلىق ئۇنۋانى بار بىر ئىنژىنىر ۋە ئامېرىكىلىق بىر تەرەپتىن بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن بىزنىڭ شىركەتتە ئىشلەۋاتقان بىر ياش بار ئىدى. مەن ئامېرىكىلىقلارغا ئىش تاپشۇرسام، مەيلى بىۋاسىتە بولسۇن ياكى تېلېفون ئارقىلىق بولسۇن، ئۇلار مېنىڭ تەلىپىمنى بىر دەمدىلا چۈشىنىپ، تېلېفون قىلىدىغان يەرگە تېلېفون قىلىپ، كۆرۈشىدىغانلارنى ئۆزلىرى تېپىپ كۆرۈشۈپ، ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئىشلەپ، ئىش پۈتكەندە ماڭا دوكلات قىلاتتى. ھېلىقى جۇڭگولۇق ئىنژىنېرلار بولسا، مېنىڭ قېشىمغا كۈندە نەچچە قېتىم كېلىپ، ئىشنىڭ ھەر بىر قەدەم-باسقۇچىنى مەندىن سورايتتى. ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نومۇرىدا داۋاملىق سىنىپنىڭ ئالدىدا بولسىمۇ، ئەمىلىي خىزمەتكە چىقىپ ئىشلەشكە باشلىغاندا ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش ئورۇندىكى ئامېركىلىقلارنىڭ ئالدىدا خېلىلا چانىدۇ. قول سېلىپ ئىشلەشكە كەلگەندە، ئۇلار ئامېرىكىلىقلارغا قارىغاندا كۆپ ئاجىز كېلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىمكانىيەتلا يار بېرىدىكەن، بالىڭىزنى قول سېلىپ ئىشلەشكە ئادەتلەندۈرۈڭ. قول سېلىپ ئىشلەشنى ئۆگىتىش دېگەنلىك ھەرگىز بىر تەجرىبىخانىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىشلارنى كۆزدە تۇتقانلىق ئەمەس. ئوتۇن يېرىش، گەمە كولاش، تام سېلىش، غالتەك ياساش، ۋېلسىپىتنى رېمونت قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قول سېلىپ ئىشلەشكە كىرىدۇ. بۇ ئەرزىمەس ئىشلاردەك كۆرۈنسىمۇ، ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلىش جەريانىدا يېتىلىدىغان قول سېلىپ ئىشلەش قابىلىيىتى كېيىنكى ھاياتتا ئىنتايىن جانغا ئەسقاتىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ئۆگەنگەن ئىقتىدارىمنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كېيىنكى كەسپىي ھاياتىمغا ئىنتايىن زور پايدا يەتكۈزدى. مەن ئۆگەنگىنىمنىڭ ھەممىسىنى ھازىر ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىۋاتىمەن. قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئادەم داۋاملىق بىر ئىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان باھانە ئىزدەيدۇ. قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەم بولسا، داۋاملىق شۇ ئىشنى قىلىشتا مۇمكىنچىلىكى بار بولغان يولنى ئىزدەيدۇ. بىر بالىنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغان بولۇپ يىتىلىشىدە، ئاتا-ئانىلار ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئامېرىكىنىڭ بالا تەربىيىلەش سىستېمىسىدا، ئاتا-ئانىغا تايىنىدىغان تەركىب خېلى چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. تۆۋەندە مەن مۇشۇ نۇقتا ئۈستىدە بىر ئاز توختىلىپ ئۆتىمەن.

1) باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئاتا-ئانا يىغىنى. ھەر بىر مەكتەپ ھەر يىلى كەم دېگەندە بىر قېتىم مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئاتا-ئانا يىغىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ يىغىن ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشىدىغان يىغىن بولۇپ، ئادەتتە بىر كىشىگە بېرىلگەن ۋاقىت 15 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ مۇشۇ بىر دەرستە ئىشلىگەن سىنىپ پروجەكتى، تاپشۇرۇقلىرى ۋە يازغان ماقالىلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ قايسى تەرەپتە كۈچلۈك، قايسى تەرەپتە ئاجىز ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپتە قانداق تىرىشىشى زۆرۈرلىكىنى تەپسىلىي ئېيتىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىسىنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ۋە ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ. مېنىڭ ئوغلۇم باشلانغۇچتىكى ۋاقتىدا، بىر قېتىملىق مەملىكەتلىك "Star" دېگەن ئىمتىغاندا (مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ئىمتىھان ئامېرىكا بويىچە يىلىغا بىر قېتىمدىن ئېلىنىدۇ) ناھايىتى يۇقىرى نومۇر ئېلىپتۇ. توققۇز ساھەنىڭ بەشىدە٪ 99 گە، ئەڭ تۆۋەن بولغىنىدا٪ 87گە كىرىپتۇ (ئامېرىكىدا بۇنداق ئىمتىھانلاردا ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى قانچە پىرسەنت ئوقۇغۇچىلاردىن يۇقىرى نومۇر ئالدى، دەپ تىزىدۇ. ٪ 99 دېگىنى بۇ ئوقۇغۇچى شۇ قېتىم ئىمتىھانغا قاتناشقانلارنىڭ ئىچىدە٪ 99 ئادەمدىن يۇقىرى تۇرىدۇ، يەنى ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغان٪ 1 ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ، دېگىنى بولىدۇ). ئوغلۇمنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئامېرىكىغا نەدىن كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ. ئوغلۇم "جۇڭگونىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن" دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ ئوقۇتقۇچى ئامېرىكىدا بېسىلغان بىر خەرىتىنى ئاختۇرۇپ، بۇ يەرنى تاپالماي، بىر قېتىملىق ئاتا-ئانا يىغىنىدىن كېيىن مېنى ئەپقېلىپ، بىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى سورىدى. ئەسلىدىكى 15 مىنۇتلۇق يىغىن 45 مىنۇت داۋاملىشىپ، مەن ئۇ كىشىگە ئۇيغۇر توغرىسىدا تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم. ئاخىرىدا ئۇ كىشى ماڭا: "دىلشات ئامېرىكىغا 4.5 يېشىدا كېلىپ، ئىمتىھاندا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن يۇقىرى نومۇر ئېلىۋاتسا، مەن ئۆزىمىز ئۈچۈن نومۇس ھىس قىلىمەن"، دېدى. يەنە بىر ئاتا-ئانا يىغىنىدا، ئوغلۇمنىڭ ئىنگلىزچە يېزىقچىلىق ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ يازغان بىر ماقالىسىنى ماڭا كۆرسىتىپ، "مەن بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىلى 20 يىلدىن ئاشتى. لېكىن، بۇنىڭچىلىك تەسىرلىك يېزىلغان ماقالىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. مەن ئۇنى ئىرىمگىمۇ ئوقۇپ بەردىم. ئىككىلىمىز يىغلاپ كەتتۇق. مەن بۇ ماقالىنى بىر رەسىم رامكىسىغا ئېلىپ، ئۆيۈمگە ئېسىپ قويدۇم"، دېدى. بۇ ماقالىنىڭ ئىسمى "بىرتالمۇ ئويۇنچۇقى يوق بىر كىچىك بالا" (ئىنگلىزچە " A Boy without a Toy ") بولۇپ، ئوغلۇم ئەسلىدە مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمنى يازغان ئىكەن. بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ئويۇنچۇقى بار بالىلارغا قارىغاندا، ئويۇنچۇقى يوقلارنىڭ سانى جىق كۆپ. ئەمما، ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن، بىر بالىنىڭ ھەچ قانداق ئويۇنچۇقى بولماسلىق، ئۇلارنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدىغان، ئۇلارغا قاتتىق تەسىر قىلىدىغان بىر ئىش ئىكەن.

2) ئامېرىكىدا كىچىك بالىلىرى بار ئاق تەنلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆيىدە كەم دېگەندە بىردىن ئىت، مۈشۈك، ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئائىلە ھايۋىنى (ئىنگلىزچە " Pet " دەپ ئاتايدۇ) باقىدۇ. بۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىگە ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەن بولغاچقا، مەخسۇس ئائىلە ھايۋانلىرىنى ساتىدىغان سودا دۇكانلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ. ھەمدە ئادەملەرنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىنى ساتىدىغان سودا دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئائىلە ھايۋانلىرىنىڭ يېمەكلىرىنىمۇ ساتىدۇ. كىچىك بالىلارنىڭ ھايۋان بېقىشى، ئائىلە ھايۋانلىرى بىلەن بىللە ئوينىشى، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بۇ ئىشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىقى كېرەك. مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئىت، توشقان، تۇرمۇنچۇق ۋە جىڭسىرلارنى باققان ئىدىم. توشقاننى سېتىش ئۈچۈن باققان بولساممۇ، توشقىنىم ھەر قېتىم تۇغۇپ، باللىرىنى ساتقىدەك بولغىچە، ئۇلار بىلەن ناھايىتى كۆپ ئوينىۋالاتتىم. تۇرمۇنچۇق ۋە جىڭسىرلار بولسا، پۈتۈن ئائىلىمىزگە ئىنتايىن چىرايلىق سايراپ بېرەتتى. بىر قېتىم مەن بىر ئىگىز دەرەخقە يامىشىپ چىقىپ، بىر قارا قۇشقاچنىڭ ئۇۋىسىدىن ئەمدىلا كۆزى ئېچىلغان بىر قۇشقاچ بالىسىنى تۇتۇپ چۈشتۈم. ھەمدە ئۇنىڭغا ئاغزىنى قايرىپ ئېچىپ يېمەك يىگۈزۈپ، ئاغزىنى قايرىپ ئېچىپ سۇ ئىچۈرۈپ، ئاشۇ يول بىلەن بېقىپ چوڭ قىلدىم. بۇ قارا قۇشقاچ مېنىڭ ئاشۇنداق بېقىشىم بىلەن ئۇچۇرۇم بولدى. ئەتىگىنى ئۆينىڭ ئالدىدا ئاياقتا ئۇماچ ئىچىۋاتسام، ئۇ قۇشقاچ بەزىدە ئۇچۇپ كېلىپ، ئاياقنىڭ قىرغىقىغا قونۇۋالاتتى. بەزىدە مەن سىرتتا ماڭغاندا، ئۇ قۇشقاچ ئۇچۇپ دەرەخقە قونۇپ، ئاندىن ئۇچۇپ كېلىپ مۈرەمگە قوناتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا مەن ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم. مەن ئۈچۈن بۇ بىر قولغا كەلتۈرگەن چوڭ غەلىبە ئىدى. مەن دوكتۇرلۇق ئوقۇۋاتقاندا بىز مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا تۇردۇق. بىزنىڭ ئۇ ياتاقلاردا ئائىلە ھايۋىنى بېقىشىمىزغا يول قويۇلمايتتى. بىر كۈنى قىزىم 3 دانە چۆجە كۆتىرىپ كەپتۇ. بىر ساۋاقدىشى بەرگەن ئىكەن. ئۇنى باقىمەن، دەپ چىڭ تۇرىۋالدى. بىز ئۇنىڭغا يول قويدۇق. بۇ چۆجىلەر بىر ئايغىچە بىزنىڭ پۈتۈن ئائىلىگە نۇرغۇن خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. 1997-يىلى بىز ئۆي ئېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، باللىرىمىزغا بىر جۈپ توشقان ئېلىپ بەردۇق. نەچچە ئايدىن كېيىن بۇ توشقانلار 2 قېتىم تۇغۇپ، جەمئىي 18 توشقان بولدى. ئۆينىڭ ئارقا ھويلىسىنىڭ نەرىگە قارىساق توشقان. ئۇلار ئۆرە تۇرۇپ يەپ، ئارقا ھويلىدىكى خادىسىمان قارىغاي دەرىخىنىڭ ئاستىنقى قىسمىنى پاك-پاكىز يەپ بولدى. بىزنىڭ قولىمىزدىكى سەۋزىنى يېيىشكىمۇ ئۆگىنىپ كەتتى. سەۋزىنى كىچىك تايچە قىلىپ، ئىككى قولىمىزدا تۇتۇپ بەرسەك، توشقاننىڭ 16 بالىسىنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنى ئىتتىرىپ يۈرۈپ يەيتتى. ھەر كۈنى مەكتەپتىن ۋە ئىشتىن قايتىپ كېلىپ، توشانغا سەۋزە ياكى لەتىس (ئىنگلىزچە " Lettuce " بولۇپ، توخماقسەي تۈرىدىكى كۆكتات) بەرگىچە ھەممىمىز ئالدىراپ كېتەتتۇق. ئۇلار چوڭ بولغاندا، ئامېرىكىدا بۇ 18 توشقاننى بىر تەرەپ قىلىش ئىنتايىن قىيىنغا توختىدى. ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى يېزىش ئۈچۈن بىر كىتاب يېزىشىم كېرەك. ئىشقىلىپ بىز ئۇ توشقانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىنى 2004-يىلى يازدا شىمالىي كالىفورنىيەدىن جەنۇبىي كالىفورنىيەگە كۆچۈپ كەلگىچە باقتۇق.

3) بالىلارنى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە قاتارلىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇش. ئامېرىكىنىڭ ھەر بىر ناھىيىسىدە 10-20 شەھەر بار. ھەر بىر شەھەرنىڭ ئۆز ئالدىغا بىردىن كوللېكتىپ باغچىسى ۋە كۇتۇپخانىسى بار. بۇ شەھەر باغچىسىدا ياش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ياسالغان ھەر خىل تەنتەربىيە مەيدانلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، شەھەر ۋە شەخسىي شىركەتلەر ھەر يىلنى ئەتىياز، ياز، ۋە كۈز پەسلى قاتارلىق 3 مۇددەتكە بۆلۈپ، بالىلار ئۈچۈن ھەر خىل تەنتەربىيە گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەيدۇ. بىر مۇددەتنىڭ ئۇزۇنلىغى 3 ئاي ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىر ئاز پۇل تۆلەش كېرەك. پۇللا تۆلىسە، بۇنداق تەنتەربىيە تۈرلىرىگە ھەر قانداق ئادەم قاتنىشالايدۇ. مېنىڭ ئوغلۇم بۇرۇن Hockey (مۇزنىڭ ئۈستىدە ئوينايدىغان توپ تۈرى) ۋە ۋاسكېتبول ئوينىغان. ھازىر بىر تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئېغىرلىق كۆتىرىش، تېز سۇرئەتتە يۈگۈرۈش ۋە سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلارنى قىلىۋاتىدۇ. قىزىم بۇرۇن بالېت ئۇسسۇلى، پىيانو ۋە ئامېرىكىچە مەكتەپ ئۇسسۇلى قاتارلىقلارغا قاتناشقان. ھازىر تاغدا قار تېيىلىش (ئوغلۇممۇ تاغدا قار تېيلىيالايدۇ)، تاغقا چىقىش ۋە مۇشتلىشىش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىۋاتىدۇ. 1997-يىلى بىز ئەمدىلا ئۆي ئېلىپ (ئامېرىكىدا ئۆينى بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئالىمىز. شۇنداقتىمۇ، قەرز ئېلىش ئۈچۈن ئۆي پۇلىنىڭ دەسلەپكى٪ 5-20 تىنى ئۆزىمىز تۆلىشىمىز كېرەك)، بانكىدىكى پۇلىمىز قۇرۇقدىلىپ كەتكەندە، قىزىم سان فرانسېسكو شەھىرىدىكى بىر شىركەتنىڭ تېلېۋىزىيە ئارتىسلىكىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇۋالدى. بىر شەنبە كۈنى مەن قىزىمنى ئېلىپ، تەپسىلىي ئەھۋالنى ئۇقۇش ئۈچۈن سان فرانسېسكوغا باردىم. ئۇلار قىزىمنى تېخىمۇ قىزىقتۇرۇپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا 2600 دوللار تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. مەن ئۇ پۇلنى تاپشۇردۇم. سەۋەبى، ئەگەر بىر ئادەم بىر ئىشنى قىلىپ سىناپ باقمىسا، ئۆزىنىڭ ئۇ ئىشتا قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ. ئەگەر بىر ئىشنى قىلىپ كۆرمەيدىكەن، ئۇ ئىشنى قىلىش ئېھتىماللىغى نۆل پىرسەنت بولىدۇ. مەن قىزىمنى 2 ئاي ۋاقىت ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى كەچتە ۋە شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بولۇپ 2 قېتىم ئاشۇ مەكتەپكە ئاپاردىم. ئوقۇش تاماملانغاندا، قىزىمنى رەسمىي تېلېۋىزىيە ئارتىسى تاللاشقىمۇ بىر قانچە قېتىم ئاپاردىم. ئەمما، قىزىم تاللىنالمىدى. ئامېرىكىدا تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىغا قاتناشتۇرۇلىدىغانلار ئاساسەن ئاق تەنلىك، قارا تەنلىك ۋە خەنزۇ، كورىيەلىك قاتارلىق ئاسىيالىقلار بولۇپ، باشقا مىللەتلەرنى ئانچە تاللىمايدىكەن. لېكىن، شۇنىڭدىن كېيىن قىزىمنىڭ كۆڭلىدە بۇ جەھەتتە بىر ئارمان قالمىدى. ئۇ بىر قېتىم سىناپ باقتى. ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەر نەچچە بالىسى بولسا شۇنچە بالىسىنى ھەر خىل تەنتەربىيە تۈرلىرىگە قاتناشتۇرىدۇ. باشلانغۇچتا بالىلىرى بار ئانىلار ئاساسەن ئىشلىمەي، بالىلىرىنى مەكتەپكە، مەكتەپتىن كېيىن يۇقىرىقىدەك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە توشۇش بىلەن ئۆتىدۇ. ھەر شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى بالىلىرىنى يۇقىرىقى تەنتەربىيە گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەرگە ئاپىرىدۇ. بالىلىرى مۇسابىقە ئوينايدۇ. ئۆزلىرى بولسا تاماشا كۆرىدۇ. بۇ ئىش ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدا خېلىلا ئومۇملاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاق تەنلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرى 10 نەچچە ياشقا كىرگەندە، ئۇلارنى ئىنتايىن چىڭ تۇتىدۇ. دەم ئېلىش كۈنلىرى كەچتە دوستىنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولسا، ئاتا-ئانىلار "كىمىڭ ئۆيىگە بارىسەن؟ نىمە ئىش قىلىسىلەر؟ ئۇ دوستۇڭنىڭ تېلېفون نومۇرى قانچە؟ سائەت قانچىدە قايتىپ كېلىسەن؟ كەچ سائەت 10 ياكى 11 دىن كېيىن قالساڭ قەتئىي بولمايدۇ" دېگەن سوئاللارنى سورايدۇ ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن تۈزۈمنى بالىسىغا تاپىلايدۇ. ئارىلىقتا بالىسىنىڭ دوستىنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ، بالىسىنىڭ ئۇ يەردە راست بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ. بالىسى ئۇ يەردە ياكى كىنوخانىدا كىنو كۆرمەكچى بولسا، قايسى كىنونى كۆرسە بولىدۇ، قايسىنى كۆرسە بولمايدۇ، ئۇنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. دوستىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىگىسىمۇ بۇ ئىشنى نازارەت قىلىدۇ. مەسىلەن، مېنىڭ قىزىم بىزنىڭ ئۆيگە بىر دوستىنى باشلاپ كېلىپ، بىرەر DVD كىنوسىنى بىرگە كۆرمەكچى بولسا، بىز ئۇ قىزدىن "ئاتا-ئانىڭىزدىن بۇ كىنونى كۆرۈشكە رۇخسەت ئالدىڭىزمۇ؟" دەپ سوراپ باقىمىز. بۇ جەھەتتە يۇرتىمىزدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ناھايىتى ئارقىدا قالغان. سىز ھەپتىمۇ-ھەپتە، ئايمۇ-ئاي، يىلمۇ-يىل ھەر شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى توي، نەزىر، ئولتۇرۇش قاتارلىقلاردا يۈرگەندە، ئۆيدە قالغان بالىڭىزنىڭ نەدە، كىم بىلەن، نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى بىلەمسىز؟ بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئۆزىڭىزنىڭ بالىلىرى بىلەن قانچە شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىنى بىرگە ئۆتكۈزۈپ باقتىڭىز؟ ھەقىقەتەن توي-ئولتۇرۇشلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆيىڭىزدە بالىلىرىڭىز بىلەن بىرگە بولغان بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆپ كۆڭۈللۈك بولىدۇ. توي-ئولتۇرۇشلار كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى. بالا تەربىيىلەش بىر جاپالىق ئىش. لېكىن، بالىغا ئوبدان قارىماي، بالىنى ئوبدان تەربىيىلىمەي، بالا يولدىن ئېزىپ، ئاق چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىپ ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، تۈرمىگە كىرىپ قالغاندا، يەنىلا ھېلىقى توي-ئولتۇرۇشتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك خۇشال-خورام، بەختلىك ئۆتەلەيدىغان ئاتا-ئانىلاردىن بىرەرنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ دۇنيادا ئۇنداق ئاتا-ئانىنى ئاساسەن تاپالمايسىز. مىللەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەشتىن باشلاش كېرەك. بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەش ئۈچۈن، ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەۋج ئېلىپ كەتكەن ھەشەمەتلىك توي-تۆكۈن، چاي-ئولتۇرۇشلارنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك، ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن بالىلار ئەڭ مۇھىم. بالا سىلەرنىڭ بارلىقىڭلار. مېنىڭ بىر يېقىن يەھۇدىي دوستۇم بار. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا، دادىسى مائاشى يۇقىرى ئەمەس خىزمەتتىن ئىككىنى ئىشلەپ، ئوغلىنى باكالاۋرلىق ئۈچۈن يىلىغا 30-40 مىڭ دوللار ئوقۇش پۇلى تۆلەيدىغان، دۇنيا بويىچە 4-5- ئورۇندا تۇرىدىغان MIT ئۇنىۋېرىسىتېتىدا ئوقۇتۇپتۇ. دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ Berkeley شۆبىسىدە ئوقۇتۇپتۇ. يەھۇدىيلار ئۆزلىرى ھەممە ھالاۋەتتىن ۋاز كېچىپ، بالىلىرىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك مەكتەپلەردە ھەمدە دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن كەسپلەردە ئوقۇتقاچقا، ئۇلار ھازىر مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ دۇنيانى سوراۋاتىدۇ. ھازىر ئىسرالىيە ئاھالىسىنىڭ٪ 25 تى ئىنژىنېر ئىكەن. ياپونلۇق ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلماي، بالىلىرىنى قانداق باقىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇڭا ئۇلار ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيانى سوراۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە ئويلىنىشى كېرەك. قاتتىق ئويلىنىشى كىرەك. ھەمدە دەرھال ئويغىنىشى كېرەك.‏