ئەركىن سىدىق يازما سۆھبەت 6-بۆلۈم

ئورنى Wikipedia

13-سۇئال: چەت ئەللىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كىتاب ئوقۇش ھەققىدە كۆزەتكەنلىرىڭىز قايسىلار؟


جاۋاب: مەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئائىت ئادەتلىرىنى ئۆزۈمنىڭ بىۋاسىتە كۆرگەنلىرى ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بېرەي. مەن كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋىس شۆبىسىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، بىزنىڭ ئۆيگە باشقا بىر شىتاتنىڭ كىچىك بىر يېرىدە تۇرىدىغان، ئۆزى مۇسۇلمان، ئەمما ئېرى ئامېرىكىلىق بىر دوستىمىز بىر قانچە كۈن تاماشا قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن كېلىپ، بىزنىڭ ياتاقتا 2 ئاخشام قۇنۇپ قالدى. بۇ دوستىمىزنىڭ ئېرى ئاشۇ دوستىمىز بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا كىرگەنىدى. ئۇلار بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ئەتىسى بازارغا چىقىپ قايتىپ كەلگەندە، ئۇ ئامېرىكىلىقنىڭ قولىدا ئىسلام دىنىغا ئائىت 3-4 ئىنگلىزچە كىتابنى كۆردۈم. ئۇلار تاماشا قىلىش جەريانىدا، مەخسۇس بىر قانچە كىتابخانىلارغا بېرىپ، ئىسلام دىنىغا ئائىت ئۆزلىرىدە يوق كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالغان ئىكەن. مەن بۇ كىتابلارنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ بېقىپ، ناھايىتى تەسىرلەندىم، ھەمدە ئىنتايىن خىجىل بولدۇم. ئىچىمدە، "چەت ئەلدە تۇرۇپ، ئۆزلىرىنى «مەن مۇسۇلمان» دەپ ھېسابلاپ يۈرۈيدىغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆز دىنى توغرىسىدا مۇشۇنداق ئىزدىنىدىغان ئادەملەردىن قانچىسى بار؟" دەپ ئويلىدىم.

كىتاب ئوقۇش ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كىتاب ئوقۇش ئادىتى ئۇلارنىڭ بالىلىق دەۋرىدىلا باشلىنىدۇ. كالىفورنىيەدىكى ھەر بىر ناھىيىدە 10 دىن 30 غىچە شەھەر بار بولۇپ، ھەر بىر شەھەرنىڭ بىردىن كۇتۇپخانىسى بار. سىزنىڭ ئائىلىڭىزدە 4 جان ئادەم بولسا، سىزنىڭ ئۆيىڭىز جايلاشقان شەھەرنىڭ كۇتۇپخانىسى ئائىلىڭىزدىكى 4 جان ئادەمنىڭ ھەممىسىگە ھەقسىز كۇتۇپخانا كېنىشكىسى بېرىدۇ. بۇ كۇتۇپخانىلاردا يېشى 3 كە كىرگەن بالىدىن تارتىپ، چوڭلارغىچە ھەممە ئادەمگە باپ كېلىدىغان كىتابلار قويۇلىدۇ. كىتابتىن باشقا، مەخسۇس بالىلارنى تەربىيىلەشكە تەييارلانغان ئۈنئالغۇ ۋە سىنئالغۇ لىنتىلىرىمۇ بار بولۇپ، ھەر بىر كۇتۇپخانىدىكى كىتابلارنىڭ ئەڭ كەم دېگەندە يېرىمى بالىلارغا ئائىت كىتابلار بولىدۇ. ھەر قېتىم ئارىيەت ئالىدىغان كىتاب ۋە لىنتىلارنىڭ سان چەكلىمىسى يوق بولۇپ، كىتابلارنى 3 ھەپتىلىك، لىنتىلارنى بىر ھەپتىلىك ئارىيەت بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ كۇتۇپخانىلارنىڭ راسخودىنىڭ بىر قىسمىنى شىتاتلىق ھۆكۈمەت، قالغان قىسمىنى ھەر بىر شەھەر بىزدىن يىغقان يەر بېجى كىرىمىدىن چىقىرىدۇ. كىچىك بالىلىرى بار ئامېرىكىلىق ئاق تەنلىك ئاياللارنىڭ ئىچىدە ئىشلىمەي، ئۆز بالىسىنى پۈتۈن كۈن باقىدىغانلار خېلى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنداقلارنىڭ بىر ئادىتى ھەر كۈنى بالىلىرىنى ئۆز شەھىرىدىكى كۇتۇپخانىلارغا ئېپكېلىپ، بالىسى ھېرىپ قالغىچە ئۇلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش، بالىسى ھېرىپ قالغاندا ئۇلارنى ئۆزى خالىغان كىتابلارنى كۆرۈشكە بىر مەزگىل قويۇپ بېرىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇرمەنلەر ئامېرىكىنىڭ كىنوسىدىنمۇ كۆپ كۆرۈپ تۇرىدىغىنىدەك، ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىچىك بالىلىرىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش ياكى ئۇلارغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىش ئادىتى بار. بۇنى ئۇلار "ئۇخلاش ۋاقتىدىكى ھېكايە" (ئىنگلىزچە"Bed time story" ) دەپ ئاتايدۇ. ئاشۇنداق قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ بالىلىرى كىچىكىدىن تارتىپ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. بىر قېتىم ئايالىم بىلەن ئىككىمىز بىزنىڭ بالىغا كىتاب ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىزنىڭ كۇتۇپخانىمىزغا بېرىپ، كىتاب ئىزدەۋاتساق، بىر 3 ياش ئەتراپىدىكى ناھايىتى ئوماق قىزچاقنىڭ ئاۋازىنى تازا قويۇپ بېرىپ كىتاب ئوقۇۋاتقىنىنى كۆردۇق. بىز ئۇ قىزنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ بىر دەم قاراپ تۇردۇق. تازا دىققەت قىلىپ قارىساق، ئۇ قىز بىر بەتنى تۈگەتمەيلا يېڭى بىر بەتنى ئېچىپ بولغان بولسىمۇ، ئالدىنقى بەتتىكى تېكىستنى ناھايىتى توغرا ئوقۇۋاتىدۇ. ئەسلىدە، بۇ قىز تېخى كىتاب ئوقۇشنى بىلمەيدىغان بولۇپ، ھېلىقى كىتابنىڭ تېكىستىنى پۈتۈنلەي يادلىۋالغان ئىكەن. شۇڭا، كىتابنى ئېچىپ، شۇ بىر بەتكە توغرا كەلگەن تېكىستنى پۈتۈنلەي يادقا ئوقۇپ، ئاندىن يېڭى بىر بەتنى ئاچىدىكەن. ئېھتىمال بۇ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان كىتابى بولۇپ، ئاپىسىغا قايتا-قايتا ئوقۇتۇپ، ئاخىرى ئۆزىگە ياد بولۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ. بىزمۇ ئىككى بالىمىز ئامېرىكىغا كەلگەن كۈندىن تارتىپ، ئۇلارنى ھەر كۈنى بىر سائەت ئەتراپىدا كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈردۇق. كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۆزلىرىگە ئوقۇتۇپ، بىرىمىز ئۇلارنىڭ قېشىدا ئاڭلاپ ئولتۇردۇق. خاتالىقىنى تۈزىتىپ بەردۇق. بەزىدە ئۇلارغا كىتاب ئوقۇش پەقەت خوش ياقماي قالسا، كىتابنى بىز ئۇلارغا ئوقۇپ بەردۇق. ئاساسەن ھەر ھەپتە دېگىدەك ئۆزىمىزنىڭ كۇتۇپخانىسىغا بېرىپ، كىتابنى ئالماشتۇرۇپ تۇردۇق. بالىلىرىمىز چوڭ بولۇپ، كۇتۇپخانىدىكى كىتابلارغا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالغاندىن تارتىپ، بىز ئۇلارغا ئۆزلىرى ياخشى كۆرۈدىغان كىتابلارنى سېتىپ ئېلىپ بېرىدىغان بولدۇق. شۇڭا ئىككى بالىمىزنىڭ ھازىرمۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئوقۇيدىغان كىتابلىرى بار بولۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئازراق كىتاب ئوقۇش ئۇلارغا پۈتۈنلەي ئادەت بولۇپ كەتتى. ئامېرىكىدا داڭلىقراق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشتا، ئوتتۇرا مەكتەپ نەتىجىسىدىن باشقا يەنە "سەۋىيە باھالاش ئىمتىھانى" دېگەن، ئىنگلىزچە "Scholastic Assessment Test (SAT)" دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەملىكەتلىك ئىمتىھان نەتىجىسىگىمۇ قارايدۇ. مېنىڭ ئوغلۇم ھازىر شۇ ئىمتىھاندا سىنىلىدىغان ئىنگلىزچە سۆزلۈكلەرنى يادلاۋاتقان بولۇپ، ھەر كۈنى كەچتە مېنى چاقىرىپ، يېڭى يادلىغان سۆزلۈكلەرنى ۋە ئالدىنقى 4 كۈن ئىچىدە ئۆگەنگەن سۆزلۈكلەرنى ماڭا سىنىغۇزىدۇ. ئۇنىڭغا 20 مىنۇتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، ئوغلۇم قانداق ۋاقىتتا تەييار بولسا، مەن ئۆزۈم قىلىۋاتقان ھەر قانداق ئىشنى توختىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ھېلىقى سۆزلۈكلەرنى ئۆتكۈزىمەن. ئەگەر تېلېۋىزوردا ئۆزۈم ناھايىتى ياخشى كۆرۈدىغان بىر نەرسە كۆرۈۋاتقان بولساممۇ، ياكى مۇشۇ ماقالىنى يېزىۋاتقان بولساممۇ، ئوغلۇمنىڭ قىلىۋاتقان ئۇ ئىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈش، ئۇنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز ئىشىمنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى چارچاپ كەتكەنلىكىگە قارىماي، ئوغلۇمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە سۆزلۈكلەرنى تەكرارلايمەن.

ئامېرىكىدا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كۇتۇپخانىدىن كىتاب ئارىيەت ئېلىپ بەرگەندىن باشقا، بازاردىنمۇ نۇرغۇن كىتابلارنى سېتىپ ئالىدۇ. بولۇپمۇ ئاق تەنلىكلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆيىگە قارايدىغان بولسا، چوقۇم بىردىن كىتاب ساقلاش ئورنى بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بالىلار چوڭ بولغاندا، ياكى بۇ كىتابلاردىن زېرىككەندە، ئاتا-ئانىلار ئۇ كىتابلارنى ئۆز شەھىرىدىكى كۇتۇپخانىغا ئىئانە قىلىدۇ. شۇڭا ھەر بىر كۇتۇپخانىدا ئىئانە قىلغان كىتابلارنى قويۇپ قويىدىغان مەخسۇس ئورۇن ۋە قەغەز ساندۇقلار بولىدۇ. بەزى كۇتۇپخانىلار يىغىلغان كىتابلارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالسا، "بۇ يەردىكى كىتابلارنى ئۆزىڭىز خالىغانچە ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ" دەپمۇ يېزىپ قويىدۇ.

بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا ئۈندەش پۈتۈن ئامېرىكا جەمئىيىتىگە سىڭىپ كەتكەن بىر ئىش بولۇپ، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى، ئاتا-ئانا، ۋە ھەر ساھەدىكى داڭلىق ئەرباپلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرچلىرىنىڭ بىرى قاتارىدا تۇتىدۇ. ئامېرىكىدىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ھەر يىلى بىر ئاينى "كىتاب ئوقۇش ئېيى" قىلىپ بەلگىلەپ، بۇ بىر ئاينىڭ ئىچىدە پۈتۈن مەكتەپ ئوقۇغىلىرىغا مەلۇم ساندىكى كىتابنى ئوقۇپ بولۇشنى تاپشۇرۇق قىلىپ بېرىدۇ. ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغانلارغا مۇكاپات بېرىدۇ. مەن ئىككى بالامنىڭ "كىتاب ئوقۇش ئېيى" تۈگىگەندىن كېيىنكى "Ice-cream" زىياپىتىگە كۆپ قېتىم قاتنىشىپ باقتىم. باشلانغۇچنىڭ بالىلىرىنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، ھەر بىر مەكتەپتە ھەر يىلى "كىتاب يەرمەنكىسى" پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ پائالىيەتتە بالىلار كىتابلىرىنى نەشر قىلىدىغان شىركەتلەر مەكتەپكە كېلىپ، ئۆزلىرى نەشىر قىلغان ئەڭ يېڭى كىتابلارنى كۆرگەزمە قىلىدۇ ھەمدە نەق مەيداندا ساتىدۇ. بىر قېتىم مەن ئوغلۇمنىڭ مەكتىپىدىن بالامغا مەخسۇس كىتاب بۇيرۇتۇش توغرىسىدا بىر تەكلىپ تاپشۇرۇپ ئالدىم. پەقەت 5 دوللار خەجلەپ بىر كىتاب بۇيرۇتقانىدىم، مەخسۇس مېنىڭ ئوغلۇم ئۈچۈن بېسىلغان بىر كىتابنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ كىتابنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي رولچى مېنىڭ ئوغلۇم بولۇپ، كىتابنىڭ تەشىغىمۇ ئوغلۇمنىڭ ئىسمى بېسىلغانىدى. مەن قاتتىق تەسىرلەندىم. ئامېرىكىنىڭ -2001يىلىدىكى”11-سىنتەبىر“ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، ئامېرىكا پرىزىدىنتى بۇش بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقانىدى. ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى شۇ مەكتەپكە بېرىپ، بىر سىنىپتا بۇشنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ، نيۇ-يوركتا بولغان ۋەقەنى دوكلات قىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى باشقا ئاتاقلىق ئەرباپلارمۇ باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ، بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىز تېلېۋىزوردا داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىمىز.

بىز شىمالىي كالىفورنىيەنىڭ Davis دېگەن شەھىرىدە 1990-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە 7 يىل تۇردۇق. بىزنىڭ تۇرغان ياتىقىمىز كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەقەت توي قىلغان ئوقۇغۇچىلارغىلا ئىجارىگە بېرىدىغان ياتاق بىنا رايونىدا بولۇپ، ئۇ يەردە تۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. 1997-يىلىدىن 2004-يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە شىمالىي كالىفورنىيەدىكى San Francisco شەھىرى بىلەن سىلىكون جىلغىسىغا يېقىن جايدىكى San Ramon دېگەن شەھەردە ئۆزىمىز سېتىۋالغان ئايرىم بىنالىق ئۆيدە تۇردۇق. بۇ شەھەر ئامېرىكىدىكى تۇرمۇش سەۋىيىسى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كىشىلەر تۇرىدىغان شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق ئائىلە كىرىمى 87 مىڭ دوللار ئىكەن. (كالىفورنىيەدە يىللىق ئائىلە كىرىمى 30 مىڭ دوللاردىن تۆۋەنلەر كەمبەغەللەر ھېسابلىنىدۇ) Davis تا مەكتەپنىڭ بىر چوڭ سۇ ئۈزۈش كۆلى بار بولۇپ، ياز كۈنلىرى بىز بالىلىمىزنى داۋاملىق شۇ يەرگە ئاپىراتتۇق. San Ramon شەھىرىدە بولسا، بىزنىڭ بىر كىچىك رايونغا تەۋە بىر سۇ ئۈزۈش كۆلى بىلەن بىر "tennis" توپ مەيدانى بار ئىدى. بىزدە ئۇلارنىڭ ئاچقۇچى بار بولۇپ، بىز ئۇلارنى خالىغان ۋاقىتتا ئىشلىتەلەيتۇق. بۇ كۆللەرنىڭ بىر تۈزۈمى، 15 ياشتىن كىچىك بالىلار سۇ ئۈزگەندە، ئۇلارنىڭ قېشىدا چوقۇم بىرەر 18 تىن يۇقىرى ياشتىكى ئادەم بولۇشى كېرەك. بىز بالىلىرىمىزنى سۇ ئۈزۈشكە ئاپارغاندا، كۆزىمىزگە داۋاملىق چېلىقىدىغان بىر ئىش، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى سۇدا ئوينىغىلى قويۇپ بېرىپ، ئۆزلىرى بىر تەرەپتىن بالىلىرىنى كۆزەتكەچ، بىر تەرەپتىن كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت ئىدى. بىزنىڭ ياتاق رايونىمىزدا مەخسۇس بالىلار ئويناش ئۈچۈن ياسالغان سېرىلغۇچ، گۈلەڭگۈچ، يامىشىپ چىقىپ ئوينايدىغان 2-3 مېتىر ئىگىزلىكتىكى قۇرۇلمىلار ۋە قۇملۇقلار بار بولۇپ، ئىشلىمەيدىغان ئانىلار بالىلىرىنى شۇ يەردە ئوينىغىلى قويۇپ بېرىپ، ئۆزلىرى كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتى. بىزنىڭ San Ramonدىكى قوشنىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگىدەك گېزىتكە مۇشتىرى بولغانىدى (ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە گېزىت توشۇغۇچى گېزىتلەرنى ھەر بىر مۇشتىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويىدىغان بولغاچقا، بىز ئىشقا ماڭغاندا قوشنىلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى گېزىتنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرىمىز). كالىفورنىيەدىكى شەخسىي ئۆيلەرنىڭ ئارقا ھويلىسىغا قارىسىڭىز، مەخسۇس كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلانغان ھەر خىل ئورۇنداقلارنى چوقۇم كۆرۈسىز. مەن بىلەن بىر مىنىبۇستا ئىشقا بارىدىغان خادىملارنىڭ ئىچىدە، يول بويى كىتاب ئوقۇيدىغانلاردىن بىر قانچىسى بار.

بىز ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇرغان، پويىز بېكىتىدە پويىز ساقلاپ تۇرغان، ئايروپىلان ئىستانسىسىدا ئايروپىلان ساقلاپ تۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى گېزىت ياكى كىتاب ئوقۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ئايروپىلان ۋە پويىزدىكى يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. باغچىلاردىكى چىملىقنىڭ ۋە دېڭىز بويىدىكى قۇملۇقنىڭ ئۈستىدە ئاپتاپ سىنىۋېتىپ، كىتاب ئوقۇپ ياتقان كىشىلەرنى داۋاملىق ئۇچرىتىمىز. دوكانلاردا پۇل تۆلەشكە ئۆچرەت تۇرغاندا، نۆۋىتى كەلگەن ئاياللارنىڭ سومكىسىدىن پۇل ياكى بانكا كارتىلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن سومكىسىدىكى كىتابنى ئېلىپ بىر تەرەپكە قويۇپ قويغىنىنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىمىز. مېنىڭ پەرىزىمچە، سومكا كۆتۈرىۋالغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرسا، يېرىمىدىن كۆپىنىڭ سومكىسىدىن كەم دېگەندە بىرەر كىتاب، ژورنال ياكى گېزىت چىقىشى مۇمكىن. ئامېرىكىدىكى خېلى نۇرغۇن كىتابلار، بولۇپمۇ رومانلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىگى ئادەتتىكى كىتاپلارنىڭكىدىن كىچىك بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش ئىنتايىن قولايلىقدۇر.

تەرەققىي تاپقان جەمئىيەتنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، بۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن ئېغىز ئارقىلىق ئالاقە قىلىشقا ئىنتايىن قادىردۇر. ئامېرىكا جەمئىيىتىدە، نۇرغۇن ئىشلار تېلېفون ئارقىلىقلا بېجىرىلىدۇ. تېلېفون ئارقىلىق بېجىرگىلى بولىدىغان ئىشلار ئۈچۈن ھېچ كىم مەخسۇس يول يۈرۈپ، قارشى تەرەپنىڭ قېشىغا بارمايدۇ. بەلگىلىك مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە كىشىلەر بىلەن ھەر قانداق بىر مەسىلە ئۈستىدە سۆزلەشسە، ئۇلار ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىر يۈرگۈزەلەيدۇ. مانا بۇلار يۇقىرىقىدەك كىتاب ئوقۇشنى ئۆمۈر بويى تاشلىماسلىق ئادىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر. باكلاۋىر ئۇنۋانىدىن يۇقىرىنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەرنىڭ ئېلانلىرىغا قارىسىڭىزمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە "مۇكەممەل ئېغىز بىلەن قەلەم ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى چوقۇم بولۇشى كېرەك" دېگەن جۈملىنى چوقۇم كۆرىسىز. بۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئېغىز بىلەن قەلەم ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئۈنۈملۈك ئالاقىلىشىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەن "CVI Laser" دېگەن شىركەتتە ئىشلىگەن ۋاقتىمدا، بىزنىڭ بۇ شۆبە شىركىتىمىزدە مەخسۇس تېلېفون ئارقىلىق سودا-سېتىق قىلىدىغان خادىمدىن 3 كىشى بار ئىدى. بەزىدە ئاغرىق ۋە تەتىل قىلىپ دەم ئېلىش سەۋەبلىرى بىلەن بۇ 3 كىشىنىڭ ھېچقايسىسى ئىشقا كەلمەي قالغاندا، مېنىڭ باشلىقىم مېنى شۇ ئىشقا سېلىپ قوياتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى خېرىدارلار ئۆزىگە لازىم بولغان ئاپپاراتنىڭ فۇنكىسىيىسىنى بىزنىڭ تىجارەت خادىملىرىمىزنىڭ بىرەرسىگە ئېيتىپ، ئۇنىڭ لايىھىسى قانداق بولسا ياخشىلىقىنى، ھەمدە ئۇنىڭغا قايسى زاپچاسلارنى ئالسا بولىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ خادىمنىڭ تېخنىكىدىن يېتەرلىك خەۋىرى بولمىغاچقا، مېنى ياردەمگە چاقىراتتى. مەن ئۇنداق خېرىدارغا تېلېفوندىلا بىرەر نەرسىنى لايىھىلەپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا قايسى زاپچاسلارنى ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەتتىم. بىر قېتىم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ پروفېسسورى ئۆزىگە بىر ئالاھىدە لازېر ئەينىكىنىڭ لازىملىقىنى، ئەمما ئۇ ئەينەكنىڭ بىزنىڭ شىركەتنىڭ مەھسۇلات تىزىملىكىدە يوقلۇقىنى ئېيتىپ، مېنىڭ ئاشۇنداق ئەينەكنى قايسى شىركەتنىڭ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشىمنى ئىلتىجا قىلدى. مەن بىزنىڭ شىركەتنىڭ ئىسكىلاتىدىن زاپچاس تېپىپ بېرىدىغان بىر خادىمنى خۇسۇسىيىتى ھېلىقى ئەينەككە يېقىن كېلىدىغان بىر خىل ئەينەكتىن 10 دانىسىنى قايتا ئۆلچەپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ماڭا ماڭدۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇدۇم. نەتىجىسى چىققاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھېلىقى پروفېسسورغا لازىم ئەينەككە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان بىرىنى تاللاپ، ئۇ پروفېسسورغا سېتىپ بەردىم. ئۇ پروفېسسور ماڭا جىق رەھمەت ئېيتتى. ھەمدە ئۆز تەجرىبىسىنى بۇ ئەينەك بىلەن غەلىبىلىك ئىشلەپ، تەتقىقات نەتىجىسىنى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژورنىلىدا ئېلان قىلغاندا، ماقالىسنىڭ ئەڭ ئاخىرسىدا مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ تۇرۇپ ماڭا قايتىدىن رەھمەت ئېيتىپتۇ. ئۇ پروفېسسور بۇ ۋەقەنى ئۆزىنىڭ باشقا تونۇشلىرىغىمۇ ئېيتىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل بىر قانچە ئالىي مەكتەپنىڭ پروفېسسورلىرى بىزنىڭ شىركەتتىن بىر نەرسە ئېلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلسا، تېلېفوننى ئېلىپلا، "بىز دوكتۇر ئەركىن سىدىق بىلەن كۆرۈشەتتۇق" دەيدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئىشتىن كېيىن مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باشلىقىم Alex ناھايىتى تەسىرلىنىپ، شۇنىڭدىن كېيىن بىز پاراڭلاشقان ۋاقىتتا ماڭا "سەن كارامەت ئىنژىنېر بولۇپلا قالماي، ناھايىتى ئۇستا سېتىقچى (ئىنگلىزچە 'salesperson') ئىكەنسەن" دەيدىغان بولدى. مەن "Wave Splitter" دېگەن شىركەتتە ئىشلەۋاتقاندا، شىركەتنىڭ سودا-سېتىق بۆلۈمىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ، ياپونىيەگە بېرىپ، بىزنىڭ شىركەتنىڭ NEC, Hitachi, Fujitsu ۋە Sumitomo قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر بىلەن ئېلىپ بارغان «تېخنىكىلىق سۆھبەت»لىرىگە قاتناشتىم. ھەمدە ئۆزۈمنىڭ تېخنىكىلىق ئىقتىدارى بىلەن ياپونچە تىلىمدىن پايدىلىنىپ، بىزنىڭ ئۇ ياپونلۇق خېرىدارلىرىمىزنى خېلى تەسىرلەندۈرۈپ، شىركىتىمىزنىڭ سودا-سېتىق ئىشلىرىغا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتۇم. 2002-يىلى فېۋرالدا مەن شىركەتتىن بىر ھەپتە رۇخسەت سوراپ، ئامېرىكىنىڭ باشقا بىر شىتاتىغا دەم ئېلىشقا كەتكەندە، بىزنىڭ شىركەتتە بىر چوڭ كۆلەملىك خادىم قىسقارتىش بولۇپ، مېنىڭ ئۈستۈمدىكى ئىنژىنېرلىك بۆلۈمىگە مەسئۇل 2 مۇئاۋىن رەئىسنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى شىركەتتىن چىقىرۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شىركەتنىڭ سودا سېتىقىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى مېنىڭ ئىگىسىز قالغانلىقىمدىن پايدىلىنىپ، مېنى ئىنژىنېرلىق بۆلۈمىدىن، سودا-سېتىق بۆلۈمىگە يۆتكىۋاپتۇ. دەم ئېلىشتىن قايتىپ كېلىپ، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مەن قاتتىق نارازى بولدۇم. ئۇلارغا "مەن ئىنژىنېر بۆلۈمىدە تۇرۇۋېرىپ، سىلەرگە قانچىلىك ياردەم كېرەك بولسا، شۇنچىلىك ئىشلەپ بەرەي. شۇڭا مېنى يۆتكىمەڭلار. ئەگەر مۇشۇنداق مەجبۇرى يۆتكىسەڭلار، مەن بۇ شىركەتتىن كېتىشكە مەجبۇر بولىمەن" دېدىم. مەن ئۇ چاغدا شىركەتنىڭ ئىنگلىزچە "Planar Light wave Circuits" دەپ ئاتىلىدىغان "يىغىنچاق نۇر يولى تېخنىكىسى" دېگەن بىر ئەڭ يېڭى تېخنىكىسىغا مەسئۇل ئىدىم. بىز مۇشۇ تېخنىكا ئارقىلىق چىقىرىلىدىغان بىر زاپچاسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كەلگەن بولۇپ، مەن ئۇنى ئۆزۈم بىر باشقا ئېلىپ چىقىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكىدا سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، شىركەتتە ئادەم قىسقارتسا، ئالدى بىلەن شۇنداقلارنى قىسقارتىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئىنژىنېرلىك ئەڭ ئەتىبارلىق خىزمەت بولۇپ، ئۇ كىم بولسا شۇ قىلىۋېرىدىغان كەسىپ ئەمەس. شۇڭا مېنىڭ ئىنژىنېرلىقتىن ئايرىلغىم يوق ئىدى . ئاخىرىدا بىزنىڭ شىركەت مېنىڭ تەلىپىمگە قوشۇلدى.

ھېكايە، رومان ۋە ھەر خىل دەرسلىك كىتابلاردىن باشقا، ئامېرىكىدا ئادەم تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان ھەر بىر كەسىپتە، بۇرۇنقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمىلىي تەجرىبىلىرىگە، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مەغلۇبىيىتى بىلەن قازانغان مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە، ئۆزى ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتلىرىغا، ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆپ يىللىق ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن يېزىپ چىقىپ ئېلان قىلغان كىتابلاردىن بىر قانچىنى تېپىش مۇمكىن. بۇ كىتابلار بۇرۇنقىلار ياراتقان بىلىم جۇغلانمىسى بولۇپ، ئەگەر مۇۋاپىق پايدىلىنىلسا، ئۇلار كېيىنكىلەر ئۈچۈن مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائى ۋە سىياسىي قىممەت يارىتالايدۇ. بىز داۋاملىق ئاڭلايدىغان "ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىش قىلىش" دېگەنلىك، ئۆزىمىز قىلغان ھەر بىر ئىشتا، بۇرۇنقىلار ياراتقان بىلىمدىن تولۇق پايدىلىنىش دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر. بۇ يەردە مەن شۇنى تىلغا ئېلىشقا مەجبۇرىمەنكى، بىز ئۇيغۇرلار "ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىش قىلىش" نىڭ مەناسىنى ھەقىقىي تۈردە توغرا چۈشىنىپ، ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە تەتبىقلاشتا ئىنتايىن ئاجىزمىز. بىزنىڭ نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بولمىغان پەرىزىگە ۋە شەخسىي ھېسسىياتىغا تايىنىپ ئىش قىلىشنى ئادەت قىلىۋالغان. بۇنىڭ زىيىنىنى بىز ھازىر يەتكىچە تارتىۋاتىمىز. بارغانسېرى كۆپ ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ ئۆز ئىگىلىكىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقى مانا مۇشۇ ئاقىۋەتنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر. بۇرۇنقىلار ياراتقان بىلىمنىڭ ھەممىسى، سىز ئۇلاردىن پايدىلىنىدىغان ۋاقىتتا، سىزدىن شۇ كەسىپتە ئالىي مەكتەپ ئۇنۋانى بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرمۇ ئوقۇپ پايدىلىنالايدىغان كىتابلارمۇ ساناقسىز بار. بىز ئۆز ئىشلىرىمىزدىن چوقۇم بىر ئۈنۈم ھاسىل قىلماقچى بولىدىكەنمىز، بۇرۇن يارىتىلغان بىلىمدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىلمىي ئاساستا ئىش قىلىشىمىز كېرەك.

مەن كىچىكىمدىنلا بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنى قىلىشتىكى مەقسىدىمنى، ھەمدە ئۇنى قانداق قىلسا توغرا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئەگەر بۇ نەرسىلەر ئېنىق بولمىسا، ئۇ ئىشنى ھەرگىزمۇ باشلىيالمايمەن. بۇ ئادەتنىڭ پايدىسىنى مەن يالغۇز ئۆزۈمنىڭ كەسپىي خىزمىتىمدىلا ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىمدىمۇ داۋاملىق كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. 1995-يىلى مەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، پوستدوكتۇرلۇق خىزمىتىنى باشلىغاندا، ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىساد قىلىپ يىغىدىغان كىرىمىمىزدىن قانداق پايدىلانسا ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ بانكا سىستېمىسى توغرىسىدىكى بىر كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇدۇم. بىرىنچى شىركەتتە خىزمەت باشلىغاندىن كېيىن، "بايلىق يىغىشنىڭ 5 پرىنسىپلىرى" دېگەن بىر كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇدۇم. مېنىڭ ئىقتىسادتىن خېلى خەۋىرىم بار بولۇپ، ئامېرىكا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىي بازىرىنى خېلى تولۇق چۈشىنىپ ماڭىدىغان بولساممۇ، باشقىلارنىڭ يۈقىرىقى مەسىلىدە قانداق تەكلىپلىرى بارلىقىنى بىلگىم كەلگەنىدى. 1997-يىلى ئۆي سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن، "تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋالىدىغانلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار" دېگەن بىر كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇدۇم. 1998-يىلى ئۆينىڭ ئارقا ھويلىسىغا بىر كەڭلىكى 5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر كېلىدىغان ياغاچ سۇپا ياساش ئالدىدا، "ئۆزى سۇپا ياساشنىڭ ئۇسۇللىرى توغرىسىدا" دېگەن بىر كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇدۇم. 1999-يىلى ئامېرىكىدا پاي-چەك بازىرى ئىنتايىن قىزىپ كەتكەنىدى، "ئامېرىكىنىڭ پاي-چەك بازىرى" دېگەن بىر كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇدۇم. كەسىپ جەھەتتە كىتاب ئوقۇپ، يېڭى نەرسە ئۆگىنىش بىز ئۈچۈن داۋاملىق بولىدىغان بىر ئىش. دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىش، ھەرگىز ئۆز كەسپىمىز ساھەسىدە دۇنيادىكى بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىپ بولغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇ پەقەت بىزدە ئۆزىمىز كىتاب ئوقۇپ، يېڭى نەرسىلەرنى ئۆزىمىز ئۆگىنىپ، ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىمىزدە ئىشلىتەلەيدىغان بىر قىسىم ئاساسلىق ئىقتىدارنىڭ يېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەن مۇشۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى يېزىشنى باشلىغاندىن بۇيان، ئۆز كەسپىمدە بىر قانچە يېڭى نەرسىنى ئۆگىنىپ، ئۇلارنى ئۆز تەتقىقاتىمدا پايدىلىنىپ بولدۇم. ئادەم قانچە كۆپ ئۆگەنگەنسېرى، ئۆز بىلىمىنىڭ كەملىكىنى شۇنچە ھېس قىلىدۇ. شۇڭا، ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئىستەيدىغان ھەر قانداق بىر ئادەم، كىتاب ئوقۇپ، يېڭى بىلىم ئىگىلەشنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشى قىلىشى كېرەك. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى كۆپ سانلىق ئادەملەر دەل ئاشۇنداق ئادەملەردۇر.

بۇنىڭدىن 30 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى جەريانىدا، مەن يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ بىر يىل ئىشلەپمۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئاشلىق پۇلىنى تۆلىيەلمەسلىك تۈپەيلىدىن، يېشى مەن بىلەن باراۋەر كېلىدىغان بالىلىرىنى ئوقۇتماي، ئېتىزلىقنىڭ ئەمگىكىگە سېلىۋاتقان ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ئېچىنغان ئىدىم. ( 30 يىل بۇرۇنقى ئاشۇنداق ئەھۋال تەكلىماكانغا گىرەلىشىپ كەتكەن خەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چەت-ياقا رايۇنلىرىدا تا ھازىرغىچە مەۋجۈت. تەھرىرلىگۈچىدىن) " . ئەگەر ھۆكۈمەت مۇشۇ بالىلارنىڭ ئاشلىق پۇلىنى كۆتۈرىۋەتكەن بولسا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇددى مەندەك ئوقۇيالىغان بولاتتى"، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ھازىر ئۇنىڭدىن 30 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. ھازىر يېزىلاردا ئوقۇيالماي قېلىۋاتقان بالىلار بارمۇ-يوق، بولسا ئۇلار قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، بۇلار ماڭا مەلۇم ئەمەس. ئەمما، ماڭا ناھايىتى ئېنىق بىر ئىش شۇكى، ئوقۇيالمىغان كىشىلەر مىللەت سۈپىتىنى يۇقىرىلىتىشقا ھېچ قانداق تۆھپە قوشالمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار كەلگۈسىدە جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ، مىللەت ئۈچۈنمۇ بىر يۈك بولۇپ قالىدۇ. بىر مىللەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، پۈتۈن مىللەتتىن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق ئىش. ياپونىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن 100 يىل بۇرۇنلا پۈتۈن خەلق مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولغانىدى. شۇڭا ئۇلار 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلالىدى.

ھازىرقى شارائىتتا، ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟ بۇ ئىشتا ھەر بىر ئادەم قانداق رول ئوينىشى كېرەك؟

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، مىللەتكە كۆيۈنىدىغان ھەر بىر ئادەم بۇ مەسىلە توغرىسىدا داۋاملىق، ئەستايىدىل ئويلىشى كېرەك. ھەمدە، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى يەتكەن دائىرە ئىچىدە مۇۋاپىق ئىش كۆرۈشى كېرەك. ئۇنداق قىلمايدىكەنمىز، ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. دەۋىر ئىلگىرلەۋېرىدۇ. بىز بىر ئىزىمىزدا توختاپ قېلىۋېرىمىز.‏