ئەركىن سىدىق يازما سۆھبەت 4-بۆلۈم

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

11-سوئال: يۇقىرىقى سۆھبەت خاتىرىسىدىن سىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر قەدەر مۇۋاپىقىيەتلىك ھايات كۆچۈرگەن كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشنى ئاشۇنداق ئېلىپ ماڭالىشىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلىك خاراكتېرلار قايسىلار؟ ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

جاۋاب: بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان بىر مۇھىم ئامىل، ھەقىقەتەنمۇ شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس مىجەز-خاراكتېرىدىن ئىبارەت.

مېنىڭ مىجەز-خاراكتېرىمنى تۆۋەندىكى 5 ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

1) سەمىمىيلىك

2)قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىش

3) ئىجادكار بولۇش

4) ئىشنى تەلەپتىن يۇقىرى قىلىش

5) توختىماي ئىزدىنىش

بۇنىڭدىن 30 نەچچە يىل بۇرۇن مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، مېنىڭ سىنىپ مۇدىرىم ماڭا مۇنداق سۆزلەرنى ئېيتقان ئىدى: "ھەر بىر ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. يېتەرسىزلىكىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى سىزنىڭ مۈرىڭىزدىكى بىر خۇرجۇننىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرگە ئوخشاتساق، ئارتۇقچىلىقىڭىز خۇرجۇننىڭ ئالدى خالتىسىدا، يېتەرسىزلىكىڭىز بولسا خۇرجۇننىڭ ئارقا خالتىسىدا بولىدۇ. ئادەملەر كۆپىنچە ۋاقىتتا، خۇرجۇننىڭ پەقەت ئالدىدىكى خالتىسىنىلا كۆرۈپ، ئارقىسىدىكىنى كۆرەلمەيدۇ. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك. ئادەم خۇرجۇننىڭ ئارقىسىنىمۇ كۆرەلىگەندىلا، ئاندىن ئۆزىگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ توغرا مۇئامىلە قىلالايدۇ، ھەمدە توختىماي ئالغا باسالايدۇ". مەن شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ سۆزلەرنى ئېسىمدىن چىقىرىپ باقمىدىم. مەن ئىزچىل تۈردە ئۆز-ئۆزۈمگە، ئائىلەمدىكىلەرگە، دوستلىرىمغا، خىزمەتداشلىرىمغا، ۋە باشلىقىمغا راستچىل، سەمىمىي بولۇشقا تىرىشىپ كەلدىم. ئۆز-ئۆزۈمنى توغرا چۈشىنىشكە، ئۆز-ئۆزۈمگە توغرا باھا بېرىشكە، ئاجىزلىقىمنى تولۇق بىلىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم. ئۆز-ئۆزۈمنى داۋاملىق ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە توغرا چۈشىنىپ تۇرغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئادالەتسىزلىككە، ناھەقچىلىككە، كەمسىتىشكە ۋە باشقىلارغا زىيان سېلىشنىڭ بەدىلىگە پايدا ئېلىشقا ئىنتايىن ئۆچ ھەم قارشى بولۇپ، ئۇنداق ئىشلارنى قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىدىغان، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئايايدىغان بولغاچقا، ئۆزۈم توغرا دەپ قارىغان يولۇمنى مېڭىۋېرىپ، باشقىلارنىڭ ماڭا قانداق باھا بېرىشىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمىدىم. چۈنكى، باشقىلار ماڭا ئەڭ توغرا باھا بىرەلىگەندىمۇ، پەقەت مېنىڭ ئۆزۈمچىلىك باھا بېرەلەيتتى.

مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا جەمئىيەتنىڭ ۋە خەلقىمنىڭ ماختىشىغا كۆپ سازاۋەر بولدۇم. ھەر قېتىم باشقىلارنىڭ ماڭا بەرگەن باھاسىنى ئاڭلىغاندا، مېنىڭ 1-بولۇپ ئۆز-ئۆزۈمدىن سورايدىغىنىم: "مەن بۇنىڭغا ئەرزىيمەنمۇ؟" دېگەندىن ئىبارەت بولدى. رادىئو-گېزىتلەردە مەن توغرىلىق بىر نەرسە ئېلان قىلىنسا، مەن دەرھال ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە توغرىلىقىنى، يېزىلغان نەرسىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆتۈرۈۋېتىلگەن قىسىملىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تۇردۇم. ھەرگىز ئۆزۈمدە يوق نەرسىلەر بىلەن ئۆز-ئۆزۈمنى ئالداپ يۈرمىدىم. ئامېرىكىدا شىركەتلەردە ئىشلەشنى باشلىغاندىن بۇيان، مەن ئۆزۈمدىن داۋاملىق تۆۋەندىكى سوئاللارنى سوراپ تۇردۇم: "مەن ئالغان مائاشىمغا چۇشلۇق ئىشلەۋاتىمەنمۇ؟ مەن يېڭى ئىقتىدار، يېڭى بىلىم ئۆگىنىۋاتىمەنمۇ؟ ئەگەر بۇ شىركەتتىن چىقىپ كېتىپ قالسام، باشقا يېڭى خىزمەت تاپالايمەنمۇ؟ مەندە باشقا شىركەتلەرنى جەلپ قىلالايدىغان قانداق نەرسىلەر بار؟ مېنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىم مەندە يېڭى ئىقتىدار يېتىلدۈرەلەمدۇ؟"

ئامېرىكا جەمئىيىتى رىقابەت بىلەن تولغان، بىر پارچە گۆشنى تالىشىۋاتقان بىر توپ يولۋاس-بۆرىلەرنىڭ ئۇۋىسىغىلا ئوخشايدۇ. كۈچلۈك بولسىڭىز پەللىمۇ پەللە ئۆرلەپ كېتىۋېرىسىز. ئەگەر ئاجىز بولسىڭىز، ئاز كۈندىن كېيىن جەمئىيەتتە لەيلەپ قالىسىز. مەن ھازىرغا قەدەر بىر خىزمەت بىلەن يەنە بىر خىزمەتنىڭ ئارىلىقىدا ئەڭ ئۇزۇن خىزمەتسىز تۇرۇپ باققان ۋاقتىم 3 ھەپتە بولۇپ، ھەر قېتىم يېڭى خىزمەتكە كىرگەندە، ماڭا ئەڭ كەم دېگەندە 2 شىركەتتىن چاقىرىق كەلدى. مەن بۇرۇن ئىشلىگەن "Wawesplitter" دېگەن شىركەتتىن 2002-يىلى نويابىردا چىقىرىۋەتكەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار بىر ئامېرىكىلىق تېخى ئۆتكەن يىلى (2004-يىلى) 7-ئايدا ئاران خىزمەت تاپتى. شۇ ۋاقىتتا چىقىرىۋەتكەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار بىر فرانسىيىلىك ئىنژىنىر تېخىچە خىزمەت تاپالماي، ھازىر بىر تەرەپتىن خىزمەت ئىزدەپ، بىر تەرەپتىن پارچە-پۇرات ئوقۇتقۇچىلىق خىزمەتلىرىنى تېپىپ ئىشلەپ كۈن كەچۈرىۋاتىدۇ. مەن باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان 1-شىركەتكە ياردەملەشكەن، فىزىكىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بار، سىلىكون جىلغىسىدا 10 نەچچە يىل ئىنژىنىر بولۇپ ئىشلىگەن بىر كىشى بار بولۇپ، ئالدىنقى بىر قانچە يىلنىڭ ئىچىدە ئۇ خىزمەت تاپالمىدىم، دەپ يۈرگەن ئىدى. يېقىندا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلسام، ئۇ ھازىر بىر كوفىخانىدا ئىشلەۋېتىپتۇ. "مۇشۇ يەردە كوفى دەملەشنى ئۆگىنىۋېلىپ، ئاندىن ئۆزۈم ئايرىم كوفىخانا ئېچىشنى ئويلاۋاتىمەن"، دەيدۇ. بۇ كىشى بۇرۇنقى يىلىغا 80 نەچچە مىڭ دوللار مائاش ئالىدىغان ئىنژىنىرلىق خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، ھازىر يىلىغا 30 مىڭ دوللار ئەتراپىدا مائاش ئالىدىغان كوفىخانىنىڭ ئىشىنى قىلىۋېتىپتۇ.

بىر كىچىك بالىنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە، ئاتا-ئانىنىڭ ئۈلگىلىك رولى ھەممىدىن چوڭ بولىدۇ. بالىلار سەل ئەقلىنى تاپقاندىن تارتىپ، دەسلەپكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا-ئانىدىن ئۆگىنىدۇ. شۇڭا مەن بالىلىرىمنىڭ ئالدىدىمۇ سەمىمىيلىك ۋە راستچىللىق جەھەتتە ئۆزۈمگە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويدۇم. بالىلىرىمغىمۇ راستچىل بولۇش جەھەتتە تەربىيىنى ئىزچىل بوشاشتۇرمىدىم. ھەمدە ھالاۋەتتە ھەممىدىن كېيىن، جاپادا ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، بالىلىرىمغا ھەممە جەھەتتىن ياخشى ئۈلگە يارىتىشقا تىرىشتىم. ئامېرىكىغا مەن 1988-يىلى، ئايالىم ئامانگۈل 1989-يىلى، قىزىم 1991-يىلى، ۋە ئوغلۇم 1993-يىلى كەلگەن بولۇپ، مەن 1985-يىلى ياپونىيەگە بارغاندىن تارتىپ ئاشۇنداق تېرە-پىرەڭ تۇرمۇشنى باشلىغان ئىدىم. 1993-يىلى ئاخىرى ئائىلىدىكى ھەممىمىز جەم بولۇپ ياشىيالايدىغان بولدۇق. ئوغلۇم باشلانغۇچنىڭ 1-سىنىپىدا ئادەتتىكى ھېسابلارنى ئىشلىيەلەيدىغان بولغاندا، مەن بىر كۈنى قىزىم بىلەن ئىككىسىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇلارغا ئامانگۈل بىلەن ئىككىمىزنىڭ بىر ئايدا ئۆيگە ئەكىرگەن مائاش چېكىمىزنىڭ كۆتىكى بىلەن شۇ بىر ئاي ئىچىدە چوڭ-چوڭ ئىشلارغا خەجلىگەن پۇلنىڭ ھۆججەتلىرىنى بېرىپ، ئۇلاردىكى پۇلنىڭ سانلىرىنى قوشۇپ، ئاخىرىدا پەرقىنى ھېسابلاپ چىقىشنى تاپشۇردۇم. ئۇ چاغدا مېنىڭ ئاتا-ئانام ئامېرىكىغا بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ بىر ئاينىڭ ئىچىدە بىزنىڭ كىرىمىمىزگە قارىغاندا، چىقىمىمىز يۇقىرى بولغانىدى. ئۇلار پۇلنى ھېسابلاپ بولغاندىن كېيىن، مەن ئۇلارغا ھازىر بىزدە پۇلنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ئۇلار ئويۇنچۇق توغرىسىدا كۆپ جېدەل قىلسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم. ئۇلارنىڭ ئالدىدا سانلىق مەلۇماتلار بولغاچقا، ئۇلارمۇ مېنىڭ سۆزۈمگە تېزلا قايىل بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن دۇكانلارغا بېرىپ، بالىلار ئويۇنچۇق توغرىسىدا ئارتۇقچە جىدەل قىلغاندا، ھېلىقى ھېسابنى تىلغا ئالسام، ئۇلار يامانلىمايدىغان بولدى. بالىلارنى ئۆينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن داۋاملىق، ئەينەن خەۋەرلەندۈرۈش بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بىر ئادىتىدۇر. ئوغلۇم 1-سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندا، بىر كۈنى ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سىنىپتىكى بالىلاردىن مۇنداق بىر نەرسىنى سوراپتۇ: "ئەگەر سىلەر كوچىدىن 100 دوللار پۇل تېپىۋالساڭلار، ئۇ پۇلنى نېمىگە خەجلەيسىلەر؟" كۆپىنچە ئوغۇللار ئۇنىڭغا ئويۇنچۇق ئالىمىز، دەپتۇ. قىزلار قوچاق ئالىمىز، دەپتۇ. بەزىلىرى دىسنېي باغچىسىغا بارىمىز، دەپتۇ. دىلشاتقا كەلگەندە، ئۇ "مەن پۇلنى دادامغا بېرىمەن. دادام ئۇنىڭغا ئۆي ئالىدۇ"، دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچى قاتتىق تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش چىقىپ كېتىپتۇ. كېيىن مەن بىر ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا بېرىپ، ئۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ ماڭا بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىپ (مەن ئۇنى دىلشاتتىن ئاڭلىمىغان ئىدىم)، ئاندىن "سىلەر ئۆيدە داۋاملىق بىر ئۆي ئېلىشنىڭ گېپىنى قىلىشامسىلەر؟" دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇنداقمۇ قىلمايتتۇق. مېنىڭ مەكتەپتىن كىرىدىغان مائاشىم ئېيىغا 1000 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش راسخودىغا ئۇ ھەرگىزمۇ يېتىشمەيتى. شۇڭا، ئۇ چاغدا ئايالىم بىزنىڭ شەھەردىكى بىرسىنىڭ ئۆيىدە بالا باققان ئىدى. ئۇ ئۆيدىمۇ بىر ئوغۇل، بىر قىز بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېشى بىزنىڭ بالىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئامانگۈل ئۇ ئۆيگە بىزنىڭ بالىلارنىمۇ ئاپىرىپ، تۆت بالىنى ئوينىغىلى قويۇپ بېرىپ، ئۆزى ئۆگىنىش قىلاتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ بىر چوڭ ئۆيى بولغاچقا، بىزنىڭ بالىلار مەندىن داۋاملىق: "دادا، بىز قاچانلىققا ئۆي ئالىمىز؟" دەپ سورايتتى. بىر قېتىم مەن: "كېيىن ئالىمىز. ھازىر ئالىدىغانغا پۇلىمىز يوق"، دېسەم، ئۇلار دەرھال: "دادا، سەندە چەك بارغۇ؟ چەك يېزىپ بەرسەڭ بولمىدىمۇ؟" دەپ سورىدى.

ئامېرىكىدا سىز بىر بانكىغا پۇل قويسىڭىز، ئۇلار سىزگە شەخسىي بانكا چېكى بېرىدۇ. سىز بۇ چەكلەرگە پۇلنىڭ قىممىتىنى يېزىپ، ئىمزا قويۇپ، ئۇنى خۇددى نەق پۇل خەجلىگەندەك ئىشلىتەلەيسىز. چەكنى تاپشۇرۇپ ئالغان كىشى ئۇ پۇلنى سىزنىڭ بانكا ھېسابىڭىزدىن ئېلىۋالىدۇ. مەندىكى ئۇ چەك بانكىدا پۇل بولمىسىمۇ يازغىلى بولىدىغان چەك ئەمەس ئىدى (چاخچاق). بالىلار ئۇنى چۈشەنمەيتتى. بىر قېتىم بىز بىر دوستىمىزنىڭ ئۆيىگە بارغىچە دىلشات بىر قۇتا ئىچىملىكنى ئىچىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۇ قۇتىنى تاشلايلى دېسەك، ئەخلەت ساندۇقى تاپالمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ قۇتىنى ياتاق بىناسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا قويۇپ قويسام، دىلشات: "دادا، بۇنداق قىلساڭ قانداق بولىدۇ؟ سەن بىزنى ئۇنداق قىلماڭلار دەيتتىڭغۇ؟" دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ھېلىقى قۇرۇق قۇتىنى دوستۇمنىڭ ئۆيىگە كۆتىرىپ كىرىپ كەتتىم. بىر قېتىم تۆتىمىز قەرت ئويناۋاتقاندا، بالىلار ئۇقۇشماسلىقتىن مېنى يالغانچىلىق قىلدى، دەپ، "ھە دادا، سەنمۇ يالغانچىكەنسەنغۇ؟ بۈگۈن يالغانچىلىق قىلدىڭغۇ؟" دەپ، ئۆينىڭ ئىچىدە "دادام يالغانچى! دادام يالغانچى!" دەپ، سەكرىشىپ كەتتى. مەن ھەرگىز يالغان گەپ قىلمايدىغان بولغاچقا، ئۇقۇشماسلىقتىن ئاشۇنداق بىلىنگەن بۇ بىر قېتىملىق "يالغانچىلىق" بالىلىرىم ئۈچۈن بىر چوڭ ۋەقە بولۇپ كەتكەنىدى.

ماڭا كىچىكىمدىن سىڭىپ كەتكەن بىر ئاڭ شۇكى، ئادەم جاپا چەككەنگە ئۆلۈپ قالمايدۇ؛ ئۆلۈپلا قالمىسا، باشقا ئىشنىڭ كارى چاغلىق. مەن كىچىك ۋاقتىمدا يېزىدىكى رەھمەتلىك چوڭ ئاپامنىڭ قېشىغا يازلىق تەتىلدە بارغاندا، چوڭ ئاپام مېنى ئۆيدىن 2 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر تۈگمەنگە بېرىپ، ئۇن تارتىپ كېلىشكە بۇيرۇيتتى. ئۆچىرەتتە ئادەم كۆپ بولغاچقا، ماڭا نۆۋەت تېگىپ، ئۇننى تارتىپ بولغاندا، ۋاقىت يېرىم كېچە بولۇپ كېتەتتى. تۈگمەندىن ئۆيگە قايتىدىغان يولدا باشقا ئۆيلەر ئاساسەن يوق، يولنىڭ ئىككى تەرىپى مايماق-سايماق جىگدە دەرىخى بىلەن توشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە زەرەتگاھلىقتىن ئۆتەتتى. مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا جىننىڭ ھېكايىسىنى كۆپ ئاڭلاپ، يېزىدا كېچىسى يول ماڭسام خېلىلا قورقۇدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. شۇڭا، بۇ بىر زەرەتگاھلىقتىن كېسىپ ئۆتىدىغان 2 كىلومېتىر يولنى مېڭىپ، ئۆيگە قايتىپ كېتىش، مەن ئۆمرۈمدە دۇچ كەلگەن ئەڭ مۈشكۈل ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى. چوڭ ئاپامغا "مەن قورقىمەن"، دېيىشتىن نومۇس قىلاتتىم. شۇڭا، ئەڭ ئاخىرىدا، "مەن مۇشۇ يول بىلەن ئۆيگە قايتسام، چوقۇم ئۆلۈپ كەتمەيمەن. باشقىسى مەيلى"، دەپ يولغا چىقاتتىم. زەرەتگاھلىقتىن ئۆتكىچە پۇتلىرىم تىترەپ ھەم جانسىزلىنىپ، يول ماڭالمىغىلى تاس قالاتتىم. جىگدىلەرنىڭ ئاي نۇرى ئاستىدىكى شولىلىرى كۆزۈمگە ئاجايىپ-غارايىپ كۆرۈنىدىغان بولغاچقا، ئاسمانغا قاراپ ناخشا ئېيتىپ ماڭساممۇ، ھېلىقى زەرەتگاھلىققا كەلگەندە ناخشىنىمۇ داۋاملاشتۇرالمايتتىم. لېكىن، ئۆزۈم ئويلىغاندەك، ھەر قېتىم ئۆيگە ئۆلۈپ قالماي ساق-سالامەت يېتىپ بارغانىدىم. بىز قايتا تەربىيەگە بارغاندا، زىيالىي ياشلار (” قايتا تەربىيە“گە بارغان ياشلار شۇنداق ئاتىلاتتى) يېزىدا كاپالەتكە ئىگە بولغان نەرسە پەقەت بىرلا ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، بىز ئاش قېلىپ ئۆلۈپ قالمايتتۇق--بىزگە پەقەت تاماقنى بىكارغا بېرەتتى. ئەمما، بىزگە بىر تىيىنمۇ پۇل بەرمەيتتى. يىلبويى بىكارغا ئىشلەيتتۇق. كىيىم-كېچەكتە يەنىلا ئاتا-ئانىمىزغا تايىناتتۇق. مەن قايتا تەربىيە ئېلىشقا بارغان يېزا بىزنىڭ ئۆيدىن 12 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىدى. كونىشەھەرنىڭ ناھىيە بازىرىدىنمۇ يىراق بولغاچقا، ناھىيە بازىرىغا بېرىپ، ئاپتوبۇسقا چۈشۈشمۇ قولايسىز ئىدى. ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، مەن بىرەر ۋېلىسپىتقا چىقىنالمىغان ئىدىم. شۇڭلاشقا، ھەر شەنبە كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئاقسۇدىكى ئۆيىمىزگە پىيادە قايتىپ كېلەتتىم. ئاقسۇدىن بارغان باشقا ئوغۇل بالا بولمىغاچقا، ئۆزۈم يالغۇز ماڭاتتىم. يولنى قىسقارتىش ئۈچۈن، ئېتىزلىقلارنىڭ قىرلىرىدا، ئۆستەڭ بويلىرىدا ماڭاتتىم. 12 كىلومېتىر يولنى 2 سائەتتە مېڭىپ، ئاندىن ئۆيگە كېلەتتىم. يەكشەنبە كۈنى كەچتە يەنە 2 سائەت يول يۈرۈپ، ئۇ يېزىغا قايتىپ كېتەتتىم. يېزىدا قايتا تەربىيە ئالغان بىر يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدە ئاشۇنداق قىلدىم.

1983- يىلى يانۋاردا، مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ بولۇشۇمغىلا، فاكۇلتېتتىن مېنى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئېلېكترو-ماگنىتلىق دولقۇن بىلەن مىكرو-دولقۇن تېخنىسىكى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشقا ماڭدۇردى. ئۇ چاغدا شىنجاڭدا بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 2-بىر كىشى بولمىغاچقا، بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىپ، بۇ ساھەدە بىر نوپۇزلۇق ئادەم بولۇپ چىقىشقا بەل باغلىدىم. بەلگىلەنگەن دەرسلەرنى ئوقۇشتىن سىرت، مەن يەنە يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇمغا ياردەملىشىپ، مىكرو دولقۇن تەجرىبەخانىسىنى تەييارلاپ، ھەمدە ئۇ دەرسنى ئۆتۈشۈپ بەردىم. بىر يىلنىڭ ئىچىدىكى 2 مەۋسۈمنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئاشۇنداق قىلدىم. يازلىق تەتىلدە يۇرتقا قايتماي، نەنجىڭدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر 4 ھەپتىلىك پراكتىكىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدىم. ئەينى ۋاقىتتىكى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچۇم سۇلتان ئاكا مەكتەپتىن ئۇ پراكتىكىنىڭ خىراجىتىنى ھەل قىلىپ بەردى. پراكتىكىنى نەنجىڭدىكى بىر مەخپىي ھەربىي رادار زاۋۇتىدا ئېلىپ باردۇق. بۇ زاۋۇتنىڭ رادارنى سىناق قىلىدىغان ئورنى نەنجىڭدىكى بىر چەت يېزىدا ئىكەن. بىز ئۇ سىناق ئورنىغا 1-كۈنى بارغاندا، چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن ئۇ يەردىن ھېچقانداق بىر مۇسۇلمان ئاشخانىسى تاپالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن چۈشلۈك تاماق يېمىدىم. ئۇ چاغدا جۇڭگودا تېخى توڭلاتقۇ دېگەندەك نەرسىلەر چىقمىغان ئىدى. ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ، مەن ئەتىگەنلىك تاماق ۋاقتىدا چۈشلۈك تاماقنىمۇ قوشۇپ، 100 گراملىق ھور نېنىدىن 3-4 يەۋالدىم. چۈشتە تاماق يېمىدىم. مەن پات-پات مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسىنى سىناپ تۇرىمەن. ئوغلۇمغا مۇشۇنداق ھېكايىلەرنى داۋاملىق ئېيتىپ بېرىپ، "ئوغلۇم، ئەگەر ھازىر سەن بىر جاڭگالدا قېلىپ، يەيدىغان بىر نەرسەڭ بولمىسا، ئۇ يەردە جېنىڭنى بىرەر ھەپتە ساقلىيالامسەن؟ ساقلاش ئۈچۈن قانداق قىلىسەن؟" دەپ سوراپ قويىمەن. ئۇ كۆپىنچە: "دادا، مېنىڭ سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىزگە ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئەمما، ھازىر ئۆتمۈش ئەمەس. بىزدە ھازىر ئاش كەڭرى" دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، مەن شۇ ئوخشاش گەپنى تەكرارلاپ تۇرىمەن.

مەن ياپونىيەدە ئىشلىگەن تەتقىقات بىر ماگنىتلىق مىكرو دولقۇن زاپچىسى ئۈستىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ماتېماتىكىلىق فورمۇلالاشتۇرۇلىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدى. بىر فورمۇلانىڭ ئۇزۇنلۇقى نورمال ئىش قەغىزىدە 2 بەت كېلىدىغان بولۇپ، بىرەر پىلۇس ياكى مىنۇس بەلگۈسىدە خاتالىق بولۇپ قالسىمۇ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە توغرا چىقمايتتى. بۇ زاپچاسنىڭ ئاساسلىق فورمۇلاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن، 20-30 فورمۇلا چىقىرىشقا توغرا كېلەتتى. مەن ئاشۇنداق ماتېماتىكىلىق مەسىلىنى يېشىپ، ياپونىيەگە بېرىپ 3 ئايدىن كېيىن، بىرىنچى ئىلمىي ماقالىنى مەملىكەتلىك يىغىنغا يوللىدىم. ئالتە ئايدىن كېيىن 2-ماقالىنى يوللىدىم. مەن ئىككىنچى قېتىمقى يىغىندا ماقالەمنى دوكلات قىلىپ بولغاندا، ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پروفېسسورى قېشىمغا كېلىپ، بۇنىڭدىكى فورمۇلانى كىم ئىشلەپ چىقارغانلىقىنى سورىدى. مەن ئۆزۈم قىلغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ كىشى ھەيران قېلىپ، دەرھال مېنىڭ ئۇستازىم بىلەن كۆرۈشتى. ئەسلىدە، بۇ پروفېسسورنىڭ بىر ماگىستىرلىق ۋە بىر دوكتۇرلۇق ئوقۇشىدىكى ئوقۇغۇچىسىمۇ بىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش مەسىلە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىسى بۇ مەسىلىنىڭ ماتېماتىكىلىق فورمۇلاسىنى ئىشلەپ چىقىرالمىغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ 2 گۇرۇپپا بىرلىشىپ، بىر ماقالە ئېلان قىلىدىغان بولدۇق. ئۇ ماقالە ئامېرىكىدا چىقىدىغان، مىكرو دولقۇن ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ژورنال بولغان

"Ieee transachtions on michrowawe technology" دېگەن ژورنالغا چىقتى. مەن 1-ئاپتور بولدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھېلىقى پروفېسسور ئۆزىنىڭ تەتقىقات راسخوتىدىن پۇل چىقىرىپ، مېنىڭ بارلىق يول كىرايىمنى تۆلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان تەتقىقات مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتناشتۇردى. مەن ئۆزۈم ئىشلەۋاتقان ئالىي مەكتەپتە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇلار ماڭا ياردەم قىلىشنى قارار قىلىپ، 1987-يىلى ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا يۆتكەپ قويىدىغان بولدى. ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ مېنى ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلدى. دەل شۇ چاغدا شىنجاڭدىن بىر ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى كەلگەن بولۇپ، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ 1-مۇدىرى بىر يىغىندا مېنىڭ مەكتەپ ئالماشماقچى بولغان ئىشىمنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ۋەكىللەردىن ھىچ قانداق ئىنكاس چىقمىغاچقا، مەكتەپ مۇدىرى ئۇلارغا تازىم قىلىپ تۇرۇپ، مۇنداق دىدى: "ئەركىن بىر ئالاھىدە تالانتلىق ياش ئىكەن. ئۇنىڭغا ياردەم قىلساڭلار، ئۇ كەلگۈسىدە قالتىس ئىشلارنى قىلالايدۇ. سىلەر ھەرگىز زىيان تارتمايسىلەر. بىر ئويلىشىپ باقساڭلار". بۇنىڭغا يەنە جاۋاب چىقمىدى. يىغىندىن كېيىن، ئۇستازىم مېنى ئۆز يېنىغا چاقىرىپ، "ئەركىن، ياپونلۇقلارنىڭ بىر ئادىتى، ئۇلار ھەرگىز باشقىلارغا باش ئەگمەيدۇ. باشقىلارغا تازىم قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۇلار ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆز قارنىغا پىچاق تىقىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. بۈگۈن بىزنىڭ مەكتەپنىڭ 1-مۇدىرى سەندەك بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر قانچە جۇڭگولۇققا باش ئەگدى. ئۇلارغا تازىم قىلىپ تۇرۇپ يالۋۇردى. سەن بۇنىڭ قىممىتىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالما". بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا، ئۇستازىمنىڭ ئاۋازى تىترەپ، كۆزلىرى ياش بىلەن لىق تولغان ئىدى. مەن ئۇنتۇپ قالمىدىم. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالالمايمەن.

ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھېلىقى ئۇستازىم مەن كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋاقتىمدا مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، مەن ئىشلەيدىغان تەجرىبىخانىنى كۆرۈپ، بىزنىڭ ياتاقتا مېھمان بولۇپ باققان ئىدى. ئۇ بۇ يىل ئاپرېلدا ئامېرىكىغا يىغىنغا كېلىدىغان بولۇپ، مەن بىلەن كۆرۈشكىلى بىزنىڭ ئۆيگە يەنە كەلمەكچى.

مېنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغىنىم رادىئو ئېلېكترونىكىسى كەسپى بولۇپ، ئامېرىكىدا مېنى دەسلەپتە ئوقۇشقا قوبۇل قىلغان فىزىكا فاكۇلتېتى ئىدى. مەن 1-مەۋسۇمدە 3 دەرس تاللىدىم. جۇڭگودا ئوقۇغاندا، ئوقۇتقۇچى ھەر بىر دەرستىن بۇرۇن دوسكىغا بۈگۈن قايسى باپ، قايسى پاراگرافنى ئۆتىدىغانلىقىنى يېزىپ قوياتتى. ئامېرىكىدا ئۇنداق قىلمايدىكەن. دەرسنى كىتابتىكى تەرتىپ بويىچىمۇ ئۆتمەيدىكەن. مەن ئۇنى ئۇقمىغاچقا، دەسلەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى "ئوقۇتقۇچى كىرىش سۆز سۆزلەۋاتىدۇ" دەپ ئويلاپتىمەن. تاللىغان دەرسنىڭ بىرى كۇۋانتوم فىزىكىسى بولۇپ، ئوقۇتقۇچى نيۇزەيكۇ كىيىۋالغان، كۆينىكىنى ساڭگىلىتىپ قويغان، ھەمدە گالىستۇك تاقىۋالغان بولۇپ، داۋاملىق قولىدا ئۈزۈم كۆتۈرۈۋېلىپ، بىر تەرەپتىن ئۈزۈم يەپ، بىر تەرەپتىن دەرسنى سۆزلەيتتى. مەن "كىرىش سۆز قىسمىنى نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۇزۇن سۆزلەيدىغاندۇ؟" دەپ ئويلايتتىم. ئۇ پروفېسسور 3 ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر كۈنى "كېلەر دۈشەنبە كۈنى ئىمتىھان ئالىمەن" دېدى. مەن ھەيران قېلىپ، "پروفېسسور، سىز دەرسنى قاچان باشلىغان ئىدىڭىز؟" دەپ سورىدىم. ئۇ كىشى "مۇشۇ مەۋسۇمنىڭ 1-سائىتىدىلا باشلىغان" دەپ جاۋاب بەردى. مەن چۆچۈپ كەتتىم. ئەسلىدە ئۇ كىشىنىڭ سۆزلەۋاتقىنى كىرىش سۆز ئەمەس، رەسمىي دەرس ئىكەندۇق! مەن ئۇ ئىمتىھاننى ئىنتايىن ناچار بەردىم. فىزىكا توغرىسىدا ئىنگلىزچە سۆزلۈكلەر ئۇ ياقتا تۇرسۇن، خەنزۇچە ھەتتا ئۇيغۇرچىنىمۇ بىلمەيتتىم. لېكىن، كىتاب ئوقۇيدىغانغا ۋاقىتلا بولسا، ھەر قانداق نەرسىنى ئۆگىنەلەيدىغانغا ئىشەنچىم بار بولغاچقا، بۇ مەكتەپكە ھېچقانداق ئىككىلەنمەيلا كەلگەنىدىم. بىراق، مېنىڭ ئىشىم پەقەت ئوقۇشلا ئەمەس. ھەر ھەپتىدە 3 تەجرىبە دەرسى ئۆتۈپ، 20 سائەت ئىشلىمىسەم بولمايتتى. ئىنگلىز تىلىنى ئۇ تىلنى سۆزلىمەيدىغان جۇڭگو بىلەن ياپونىيەدە ئۆگەنگەن بولغاچقا، دەسلەپتە مېنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارىممۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تەجرىبە دەرسىنى ئۆتۈش ئۈچۈن، 30 بەتلىك دەرسلىكنى كۆرۈپ، دەرس ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلىشىم كېرەك ئىدى. مەن ئۈچۈن ۋاقىت ئىنتايىن قىس بولۇپ كەتتى. كىتاب كۆرۈشكە ۋاقىت يېتىشمەيتى. ئىلاج بولماي، ئوقۇش باشلىنىپ 3 ھەپتە ئۆتكەندە، كۇۋانتوم فىزىكىسى دەرسىدىن چىقىۋالدىم. بىرىنچى مەۋسۇمدە پەقەت 2 دەرسنىلا ئوقۇپ، ھەر ئىككىلىسىدىن "ئا" ئالدىم. ئىككىنچى مەۋسۇمدىن باشلاپ سىنىپنىڭ ئەڭ ئالدىغا ئۆتتۈم. ئوقۇش پۈتتۈرگىچە ھەممە دەرسلەردە "ئا" ئېلىپ، پەقەت بىرلا دەرستە "ب" ئالدىم. بۇ دەرس "ئېلېكترو ماگنىت مەيدانى" دېگەن دەرس بولۇپ، ئۇ مېنىڭ كەسپىم ئىدى. ئۇ دەرسنى ئۆتكەن ئوقۇتقۇچى گېرمانىيەلىك رىكتەر ئىسىملىك پروفېسسور بولۇپ، دەرستە يۇقىرى تەلەپ قويۇشتا مەكتەپ بويىچە داڭقى بار ئىكەن. دەرس سۆزلىشى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، دوسكىغا بىر نەرسە يازسا، بىرەر پەش-چەكىتنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالماي تولۇق يازىدىكەن. ئۇ كىشى ھەر قېتىم دەرس ئۆتكەندە سىنىپتىكى قىز ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي، مەكتەپكە ئەرز قىلىپ بارىدىكەن. لېكىن، ئامېرىكىدا بىر پروفېسسور نىڭ بىر پادىشاھ بىلەن ئوخشاش ھوقۇقى بولغاچقا، مەكتەپتىن ئۇ كىشىنى ھىچ نېمە قىلالمايدىكەن. بۇ پروفېسسورنىڭ يەنە بىر ناچار يېرى، ئەگەر سىز ئۇنىڭ دەرسىنى تاللاپ بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ دەرسىدىن چىقىۋالىمەن دېسىڭىز، ئۇنىڭغا يول قويمايدىكەن (ئادەتتە بۇنىڭغا يول قويۇلىدۇ). فاكۇلتېتتىكى قالغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇنىڭغا ئۆچ بولغاچقا، ئۇنىڭغا باشقا بىر بىنادىن ئىشخانا بەرگەنىكەن. ئۇ كىشى بۇ دەرستە بىزنىڭ ئىمتىھاننىڭ يېرىمىنى يېپىق، يېرىمىنى ئوچۇق ئالدى. سىز ئالدى بىلەن يېپىق قىسمىنى تۈگىتىپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ئوچۇق قىسمىنى ئىشلىگىلى يول قوياتتى. ئىمتىھانى ئىنتايىن تەس بولۇپ، مەن ئۇ دەرسنى ئوقۇغان چاغدا ئۇ كىشى ھېچكىمگە "ئا" بەرمىدى. شۇڭا مەن "ب" ئالدىم. لېكىن، بۇ دەرسنى ئىنتايىن پۇختا ئۆگىنىۋالدىم. بۇ دەرسنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈمنى بۇ ساھەدە رەسمىي مۇتەخەسسىس بولغاندەك ھېس قىلدىم. مەن بۇ مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن، فاكۇلتېتتىكىلەر مېنىڭ تەتقىقاتىم ئۈچۈن بىر ياپونلۇق پروفېسسورنى بەلگىلەپ قويغان ئىكەن. ئۇ كىشى مۇشۇ مەكتەپنىڭ پروفېسسورى ھەمدە Chaltech نىڭ زەرەت فىزىكىسى تەتقىقاتچىسى ئىكەن. فاكۇلتېت بويىچە تەتقىقاتتا ھەممىدىن ئاكتىپ ئىكەن. ماگىستىرلىق ماقالەم ئۈچۈن، مەن ياپونىيەدىكى تەتقىقاتىمنىڭ داۋامىنى قىلدىم. بۇ تەتقىقاتتا بىز ياپونىيەدە ھەل قىلالمىغان بىر مەسىلە بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ بىز نەزەرىيىۋىي جەھەتتىن بىزنىڭ تەتقىقات مەسىلىمىزدە ئېنېرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى ئىسپاتلاپ چىقىرالمىغان ئىدۇق. بۇرۇنقى ئىلمىي ماقالىنى ئېلان قىلىدىغاندا، بىز بۇ ئەھۋالنى ئىلمىي ژورنالنىڭ باش تەھرىرىگە ئېيتقان ئىدۇق. ئېنېرگىيە ساقلىنىش شەرتىدە چىققان خاتالىق ئىنتايىن كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەزەرىيە بىلەن تەجرىبە نەتىجىلىرىنىڭ ناھايىتى يېقىن چىققانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلار بۇ ماقالىنى ئېلان قىلىشنى قارار قىلغانىدى. لېكىن، بۇ ئېنېرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنىدىكى مەسىلە ئامېرىكىدىمۇ داۋام قىلغانىدى. مەن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانغا بىر مەۋسۇم قالغاندا، ئۆزۈم ئىشلەپ چىقارغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۇستازىمغا كۆرسىتىپ، شۇ ئاساستا ماقالە يېزىشنى باشلاشقا رۇخسەت ئالماقچى بولدۇم. لېكىن، ئۇ كىشى ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتتى. ئىنتايىن كەسكىن قىلىپ، "ئەركىن، سەن ئېنېرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى ئىسپاتلاپ چىقارمىساڭ بولمايدۇ. ئۇنداق قىلمايدىكەنسەن، ئوقۇش پۈتتۈرەلمەيسەن. ئەگەر ئۇ مەسىلىنى ھەل قىلمىساڭ، مېنىڭ قېشىمغا قايتىلاپ كەلمە" دېدى. بۇ مەن ئۈچۈن بىر ئېغىر سىناق بولدى. شان-شەرەپ بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرمەكچى بولغان ئادەم، بىراقلا ئوقۇش پۈتتۈرەلمەسلىك خەتىرىگە دۇچ كەلدىم. بىر قانچە كۈن قولۇمغا ھىچ ئىش بارمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەن مۇشۇ تەتقىقات مەسىلىسىدە قوللانغان ماتېماتىكىنىڭ ئەسلىدىكى كىتابىدىن بىرنى تاپتىم. ئۇ ئالىي مەكتەپلەردە ئۆتىلىدىغان دەرس بولمىغاچقا، ماڭا پەقەت بىرلا يول بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ئۇ كىتابنى ئۆزۈم ئۆگىنىپ چىقىش. مەن دەل شۇنداق قىلدىم. ماتېماتىكىنى تەپسىلىي چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۆزۈم بۇرۇن كەلتۈرۈپ چىقارغان فورمۇلالارنىڭ ھەممىسىنى ناھايىتى ئىنچىكىلەپ قايتا تەكشۈرۈپ چىقتىم. ئاخىرىدا مەسىلىنى تاپتىم. ئەسلىدە مەن بۇ مەسىلىنى يېشىشكە باشلىغاندا، ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى بۇرۇن پۈتتۈرۈپ چىقىپ كەتكەن بىر دوكتۇرلۇق ئوقۇغۇچىسىنىڭ دىسسېرتاتسىيەسىگە ئاساسلانغان ئىدىم. ئەسلىدە ئاشۇ دىسسېرتاتسىيەدە ئىككى ماتېماتىكىلىق ئوپەراتۇرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئېنېرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنى توغرا چىقماپتۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇستازىم مىنى باشقىچە ھۆرمەتلەيدىغان بولدى. مېنىڭ ماقالەم ئامېرىكىدا چىقىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك فىزىكا ئىلمىي جورنىلى "Journal of applied phisichs"دا ئېلان قىلىندى. ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيەنى كىتاب قىلىپ چىقارغاندا، ئۇنىڭدىن 2 نۇسخىنى ئارتۇق چىقىرىپ، ياپونىيەدىكى 2 ئۇستازىمغا بىردىن ماڭدۇرۇپ بەردىم. يۇقىرىقىدەك ئوقۇش نەتىجەم بىلەن، بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان 2 يىلنىڭ ھەر بىرىدە، بىر يىلدا فاكۇلتېت بويىچە پەقەت بىرلا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتتىن بىرىگە ئېرىشتىم.

ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن چەت ئەللىكلەر دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقنىڭ بىرى، ئىقتىسادنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسىدۇر. مەن ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا بىر قانچە پىشقەدەملىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن، ھەمدە كەسىپ ئۆزگەرتىپ، تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن كىردىم. لېكىن، دوكتۇرلۇق ئوقۇشىدا ماڭا ئۇنداق شەرت-شارائىت يوق ئىدى. شۇڭلاشقا، ئامېرىكىغا كېلىپلا بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم. مەن ماگىستىرلىق دەرسلىرىنى بىر يېرىم يىلدا (يەنى 3 مەۋسۇمدە) تۈگىتىپ بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى مەۋسۇمنى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى يېزىشقا ئاجرىتىپ قويدۇم. شۇڭا، بۇ ئەڭ ئاخىرقى مەۋسۇمدە ۋاقتىم خېلى كەڭرى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆز فاكۇلتېتىمدىكى ھەپتىسىگە 20 سائەت قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلىقىمدىن باشقا، مەن يەنە مەكتەپنىڭ "ئاكادېمىيە ياردەم بېرىش مەركىزى" دە ھەپتىسىگە 10 سائەت ئەتراپىدا ئىشلىدىم. بۇ مەكتەپتىكى ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئورۇن بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر ھەپتىسى بۇ يەرگە كېلىپ، بىر سائەت مەخسۇس ياردەمگە ئېرىشەلەيتى. بۇ يەردە دەرس چۈشەندۈرىدىغان ئوقۇتقۇچى ئىنگلىزچە "Tutor" دەپ ئاتىلاتتى. سائىتىگە 8.5 دوللار ئەتراپىدا پۇل بېرەتتى. مەندىن بىر قېتىم دەرس ئېلىپ باققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەندىن ئىنتايىن رازى بولۇپ، داۋاملىق مېنى تاللايدىغان بولۇپ قالاتتى. شۇڭا، مەن بىر ھەپتىدە 10 سائەت ئىشلىسەم، بۇ 10 سائەتنىڭ ھەممىسىگە لىقمۇ-لىق ئوقۇغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى (قېشىغا ئوقۇغۇچىلار ئانچە كەلمەيدىغان، ھەممە ۋاقىتتا تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرىدىغان Tutorلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى). ئۇنىڭدىن باشقا، مەن فىزىكا، ماتېماتىكا ۋە ئېلېكتر كەسىپلىرى بويىچە ئۆز ئالدىمغىمۇ شەخسىي Tutorلۇق قىلدىم. سائىتىگە 12 دوللار ئالدىم. دەسلەپتە مەكتەپنىڭ ئوقۇش بىنالىرىنىڭ ئىچىگە ئېلان چاپلاپ قويدۇم. بۇ ئىشنى بىر نەچچە ئاي قىلغاندىن كېيىن، مېنىڭ دەرسنى ياخشى ئۆتۈدىغانلىقىمدىن خېلى كۆپ ئوقۇغۇچىلارغا خەۋەر تېپىپ، مېنى ئۇلار ئۆزلىرى ئىزدەپ كېلىدىغان بولدى. ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئىچىدە ئېز مەكتىپىمدىكى ئۆگىنىشى ئەڭ ناچارلارمۇ بار بولۇپ، ئەتراپتىكى باشقا ئالىي مەكتەپتىكى ئۆگىنىشتە ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلارمۇ، ھەتتا كالىفورنىئا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوس ئانجەلەس شۆبىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار ئىدى. شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ماڭا ئوقۇغۇچىلار لىق ئۆچىرەت بولۇپ كېتىپ، كۈنىگە 12 سائەت دەرس ئۆتەتتىم. كەچتە ياتاققا قايتىپ بارغاندا، بىر كۈن توختىماي سۆزلىگەن بولغاچقا، ئايالىم ئامانگۈلگە گەپ قىلسام ئاۋازىم چىقماي قالاتتى. ئامانگۈل ئوغلىمىزنى 7 ئايلىق ۋاقتىدىلا سۈتتىن ئايرىۋېتىپ، 2 بالىنى ئۈرۈمچىدە قويۇپ ئامېرىكىغا كەلگەن بولغاچقا، دەسلەپتە زادىلا كۆنەلمىدى. ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن قولىغا كىتاب ئالسا، كۆزىگە 2 بالا كىتابنىڭ قىرغىقىدا ئولتۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. پاراڭلىشاي دېسە ئەتراپتا باشقا ئادەم يوق. مەن بولسام كۈنبويى مەكتەپتە. بىر ياش ئانا ئۈچۈن بۇ ناھايىتى كۈلپەتلىك كۈنلەر ئىدى. ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەن 1-يىلنىڭ ئىچىدە ئامانگۈل كۆپ يىغلايتتى. كەلگۈسىنى دەپ، ئۆزىنى ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلايتتى.

مەن دوكتۇرلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى 10 دەك ئالىي مەكتەپنىڭ ئېلېكتر ئىنجىنىرلىقى كەسپىگە ئىلتىماس قىلدىم. ئۇنىڭ ئىچىدە 6 مەكتەپتىن ماڭا ئوقۇش چاقىرىقى كەلدى. لېكىن، بىرىمۇ ماڭا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەرمىدى. ئېلېكتر ئىنجىنىرلىقى كەسپى ئامېرىكىدا ئېھتىياجى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كەسىپ بولغاچقا، بۇ كەسىپكە كەلگەن چەت ئەللىك دوكتۇرلۇق ئوقۇغۇچىلىرىغا 1-يىلى ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلمەيدىكەن. مەن ئامالسىز، بىر يىل ئىشلەپ، ئاندىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش قارارىغا كەلدىم. ئەمما، 1989-1990-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئىنتايىن ناچارلىشىپ، خىزمەت تېپىش ئىنتايىن قىيىنلىشىپ كەتتى. مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بىر قانچە ئاي بۇرۇنلا خىزمەت ئىزدەشكە باشلاپ، پەقەتلا خىزمەت تاپالمىدىم. ئاخىرى بولماي، رەستۇراندا كۈتكۈچى بولۇشقا ئىلتىماس قىلىشقا باشلىدىم. ئەمما، ئۇلار مېنىڭ ئىلتىماس جەدىۋىلىمدىن مېنىڭ فىزىكىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىم بارلىقىنى كۆرۈپلا، "سەن بۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىمىگىدەكسەن"، دەپ مېنى ئىشقا ئالمىدى. ھولليۋوئودنىڭ كىنو ئارتىسلىرى تۇرىدىغان بەرۋەلەي ھىلل دېگەن رايوندا كىچىك بالىلارنى باقسا، پۇلنى خېلى كۆپ تاپقىلى بولىدىكەن، دەپ ئاڭلىدىم. مەن كىچىكىمدە ئۆزۈمنىڭ ئۇكا-سىڭىللىرىنى خېلى بېقىپ باققان بولغاچقا، بۇنىمۇ سىناپ بېقىشنى قارار قىلدىم. ئەمما، مەن گىزىتتىكى ئېلاننى كۆرۈپ، ئۆي ئىگىلىرىگە تېلېفون قىلسام، "بىز ئەرلەرنى ئالمايمىز"، دەپ، ماڭا ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىنىمۇ بەرمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مىڭ تەسلىكتە بىر ئېلېكترونلۇق توك يولى تاختىسىنى سىناپ تەكشۈرىدىغان 10 نەچچە كىشىلىك كىچىك شىركەتتىن ئىش تاپتىم. بۇ شىركەتنىڭ ئىگىسى بىر ئاق تەنلىك بولۇپ، قالغانلارنىڭ مەندىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى مەكسىكىلىقلار ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئۆز-ئارا ئىسپان تىلىدا سۆزلىشەتتى. شىركەتتىكى رادىئونىمۇ ئىسپانچە قانالغا قويۇپ قوياتتى. ئۇ مېنىڭ ئوقۇغان ئۇنۋانىم بىلەن ئاساسەن مۇناسىۋىتى يوق بىر قارا خىزمەت بولۇپ، ماڭا سائىتىگە ئاران 5 دوللار بېرەتتى. بۇ يەردە بىر ئاي ئىشلەپ قارىسام، بىر ئايلىق كىرىمىمنىڭ بىر قىسمىنى ياتاققا تۆلەپ، بىر قىسمىنى تۇرمۇشقا ئىشلەتكەندىن كېيىن، بىزگە ئاران بىر-ئىككى يۈز دوللار پۇل قالىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىر يىلدا كېيىنكى مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەن داۋاملىق ئىزدەپ يۈرۈپ، يەنە بىر شىركەتتە سائىتىگە 6.5 دوللار بېرىدىغان ئىش تاپتىم. ئۇ ئېلېكتر توك يولى تاختىسىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن 1-شىركەتتە ئەتىگەن سائەت 8 دىن چۈشكىچە، 2-شىركەتتە چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن كەچ سائەت 10-11 لەرگىچە ئىشلەيدىغان قىلدىم. ئەتىگىنى ئۆيدىن سائەت 7 دە چىقسام، كەچتە سائەت 11 دىن كېيىن قايتىپ كېلەتتىم. بىر كۈنى 1-شىركەتتىن ئىشتىن چۈشۈپ، 2-شىركەتكە بېرىپ، بىناغا كىرىپ كېتىۋاتسام، پاراڭلىشىپ تۇرغان بۇ 2 شىركەتنىڭ ئىگىلىرىگە ئۇچرىشىپ قالدىم. ئەسلىدە بۇ 2 كىشى يېقىن دوستلاردىن ئىكەن. 1-شىركەتنىڭ باشلىقى "ئەركىن نېمىشقا بۇ يەردە يۈرۈيدۇ؟" دەپ سورىدى. 2-شىركەتنىڭ باشلىغى "بىزنىڭ شىركەتتە ئىشلەيدۇ" دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن، مېنىڭ 2 شىركەتتە تەڭ ئىشلەۋاتقانلىقىم پاش بولۇپ قالدى. ئۇلار مېنىڭ بىر ئىشىمنى قىسقارتىشىمنى قەتئىي تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن 1-شىركەتنى قىسقارتىپ، 2-شىركەتتە ھەر كۈنى 12 سائەت ئىشلەيدىغان قىلدىم. كېيىن قاراپ باقسام، بۇ يول بىلەن ھەر ئايدا يىغالايدىغان پۇل يەنە 500 دوللارغىمۇ بارمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېنىڭ باشلىقىم ئۆزى ئىراندىن 15 ئىلگىرى كەلگەن، ئەمما ئېرى ئامېرىكىغا كېلەلمىگەن بىر ئايال بولۇپ، باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئىنتايىن ناچار ئىدى. ئۇ مېكسىكىلىق ئوقۇمىغان قارا خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇپ ئۆگىنىپ قالغان بولغاچقا، ماڭىمۇ دەل ئاشۇنداق مۇئامىلە قىلدى. ھەر كۈنى ئەتىدىن كەچكىچە كۆزۈمگە كىرىۋالاتتى. بەزىدە ئىشلەۋەتىپ بىر ئۆيدىن يەنە بىر ئۆيگە كېتىپ بارسام، "ئەركىن، نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟" دەپ سورايتتى. مەن ئاچچىقىمدا "ماۋۇ يەردىن ئاۋۇ يەرگە مېڭىۋاتىمەن!" دەپ جاۋاب بېرەتتىم. روھىي جەھەتتىن خۇددى ئاسماندىن يەرگە چۈشكەندەك بولۇپ، ھەر كۈنى ئىشقا بوينۇمنى باغلاپ تارتقاندەك باراتتىم. پەقەت پۇل ئۈچۈنلا ئىشلەيتتىم. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مىسىرلىق كىشى بولۇپ، مېنىڭ ھەر كۈنى روھىم ئىنتايىن چۈشكۈن ئىشقا كېلىۋاتقىنىمنى كۆرگەندىن كېيىن، بىر كۈنى مېنى ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا چاقىرىپ، مەندىن ئەھۋال سورىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا پۇل يىغىش ئۈچۈن بۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلىقىمنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇ كىشى ماڭا: "ئەركىن، ئەگەر ياخشىراق خىزمەت تاپالىساڭ، بۇ شىركەتتىن ھەر قانداق ۋاقىتتا چىقىپ كەتسەڭ بولىۋېرىدۇ. ھەرگىز بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى ئاياش ئويىدا بولما. مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا ساڭا ئوخشاش يوللارنى بېشىمدىن كەچۈرگەن. فىزىكىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ بولغاندا، مەن ھېچيەردىن خىزمەت تاپالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈمنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بارلىقىنى ھېچكىمگە دېمەي، مۇشۇ شىركەتكە قارا ئىشچى ئورنىدا كىردىم. 5 يىلدەك ئىشلىگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزۈمنى ئاشكارىلىدىم. مانا ئەمدى ئۆز ئىقتىدارىمنى ھەقىقىي جارىي قىلدۇرالايدىغان بولدۇم. شۇڭا سەن بۈگۈن بىر ياخشىراق خىزمەت تاپساڭ، ئەتىلا چىقىپ كەتسەڭمۇ، مەن ھەرگىز خاپا بولمايمەن". بۇ يول بىلەن يېتەرلىك پۇل يىغىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، مەن ئاخىرى مېنى قوبۇل قىلغان مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتر ۋە كومپيۇتىر ئىنژىنىرلىقى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرىغا تېلېفون قىلدىم. ئۇ كىشىگە ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقتا ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىمنى، شۇ سەۋەبتىن كالىفورنىيە شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر ئىلغار ئوقۇتقۇچى دېگەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى ئېيتىپ، مېنىڭ ئوقۇش پۇلۇمنى كۆتۈرۈۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ماڭا ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. ئۇ كىشى مېنىڭ بۇرۇنقى مەكتىپىمدىن يۇقىرىقى ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ باققاندىن كېيىن، ماڭا 25٪ خىزمەت بەردى. بۇ ھەپتىسىگە 10 سائەت ئىشلەيدىغان خىزمەت بولۇپ، ئامېرىكىدا پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇغۇچىلار ھەپتىسىگە 50٪ (يەنى 20 سائەت) ئىشلەشكە يول قويۇلىدۇ. ئامانگۈل بىلەن ئىككىمىز قانداق قىلىش توغرىسىدا بىر ھەپتە مەسلىھەتلەشتۇق. قايتا-قايتا پۇل سانىدۇق. نەچچە كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزدۇق. ماڭا ئۇ خىزمەتتىن كېلىدىغان مائاش 500 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ مەكتەپنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 13000 دوللار ئىدى. ئاخىرى ئۇ مەكتەپكە بېرىشنى قارار قىلىپ، يۈك-تاقلىرىمىزنى ھەر بىرىنى 700 دوللاردىن سېتىۋالغان 2 كىچىك ماشىنىغا قاچىلاپ، 500 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، شىمالىي كالىفورنىيەگە كۆچۈپ كەتتۇق. ئۇ مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن، ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى 50٪ گە كۆتۈرۈپ بەردى. قالغان كەم يەرلىرىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ئامانگۈل ھەر خىل جاپالىق خىزمەتلەرنى تېپىپ ئىشلىدى. ئۇ مەكتەپتە بىر يىل 3 مەۋسۇم بولۇپ، مەن 1-يىلى ئۆگىنىش ۋە ئوقۇتقۇچىلىق جەھەتتە خېلى كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولغاچقا، 2-يىلى فاكۇلتېتتىن مېنىڭ 3 مەۋسۇملۇق ئوقۇش پۇلۇمنىڭ ھەممىسىنى كۆتۈرۈۋەتتى. شۇ چاغدا بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغىمۇ ئېرىشەلمىگەن جۇڭگولۇق خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى فاكۇلتېت مۇدىرىنىڭ قېشىغا مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەرز قىلىپ بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، مېنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمدا ئايالىمنىڭ قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مەن ئالغان دوكتۇرلۇق ئۇنۋاننىڭ بىر قىسمى ئامانگۈلگە تەۋەدۇر.

بۇ جەھەتتە ھېكايىلىرىم ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھازىرچە مۇشۇ يەردە توختىتاي. مەن ئۆزۈم ئىشلەپ باققان ھەر بىر ئورۇندا، يۇقىرىدا تىزغان شەخسىي خاراكتىرىم بىلەن ناھايىتى يۇقىرى باھاغا ئېرىشىپ كەلدىم. مەسىلەن، ماڭا بېرىلگەن بىر قىسىم باھالار مۇنداق: -- مەن ھازىرغىچە ئۇچرىتىپ باققان ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى.

-- مەن ھازىرغىچە ئۇچرىتىپ باققان ئەڭ ئەقىللىق ئىلىم-پەنچى ("Scientist") نىڭ بىرسى.

-- مەن ھازىرغىچە ئۇچرىتىپ باققان ئەڭ ئالىيجاناب، ئەڭ ئىقتىدارلىق ئىنژىنىرنىڭ بىرسى.

-- ئىلمىي تەتقىقاتتا، ئىشلارنى داۋاملىق ئۆز نورمىسىدىن ئارتۇق قىلىدۇ.

-- ھەممە خىزمەتنى تەلەپتىن كۆپ يۇقىرى ئورۇنلايدۇ.

-- مەن ھازىرغىچە ئۇچرىتىپ باققان ئەڭ ياخشى پروفېسسورنىڭ بىرسى.

-- ئەگەر پروفېسسورلارنىڭ ھەممىسى ئەركىندەك بولسا، مەن ھازىرقىدىن يۇقىرى ئوقۇش پۇلى تۆلەشكە رازىمەن.

مەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، بىر يېرىم يىل ئامېرىكىنىڭ ساندىئا دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسىدا دوكتور ئاشتى ( Post doctor ) بىلەن شۇغۇللاندىم. شۇ جەرياندا Chwi laser دېگەن بىر شىركەتنىڭ Alex دېگەن مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن شىرىك ئىشلىگەن بولۇپ، Post doctor تاماملانغاندا، ئۇ مېنى ئۆز شىركىتىگە خىزمەتكە ئالدى. بۇ كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسى رۇسىيەدىن كەلگەن يەھۇدىيلاردىن بولۇپ، Alex نېۋيوركتا توغۇلۇپ ئۆسكەن، مىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكلاۋۇر، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بەركەلەي شۆبىسىدە دوكتورلۇق ئوقۇغان كىشى ئىدى. تۇغما ئەقىللىق بولۇپ، كەسىپتە ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ئىدى. لېكىن كىچىكىدىن تارتىپ ئائىلىسىدە خارلىق ئىچىدە چوڭ بولغان بولۇپ، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بىر ئاز ناچار ئىدى. دەسلەپتە مېنى تۈزۈكرەك كۆزگە ئىلمىدى. ھە دېسىلا ماڭا قوپال مۇئامىلە قىلدى. لېكىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، بىز ناھايىتى ياخشى چىقىشىپ كەتتۇق. بىر نەرسە ياساپ چىقىرىشتا، ئۇ كىشى بىر تېخنىكىنىڭ ئىشلەيدىغان-ئىشلىمەيدىغانلىقىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلەشكە ئىنتايىن قادىر ئىدى. مەن بولسام، ئۇنى لاھىيىلەپ، ئۇنىڭغا كېتىدىغان زاپچاسلارنى تېپىپ ئېلىپ، ئۇنى تەجرىبىخانىدا ياساپ چىقىشقا قادىر ئىدىم. كېيىنچە ئىككىمىز بىرلەشسەك، بۇ دۇنيادا بىز قىلالمايدىغان ئىش يوقتەك تۇيۇلىدىغان بولدى. مەن بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى، مېنىڭ بالىلىق ھاياتىمنى، ھەمدە مېنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان چەكسىز سۆيگۈ ھېسسىياتىمنى تولۇق بىلىپ كەتتى. ئۇ تېخى كەلگۈسىدە ۋاقتىمىز چىققاندا، ئىككىمىز بىرلىشىپ مېنىڭ ھاياتىمنى ئىنگلىزچە يېزىپ، كىتاب قىلىپ چىقىرىشنى تەكلىپ قىلدى. مەن پاراڭلار ئارىسىدا ئۇنىڭغا، "قارا، مەن كىچىكىمدە قوسۇغۇم تويغىچە تاماق يېيەلمەي، ئېرىق-ئۆستەڭنىڭ پاسكىنا سۇلىرىنى ئىچىپ چوڭ بولغان بولساممۇ، ھازىر سەندەك بىر ئەقىللىق يەھۇدىيدىن قېلىشمايمەن. ئەگەر مەن سەن ئۆسكەن شەرت-شارائىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن بولسام، سەندىن جىق ئەقىللىق بولاتتىم" دېسەم، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتاتتى. مەن ھەقىقەتەنمۇ ئېرىق-ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان ئىدىم. بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ئالدىدا بىر كىچىك ئېرىق بار بولۇپ، بىز سۇنى شۇ يەردىن ئەكىرىپ ئىچەتتۇق. بۇ ئېرىقنىڭ بەشى تارىم دەرياسى بولۇپ، بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ئالدىغا كەلگىچە قانچىلىك جايلاردا بۇ سۇنى ئات-ئۇلاقلار ئىچىدىغانلىقى، قانچىلىك يەرلەردە كىچىك بالىلار ئۇنىڭ بېشىدىكى ئۆستەڭگە سۇغا چۈشىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. مەن يېزىدا قايتا تەربىيە ئېلىۋاتقان مەزگىلدىمۇ، قىش كۈنلىرى بىر توڭلاپ قالغان ھور نېنىنى ئېلىپ، ئۆستەڭ بويىغا بىر چاشكا ئېلىپ بېرىپ، سۇنى شۇ ئۆستەڭدىن ئېلىپ، توڭلاپ قالغان ھور نېنىنى غاجىلاپ يەۋاتقاندا، ئۆستەڭنىڭ بېشىدا سۇغا كېچىپ تۇرۇپ سۇ ئىچىۋاتقان ماللارنى كۆرۈپ تۇراتتىم. يېزىدىكى تۇغقانلارنىڭ قېشىغا بارغاندا، ئېرىق بويلىرىغا ياساپ قويغان كىچىك كۆلچەكنىڭ سۈيىنى قول بىلەن ئىچكەندە، بەزىدە قولىمىزغا قۇمچاق (پاقىنىڭ بالىسى) چىقىپ قالاتتى. بىز قۇمچاقنى پۈۋلەپ چۈشۈرۈۋېتىپ، قولىمىزدىكى سۇنى ئىچەتتۇق. مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرەي دېگەندە ئاندىن ئاقسۇ شەھىرىدە قۇدۇق پەيدا بولغانىدى. كېيىنچە Alex مەندىن ناھايىتى تەسىرلىنىدىغان بولۇپ كەتتى. ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە مائاشىمنى ٪ 50ئۆستۈرۈپ بەردى. بىر كۈنى ئۇ مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، "ئەركىن، مەندە سەندەك كىشىلىك پرىنسىپى دېگەن بىر نەرسە يوق ئىكەن. مەن ساڭا ۋە ئۇيغۇرلارغا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن، بۈگۈندىن باشلاپ چوشقا گۆشى يېيىشنى توختىتىمەن"، دىدى. بۇ كىشى دىنغا ئىشەنمىگەچكە، بۇرۇن چوشقا گۆشىنىمۇ يەۋېرەتتى. بىزنىڭ دوستلۇقىمىز شۇنىڭدىن باشلاپ ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ كىشى ھازىر فلورىدا شىتاتىدا بولۇپ، ئۆزى بىر ئايرىم شىركەت قۇردى. ھەر قېتىم كالىفورنىيەگە كەلسە، چوقۇم بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ قونۇپ، مەن بىلەن پاراڭلىشىپ كېتىدۇ.

2000-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى Alex نى مەن تونۇشتۇرۇپ، بىزنىڭ Wawesplitter دېگەن شىركەتكە ئالدۇردۇم. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككىلىمىز شىركەتنىڭ ئىنژىنىرلىق بۆلۈمىدىكى باشقا-باشقا گۇرۇپپىلارغا باشلىق بولدۇق. ئۇ ئۆز خىزمىتىدىن باشقا، مەن قىلىۋاتقان پروجەكتنىڭ بىر قىسىم مېخاينىكلىرىنى لايىھىلەشكە ياردەملىشىدىغان بولدى. ئۇ مەن ئۈچۈن ئاجايىپ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ بەردى. بىر جىددىي ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن، 2-3 ھەپتە ھەر كۈنى 12 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلىدى. لېكىن، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىش ساھەسىدىكى ئىقتىسادىدا زور چېكىنىش يۈز بەردى. Alex بىزنىڭ شىركەتتە پەقەت 9 ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن، شىركەتتە بىر چوڭ خىزمەتتىن بوشىتىش بولۇپ، شۇ قېتىم ئۇنىمۇ ئىشتىن بوشىتىۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ گېرمانىيەنىڭ Lambda-Fizik دېگەن چوڭ لازېر شىركىتىنىڭ فلورىدادىكى تەتقىقات مەركىزىدىن ئىش تېپىپ، شۇ يەرگە كۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۇ شىركەتتىكى باشلىقى بىر ئۆزىدىن 15 ياش كىچىك گېرمانلىق بولۇپ، ئۇ گېرمانلىق Alex نى تازا بوزەك قىلىپتۇ. بىر كۈنى مەن Alex بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشسەم، ئۇ ماڭا: "ئەركىن، ئەينى ۋاقىتتا مەن ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسام، مېنىڭ باشلىقىم ھازىر ماڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ھەر كۈنى ئازابلىنىۋاتىمەن. لېكىن، ھەر قېتىم مەن ئۇنىڭ ئەسكى مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ، كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا، مەن سېنى ئويلايمەن. شۇنىڭ بىلەن ماڭا باشقىدىن كۈچ-قۇۋۋەت كىرىدۇ. ئەركىن قىلالىغاننى مەنمۇ قىلالايمەن"، دەپ ئۆزۈمگە ئىلھام بېرىۋاتىمەن. ھازىر سەن مېنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگەم بولۇپ قالدىڭ. باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىلا ئەمەس، يەنە باشقا نۇرغۇن ئىشلاردا مەن سېنى ئۈلگە قىلىپ تىرىشىۋاتىمەن. بۇ مېنىڭ چىن كۆڭلۈمدىن چىققان گەپ"، دېدى.

ئامېرىكىدا ھەر قېتىم بىر يېڭى خىزمەتكە كىرىشتە، سىز ئالدى بىلەن ئۇ شىركەتكە ئىلتىماس قىلىسىز. ئۇ شىركەت سىزنى بىر ئاز مۇۋاپىق كۆرسە، ئالدى بىلەن سىزنى شىركەتكە چاقىرتىپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانى بار كاندىداتلار بىلەن شىركەتنىڭ ھەممە باشلىقلىرى بىر-بىرلەپ كۆرۈشۈپ چىقىدۇ. بەزىدە سىزدىن ئىمتىھان ئالىدۇ. بەزىدە سىزنى بىر گۇرۇپپا ئادەمنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىڭىز توغرىسىدا دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ تۈگىگەندىن كېيىن، ئەگەر سىز ئۇلارغا يارىسىڭىز، ئۇلار سىزدىن 4 گۇۋاھچى ئادەم (ئىنگلىزچە "Professional References" دەپ ئاتىلىدۇ) نىڭ تىزىمىنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن تېلېفوندا بىر-بىرلەپ كۆرۈشۈپ، سىز توغرىلىق تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەھۋال ئىگىلەيدۇ. ھەمدە سىزنىڭ ئۇلارغا ئېيتقانلىرىڭىزنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلايدۇ. ھازىر مېنىڭ تىزىمىمدا مەن بىلەن بۇرۇن بىرگە ئىشلەپ باققان پروفېسسور، ئىنژىنىر ۋە شىركەتلەرنىڭ چوڭ باشلىقلىرىدىن، ماڭا گۇۋاھچى بولۇپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەردىن 20 گە يېقىن ئادەم بار. ئۆتكەن يىل جپل گە خىزمەتكە كىرگەندە، تۆۋەندىكى 4 ئادەم گۇۋاھچى بولۇپ بەردى:

1) ) مېنىڭ دوكتورلۇق ئۇستازىم، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكتر ۋە كومپيۇتېر ئىنژىنىرلىقى فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. ئۆزى ئافرىقىلىق ئاق تەنلىك بولۇپ، يېشى مەن بىلەن تەڭ، بالىلىرى مېنىڭكىدىن كىچىك. ئەمما، ئۇ كىشى ئۈزۈلدۈرمەي ئوقۇغان بولغاچقا، مەندىن 10 يىل بۇرۇن گەئورگىئا تېخنىكىلىق ئىنستىتۇتىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ، پروفېسسور بولغان. مەن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىمنىڭ پەقەت يېرىمى بىلەن دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى يېزىپ، 1995-يىلى 15 دىن ئارتۇق دوكتورلۇقنى ئالغانلار بىلەن رىقابەتلىشىپ، فاكۇلتېتنىڭ "ئەڭ ئالىي دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى" دېگەن مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، بۇ كىشىگە چوڭ شان-شەرەپ كەلتۈرگەن ئىدىم.

2) ) مەن يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ كەتكەن Alex..

3) ) مېنىڭ ساندىئا دۆلەت تەجرىبىخانىسىدىكى پوستدوكتورلۇق ئۇستازىم، ھازىر گە جىئورجىيا تېخنىكا ئىنستىتۇتى (Georgia institute of technology) فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى. ئۇ كىشى دوكتورلۇقنى ستانفوردتىن ئالغان بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى قىسقا ئوپتىكىلىق پۇلسنى ئۆلچەش جەھەتتە بىر يېڭى ئۇسۇلنى كەشپ قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان. ئامېرىكىدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارىدىغان بىر قانچە قاتلام ئورۇنلار بار. دۆلەت تەجرىبىخانىسى شۇلارنىڭ بىرى. 1995-يىلى مەن دوكتورلۇقنى تۈگەتكەندىن كېيىن، مېنى ساندىئا دۆلەت تەجرىبىخانىسى پوستدوكتورلۇققا قوبۇل قىلدى. لېكىن، مەن ئۇ چاغدا جۇڭگو گىراجدانى بولغاچقا، مېنىڭ بۇ تەجرىبىخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئىشلىشىمگە يول قويۇلمىدى (جۇڭگو گىراجدانلىرى بۇ تەجرىبىخانىدىن چەكلەنگەن ئىكەن). شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مېنىڭ مائاشىمنى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئارقىلىق بەردى. مەن شۇ ئالىي مەكتەپتە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىنى قىلدىم. مەن شۇ چاغدا لايىھىلىگەن ۋە CVI لازېر شىركىتىگە كىرگەندىن كېيىن ياساپ چىققان بىر لازېر سىستېمىسى ھازىر ئاسماننىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئوزۇن قەۋىتىنى يەر يۈزىدە تۇرۇپ كۆزىتىدىغان لىدار ئۈسكىنىسىگە ئىشلىتىۋاتىدۇ.

4) ) مەن Wawesplitter دېگەن شىركەتتە ئىشلىگەندىكى شىركەتنىڭ باش تېخنىكا ئوفىسورى (Chto)، ھازىر ئىنتىل شىركىتى (يەنى كومپيۇتېرنىڭ چپۇ سىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەت) نىڭ فوتونىك گۇرۇپپىسىنىڭ باش دىرىكتورى. ئۇ كىشى دوكتورلۇقنى مىت دىن ئېلىپ، بۇرۇن ئامېرىكىدا ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان، تېلېفوننى ئىجاد قىلغان بېل تەجرىبىخانىسىنىڭ بىر ئالىمى بولۇپ ئىشلىگەن. ھەمدە نۇرلۇق تالانىڭ دەسلەپتە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا خېلى چوڭ تۆھپە قوشقان ئىكەن. مەن ئۇ كىشى بىلەن 3 يىلدىن ئارتۇق بىرگە ئىشلىدىم.

مەن يېقىنداJPL نىڭ بىر 3 كۈنلۈك ئىنژىنېرلار كۇرسىغا قاتناشتىم. ئوقۇتقۇچى 1-سائەتلىك دەرسنىڭ بېشىدىلا، سىنىپتىكى 25 ئەتراپىدىكى ئىنژىنىر-مۇتەخەسسىسلەردىن ئۆزلىرىنىڭ قايسى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىكىنى سىنىپتىكىلەرگە ئېيتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. قارىسام بۇ سىنىپتا چەت ئەلدىن كەلگەنلەردىن پەقەت مەنلا ئىكەنمەن. مەن ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ يەر شارىنىڭ قەيەرىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ماڭا باشقىلاردىن 4-5 جۈملە سۆزنى ئارتۇق قىلىشقا توغرا كەلدى. لېكىن، مەن ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ سۆزلىدىم. مەن CVI لازېر شىركىتىدە ئىشلەۋاتقاندا، بىر قېتىم گېزىتكە ئېلان چىقىرىپ، ئىلتىماس قىلغۇچى 80 كىشىنىڭ ئىچىدىن 3 نى تاللاپ بىزنىڭ شىركەتكە خىزمەتكە ئالدىم. ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى يۇقىرى دەرىجىلىك بوشلۇق چەمبەرىدە لازېر زاپچاسلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش ئىدى. بۇنى ئىشلەيدىغان ماشىنىنى باشقۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، 2 قول بىلەن كۆزنى تەڭ ئىشقا سالمىسا، يۈكسەك دەرىجىدە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرمىسە بولمايتتى. ئەگەر بىرەر خاتالىق بولۇپ قالسا، 10 مىڭ دوللارغىچە بولغان زاپچاس بۇزۇلۇپ كېتەتتى. ئۇلارغا سائىتىگە 17 دوللار ئەتراپىدا مائاش بېرىلەتتى. ھەممىسى ئالىي مەكتەپتە باكلاۋۇر ئۇنۋانى ئالغانلار بولۇپ، ئىككىسى ھىندىستانلىق، قالغان بىرسى ۋىئېتناملىق ئىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇلارغا 2 ھەپتە بۇ ماشىنىنى باشقۇرۇشنى ئۆگەتكەن بولساممۇ، ئۇلاردىن ئىككىسى زادىلا ئۆگىنەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن 2 ھەپتىدىن كېيىن ئۇ ئىككىسىنى ئىشتىن بوشىتىشقا مەجبۇرىي بولدۇم. ئەتىسى ئىشتىن بوشىتىدىغان كېچىسى ئاساسەن ئۇخلىمىدىم. بۇرۇنقى سەرگۈزەشتلىرىم كۆز ئالدىمغا كېلىپ، ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىپ، ئىنتايىن ئازابلاندىم. ئۇلارنىڭمۇ ئائىلىسى، بالىلىرى بار ئەمەسمۇ؟ ئۇلارمۇ جان باقمىسا بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنى ئىشخانامغا بىردىن-بىردىن چاقىرىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشتىن چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتىش، مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ مۈشكۈل ئىشلارنىڭ يەنە بىرى بولدى.

دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، ئەنئەنىسى، قىلىق-مىجەزلىرى قاتارلىقلار بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ئەگەر بىر ئادەمدە مەن يۇقىرىدا تىزغان كىشىلىك خاراكتېر بولسا، ھەمدە ھەممە جايدا، ھەممە ۋاقىتتا ئۆزىگە تەلەپنى يۇقىرى قويسا، ئۇ ئادەم بۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق مىللەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ باشقا مىللەتلەر ئالدىدىكى ۋە خەلقئارادىكى ئوبرازى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىپادىسى، جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر سىز خۇسۇسى ئەخلاق-پەزىلەت ۋە خىزمەت ئىقتىدارى جەھەتتە باشقىلار بىلەن ھېچ بولمىغاندا تەڭلىشەلمىسىڭىز، بۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئارىسىغا بېرىڭ، سىز يەنىلا خارلىنىسىز. نەزەرگە ئېلىنمايسىز. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل-چاقچاقلىرى بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مەدىنىيەتلەرنىڭ بىرى. بىز ئۇنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدىشىمىز، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىشىمىز كېرەك. لېكىن، بىزنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەھۋالىمىز ئىسپاتلاپ تۇرغىنىدەك، بىز ئۆزىمىزنىڭ ناخشا-ئۇسۇل-چاقچاقلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەت ئالدىدىكى ۋە دۇنيادىكى ياخشى ئوبرازىنى تىكلىيەلمەيمىز. بۇ دۇنيا ئۇنداق ماڭمايدۇ. مەن ھازىرغىچە بىر يەھۇدىينىڭ ناخشا ئېيتقىنىنى ياكى ئۇسسۇل ئوينىغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. رېئاللىقتىمۇ، كىنودىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم. يەھۇدىيلار، گېرمانلىقلار، ۋە ياپونلۇقلار ئانچە كۈلمەيدۇ. چاقچاقنىمۇ ئانچە بىلمەيدۇ. لېكىن، مەلۇم مەنادىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلار ھازىر دۇنيانى سوراۋاتىدۇ. دۇنيادىكى مىللەتلەر پۇرسەت ئالدىدا باراۋەر ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ شۇنداق. بۇ جەھەتتە بىز كۈنلەپ، يىللاپ شىكايەت قىلساقمۇ بىز يوللۇق بولۇشىمىز مۇمكىن. لېكىن، ئۇنىڭ پايدىسى نېمە؟ ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە پايدىسى بارمۇ؟ ئەگەر پايدىسى بولمىسا، بىز ئۆزىمىزدىن سوراپ باقمىساق بولمايدۇ: مەن ئۆزۈمنى كەمسىتىدىغان باشقا مىللەتتىن بولغان خىزمەتدىشىم بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە تىرىشىۋاتىمەنمۇ؟ مەن ھە دېسىلا ئۇ يەر بۇ يەرلەردە ئولتۇرۇش ئويناپ يۈرگەندە، باشقا مىللەتتىن بولغان خىزمەتداشلىرىم نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئوبرازىنى ئۆزىگە لايىق تەرىقىدە تىكلىشىنىڭ بىردىن-بىر يولى، ھەر خىل سۈپەت ۋە ئىقتىدار جەھەتتە ھېچ بولمىغاندا باشقىلار بىلەن تەڭلىشىش، ئەڭ ياخشىسى باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈش.

بىزگە ھازىرچە ئۇنىڭدىن باشقا يول يوق.‏