ئەقىللىق كېلىشىم

ئورنى Wikipedia

ئەقىللىق كېلىشىم (باشقا نامى: ئەقىللىق توختام، ئەقىللىق ئاڭلاشما، ئەقىللىق شەرتنامە؛ ئېنگلىزچە: Smart contract) بىر خىل قانۇنلۇق كۈچكە ئىگە بولغان، ئالدىنئالا قوشۇلغان كېلىشم ياكى توختامنىڭ ماددىلىرىغان ئاساسەن ئاپتوماتىك ھالدا ئىجىرا قىلىندىغان كومپيوتېر پىروگراممىسى ياكى ئېلىكترونلۇق ئېلىم-بېرىم نىزامى. ئەقىللىق كېلىشمنىڭ ئەڭ چوڭ مۇددىئاسى ئېلىم بېرىم قىلدىغان شەخسلەر ئارىسدىكى ئۈچىنچى شەخىس ياكى ۋاستىچىنى ئىشلەتمەسلىك ياكى چىقىرىپ تاشلاش، ھەم شۇنداقلا قەستەن ئېلىپ بېرىلغان يامان نىيەتلىك بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئەقىللىق كېلىشمنى تۇنجى بولۇپ ئەسەرۇم بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇڭلاشقا ئەقىللىق كېلىش كۆپىنچە ھالدا شىفىرلىق پۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەمدە بۈلەكچە زەنجىرى تېخنىكىسى قوللىنىلدۇ. ئەقىللىق كېلىشىم ھازىر مەركەزسىزلەشتۈرۈلگەن پۇل-مۇئامىلە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى شۇنداقلا ئەڭ ئاددى بولغان ئەقىللىق كېلىشم دەل ئاپتوماتىك ئىچىملىك سېتىش ماشىنىسىدۇر. سىز ماشنىغا پۇلنى سالسىز، ئەگەر پۇلىڭىز ئىچىملىكنىڭ باھاسىغان يەتكەن بولسا ئىچملىك ماشنىسى سىز تاللىغان ئىچىملىكنى چىقىرىپ بېرىدۇ ھەمدە ئاشقان پۇلىڭىزنى ياندۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ دەل بىر خىل ئەقىللىق كېلىشىمدۇر. سىز ۋە ساتقۇچى ئارىسىدىكى كېلىشىم ئىچىملىك سېتىش ماشنىسىغان كىرگۈزىۋېتىلگەن بولىدۇ ھەمدە شۇ بويىنچە ئىجىرا قىلىندۇ. ئەگەردە كىم ئۇنىڭغان بويسۇنمىسا، ئىچىملىكنى ئالامايدۇ.


سۇغۇرتا ساھەسىدىكى ئەقىللىق كېلىشىم ئىجىرا خەرىتىسى.