بۈلەكچە زەنجىرى

ئورنى Wikipedia
بۈلەكچە زەنجىرى ئىش مەشخۇلاتى گىراپى

بۈلەكچە زەنجىرى 2008-يىلى بارلىققا كەلگەن، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئىشەنچلىك تەقسىملەنمە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بولۇپ، تەقسىملىمە ۋە ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ تۆۋەن قاتلىمى ئاساسلىقى ئالتە چوڭ يادرولۇق تېخنىكا : ئورتاق تونۇش مېخانىزمى، سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش، شىفىرلاشتۇرۇشنى ھېسابلاش ئۇسۇلى، P2P تور كېلىشىمى، يان زەنجىر تېخنىكىسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدار توختامىدىن ئىبارەت.

بىر تەرەپتىن، بۆلەكچە زەنجىرى بىر خىل نۇقتىدىن نۇقتىغا تەقسىملەنمە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ھېسابات دەپتىرى بولۇپ، بۇ ھېسابات دەپتىرى نۇرغۇن « بۈلەكچىلەردىن» بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە تەركىب تاپىدۇ، بارلىق بۆلەكلىرىدە ھېچقانداق ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ، پەقەت سانلىق مەلۇمات قوشۇش، پۈتۈنلەي يېڭى بۆلەكلىرىدە ساقلاشقا بولىدۇ. بۇ يېڭى بۈلەكچەنىڭ لاياقەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بارلىق نۇقتىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، باھالاش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.

يۇقىرىدىكى تېخنىكا ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن، بۈلەكچە زەنجىرى ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاشكارا بولۇش، بىخەتەرلىك قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.

قوللۇنۇشى[تەھرىرلەش]

بۈلەكچە زەنجىرى يەر شەكلى

نۆۋەتتە، بۈلەكچە زەنجىرى كەسپى ئۇل ئەسلىھە، كەسىپتە قوللىنىش ۋە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسىپ ئېكولوگىيەسىنىڭ دەسلەپكى شەكلىنى شەكىللەندۈردى، بۇ ئاساسلىقى پۇل مۇئامىلە بۈلەكچە زەنجىرى ۋە كەسىپ بۈلەكچە زەنجىرىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.

پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە قوللىنىش ئاكسىيە سودىسى، تەمىنلەش زەنجىرى پۇل مۇئامىلىسى، چىقىم، پۇل مۇئامىلە تۇغۇندى بۇيۇمى، كېپىللىك ئىناۋەت گۇۋاھلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كەسىپ بۈلەكچە زەنجىرى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، ئەشيا ئوبوروتى مەنبەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئىقتىساد، ئەدلىيە، داۋالاش، مائارىپ ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دۇنيا سودا ئەشيا ئوبوروتىنى مىسالغا ئالساق، ئېكسپورتچى، ئىمپورت سودىگىرى، مال تاپشۇرۇۋالغۇچى، ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەر، ترانسپورت سودىگىرى، نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورگان قاتارلىق كۆپ خىل سۇبيېكتلاردىن تەركىب تاپقان، سۇبيېكتلار يۈكسەك دەرىجىدە ئايرىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئالاقىلىشىش تەننەرخى يۇقىرى، ئۈنۈمى تۆۋەن.

مارسىكېنىڭ بىر تۈرلۈك تىرانسپورت مىسالىنى مىسالغا ئالساق، 2014 - يىلى، مارسىكى ئافرىقىنىڭ كېنىيەدىن ماي ۋە ئەتىرگۈلنى ياۋروپا، گوللاندىيەگە توشۇغان، بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلغان دۆلەت ھالقىغان تىرانسپورت 30 ئاساسىي گەۋدە 200 قېتىمدىن ئارتۇق ئالاقە ئورناتقان. ھەر بىر ئاساسىي گەۋدىنىڭ ھەر قېتىم ئۆزئارا ھۆججەت ئالماشتۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ، ئومۇمىي جەرياننى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىمزا قويغان ھۆججەتنىڭ قېلىنلىقى 25 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ.

بۈلەكچە زەنجىر چۈشەندۈرلۈشى

IBM نىڭ بۆلەكلەر بويىچە زەنجىرسىمان ئېچىۋېتىلگەن ئەشيا ئوبوروت سۇپىسى يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلدى : IBM سۇپىسى ھەرقايسى ئىشتىراك قىلغۇچى سۇبيېكتلارغا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئەشيا ئوبوروتىغا ئالاقىدار ھەر قانداق تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ رەقەملىك ئىمزا قويۇش ۋە ئىسپات ( Token ) ئارقىلىق پۈتۈن تور بويىچە دەلىللەپ، بارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلېكترونلاشتۇرۇپ ھەر ۋاقىت ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ چىقىمىنى ئۈنۈملۈك ئازايتتى.

IBM بىلەن ماسكى ھەمكارلىشىپ روتتېردام پورتىدىن يېڭى جېرسېي نېۋارك پورتىغىچە بولغان توشۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا جەمئىي ئىككى ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ قېتىمقى ھەمكارلىقتا، مارسىكى %40 تىن ئارتۇق ۋاقىتنى تېجەپ، تەننەرخنى %20 تۆۋەنلەتتى.

پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە، بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلىتىلىشى رەقەملىك پۇل. بىت تەڭگىنى مىسالغا ئالساق، ئۇ مەركەزلىشىش، ئومۇمىي مىقدارى چەكلىك بولۇش، سودا بىخەتەرلىكى، ئۇچۇر ئاشكارىلاش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. لېكىن ئۇ نۆۋەتتىكى دۆلەت كىرېدىتىنى ئاساس قىلغان دۇنيا پۇل تارقىتىش مېخانىزمىغا جەڭ ئېلان قىلغاچقا، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تەدرىجىي چىڭىتتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەر شارىدا 2 مىليارد 400 مىليون ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئاساسىغا ئىگە Facebook مەۋھۇم شىفىرلاشتۇرۇلغان پۇل Libra نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، Visa، Mastercard، Uber قاتارلىق چوڭ ئاپپاراتلار بۇنىڭغا قاتناشتى. Libra بىر قاتار پۇلنىڭ ئامانەت پۇلى ياكى ھۆكۈمەت زايومى بىلەن باغلىنىدۇ. Libra يەر شارى خاراكتېرلىك رەقەملىك ئىپتىدائىي پۇل بولۇپ، مۇقىم، تۆۋەن پۇل پاخاللىقى، يەر شارى بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنىدىغان ۋە ئۆزئارا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان بىر گەۋدە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئاساسلىق چىقىم قىلىش ۋە چېگرا ھالقىغان پۇل پېرېۋوت قىلىشنى يولغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

نۆۋەتتە، دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ بانكىلار، مەبلەغ باشقۇرۇش شىركەتلىرى، مەسلىھەت بېرىش شىركەتلىرى، IT شىركەتلىرى، مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۆلەكلەر بويىچە زەنجىر تېخنىكىسىنى پائال ئورۇنلاشتۇرماقتا.

شىفىرلىق پۇل ياكى رەقەملىك پۇل[تەھرىرلەش]

2018-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، «پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى» ئاساسىي تېما قىلىنغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تۇنجى قېتىم : «DC/EP» ( DC، digital currency، رەقەملىك پۇل؛ EP، electronic payment، ئېلېكترونلۇق چىقىم ) دەپ بەلگىلەنگەن. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى يى گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇل تەتقىقاتىدا پائال ئىلگىرىلەش بولدى، ئېلېكترونلۇق چىقىم بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەركىزىي بانكا رەقەملىك پۇل تەتقىقات ئورنى رەقەملىك پۇلغا چېتىلىدىغان 74 تۈرلۈك پاتېنتنى ئىلتىماس قىلغان.

كۆپ ئۇچىرايدىغان شۇنداقلا ئەڭ چوڭ بىر قانچە شىفىرلىق پۇل لوگوللىرى

ھازىر خۇسۇسىيلار تاقاتقان بۈلكەچە زەنجىرى تېخنىكىسنى قوللانغان شىفىىرلق پۇللاردىن بىت تەڭگىسى، ئەسەرۇم، لىت تەڭگىسى قاتارلىق 4000 خىلدىن ئارتۇق مەۋھەم پۇل مەۋجۇت.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. تور دۇنياسى
  2. ئۇزدىل تورى