ئەلى ئىمىن نىياز

ئورنى Wikipedia

ئەلى ئىمىن نىياز: 1974-يىلى ھەربىيلىككە قاتناشقان، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيە 16-ئاۋىئاتسىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1986-يىلى 11-ئايدا ھەربىيدىن كەسپ ئالماشتۇرۇپ شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيەسى شىركىتىگە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيەسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئۇچقۇچى بولغان. ئىلگىرى مەملىكەتلىك خەلق ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق ئاۋىئاتسىيەسى ياشلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى نەمۇنىلىك شەخس، ئاپتونوم رايون بويىچە كەسپ ئالماشتۇرغان مۇنەۋۋەر ھەربىي، ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن، 2016-يىلى 3-ئايدا پېنسىيەگە چىققان.

ھاياتى(ئۆز ئاغىزى بىلەن)[تەھرىرلەش]

1974-يىلى 18 ياشقا كىرىپ، بەختكە يارىشا ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىشتىن سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ، ھاۋا ئارمىيە 16-ئاۋىئاتسىيە مەكتىپىگە كىرىپ «يۈن-5» ئايروپىلانىنى ھەيدەش تېخنىكىسىنى ئۆگەندىم. نەتىجەم ئەلا بولغاچقا، 1976-يىلى تەشكىلنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن شەرەپ بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىردىم، 1979-يىلى ئايروپىلان باشلىقى بولدۇم. قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، قىسىمنىڭ دۆلەت مۇداپىئە پەن-تەتقىقات ۋەزىپىسىگە قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم قىسىمنىڭ مۇكاپاتلىشىغا ئېرىشتىم، ئۈچىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتىم.

1986-يىلى، ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ كەسىپ ئالمىشىپ شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيەسىدىكى تۇنجى تۈركۈم ئۇيغۇر ئۇچقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدىم. شۇ چاغدا كەسىپ ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتتا رەھبەرلىك مەن بىلەن پاراڭلىشىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي دېگەندەك چوڭ شەھەرلەردىكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. لېكىن شۇ چاغدا مەن قىلچىمۇ ئىككىلەنمەستىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىشنى تاللىدىم. مەن دېگەن شىنجاڭدىكى يېزىلىق بالا، ۋەتەن مېنى تاللاپ، ماڭا بۇ شەرەپلىك كەسىپنى بەرگەچكە، مەن ئاندىن بۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم، ئەمدى يۇرتۇمغا تۆھپە قوشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم دەپ ئويلىدىم. يەنە بىر تەرەپتىن مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، باشلامچى بولۇپ، ئەڭ جاپالىق يەرگە بېرىپ، ئەڭ جاپالىق ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشىم كېرەك.

خەلق ئاۋىئاتسىيەسىدە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ھەممىنى نۆلدىن باشلىدىم، يېزا-ئىگىلىك ئۇچقۇسىدىن باشلاپ، بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن ئىلگىرىلەپ، TU154 ۋە بوئىن 747 ئايروپىلانىنىڭ ئايروپىلان باشلىقى، ئايروپىلان باشلىقى يېتەكچىسى بولدۇم. ئىلگىرى-كېيىن نۇرغۇن تىپتىكى ئايروپىلانلارنى ھەيدىگەندىن سىرت، خىزمەت مەزگىلىدە يەنە ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگىنىپ، شىنجاڭدىن، دۆلەتتىن ئۇچۇپ چىقتىم. بىر پىشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئايروپىلان باشلىقى، يېتەكچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خەلق ئاۋىئاتسىيەسىدىكى خىزمەت ئورنۇمدا 33 يىل ئۇچتۇم، جەمئىي بىخەتەر ئۇچقان ۋاقتىم 17000 سائەتتىن ئاشتى، ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بويىچە «كەسىپ ئالماشتۇرغان مۇنەۋۋەر ھەربىي» شەرىپى، مەملىكەتلىك خەلق ئاۋىئاتسىيەسىدىكى «مۇنەۋۋەر ياش» شەرىپى، مەملىكەتلىك خەلق ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ئۇچۇش ئالتۇن مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتىم.

مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى 2004-يىلىدىكى ئۇچۇش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتى تۇراقسىز ئىدى، ئافغانىستانغا بېرىپ جۇڭگولۇق ئىشچىلارنى ۋەتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالدىم، شۇ چاغدا ئافغانىستاننىڭ كابۇل ئايرودۇرۇمىدا پەقەت بىرلا توپا ئۇچۇش يولى، بىرلا يول باشلاش سۇپىسى بار بولۇپ، يول باشلىغۇچى يوق ئىدى. بىزمۇ بۇ ئايرودۇرۇمغا ئەزەلدىن كېلىپ باقمىغان، يەنە كېلىپ شۇ يەردە ۋەزىيەت جىددىي بولغاچقا، ئۇچۇش قىيىنچىلىقى ئىنتايىن زور ئىدى. ۋەزىپىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئويلاپ سەل قورقتۇم، لېكىن ھەربىي سەپتە ئون نەچچە يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن ھەربىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ بۇيرۇقنى قوبۇل قىلدىم. كۆڭلۈمدە ۋەتىنىم ۋە شىركەت بۇنداق مۈشكۈل ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرغان ئىكەن، چوقۇم ئايروپىلاننى بىخەتەر ئۇچۇرۇپ كېلىمەن دەپ ئويلىدىم.

بىز يېقىندىلا جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدۇق، جۇڭخۇا خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدۇق. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى دۆلەت تەربىيەلىگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ئۇچقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 40 يىلدىن ئارتۇق بىخەتەر ئۇچۇپ، شىنجاڭدىكى بوئىن 757 ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇشىدىن باشلاپ تاكى چېكىنىشىگە گۇۋاھ بولدۇم، ئۇلۇغ پارتىيەمىزنىڭ ماڭا پولات قانات بەرگەنلىكىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن،

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئۈندىدار