جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى

ئورنى Wikipedia

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى

中国人民解放军

ئارمىيە گېربى

2007 شەپكە ئىزنىكى

ئارمىيە بايراغى

ئۇچۇرلار
قۇرۇلىشى 1927- يىلى 1- ئاۋغۇست
تارماقلىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە

دېڭىز ئارمىيە

ھاۋا ئارمىيە

راكېتا ئارمىيىسى

ئىستراتىگىيىلىك يار. ئەترىتى

باش شىتاب مەركىزى ھەربىي كومىتېت (بىر ئورگان ئىككى ئۇنۋان: ج ك پ مر.ھر.كوم، ج خ ج مر.ھر. كوم)
رەھبەرىيەت
ھەربىيكوم رەھبەرلىرى شى جىنپىڭ (مەركىزى ھەربىيكومنىڭ رەئىسى)

فەن چاڭلوڭ گېنېرال (مۇئاۋىن رەئىسى) شۈ چىلىياڭ ھاۋا ئارمىيە گېنېرالى، مۇئاۋىن رەئىسى)

مۇداپىئە مىنس. چاڭ ۋەنچۈەن گېنېرال
باش شىتاب باشلىقى فاڭ فېڭخۇي گېنېرال
ھەربىي چىقىم
تەخمىنەن 954.354 مىلىيارد يۈەن (2نچى)
ئ.ئ.ئۇ.ق. نىسبىتى 2% (2014)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى رەئىسىنىڭ قوماندانلىقىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچى، ئۇ، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خەلق ئارمىيەسى.  ئۇ 1927-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنى نەنچاڭ قوزغىلىڭىدا مەيدانغا كەلگەن.

ئۆتمۈش[تەھرىرلەش]

1927-يىلى 9-ئايدا ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق يولداشلار خۇنەن، جياڭشى چېگرا رايونىدىكى دېھقانلار ۋە ئىشچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، كۈزلۈك ھوسۇل قوزغىلىڭىنى قوزغاپ، تۇنجى ئىشچى-دېھقان ئىنقىلابىي ئارمىيەسىنى قۇرۇپ، يېزا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. باشقا جايلاردىكى قوزغىلاڭلاردىمۇ ئىشچى-دېھقان قوراللىق كۈچلىرى تەشكىللەندى. 1928-يىلى 4-ئايدا نەنچاڭ قوزغىلىڭىدا ساقلاپ قېلىنغان قوشۇنلار بىلەن شياڭنەن قوزغىلىڭىغا قاتناشقان دېھقانلار قوشۇنى جۇ دې، چېن يى قاتارلىق يولداشلارنىڭ باشچىلىقىدا جىڭگاڭشەنگە كەلدى، مانا بۇ مەشھۇر «جىڭگاڭشەندىكى ئۇچرىشىش» تۇر. قوزغىلاڭچى قوشۇن بىرلىككە كېلىپ، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيەسىنىڭ 4-ئارمىيەسى بولۇپ تەشكىللەندى. جايلاردىكى قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ نامى 1928-يىلى 5-ئايدىن كېيىن جۇڭگو ئىشچى-دېھقان قىزىل ئارمىيەسىگە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن 8-ئارمىيە ۋە يېڭى 4-ئارمىيەگە، ئازادلىق ئۇرۇشىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە ئۆزگەرتىلگەن.

ۋەزىپىسى[تەھرىرلەش]

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جەڭ قىلغۇچى ئەترەت، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى ۋە خىزمەت ئەترىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي دېموكراتىيىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دېموكراتىيىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوفىتسېرلار بىلەن ئەسكەرلەر بىردەك بولۇش، ھەربىيلەر بىلەن خەلق بىردەك بولۇش ۋە دۈشمەننى يىمىرىپ تاشلاشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ پرىنسىپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئىنتىزام، سەككىز دىققەتكە بويسۇنۇپ، جانلىق، ھەرىكەتچان بولۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە تاكتىكىسىدىن پايدىلىنىپ باتۇرلۇق بىلەن قەھرىمانلىق كۆرسىتىش، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئاددىي-ساددا ياشاشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، تاشقى كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىخەتەرلىكىنى، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ۋەزىپىلىرىنى زىممىسىگە ئالماقتا.

ئارمىيە تۈرى[تەھرىرلەش]

ھازىر، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئارمىيەدىن تەشكىللەنگەن، كۆپ قىسىم تۈردىن تەركىب تاپقان.

قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى[تەھرىرلەش]

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى(11)قۇرۇقلۇق ئارمىيە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان ئارمىيە تۈرى. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مۇستەقىل جەڭ قىلىپلا قالماي، بەلكى دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ جەڭ قىلالايدۇ، ئۇ ھەرقانداق ئەھۋالدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

دېڭىز ئارمىيىسى[تەھرىرلەش]

دېڭىز ئارمىيەسى(13) ئېلىمىزنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى سۇ ئاستى كېمىلىرى قىسمى، سۇ ئۈستى كېمە-قېيىق قىسمى، دېڭىز ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسمى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قىرغاق مۇداپىئە قىسمى قاتارلىق قىسىم تۈرلىرىدىن تەركىب تاپقان. سۇ ئۈستى، سۇ ئاستى ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان دېڭىز ئارمىيەسى دېڭىزدا مۇستەقىل جەڭ قىلىپلا قالماي، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ جەڭ قىلالايدۇ.

ھاۋا ئارمىيىسى[تەھرىرلەش]

ھاۋا ئارمىيەسى(9)ھاۋا ئارمىيىسى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدىكى دۆلەت زېمىنىنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىگە كاپالەتلىك قىلىش، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ جەڭ ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئارمىيە تۈرى. 1949-يىل11-ئاينىڭ11-كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ئارمىيە رەھبەرلىك ئورگىنى قۇرۇلدى. ئۇ ئاۋىئاتسىيە قىسىملىرى، زېنىت توپچىلار، يەر-ئاسمان باشقۇرۇلغۇچى سىنارەد قىسىملىرى، رادار قىسىم، ئالاقىچى قاتارلىق قىسىم تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەربىي مارشى[تەھرىرلەش]

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مارشى ئەسلىدىكى «8-ئارمىيە مارشى» ئىدى. ئۇ 1939-يىلى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، مۇزىكىسى جېڭ لۈچېڭنىڭ، تېكىستى گۇڭ مۇنىڭ. 1953-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتى باش شتابى تارقاتقان سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان « جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى ئىشلار ئۇستاپى (دەسلەپكى لايىھەسى)»، «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى مارشى» غا «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي مارشى» غا ئۆزگەرتىلدى. 1965-يىلدىكى نامى «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى مارشى». ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى مارشى» غا ئۆزگەرتىلگەن، 1988-يىلى7-ئايدا «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مارشى» دەپ بېكىتىلگەن.