ئەل مۇستەنسىر

ئورنى Wikipedia

ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مۇستەنسىر بىللاھ ئەلئابباسى (ئەرەبچە:أبو جعفر المسنتصر بالله المنصور بن محمد الظاهر) (مىلادىيە 1226-يىلىدىن 1242-يىلىغىچە سەلتەنەت سۈرگەن) ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت-مائارىپقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلىپىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 17 يىل ئىچىدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن،

باغدادتىكى مۇستەنسىرىييە مەدرىسەسى ئۇنىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىدە مىلادىيە 1227-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، قۇرۇلۇشقا جەمئىي 700 مىڭ دىنار سەرپ قىلىنغان،

مىلادىيە 1233-يىلى 4-ئايدا مەزكۇر مەدرىسەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن، مۇراسىمغا مىڭدىن ئارتۇق قوي سويۇلۇپ، ھەرخىل يېمەكلىكلەر ۋە مېۋە-چېۋىلەر تىزىلىپ ناھايىتى چوڭ زىياپەت سورۇنى ھازىرلانغان.