ئەندىر قەدىمىي شەھىرى خارابىسى

ئورنى Wikipedia

ئەندىر قەدىمىي شەھىرى خارابىسى نىيە ناھىيەسىنىڭ ئەندىر چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 27 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇقتا بولۇپ، خارابىلىكتىكى بۇددا مۇنارى ۋە ئىبادەتخانىدىن ساپال بۇيۇملار ۋە ئەينەك پارچىلىرى تېپىلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئەندىر قەدىمىي شەھىرى خارابىسى
قاراشلىق رايون شىنجاڭ نىيە ناھىيىسى
خەنزۇچە نامى 安迪尔古城遗址
جۇغراپىيەلىك ئورنى نىيە ناھىيەسىنىڭ ئەندىر چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئەندىر قەدىمىي شەھىرى خارابىسى نىيە ناھىيەسىنىڭ ئەندىر چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 27 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇقتا بولۇپ، خارابىلىكتىكى بۇددا مۇنارى ۋە ئىبادەتخانىدىن ساپال بۇيۇملار ۋە ئەينەك پارچىلىرى تېپىلغان.

20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەشھۇر ئېكسپېدىتسىيەچى ستەين بۇ خارابىلىكتىن نۇرغۇن تۈبۈتچە، براھمانچە ۋە خەنزۇچە ۋەسىقە (ھۆججەت) ھەم بىر تۈركۈم نەپىس مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېلىپ كەتكەن. ئەندىر قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدە ھازىر ھالقىسىمان شەكىلدىكى شەھەر ئورنى، بۇددا ئىبادەتخانىسى، بۇددا مۇنارى، قەبرىستانلىق بار، ئەندىر دەرياسى ئېقىنىنىڭ سۈيىنىڭ ئازلاپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ئەندىر قەدىمىي شەھىرى تەدرىجىي تاشلىنىپ قالغان.

بۇ خارابىلىكتە يەنە بىر بۇددا مۇنارىنىڭ قالدۇقى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئېگىزلىكى يەتتە مېتىر، چاسا شەكىلدە ئۈچ قەۋەتلىك، مۇنار گەۋدىسى يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكىلدە بولۇپ، خام كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان. بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى 2001 – يىلى گوۋۇيۈەن 5 – تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن دەپ ئەنگە ئالغان

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى http://wiki.izda.com/?a=show&id=7732