ئەھمەد داۋۇد ئوغلۇ

ئورنى Wikipedia

Profesör Dr. Ahmet Davutoğlu تۈركچىە ئىسمى.

ھۆججەت:Ahmet davutoglu.jpg

ئەھمەد داۋۇدئوغلۇئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى مەزگىلىدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ سىرتىدىن تەيىنلەنگەن تۇنجى مىنىستىر بولغان .

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى.

ئەخمەت داۋۇتئوغلى كىم؟ 1959-يىلى كونيانىڭ تاشكەنت ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.

بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىساد ۋە سىياسەت كەسپىدە ئوقۇدى، شۇ مەكتەپنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت(kamu yönetimi) كەسپىدە ماگىستىرلىق، سىياسەت ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇدى.

1990-يىلىدىن 1995-يىلغىچە چەتئەلدە خىزمەت قىلدى. كىيىن تۈركىيىگە قايتىپ كېلىپ مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيكەنت ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ماقالە ۋە كىتاپ يازدى. يازغان ماقالىلىرى دۆلەت رەھبەرلىرنىڭ دىققىتىنى چەكتى. 2002-يىلى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنى ھازىرقى رەئىس جۇمھۇر ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى رەئىس جۇمھۇر ئەخمەت نەجدەت سەزەر ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى، ھەمدە ئوتتۇرا شەرقىتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە ئەۋەتتى، بۇ جەرياندا پەلەستىن-ئىسرائىل تۇقۇنىشى، ئىراق ئۇرۇشى يۈز بەردى، داۋۇتئوغلى بىرىلگەن ۋەزىپىلەرنى نەتىجىلىك تاماملىدى، كىيىن باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپى بىلەن باش مىنىستىرنىڭ مەسلىھەتچىسى بولىدى. 2009-يىلدىكى يەرلىك سايلامدىن ھۆكۈمەت كابىنەدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى، نەتىجىدە ئەخمەت داۋۇتئوغلىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىدى. داۋۇتئوغلى مىللەت ۋەكىلى بولمىغاچقا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسدە قەسەم قىلىپ بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالدى، مىنىستىر بولغان ئىككى يىل نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. .

ئەخمەت داۋۇتئوغلىنىڭ باشقا ئەسەرلىرى:


ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ 1959- يىلى 26- فېۋرالدا تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتى تاشكەنت رايونىدا قول ھۇنەرۋەنچىلىك ۋە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئاتىسى مەھمەت ئەپەندى بىلەن ئانىسى مەمنۇنە خانىم ئۇنى مەھەللىسىدىكى ھاجى سۇلايمان ئەپەندى باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەردى. ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ تۆتىنچى سىنىپنى تۆگەتكەندىن كېيىن ئائىلە ئىستانبۇلغا كۆچتى، شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئەھمەد بەشىنچى سىنىپنى ئىستانبۇل باھچەلىئەۋلەردە ئوقۇدى. ئىستانبۇلدا ئوغۇللار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى، ئارقىدىن بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزدى. 1984- يىلى باكلاۋورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن يەنە شۇ مەكتەپتە مەمۇرىي باشقۇرۇش ساھەسىدە ماگېستىرلىق، سىياسەت ئىلمىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، 1990- يىلى مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياردەمچى دوتسېنت سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسىي پەنلەر كافېدىراسىنى ئاچتى ۋە كافېدىرا باشلىقى بولدى. 1993- يىلى دوتسىنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 1995- يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن دوكتور ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، 1999- يىلىغىچە مەرمەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىدە ئاكادېمىك خادىم بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. ئوخشاش ۋاقىتتا 1998- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ لېكسىيە سۆزلىدى. 1999- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن داۋۇتئوغلۇ، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئاقساقاللار مەجلىسىنىڭ ئەزاسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. شۇ يىللاردا يەنە مەرمەر ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىدە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ دەرس ئۆتتى.




1980 – يىللاردا تونۇشقان ئابدۇللاھ گۈلنىڭ باش مىنىستىر بولۇشى بىلەن ئۇنى (داۋۇتئوغلۇنى) باش مەسلىھەتچى قىلىۋالدى. يەنە ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولۇۋاتقان مەزگىللەردە تونۇشقان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىنمۇ بۇرۇنقى باش مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇردى ۋە گويا بىر دىپلوماتىيە مىنىستىرىگە ئوخشاشلا تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر، قىبرىس (سىپرۇس) مۇزاكىرىلىرى، ئىراق ئۇرۇشى دېگەندەك بارلىق ساھەلەردە پائال رول ئوينىدى.




خەلقئارالىق مۇزاكىرىلەرگە رەسمىي سۈپەت بىلەن ئىشتىراك قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن 2003- يىلى 18- يانۋاردا ئۆز دەۋرىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئاھمەت نەجدەت سەزەر ۋە باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ گۈل تەرىپىدىن قارار ماقۇللىنىپ باش ئەلچىلىك ئۇنۋانى بېرىلدى. 2009- يىلى 11- مايدا پارلامېنت سىرتىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى.




ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ 2011- يىلى 12 – ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملاردا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى سېپىدىن 24- نۆۋەتلىك كونيا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە كىردى.




تاشقى سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىگە قەدەم بېسىشتىن ئىلگىرى نەزىرىيە تەتقىقاچىسى سۈپىتىدە دۇنيا ئىلىم سەھنىسىدە تونۇلغان ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنىڭ تاشقى سىياسەت تېمىسىدا يېزىلغان كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالە ۋە كىتابلىرى بار بولۇپ، سېلىشتۇرمىلىق مەدەنىيەتلەر تارىخى ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر، سېلىشتۇرمىلىق سىياسەت پەلسەپىسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە تۈرك ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا يېزىلغان مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياپون، پورتۇگال، رۇس، ئەرەب، پارىس ۋە ئالبان تىللىرىغا ئوخشاش كۆپ ساندىكى دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. ئۇ 2001- يىلى ئاپرېل ئېيىدا نەشردىن چىققان «ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇرلۇق» (Stratejik Derinlik) (تۈركچە) ناملىق كىتابى ئارقىلىق سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ نەزىرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈردى. ئۇ يەنە 1993- يىلى نەشر قىلىنغان «تاللاشقا بولىدىغان پارادىگمالار» (ئىنگلىزچە) ناملىق كىتابى ئارقىلىق ئىسلام بىلەن غەربنىڭ سىياسەت چۈشەنچىسى توغرىسىدا سېلىشتۇرمىلىق ئانالىز ئېلىپ باردى. ئىنگلىز تىلىدا يېزىپ 1994- يىلى نەشر قىلدۇرغان «مەدەنىيەتنىڭ ئالمىشىشى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسى» ناملىق كىتابىدا بولسا، غەرب مەدەنىيىتى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان كىرىزىس ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بۇ كىرىزىسنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىنچىلىكى ۋە شەرت – شارائىتى ئوتتۇرىغا قويدى. 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ۋە ئانالىزلىرى توپلانغان ‹يەر شارى خاراكتېرلىك چۈشكۈنلۈك» ناملىق سۆھبەت ۋە ئانالىزلار توپلىمى 2002- يىلى نەشىردىن چىقتى. 2013- يىلى «نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكە» ناملىق يەنە بىر سۆھبەت خاتىرىلىرى توپلىمى نەشردىن چىقتى.




ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئاچقۇچلۇق كىشىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، قوشنا ئەللەر بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى نۆلگە چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى قاراش ۋە ئاكتىپ دىپلوماتىيە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ ساھەدە كۈچ چىقاردى.




كۆپلىگەن جەھەتلەردە يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارغا قەدەم باسقان پىروفېسسور داۋۇتئوغلۇ 2010- يىلى ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەردە زىيارەتتە بولدى. شۇ قېتىملىق زىيارىتى بىلەن داۋۇتئوغلۇ ھەم قەشقەردە زىيارەتتە بولغان تۇنجى تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى قەشقەردىن باشلىغان تۇنجى دىپلوماتىيە مىنىستىرى، دېگەن نامغا ئېرىشتى...




ئانا تىلى تۈركچىدىن باشقا ئىنگلىز، ئەرەب ۋە نىمىس تىللىرىنى بىلىدىغان داۋۇتئوغلۇ، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «فوربىس» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى تەسىرى كۈچى ئەڭ يۇقىرى 100 زىيالىيسى قاتارىغا كىردى. ئىلمىي نەزەرىيەلەر بىلەن سىياسەت رېئاللىقى ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق يارىتىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان پىروفېسسور دوكتور ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ھازىرمۇ (2014- يىلى) تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.




1984- يىلى سارە داۋۇتئوغلۇ بىلەن ئۆيلەنگەن ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنىڭ سەفۇرە، مەمنۇنە، مەھمەت ۋە ھاجەر بۈكە ئىسىملىك ئۈچ قىز، بىر ئوغۇل پەرزەنتى بار.

ئەسلىدىكى مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى