باربىكىيۇ

ئورنى Wikipedia
بۈيۈك ئېلدورادو باربىكىيۇسى

باربىكىيۇ (غەرب كاۋىپى، باربېكىيۇ؛ ئېنگلىزچە: Barbecue) غەرب ئەللىرىگە خاس كاۋاپنىڭ بىر خىل تۈرى. ئېنگلىزچىدە باربىكىيۇ قىسقارتىلىپ BBQ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باربىكىيۇ كەڭ مەنىدە ئىس ياكى ئوت بىلەن قىزىتىپ پىشۇرلدىغان تاماقلارنىڭ ئومۇمى نامىدۇر، تار مەنىدە ئاساسلىقى ئوتتا، چوغدا، ياكى ئىس ئارقىلىق قاقلاپ، قىزىتىپ پىشۇرۇلغان گۆش ياكى كۆكتات كاۋاپلارنى كۆرستىدۇ. غەربچە باربىكىيۇنىڭ ئۇيغۇر كاۋابلىرىدىن ئوخشمايدىغان بىر يېرى دەل زىخنىڭ ئىشلىتىمەسلىكى. ئۇلار باربىكىيۇنى ۋېلكا ياكى پىچاق بىلەن كېسىپ يەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچىنىڭ تەسىرىدە، ھازىر باربىكىيۇ دۇنيا تەۋەسىدە تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ ھەر يەردە ھەرخىل ئۇسۇلۇپ بىلەن ئېتىلمەكتە. كىشلەر ئىستراھەت ۋە ئۇرۇقلاش ۋە ياكى كۆكتاتۋازلىق ئۈچۈن، ھازىر ھەر خىل كۆكتاتلارنى زىغ بىلەن ئۆتكۈزۈپ باربېكىيۇ قىىلىپ ئىستىمال قىلىدۇ. باربىكىىيۇ غەرب دۇنياسى ئىچىدىمۇ رايونلۇق پەرقى بار، مەسلەن ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە، يېڭى زىلانىديە دېگەندەك. غەرب باربېكىيۇلىرنىڭ ئاساسلىق ماتىرىيالى چوشقا، كالا ۋە ياكى توخۇ گۆشىدۇر.

ئالبۇم[تەھرىرلەش]