بارماق ئىزى

ئورنى Wikipedia

ئادەمنىڭ بارمىقىنىڭ ئۇچىدا نۇرغۇن ئىزلار بولىدۇ. مانا بۇ كىشىلەر ئادەتتە ئېيتىپ كېلىۋاتقان بارماق ئىزى، يەنە كېلىپ ئادەملەرنىڭ بارماق ئىزى بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشاشمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، دۇنيادا بارماق ئىزى تامامەن ئوخشاش بولغان ئىككى ئادەمنى ھەقىقەتەن تاپقىلى بولمايدۇ.

تەركىبى ۋە تۈرى[تەھرىرلەش]

تېرە، ھەقىقىي تېرە ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىسى تەركىب تاپقان.

بارماق ئىزى شەكلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسلىنىپ، يا شەكىللىك، كۈرە شەكىللىك، شازا شەكىللىك دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلدۇ.

ئوخشىماسلىقى ۋە ئالاھىدىلىكى[تەھرىرلەش]

بارماق ئىزىنىڭ يولى، شەكلى شۇ ئادەمنىڭ باشقا فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئوخشاش ئادەم بەدىنىدىكى ئىرسىيەت ماددىلىرىغا باغلىق بولىدۇ، ئادەملەرنىڭ ئىرسىيەت ماددىلىرى بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەم تۆرىلىپ ئاپىسىنىڭ قورسىقىدا شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئادەمنىڭ بارلىق فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى، جۈملىدىن بارماق ئىزى شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ، يەنە كېلىپ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. بارماق ئىزىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئالىملارنىڭ كۈچلۈك ھەۋىسىنى قوزغىدى، ھازىر بارماق ئىزى ئۈستىدىكى تەتقىقات بىر مۇھىم پەن تۈرى بولۇپ قالدى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىرسىيەت ئىلمى، قانۇن دوختۇرلۇقى، ئىنسانشۇناسلىق ۋە مىللەتشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا. ئالىملار بارماق ئىزىنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئەگەر ئىرسىيەت ماددىسىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئادەمنىڭ بارماق ئىزىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇڭا، بارماق ئىزىدىكى(جۈملىدىن ئالىقان، تاپاندىكى ئىزلار) ئۆزگىرىشكە ئاساسەن، ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى قىياس قىلغىلى ۋە بۇ ئارقىلىق بەزى كېسەللىكلەرنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.

يېڭى كەشپىيات[تەھرىرلەش]

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىملار يەنە «بارماق ئىزى ئاچقۇچى» دەيدىغان بىر نەرسىنى كەشىپ قىلدى. يەنى ئۆي ئىگىسىنىڭ بارماق ئىزىنى ئىشىك قۇلۇپىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۆزىكىگە كىرگۈزۈپ قويىدىغان بولدى. ئىشىك قۇلۇپلانغاندىن كېيىن، ئۇنى ھېچقانداق ئاچقۇچ ئاچالمايدۇ؛ ئەمما ئۆي ئىگىسى بارمىقىنى ئىشىك قۇلۇپىغا باسسىلا، ئىشىك ئېچىلىپ كېتىدۇ.

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]