باغچى بازىرى

ئورنى Wikipedia
باغچى بازىرى

巴格镇镇.Baghchi town

خوتەن ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە خوتەن ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 35 دانە
نوپۇس 45 مىڭ
يەر مەيدانى 307 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

باغچى بازىرى قاراقاش دەرياسى نىڭ شەرقىگە جايلاشقان،خوتەن ناھىيىسى نىڭ ناھىيە بازىرىغا سەككىز كېلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 307.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 42 مىڭ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. يېزا ئىگلىك ۋە باقمىچىلىقنى ئاساس قىلدىغان بۇلۇپ ياڭاق كۆپ چىقىدۇ، خوتەن پىلە غوزىسى كۆپ چىقىدىغان جايلارنىڭ بىرى.

ئاساسىي ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

باغچى بازىرى قاراقاش دەرياسى نىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، خوتەن ناھىيەسى نىڭ ناھىيە بازىرىغا سەككىز كېلومېتىر كېلىدۇ. شەرقتە خوتەن شەھىرىشورباغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا خوتەن ناھىيەسى بوزاق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇبتا لايقا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي شىمال تەرىپى خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 9 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 55 كىلومېتىر كېلىدۇ. تۇپرىقى سېرىق توپىنى ئاساس قىلىدۇ، قۇم تاختىسى شورلاشقان، نېپىز چۆل تۇپراق. كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل، بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃18، يىللىق يىغىندى تېمپېراتۇرا ℃4700. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 34.8 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 280 كۈن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1500-1300 مېتىر كېلىدۇ.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

باغچى بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ماكرولۇق تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى بازارلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرگەن، دېھقانلار نەپكە ئېرىشتۈرۈلگەن. باغچى بازىرىنىڭ رەھبەرلىرى مۇنداق دەپ ئوتتۇرغا قويغان : «تېخنىكا بولسا بازاردىكى بىر قىيىن مەسىلە، كۆپ ھاللاردا دېھقانلارنىڭ ئاز مەبلەغ سېلىپ، كۆپ ھاسىلات ئالمىقى قىيىن بۇلىدۇ، ياڭاق سۈپىتى ياخشى بولمىغاندا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تەس بۇلىدۇ، ياخشى باھاغا ساتالمايدۇ. باغچى بازىرىدا ياڭاق ئۇلاشنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، يېڭى سورتلارنى كىرگۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ. ئۇرۇقچىلىق شىركىتى باغچى بازىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي يېتىشتۈرۈش، كۆممىقوناق سورتى يېتىشتۈرۈش جەھەتلەردە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلىدۇ. باغچى بازىرىدا پەن-تېخنىكا تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلىدۇ».