بايراقتار (ئادەمسىز ئۇچقۇ)
Appearance
بايراقتار (تولۇق نامى: بايقار بايراقتار ت ب 2؛ باشقا نامى: بايقار بايراقتار، بايراكتار، بايكار بايراكتار؛ ئېنگلىزچە: Baykar Bayraktar TB2) تۈركىيەنىڭ بايقار مۇداپىئە شركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئوتتۇرا ئېگىزلىك، ئۇزاققا بەرداشلىق بېرىدىغان، يىراقتىن كونترول قىلىغىلى بولىدىغان، ئاپتوماتىك ئۇچۇش ئىقتىدارىغان ئىگە ئادەمسىز ئۇرۇش ئۇچقۇ ئاپپاراتى. بۇ ئادەمسىز ئۇچقۇ ئاپپاراتى سۈرىيە، لىبيە،تاغلىق قاراباغ، ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇش مەيدانلىرىدا كۆزگە كۆرۈنگەن نەتىجىلىرى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇنىڭ روسىيەنىڭ "پانتسىر" ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسنىڭ ئوۋچىسى دېگەن نامى بار.
بايراقتار ت ب 2 | |
---|---|
رولى | ئادەمسىز ئۇرۇش ھاۋا ئاپپاراتى |
ئانا ۋەتىنى | تۈركىيە |
ئىشلەپچىقارغۇچى | بايقار |
تۇنجى ئۇچۇش | 2014-يىلى ئاۋغۇست |
ھالىتى | سەپتە |
ئاساسلىق
قوللانغۇچىلىرى |
تۈركىيە
|
ياسالغان سانى | >257 |
ئەڭ دەسلەپكى
مودېلى |
Bayraktar TB1
بايراقتار ت ب 1 |
ئەڭ يېڭى
مودېلى |
Bayraktar TB3
بايراقتار ت ب 3 |