بايىنغولىن ئەلىگ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

ئورنى Wikipedia

بايىنغولىن ئەلىگ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى دىيارىمىزدىكى سەرخىل ياشلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشى ئاساسىدا 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ئارقىلىق قۇرۇلغان.

شىركىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان دىيارىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدە ئىزچىل ئىزدىنىپ سەمىمىيەت ۋە راستچىللىقنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، ئۆزگىچە لايىھە ، ئىلغار تېخنىكا ، ئەلا مۇلازىمەتلەر بىلەن شىركەت ، كارخانا ، ئىدارە ، ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان كۆپ خىل مۇلازىمەت تۈرلىرىنى تەسىس قىلدى، شۇنداقلا ھەرقايسى كەسىپ تۈرلىرىنى كەسىپلەشكەن ، مۇنتىزىملاشقان سىستېمىلاشقان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئارقىلىق باشقۇرۇپ <<پۇل ئەمەس ، يۈز تېپىش پايدا ئەمەس ، سۈپەت قوغلىشىش>>نى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغان.

شىركىتىمىز يېقىندا خېرىدارلارنىڭ بىرلا ئورۇندا ، بىر يول بىلەن ئەڭ تېز ، ئەڭ قولايلىق ، ئەڭ ئەرزان ، ئەڭ سۈپەتلىك مۇلازىمەت تۈرلىرى بىلەن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن 50 نەچچە كارخانا،شىركەت، يەككە تىجارەت ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. شۇنداقلا دىيارىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدەنمەكتە.

شىركىتىمىزدە پىلان تۈزىگۈچى، پىروگراممېر، تېخنىك ۋە مۇلازىملارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ئېنىق ئايرىلغان بولۇپ، كەسپىي خادىملار شىركىتىمىزدىكى خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %90 ىنى ئىگىلەيدۇ. شىركىتىمىز تىپىك ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتى.

شىركىتىمىزدىكى خادىملار ئىچىدە تولۇق كۇرس 15 نەپەر، مەخسۇس كۇرس بىر نەپەر؛ دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىدا 4-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر بىر نەپەر، 3-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 5 نەپەر، 2-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 5 نەپەر. كەسپىي خادىملىرىنىڭ ھەممىسى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ IT غا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلىرىنى پۈتتۈرگەن، ئۆز كەسىپىدە مۇئەييەن ئەمەلىي نەتىجە قازانغان خادىملار.

ئۇلار ئىجادىي تەپەككۇرغا، شۇنداقلا مول خىزمەت تەجرىبىسىگە، سېھرىي كۈچكە تولغان يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە.

خادىملىرىمىز خېرىدارلارنىڭ تەلىپى بويىچە، پىلان بىلەن لايىھەنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ، يۇمشاق دېتالنى باشقىلاردىن پەرقلىق قىلىپ، ئىجادىي ئىشلەپ چىقىدۇ.

شىركىتىمىز كۆپ يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە پىروگراممېرلار قوشۇنىغا ئىگە. بۇ خادىملار VS , swift , Objective-C , C/C#/C++ , Java/Android , .NET , ASP , PHP , JSP , CSS , JS قاتارلىق پىروگرامما تۈزۈش تىللىرى ۋە قۇرۇلمىسىغا ناھايىتى پىششىق. يەنە كېلىپ بۇ خادىملار پەقەت پىروگرامما ئاساسىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يۇمشاق دېتال بىلەن قاتتىق دېتال مۇناسىۋەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىمۇ مۇكەممەل تېخنىكىغا ئىگە. شۇ سەۋەبتىن بىز شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ چوڭ تۈرلىرىنى بىمالال ئۈستىمىزگە ئېلىپ، غەلىبىلىك تاماملاپ كېلىۋاتىمىز.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئۇزىدل تورى