بىل گايتىس

ئورنى Wikipedia
بىل گايتىس 2023
بىل گايتىسنىڭ قوروسى

بىل گايتىس(William (Bill) H. Gates) يېقىنقى 16يىلدىن بۇيان 51مىليارت دوللارلىق مۈلكى بىلەن دۇنيادىكى بىرىنچى بايلىق شەرىپىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان، 105دۆلەتتە 78مىڭدىن كۆپرەك ئىشچى-خىزمەتچىسى بولغان مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يۇمشاق دىتال لاھىيىلىگۈچىسى ۋىللىيام بىل گەيتىس 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئامىرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شىتاتىدىكى سىئاتىل شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بىر ئاچىسى(كىرىستىنا،1953)ھەمدە بىر ئىنىسى(لىببى،1964)بار. ئۇنىڭ دادىسى ئۆز ۋاقتىدا ئاشۇ تۇرۇشلۇق ئۇرۇننىڭ قانۇن ئورنىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ ئاپىسى مارى توي قىلىشتىن بۇرۇن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىدى.

مىكروسوفت لوگوسى (2012 يىلى)

بىل بالا ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ ئالدى كەينىگە تەۋرىنىپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ بۇ ئادىتى يەنىلا بار، يەنى ئۇ ھازىرمۇ بىرەر ئىشنى ئويلانغان ۋاقىتتا دائىم ئالدى كەينىگە تەۋرىنىپ ئولتۇرۇپ ئويلىنىدۇ.

بىل مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدا مەكتەپتىن پەقەت كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن، بۇنى بىلگەن بىلنىڭ ئاتا-ئانىسى دائىم يېڭى يېڭى ئىشلارنى ئويلاپ چىقىپ ئۇنى رىقبەتلەندۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئەڭ ئاخىرى ئۇنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى بىر شەخسى مەكتەپكە ئوقۇشقا بەرگەن. بىل Lakeside (ئۇيغۇرچە كۆل بويى مەكتىپى دىگەن مەنىدە)خۇسۇسى مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، بۇ دەل بۇ مەكتەپنىڭ يېڭىدىن بىر كومپيۇتېر سېتىۋالغان ۋاقتى بولۇپ بىل تېزلا ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ. بىر ھەپتە ئۆتە-ئۆتمەي ئۇ ئۆزىنىڭ پىرەگرامما تۈزۈش قابىلىيىتى بىلەن مەكتەپتىكى كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. BASIC پروگرامما تىلىنى ئۆگىنىش ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئاسان توختىغان بولۇپ 13 يېشىدا ئۇ مۇستەقىل پروگرامما يېزىشنى باشلىغان.

بىل گايتىسنىڭ ياش ۋاقىتلىرى

ئۇ شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئۆمرىدىكى شىرىكى پائول ئېللىن (Paul Allen) بىلەن ئۇچراشقان. بۇ ئىككىسى شۇ ۋاقىتتا كىچىك بىر Traf-O-Data دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركەت ئاچقان. ھەمدە مۇشۇ مەزگىلدە ئۇلار شەھەرنىڭ قاتىنىشنى ئاپتوماتىك سانىيالايدىغان بىر كومپيۇتېر ياساپ ساتقان، بۇ شىركەت زور ئۇتۇقلارنى قازىنالمىغان لېكىن بۇ شىركەت بۇ ئىككى بالنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا ئىقتىساد توپلاپ بەرگەن. مۇشۇ مەزگىلدە بىل يەنە ئۆزىنىڭ مەكتىپى ئۈچۈن بىر دەرس سېتكىسى تۈزىيەلەيدىغان پروگرامما تۈزۈپ بەرگەن. ئۇ بۇ مەكتەپنى 1973-يىلى پۈتتۈرۈپ ئامىرىكىدىكى داڭلىق ئۇنۋىرسىتلارنىڭ بىرى بولغان خارۋارد ئۇنۋىرسىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. لېكىن ئۇ مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدا كۆپىنچە ۋاقىتلىرىنى ئۆز ئالدىغا پروگرامما تۈزەش ۋە قەرت ئويناش ۋە ئازتولا كىتاپ كۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋە شۇنداقتىمۇ ھەممە سىناقلاردا A ئالغان. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسىغا ئۆزىنىڭ 30 ياشقا كىرگەندە مىليونىر بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ مۇنداق دىگەن «ئۇ ناھايىتى ياخشى پروگرامما تۈزگۈچى، لېكىن ئۇ ياخشى ئادەم بولالمايدۇ». 1974-يىلى ئۇ ئىقتىساد پۇرسىتىنى قوغلىشىپ ئۇنۋېرسىتىتتىن چىكىنگەن ھەمدە ھازىرغىچە دۇنياغا داڭلىق بولغان مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئۇلىنى سېلىپ ئىش باشلىغان. 1986-يىلى مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ پاي چىكى بازارغا سىلىنىپ توپلىغان جەمئى مەبلىغى 61 مىليون ئامرىكا دوللىرى بولغان، گېيتس ئۆزىمۇ بىر سەكراپلا دۇنيا بويچە ئەڭ ياش ، قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن مىليادىر بولۇپ قالغان.

بىل گايتىس سىتىۋ جوبىس بىلەن

بىل گايتىس 1994-يىلى1-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى قىز دوستى مېلىندا بىلەن ھاۋايدا 2مىلىيارد دوللار خەجلەپ توي قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىسمى جېننىفېر ئىسىملىك بىر قىزى بار.

مەنبە

  1. جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى