بۇرغا

ئورنى Wikipedia

بۇرغا ئەڭ قەدىمكى چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، پۈۋلەپ چېلىندىغان چالغۇلار ئىچىدە ئاۋاز كۈيى ئەڭ زور، ياڭراق بولغاچقا، قەدىمكى ئۇرۇشلاردا كۆپ قوللىنىلغان.

نامى بۇرغا
ئۇزۇنلۇقى 20~30 سانتېمىتىر
تۈرى چالغۇ

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

بۇرغا ئەڭ قەدىمكى چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، پۈۋلەپ چېلىندىغان چالغۇلار ئىچىدە ئاۋاز كۈيى ئەڭ زور، ياڭراق بولغاچقا، قەدىمكى ئۇرۇشلاردا كۆپ قوللىنىلغان.

ئۇ دەسلەپتە كالا ۋە ئۆچكە مۈڭگۈزىدىن ياسالغان، مىس قوراللار دەۋرىدە مىستىنمۇ ياسالغان. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 — 30 سانتېمىتىر ئۆپچۆرىسىدە، يېرىم ئەگمە شەكلىدە بولىدۇ. ئۇچلۇق ئۇچىدا بىر دانە پۈۋلەش تۆشۈكى بولۇپ، يوغان ئۇچى كېسىۋېتىلىپ، كاناي شەكلىدە ئىچى ئويۇلۇپ، ياسىلىدۇ، بارماق تۆشۈكلىرى بولمايدۇ.

بۇرغا ئەسلىدە ئىسقىرتتىن (بىر خىل كەدىمكى چالغۇ) كېلىپ چىققان بولۇپ، تارىخىي خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە، يېڭى تاش قورال دەۋرىدىلا ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.

مىس قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە، بۇرغا مىستىن ياسىلىپ، «مىس بۇرغا» دەپ ئاتالغان. «نەغمىنامە»نىڭ 125–جىلدىدا، «مىس بۇرغا ئىدىقۇتلۇقلارنىڭ چالغۇسى ئىدى» دەپ خاتىرىلەنگەن

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى