بۇرھان ئۇلۇغيول

ئورنى Wikipedia
بۇرھان ئۇلۇغيول

Burhan Uluyol

شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1980-يىلى 3-ئۆكتەبىر (42 ياش)

قۇمۇل شەھىرى، شەرقىي تۈركىستان

مىللىتى ئۇيغۇر
ھازىر تۇرۇۋاتقان ئورنى ئىستانبۇل، تۈركىيە
كەسپى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، پروڧېسسور

بۇرھان ئۇلۇغيول (تۈرك ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈشتىن بۇرۇنقى ئىسمى بۇرھان سېتى) (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Burhan Uluyol) بولسا 1980-يىلى شەرقىي تۈركىستان قۇمۇل شەھىرىنىڭ قارادۆۋە يېزىسىدا توغۇلغان. قاپاقلار جەمەتىدىن. ئەجداتلىرى ياشاپ ئۆتكەن قارادۆۋە يېزىسى ئۇلۇغيول كەنتىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىپ قوللانغان.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

  • 1980-يىلى 3-ئۆكتەبىر قۇمۇلدا توغۇلغان.
  • 2008-يىلى 25-ماي توي قىلغان. 4 پەرزەنتى بار.
  • 2008-يىلى ئۇنىۋېرسىتى مالايادىن سودا-سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.

İstanbul Sabahattin Zaim Üniversitesi

پائالىيەتلىرى[تەھرىرلەش]

1) 2006 - يىلى مالايسىياغا تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن چىققان ۋە ئالتە ئايدا تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ ، مالايسىيانىڭ ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتى بولغان ۋە دۇنيادا 100 نىڭ ئىچىدىكى ئۇنىۋېرسىتى مالاياغا قوبۇل قىلىنغان!

2) 2007 - يىلى مالايسىيانىڭ ئىككىنچى چوڭ شىركىتى بولغان سايىم داربىيغا ئىشقا چۈشكەن!

3 ) 2008- يىلى  تىلشۇناسلىق پىرافسسورى مەرھۇم نەسرۇللا يولبولدىنىڭ قىزى بىلەن ئۆيلەنگەن ۋە بىر ياندىن ئىشلەپ، بىر ياندىن ئوقۇپ،  ئەلا نەتىجە بىلەن ماگىستىرلىق ئۇنىۋانىنى ئالغان!

4) 2009 - يىلى تۇنجى قىزى شەھىدە بۇرھان دۇنياغا كەلگەن ۋە ئىسلام پۇل مۇئامىلە كەسپىدە  دوكتۇرلۇق ئوقۇشنى باشلىغان! ۋە مالايسىيا مەركىزى بانكىسىنىڭ  3 يىللىق تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن!

5) 2010- يىلى سىنگاپوردا بىر شىركەتتە كەسپى بويىچە پىراكتىكا قىلغان ۋە رامىزان ئېيىدا ئۆمرە قىلىش نېسىپ بولغان! يىل ئاخىرىدا ياۋروپادىكى چىخ دۆلىتى، فىرانسىيە ، گوللاندىيە ۋە گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ساياھەتلەردە بولغان !

6) 2011- يىلى ئىككىنچى قىزى شەرىفە بۇرھان دۇنياغا كەلگەن ! 7 - ئايدا ئەنگىلىيە  دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسلام پۇل مۇئامىلە يازلىق ئوقۇشىغا قېتىلغان! 11- ئايدا ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېدا تۇنجى قېتىم خەلىقئارالىق دوكلات بەرگەن!

7 ) 2012- يىلى 3 - ئايدا خاۋىرد ئۇنىۋېرسىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام پۇل مۇئامىلە يىغىنىغا قېتىلغان ۋە 10- ئايدا دوكتۇرلۇق ماقالىسى مالايسىيا  پۇل مۇئامىلە جەمىيىتى تەرىپىدىن ئىلغار دوكتۇرلۇق ماقالىسى بولۇپ باھالىنىپ  دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىنى ئالغان! ۋە 12- ئايدا ئۇنىۋېرسىتى كۇۋالالۇمپۇردا خىزمەتكە چۈشكەن!

ئالتە يىل ئىچىدە ، تىل ئۆگىنىپ، ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانلىرىنى ئېلىپ،  خەلىقئارالىق شىركەتتە 2 يىل ئىشلەپ، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇپ ، رەسمىي بىر ئۇنىۋېرسىتېنىڭ ئالىي لىكتورى بولغان !

8) 2013- يىلى ئىسلام پۇل مۇئامىلە بۈلۈمىنىڭ بۆلۈم باشقانى بولغان ۋە يىل ئاخىرىدا ئاۋىستىرالىيە ئۆتكۈزۈلگەن خەلىقئارالىق يىغىنغا قاتناشقان! ماقالىسى ئىلغار ماقالە بولۇپ باھالانغان!

9) 2014 - يىلى 3 - قىزى نەبىيلە بۇرھان دۇنياغا كەلگەن! تۈركىيە ئىستانبۇلدا ۋە ئەنگلىيە مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتدا دوكتۇرلۇق ماقالىسىنىڭ بىر قىسمىدىن سۇنۇم بەرگەن!

10) 2015 - يىلى 3- ئايدا ئامىرىكا فىلورىدا شىتاتى  ئورلاندو شەھىرىدە  يىغىنغا قاتناشقان ۋە 7 - ئايدا مالايسىيا خەلىقئارا ئىسلام ئۇنىۋىرسىتىدە ئىش باشلىغان!

11) 2016 - يىلى ئىسلام پۇل مۇئامىلە ژورنىلىنىڭ  مۇھەررىرى ۋە تەتقىقات ۋە نەشىرىيات بۈلۈمىنىڭ بۆلۈم باشقانى بولغان!

12) 2017- يىلى مۇئاۋىن پىرافىسسورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن ۋە ئۇنىۋېرسىتېت بويىچە ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە ئەڭ جىق ماقالە ئېلان قىلغۇچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە 12- ئايدا مالايسىيا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە كەلگەن!

13) 2018- يىلى تۈركىيەدىكى ئىستانبۇل ساباھەتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ ئۇنىۋېرسىتقا يەرلەشكەن ۋە تۈركىيە ھاياتىنى باشلىغان. ئەنگلىيە ئىمپېرىيال ئۇنىۋېرسىتېدا ئېچىلغان خەلىقئارالىق يىغىندا سۇنۇم بەرگەن ۋە يىل ئاخىرىدا تۈركىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ياش تەتقىقاتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيەت باشقانى رەجەپ تەييىپ ئەردوغاندىن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان! ئەڭ مۇھىم بولغىنى مىللىتىمىز ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە دەس تۇرغان!

14) 2019 - يىلى تۈركىيە ۋەتەنداشلىقى قازانغان  ۋە ئىككىنچى قېتىم رامىزاندا ئۆمرە قىلىش نېسىپ بولغان! ئۇنىۋېرسىتېنىڭ يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن!  ۋە داۋاملىق ۋەتەن ئۈچۈن توختىماي كۆرەش قىلغان!

15) 2020- يىلى ئاللاھ بىر ئوغۇل پەرزەنىت ئاتا قىلغان ۋە ئىسمنى ئاتىللا فۇرقان قويغان!  يەنە ئۇنىۋېرسىتنىڭ يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن!  ئەلۋەتتە ، بىر ياندىن قەلەم ، بىر ياندىن ئەلەم بىلەن ھاياتى داۋاملاشقان!

16) 2021- يىلى يەنە ئۇنىۋېرسىتنىڭ يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ، ئىسلام پۇل مۇئامىلە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋە بىر يىلغا يېققىن خىتاي كونسولى ئالدىدا ۋەتەن دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان!

17) 2022- يىلى يەنە ئۇنىۋېرسىتنىڭ  يىللىق ئاكادىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە  ئۇنىۋىرسىتنىڭ 3 پەرقلىق كومسسىيىنلىرىدا ئورۇن ئالغان!  ئەلۋەتتە ۋەتەننىڭ ئاۋازى بولۇشنى توختاتمىغان!


2023-يىلىنىڭ بېشىغا قەدەر ، ئىنگىلىز تىلىدا 3-4 كىتاپ، 14-15 كىتاپ بابى،  خەلىقئارا ئېتىراپ قىلغان ژورناللاردا 60 يېققىن ماقالە ،  ۋە 30 دىن جىق باشقا تۈردىكى ماقالىلەر ئېلان قىلغان!  دۆلەت ئىچى ۋە سىىرتىدا بولۇپ 50 تىن جىق مالاقە  سۇنغان! 30 دىن جىق دوكتۇر ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلىگەن!  شۇنداقلا تەتقىقات ئامبىرىدا ماقالىلىرىنىڭ ئوقۇش سانى 300 مىڭغا يېققىنلاشقان ۋە نەقىل سانى 2000  دىن ئېشىپ كەتتى!


2021-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلى ئالدىدا نامايىش قىلىش جەريانىدا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ چايچىسى 50 ياشلار ئەتراپىدىكى مەمەت تۇرسۇن (سادىق مۇرت) ئىسىملىك كىشى كۆزىگە بايراقنىڭ ساپىقىنى كۆزىگە ئۇرغان.

ماقالىلىرىنىڭ ئۇلانمىلىرى

https://www.researchgate.net/profile/Burhan-Uluyol

https://scholar.google.com/citations?user=mQ9FBA8AAAAJ&hl=tr&oi=ao

https://www.scopus.com/authid/detail.uri?authorId=56925387600

باشقىلار[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى