بۇغراخان ئىسكەندەر

ئورنى Wikipedia

بۇغراخان ئىسكەندەر 2000-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى قۇمۇل شەھىرىدە تۇغۇلغان، 2013-يىلى 9-ئايدا گۇاڭجۇ خېڭدا پۇتبول مەكتىپىگە كىرگەن ھەمدە 2018-يىلى يىل ئاخىرىدا گۇاڭجۇ خېڭدانىڭ باش ترېنېرى كاناۋارو تەرىپىدىن بىرىنچى سەپكە كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇغراخان يەنە گۇاڭجۇ خېڭدانىڭ 2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى بىرىنچى سەپ ۋە ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تىزىملىكىگە كىرگەن.(1)

نام ئاتىلىشى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە: بۇغراخان ئىسكەندەر

يېڭى يېزىقى: Bughrahan Iskender

خەنچە:布格拉汗·斯坎旦尔

بۇغراخان ئىسكەندەر
تەرجىمھالى
تۇغۇلغان كۈنى 2000-يىلى ئاۋغۇست
ئېگىزلگى 178 سانتىمىتى
ئورنى ھۇجۇمچى
كۇلۇب
ھازىرقى كوماندىسى گۇاڭجوۋ خېڭدا
نۇمۇرى 30
كەسپى ھاياتى
يىل كوماندا
2019– گۇاڭجو خېڭدا
ئورگان تور ئادىرسى: https://web.archive.org/web/20191226161101/http://gzfc.evergrande.com/team.aspx?target=detail&sid=300&fid=117&ftid=48071

كەسپى ھاياتى[تەھرىرلەش]

بۇغراخان ئىسكەندەر 2000-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى قۇمۇلدا تۇغۇلدى. 2013-يىلى 9-ئايدا، «خېڭدا پۇتبول مەكتىپى»گە قوبۇل قىلىندى، دەسلەپتە ئوقۇش پۇلى تۆلەپ ئوقۇدى، «خېڭدا پۇتبول مەكتىپى»گە قوبۇل قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئانچە تارتىپ كەتمىدى، ھەر قايسى ياش باسقۇچىنىڭ ئادەتتىكى كوماندىسىدىلا مەشىق قىلدى. ئەسلىدىنلا «قالتىسلار» كوماندىسىغا تاللىنالمىغاچقا، ئىسپانىيەگە بېرىپ مەشىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. كېيىن ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، «خېڭدا پۇتبول مەكتىپى»نىڭ ئىسپانىيە تارمىقىغا مەشىقكە باردى. بۇغراخان ئىسكەندەرنىڭ گۇاڭجۇ «خېڭدا» پۇتبول كوماندىسىنىڭ 1-سەپتىكى كوماندىسى بىلەن بولغان باغلىنىشى 2017-يىلىدىن باشلاندى. شۇ يىلى 2-ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، باشقا تۆت پۇتبولچى بىلەن تۇنجى قېتىم 1-سەپتىكى كوماندىنىڭ قىشلىق مەشىقىگە تاللاندى. ئەمما ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، «خېڭدا پۇتبول مەكتىپى»گە قايتۇرۇلدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ يارىلىنىش تۈپەيلى 2017-يىلىنى داۋالاش بىلەن ئۆتكۈزدى. 2018-يىلى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بۇغراخان ئىسكەندەر گۇاڭجۇ «خېڭدا» پۇتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 19 ياشلىقلار مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، كوماندا 5-لىكنى قولغا كەلتۈردى. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، تېرىنېر كاناۋارو تەرىپىدىن 1-سەپتىكى كوماندىنىڭ قىشلىق مەشىقىگە تاللاندى، ئارقىدىنلا، 2019-يىلىدىكى ئاسىيا كۇلۇبلار ئارا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى.(2)

2019-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاسىيا كۇلۇبلار ئارا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى F گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە، گۇاڭجۇ «خېڭدا» پۇتبول كوماندىسى 2 دە 0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى. 2000-يىللاردا تۇغۇلغان بۇغراخان ئىسكەندەر تۇنجى قېتىم كوماندىنىڭ مۇسابىقە تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى. گەرچە مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن گۇاڭجۇ «خېڭدا» پۇتبول كوماندىسىغا ئوخشاش تالانتلىقلار جەمگاھىدا كوماندا تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىدى. بۇغراخان ئىسكەندەر، ئالدىنقى قېتىم ئاسىيا كۇلۇبلار ئارا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە كوماندا تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان شىنجاڭلىق پۇتبولچى بارى مۇھەممەتئېلىدىن كېيىن، يەنى 2141 كۈندىن كېيىن كوماندا تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان يەنە بىر شىنجاڭلىق پۇتبولچى بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدا بارى مۇھەممەتئېلى «جياڭسۇ شۈنتيەن» (ھازىرقى «جياڭسۇ سۇنىڭ» كوماندىسى) كوماندىسىغا ۋاكالىتەن دەسلەپ مەيدانغا چىققانىدى.(2)

بۇغراخان 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى ساھىبخان مەيداندا بېيجىڭ رېنخې بىلەن ئوينىغان پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسىنىڭ 5-ئايلانمىسىدا زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ گۇاڭجۇ خېڭدادىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ تېخى 19 ياشقىمۇ كىرمىگەن.(1)

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. نۇر تورى
  2. مەركىزى خەلق رادىئيو ئىستانىسى. https://web.archive.org/web/20191207011719/http://www.uycnr.com/jdt2019/201912/t20191206_1374940.html {{|url=https://web.archive.org/web/20191207011719/http://www.uycnr.com/jdt2019/201912/t20191206_1374940.html |date=2019-12-07 }}