بۇچا قەتلىئامى

ئورنى Wikipedia

بۇچا قەتلىئامى 2022-يىلى روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا تاجاۋۇز ئۇرۇشى مەزگىلدە پايتەخىت كىيىۋ ئەتىراپىدىكى بۇچا شەھىردە يۈز بەرگەن، روسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ئارمىيەسى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن بايقالغان، رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى ئىشخالىيەت مەزگىلدە ئۆتكۈزگەن كەڭ كۆلەملىك، پۇقرالارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بۇلان-تالان، باسقۇنچىلىق، قەتلىئام قىلىش، ۋە خالىغانچە ئېتىپ تاشلاپ، ۋە كۆمۈپ جىنايەت ئىزىنى يوقىتىش قاتارلىق بىر تۈركۈم قەبىئى ئۇرۇش جىنايەتلەردۇر.

بۇچا قەتلىئامى
ئورنى ئۇكرائىنا، كىيىۋ ئوبلاستى، بۇچا
ۋاقىت 2022-يىل مارت
نىشانى پۇقرالار
ئۆلۈم-يېتىم 300 دىن ئارتۇق (ئۇكرائىنادىن كۆرە)
جىنايەتچىلەر روسىيە قوراللىق كۈچلىرى

(روسىيە تەرەپ ئېتراپ قىلمغان)

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

كىيىۋ ئوبلاستىنىڭ ئورنى
كىيىۋ ئوبلاستى ۋە بۇچانىڭ ئورنى

بۇچا قەتلىئامى بايقالغاندىن كېيىن خەلقىئار جەمىيەتنىڭ، بولۇپمۇ غەرب ئەللىرنىڭ كۈچلۈك نارازلىقىنى قوزغىدى. روسىيە تەرەپ بۇنى ئۇكرائىنانىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان كۆرۈنۈش دەپ بۇچادا قەتلىئام بولغانلىقنى رەت قىلىدى. ئۇكرائىنا دۆلەت ئاخبارات ئىدارىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىشخالىيە مەزگىلدە بۇچادا روسىيەنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسى (36-چى موتورلۇق مىلتىق بىرگادىسى ۋە 35-چى بىرىكمە قوراللىق ئارمىيەسى) ۋە چېچېنيەلىك رامزان قادىروۋنىڭ قوشۇنى (قادىروۋىتسكىي) تۇرغان. ئامېرىكا،ياۋۇرپا ئتىپاقى، ب د ت، ۋە باشقا ئەللەر روسىيەنىڭ بۇ جىنايەلىرنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ تەكشۈردىغانلىقىنى قەيىت قىلدى ۋە رۇسىيە جۇمھۇر رەئىسى ۋىلادىمىر پۇتىننى خەلىقئار جىنايى ئىشلار سوتىغا تارتىشقا تىرىشىدىغانلىقنى، رۇسىيەنى ب د ت كىشلىق ھوقۇق كومېتىتىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا ئۇرۇندىغانلىقنى بىلدۈردى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاپ ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلىقئار تەشكىلاتلارغان سۇنىدىغانلىقنى قەيىت قىلدى ۋە جەلىقئارا جەمىيەتتىن روسىيەگە تېخىممۇ قاتتىق بولغان ئىمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدى. ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتتېرىس ئۇكرائىنا جۇمھۇر رەئىسى ۋولودىمىر زېلېنىسكىي بىلەن شۇ توغرىسىدا تېلفونلاشتى.

ئالبۇم[تەھرىرلەش]