ۋولودىمىر زېلېنسكىي

ئورنى Wikipedia

ۋولودىمىر زېلېنسكىي (باشقىچە ئاتىلىشى: ۋىلادىمىر زېلېنىسكىي، ۋولودىمىر زىلېنېسكىي؛ ئېنگلزىچە: Volodymyr Zelenskyy؛ ئۇكرائىناچە: Володимир Олександрович Зеленський، تەلەپپۇز: [woloˈdɪmɪr olekˈsɑndrowɪdʒ zeˈlɛnʲsʲkɪj]؛ ) ئۇكرائىنا جۇمھۇريېتىنىڭ يەھۇدى پۇشتىدىن بولغان، ئەركىن ۋە ئادىل بولغان دېموكراتېك سايلامدا ئۇتۇپ چىققان ئەلبېشى. ۋولودىمىر ئەسلىدە بىر ئاكتىيوردۇر. ئۇ بىر ئالقىشقا ئېرىشكەن كومىدىيەلىك تېلۋىزىيە تىياتېرنىڭ باش ئارتىسى. بۇ تىياتىردا بىر ئوقۇتقۇچنىڭ (ۋولودىمىر رولىدا) ئۇكرائىنا سىياسى قۇرۇلمىسىنى، پارخورلىقنى تەنقىد قىلغان سىن سەۋەپلىك تۇيۇقسىز تور چولپىنىغان ئايلىنىپ كېىتىدۇ ۋە شۇ سەۋەپلىك ئەلبېشى سايلىمىغا قاتنىشىپ ئەڭ ئاخرىدا غەلبە قىلىدۇ. ۋولودىمىر زېلېنسىكىي قىرىمنى روسىيە ئىشغالىدىن قۇتۇلدۇرۇش، ياۋروپا ئىتپاقىغا ئەزا بولۇش، ناتو (شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياكى ش ئا ئە ت) غا ئەزا بولۇش، پارخورلۇقنى يوقىتىش، سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، پۇرستەپەرەس ماگىنناتلىنى تازلاش ۋە شەرقى ئۇكرائىنادىكى (روسىيە ئىشخالىدىكى دونباس ۋە لۇخانسىك ئوبلاستى) ئۇرۇشنى ئاياقلاشتۇرۇش قاتارلىق مەقسەت-مۇددا بىلەن ئۇكرائىنا ئەلبېشى سايلىمىغا قاتنىشىپ ئەڭ ئاخىردا غەلبە قىلغان. 2022-يىلى 24-فېۋرالدا روسىيە فېدىراتسىيەسى ئارمىيەسى ئەلبشى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ بۇيرىقىغا ئاساسەن ئاتالمىش "يېڭى ناتسىسلار"، "ئەسەببىي ئوڭچچىلار"، ۋە "رۇس نەپرەتچىلىرى" نى يوقىتىش، "ئۇكرائىنانى قورالسىزلاندۇرۇش"، "رۇس تىلى سۆزلەيدىغانلىنى قوغداش" مەقسىتىدە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلدى. شۇنىڭدىن بۇيان ۋولودىمىر زېلېنىسكىي پۈتۈن ئۇكرائىناغا رەھبەرلىك قىلىپ رۇسيە تاجاۋۇزچىلىرىغان قارشى ئۇكرائىنا ئاۋام ئۇرۇشغا رەھبەرلىك قىلماقتا. ۋولودىمىر زېلېنىسكىي رۇسىيە ئەلبېشى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۆلتۈرۈش تىزىملىكىدىكى 1-نۇمۇرلۇق نىشاندۇر، ئۇنىڭ ئائىلىسى بولسا ئىككىنچى نۇمۇرلۇق نىشاندۇر.

ۋولودىمىر زېلېنسكىي

Volodymyr Zelenskyy

ۋولودىمىر زېلېنىسكىي
ئۇكرائىنانىڭ 6-ئەلبېشى
ماقامدا
ماقامغا ئولتۇرغان ۋاقىت:

2019-يىلى 20 ماي

باش ۋەزىر ۋولودىمىر گروسىيمەن

ئولېكسىي خونچارۇك

دەنسىي شيھال

بۇرۇنقىسى پېترو پروشونكو

Petro Poroshenko

پروفىل
تۇغۇلغان Volodymyr Oleksandrovych Zelenskyy

ۋولودىمىر ئولېكساندىروۋىچ زېلېنىسكېي

سوۋىت ئىتپاقى،

ئۇكرائىنا سوۋىت سوتسىيالىستىك جۇمھۇريېتى،

كيىۋ رىخ،

1978-يىلى 25 يانۋار

سىياسى پارتىيە مۇستەقىل
باشقا سىياسى

باغلىنىشى

خەلقنىڭ خىزمەتچىسى (2018-ھازىرغىچە)
رەپىقىسى Olena Kiyashko

ئولېنا كىياشكو (2003-يىلىدىن بۇيان)

پەرزەنت 2
ئاتا-ئانىسى
  • Oleksandr Zelenskyy
  • ئولېكساندېر زېلېنسىكىي
  • Rymma Zelenska
  • رىمما زېلېنسكا
تۇرالغۇسى مارىنىسكىي ساريى
مائارىپ كىيىۋ دۆلەتلىك ئىقتىسات ئۇنىۋېرسېتىتى
كەسپى
  • سىياسئىون
  • ئاكتىيور
  • كومىدىيەچى
ئىمزا
ۋولودىمىر زېلېنىسكىينىڭ ئىمزاسى
ۋولودىمىر زېلېنىسكىي ئاقسارايدا (جوۋ بايدىن بىلەن بىللە)
ۋولودىمىر زېلېنىسكىي يىغىندا
ۋولودىمىر زېلېنىسكىي
ۋولودىمىر زېلېنىسكىي ۋە تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇلۇسى ئاكار.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلىنكىن ۋە ئەلبشى زېلېنىسكىي
ۋولودىمىر زېلېنىسكىي ۋە رەپىقىسى پارلامېنت سايلىمىدا بىلەن تاشلىماقتا
ۋولودىمىر زېلېنىسكىي ۋە ئەزەربەيجان ئەلبېشى ئىلھام ئەلى