بېغىم نىياز

ئورنى Wikipedia

بېغىم نىياز 1893-يىلى لوپنۇر ناھىيە تىكەنلىك رايونى يېڭىسۇ كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدە ئۆز دادىسىدىن تەلىم ئېلىپ ساۋادىنى چىقارغان. ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى موللا بولۇپ، دادىسى نىياز سوپى ئىكەن. چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمى باغ نىياز بولۇپ، كېيىن موللا دىگەن ئىسىمنى نىيازغا ئۆزگەرتكەن.

باغ نىياز ئاكىنىڭ دادىسى نىياز قۇلى بوۋاي، ئۇنىڭ دادىسى ئىبراھىم بوۋاي ئۇنىڭ دادىسى پىراق قازى(ئەمەل ئىسمى)بوۋاي ئىكەن. بېغىم نىيازنىڭ بوۋىلىرى ئۆز ۋاقتىدا ناھايىتى ناھايىتى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە دائىم ئىلىم-بىلىم سورۇنلىرى بولۇپ تۇرغاچقا، نىياز سوپى ئاكا ئۆز بوۋىسىدىن كۆپ بىلىم ئالغان ۋە ئوغلى بېغىم نىيازنىمۇ ئۆزى تەربىيلىگەن. نىياز داموللا دېگەن كىشىدىن بىلىم ئالغان. بالاغەتكە يەتكەندە نۇرغۇنلىغان پارىسچە، ئەرەبچە كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان. شۇ چاغلاردا بېغىم نىيازنىڭ ئۆيىدە"دەھقا يىقۇل ئەخبار"، "مۇپتاھىل جانان"، "مەسسائىل ئەنۋار"،"مۇبەييىن ئىسلام"، "غوجا ھاپىز"،قاتارلىق كىتابلار بولۇپ، ئۇمۇ دادىسىغا ئەگىشىپ ئاشۇ خىلدىكى كىتابلارنى ئوقۇغان ھەم نۇرغۇنلىغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى يادلىغان. 1953-يىلى ئۆيگە ئوت كېتىپ نۇرغۇنلىغان كىتابلىرى كۆيۈپ كەتكەن.بېغىم نىياز ئاكا "ئاق ئۆلەمبەردى خان "،"قارا چاچ ئايىم" قاتارلىق داستانلار ۋە مۇھىم قىممەتكە ئىگە ناخشا، قوشاقلارنى بىزگە يەتكۈزۈپ بەردى. ۋەھالەنكى ۋاقىتسىز قازا تېپىپ كەتكەنلىكتىن نۇرغۇنلىغان تەتقىقات خاراكتىرلىك قىممەتلىك ماتېرىياللارنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتتى. بىز ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق ئېچىنماقتىمىز.