Jump to content

بەھرام ئابدۇۋېلى (پۇتبولچى)

ئورنى Wikipedia

بەھرام ئابدۇۋېلى ئۇيغۇر پۇتبول تەنھەركەتچىسىدۇر. ئۇ 2024-يىلى مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئارقىلىق تونۇلۇشقا باشلىغان.



بەھرام ئابدۇۋېلى


باشقا ئىسىملار Behram Abduweli 拜合拉木·阿卜杜外力
قىسقا ئۇچۇر كەسپىي پۇتبولچى
مىللىتى ئۇيغۇر
ئوقۇش تارىخى ھەر قايسى پۇتبول مەكتەپلىرى
ئىش جوڭگو تايلاند دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچ بىر توپ كىرگۈزگەن.
توغۇلغان ۋاقتى 2003 يىلى 8-مارت
توغۇلغان يەر غۇلجا شەھىرى
رەپىقىسى بويتاق


ھەققىدە[تەھرىرلەش]

دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندى دەپ ئىسمى ئىلان قىلىنىپلا خەلقئارالىق مۇسابىقىدە ئويناپ ۋە ئون كۈن بولماي تۇرۇپلا جوڭگو تارىخىدىكى تۇنجى توپنى تىقىۋەتكەن پۇتبۇل چولپىنى بەھرام 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى غۇلجىدا تۇغۇلغان. بويى 189 سانتېمىتىر، ئېغىرلىقى 81 كىلوگرام، ئورنى ھۇجۇمچى، 4 يېشىدا دادىسى ھادىسىدە قازا قىلغان، 10 يېشىدا ئاپىسى كىسەل بىلەن قازا قىلغان. ئاكىسى كامران بىلەن بەھرامنى بوۋىسى بېقىپ چوڭ قىلغان. 2024-يىلى ئالتۇن ئۆسمۈر لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. ئەسلى ئاكىسى كامرانمۇ پۇتبۇل ئوينايدىغان بولۇپ، 2015-يىلى نەنجىڭدا پۇتبۇل ئويناشقا تاللانغان بولسىمۇ، ئېنىسىغىمۇ شەندۇڭدا مۇسابىقە ئويناشقا چاقىرىق كەلگەچكە ئاكىسى ۋاز كېچىپ ئۇكىسىنى شەندۇڭدىكى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان ۋە ئېنىسى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان. ئاكا-ئۇكىسى كىچىكىدە يايما يېيىپ قوناق پۇشۇرۇپ سېتىپ بوۋىسىغا ياردەملىشىپ ئائىلىنى قامدىغان. دەريا بويىدا، كۆۋرۈك ئاستىدا توپ ئويناش ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى ئىدى.

  • بەھرام 2022-يىلى شەندۇڭ تەيشەن كوماندىسىدا ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ۋە 11-ئاينىڭ 23-كۈنى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.
  • 2023-يىلى 3-.ئايدا جۇڭگو ئولىمپىك توپ تاللانغان. 9-ئايدا دۆلەت ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 9-ئايلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش توپچىسى بولۇپ باھالانغان.
  • 2024-يىلى 2-ئايدا 2023-يىللىق ئالتۇن توپ تارقىتىش مۇسابىقىسىدا ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
  • 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ئاسىيا رايۇنى 2-باسقۇچلۇق س گورۇپپا 5-ئايلانما مۇسابىقىسىدە زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، 79مىنۇتتا تايلاند تەرەپكە بىر توپ كىرگۈزۈپ جوڭگونى شاللىنىپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىپ، جوڭگو تارىخىدىكى تۇنجى توپنى كىرگۈزگۈچى بولۇپ قالدى.
  • بەھرام 2023-يىلى ئاسىيا ياشلار لوڭقىسى ۋە بۇ يىللىق U23 ئاسىيا لوڭقىسىدا ئىپادىسى قالتىس بولغان. 21 ياشلىق بەھرام يەنە دۆلەت ياشلار كوماندىسى، دۆلەت ئۆسمۈرلەر كوماندىسى ۋە شېنجېن يېڭپېڭچېڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسىى پۇتبولچىسى بولدى. 1.88 مېتىر ئېگىز بولغان بەھرام تېز، كۈچلۈك، پۇت تېخنىكىسى ئالاھىدە ياخشى، ھۇجۇم-مۇداپىئەگە يامان، ئوتتۇرا ھۇجۇمچى، يان ھۇجۇمچى ۋە يان ئالدى قوغدىغۇچى بولۇش رولىنى ئۆتەيەلەيدىغان ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، مەتبۇئاتلار ئۇنى «نادىر ئۇچرايدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق خىسلەتلىك پۇتبۇلچى» دەپ تەرىپلىگەن.

پىروفىلى[تەھرىرلەش]

بەھرام ئابدۇۋېلى
پروفىل
تۇغۇلغان ۋاقتى 2003-يىلى 8-مارت (21 ياش)
تۇغۇلغان جاي غۇلجا، جۇڭگو شىنجاڭ
ئېگىزلىكى 1.88 m (6 ft 2 in)
ئورۇن (لار) ھۇجۇمچى
كوماندىسى
ھازىرقى كوماندا شېنجېن پېڭ شەھىرى
نومۇرى 27
ياشلار كەسپى
2015–2021 ئىچكى موڭغۇلىيە شېڭلې مېڭياڭ
2021–2022 شەندۇڭ تەيشەن
چوڭلار كەسپى *
يىللار كوماندا مەيدانغا

چىقىش

تىققان

توپ

سانى

2022–2023 شەندۇڭ تەيشەن 0 (0)
2022 → جىنەن شىڭجۇ (قەرز) 8 (1)
2023 سىچۈۋەن جيۇنيۇ (قەرز) 16 (5)
2024– شېنجېن پېڭ شەھىرى 0 (0)
خەلقئارالىق كەسىپ
2022-2023 China U2 7 (0)
2023– China U23 3 (0)
2024– جۇڭگو 2 (1)