تاركان

ئورنى Wikipedia

بىز ناخشىلىرىنى كۆپ ئاڭلايدىغان تاركان 1972-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان.  يەنى ئەسلى تۈركچە تولۇق ئىسمى تاركان تەۋەتئوغلۇ ئاتاقلىق تۈرك ناخشىچى، ناخشا تېكىستى يازغۇچى، سەنئەت ئىشلىگۈچى ۋە مۇزىكا ماسلاشتۇرغۇچى. ئۇ غەربىي گېرمانىيە نىڭ رېننايا پالاتىنا ئۆلكىسىنىڭ ئالتىساي ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. 1986-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۈركىيە گە كۆچۈپ كەلگەن.

ئاساسى ماتىريالى[تەھرىرلەش]

تاركان
ئۇيغۇرچە ئىسمى تاركان تەۋەتئوغلۇ
باشقا نامى تاركان
مىللىتى تۈرك
تۇغۇلغان ۋاقتى 1972-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
توختاملاشقان شىركەت İstanbul Plak
تۈركچە ئىسمى Tarkan Tevetoğlu
ئىسمىنىڭ لاتىنچە يىزىلىش Tarkan
دۆلەت تەۋەلىكى تۈركىيە
يۇرتى غەربى گېرمانىيە ئالتساي
كەسپى ناخشىچى
ۋەكىللىك ئەسىرى Dudu
تاركان كونسىرىت

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

تاركان تەۋەتئوغلۇ 1972-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى غەربىي گېرمانىيە نىڭ رېننايا پالاتىنا (Renanya-Palatina) ئۆلكىسىنىڭ ئالتساي (Alzey) ناھىيەسىدىكى نەشە (Neşe) ۋە ئالى تەۋەتئوغلۇ (Ali Tevetoğlu) ئاتلىق ئىككى دېھقاننىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. نەشە تەۋەتئوغلۇ «تاركان» ناملىق رەسىملىك روماندىكى ئوبرازدىن تەسىرلىنىپ، ئوغلىغا مۇشۇ ئىسىمنى قويدى. تاركاننىڭ مۇزىكىغا بولغان ئىشتىياقى بالىلىق مەزگىللىرىدىلا قوزغالغانىدى. ئالتە بالىلىق بۇ ئائىلە، 1986-يىلى تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلدى ۋەغوجائەلى (Kocaeli)نىڭ قارا مۈرسەل (Kocaeli Karamürsel) رايونىغا ئولتۇراقلاشتى. تاركان، بۇ يەردە تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىنى باشلىدى ۋە «قارا مۈرسەل مۇزىكا ئىلمىي جەمئىيىتىدە تۈرك مۇزىكا سەنئىتى ھەققىدە تەلىم ئالدى. كېيىنكى يىللاردا، ئائىلىسىنىڭ ئىستانبۇلغا كۆچۈشى بىلەن، ئۈسكۈدار مۇزىكا جەمئىيىتىدە ئۆگىنىشىنى داۋام ئەتتى ۋە سەھنىلەرگە چىقىشقا باشلىدى. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ئارزۇلىغان مەكتىپىنىڭ كەسپىگە ئۆتەلمىگەچكە گېرمانىيەگە قايتىش پىلانىنى سوقۇپ تۇرغان تاركان، ئىستانبۇل پىلاك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەھمەت سۆغۈتئوغلۇ بىلەن تونۇشۇپ قالدى ھەم بىر پىلاستىنكا چىقىرىش ھەققىدە توختاملاشتى.

پىلاستىنكىلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى تۈركچە نامى ئېلان قىلغان يىلى
يەنە سەنسىز Yine Sensiz 1992
ئاجايىپسەن Aacayipsin 1994
ئۆلىمەن ساڭا Ölürüm Sana 1997
كارما Karma 2001
دۇدۇ Dudu 2003
يېقىنراق كەل Come Closer 2006
مېتامورفوز Metamorfoz 2007
ئىسمىمنى يۈرىكىڭگە ياز Adımı Kalbine Yaz 2010
ئەھدى ۋاپا Ahde Vefa 2016

مەنبە[تەھرىرلەش]

ئىزدە قامۇسى http://wiki.izda.com/?a=show&id=7498