تارىخنىڭ يۈكى ۋە ئاسارىتى
1. تارىخنىڭ يۈكىنى بايقاش
ئادەم ئۆزى چوڭ بولغان موھىتىدىن ئايرىلىپ ئۆزىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان پەرقىنى ھىس قىلغاندا دەسلەپ ھەيران قالىدىغان، گاڭگىرايدىغان گەپكەن. مەن ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن ئۆزەمنى تارىخچىدەك ھىس قىلىپ قالدىم. ۋەتەندە مەن ئەسلى تارىخچى سانالغىدەك ساپادىكى ئادەم ئەمەس ئېدىم. مەن تونۇيدىغان دوستلار ئىچىدە تارىخ ھەققىدىكى بىلىمى چولتىراقى مەن ئېدىم. ئۆزەمنىڭ "تارىخچى" لىقىمنى بىر دەرستە بايقىدىم. بىر كۈنى بالىلار تىلشۇناسلىقى دەرسىدە مۇئەللىم 1950-يىللاردا روس تىلشۇناسلىرىدىن بىرىنىڭ يازغان بىر ماقالىسىنى تەھلىل قىلىپ بەردى. ماقالەدىكى نۇقسانلار ھەققىدە توختۇلۇپ "50-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى كىم ئېدى؟" دەپ سوراپ قالدى. سىنىپ بىر مىنۇتتىن جىقراق سۈكۈتكە چۈمدى. 60-70 قا يېقىن ئوقۇغۇچى كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ قاراپ ئوتۇرۇشاتتى. تىلشۇناسلىق بويىچە دوكتۇرلۇقتا، ماگىستىرلىقتا ۋە تولۇق كۇرۇستا ئوقۇۋاتقان شۇنچە جىق ئوقۇغۇچىنىڭ بۇنى بىلمەسلىكىگە ئىشەنمەي جاۋابىنى ئېنىق بىلسەممۇ زۇۋان سۈمۈدۈم. ئاخىرى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ "سىتالىن" دېدىم. ئاندىن "سىتالىن 'ماركىسىزىم ۋە تىلشۇناسلىق مەسىلىلىرى' دېگەن بىر كىتابنى يازغان" دېدىم. ماقالىدىكى نوقسانلارنىڭ دەل شۇ ماركىسىزىم ئىدولوگىيەسىنىڭ تىلشۇناسلىققا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى، ئارىلىشىۋېلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. سىنىپتىكى ھەممەيلەننىڭ كۆزى ماڭا تىكىلگەندە ئامېرىكىلىقلاردەك مەغرۇر كۈلۈمسىرەپ قويۇش ئورنىغا گۇناھ قىلىپ قويغاندەك قورۇنۇپ كەتتىم. مۇئەللىم دېگەنلىرىمنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ماقالە ياكى ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا قايسى ۋاقىتتا قانداق شارائىتتا يېزىلغانلىقىنى بىلىشنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەن بايقىغان مەسىلىنى بايقىيالماسلىقى ئۇلارنىڭ بىر پارتىيە ئىدولوگىيەسى پەن تەتقىقاتىدىن تارتىپ شەخسنىڭ تۇرمۇشىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان جەمئىيەتتە جەمئىيەتتە ياشاپ باقمىغانلىقىدىن بولغان. شۇ چاغدىكى ھەيرانلىقىم ئۆزەمنىڭ بۇ تارىخنى بىلىدىغانلىقىمغا ئەمەس شۇنچە كۆپ ئامېرىكىلىقنىڭ مەن بىلىدىغان تارىخنى بىلمەيدىغانلىقىغا قوزغالدى. مەنچە بۇ تارىخنى بىزدە بىلىدىغانلار بەك كۆپ ئېدى. دەرس جەريانىدا مەن مەسىلىنى مىللەت ۋە تارىخ نوقتىسىدىن كۆزىتەتتىم. تىلشۇناسلىققا مۇناسىۋەتلىك ۋە ئىنسانشۇناسلىققا ئائىت ئوقۇغان كىتابلىرىم جىقتەك تۇيغۇ بېرەتتىم، لېكىن شۇ كىتابلاردىكى بىرەر نەزەرىيەدىن پايدىلىنىپ قارىشىمنى ياقىلىيالمايتتىم، ئىسپاتلىيالمايتتىم. تارىخ ھەققىدىكى بىلىمىم شۇ بىر قېتىم ئەسقاتقان بىلەن قايتا كارغا كەلمەي قويدى. مىللەت نوقتىسىدىن ئويلاشلىرىم ئىدولوگىيە دەپ قارىلىپ پۇت دەسسەپ تۇرالمىدى. مىللەتچىلىك ئىدولوگىيە بولغاچ ئامېرىكا دەرسخانىلىرىدا ئىلمىي مەسىلىلەرنى بۇ يوسۇندا تەھلىل قىلغىلى بولمايدىكەن. مەسىلىنى تارىخ نوقتىسىدىن كۆزىتىش پەقەت مەسىلىنى تەسۋىرلەشكە يارىغان بىلەن تەھلىل قىلىشقا، ھۆكۈم قىلىشقا يارىمايدىكەن. مەن نېمىشقا تارىخنىڭ يۈكىگە مۇپتىلا بولدۇم؟ تارىخ يۈكلەنگىنى مەنلامۇ؟
بىر كۈنى بىر ئۇيغۇر بۇرادىرىم بىلەن تېلىفوندا پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ ماگىستىرلىقتىكى يېتەكچىسى ئىتاليان ئامېرىكان بولۇپ ئۇنى تازا كۆڭۈلدىكىدەك تەربىيەلىمەپتۇ. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىتاليانلارنىڭ تۈركلەرگە ئۆچلىكىدىن ئىزدەيدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئوسمان ئىمپىرىيىسى زامانىدا تۈركلەر ئىتالىيەنىڭ بىر قىسمىنى بېسىۋالغانىكەن، شۇ سەۋەبتىن ئىتاليانلار تۈركلەرگە ئۆچمەنلىك قىلارمىش. ئۇنىڭ بىر ئىسپانىيىلىك ساۋاقدىشى بولۇپ مۇناسىۋىتى پەقەت ياخشى ئەمەسكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئىسپانىيىنى مۇسۇلمانلار 800 يىلدىن ئارتۇق ئىستىلا قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ ساۋاقدىشىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئۆچلۈك قىلىش مۇقەررەرمىش. كېيىن باشقا ئۇيغۇر دوستلار بىلەن پاراڭلىشىپمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان گەپلەرنى ئاڭلىدىم. رۇسلارنىڭ گېپى چىقىپ بولغۇچە " بولدى قىلە شۇ روسلارنى، تارىختا ئۇيغۇرغا ئورۇسنىڭ قىلغىنى ئازمۇ؟" دېيىلەتتى. ئەرەبلەر تىلغا ئېلىنسا "ئەرەبلەر تارىختا مىللەتچىلىك قىلىپ ئىسلامدا ۋاھابىچىلىقنى پەيدا قىلمىغان بولسا دىنىمىز بۈگۈنكى كۈنگە قالمايتتى. ئەرەبلەر ئەسلىيەتچىلىك، ئاشقۇنلۇق قىلمىغان بولسا ۋە مىللىتىمىز بۈگۈنكى دۇنيادا بۇ قەدەر خەقنىڭ قارىسىغا كەتمەيتتى. ئەرەبلەر تارىختا غەرپنىڭ قىلتىقىغا دەسسەپ ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە تىغ كۆتۈرمىگەن بولسا كۈنىمىز بۇنداق بولمايتتى. بىزگە ئىتىپاقسىزلىق مۇشۇ ئەرەبلەردىن قالغانمىكىن، ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى بىر مىللەت تۇرۇپ ھازىرغىچە بىرلىشەلمەي 22 دۆلەت قۇرۇپ ياشايدىكەن ". مەن مۇشۇنداق كۈندىلىك پاراڭلاردىن ئۈچ نەرسىنى بايقايمەن. بىرى بىر مىللەتنىڭ تارىخى كەچۈرمىشى ئارقىلىق بۈگۈنىگە ھۆكۈم قىلىش، يەنە بىرى مىللەتنىڭ قىلمىشى ئارقىلىق شەخسكە باھا بېرىش، ئۈچىنجى بىرى بىر پىشكەللىكنىڭ سەۋەبىنى قارا قويۇق بىر مىللەتكە دۆڭگەپ قويۇشتۇر.
يۇقارقى دوستۇمنىڭ ۋە باشقا دوستلۇرۇمنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلمايمەن. چۈنكى مەن ئۇچراتقان ئىتالىيان ئامېرىكىلىقلار تۈركلەرنىڭ تارىختا ئىتالىيەنى بېسىۋالغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھازىرقى تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن جوڭگۇدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ زادى نېمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنى ئامېرىكان دەپ قارايدىغان بولغاچقا ئىتالىيەدىكى ئاتا بوۋىلىرىنىڭ كەچۈرمىشى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشى ئىھتىماللىقتىن بەكمۇ يىراق. ھېلىقى ئۇيغۇر دوستۇم ئېيتقان ئىسپانىيىلىك ئۇ تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئىسلامغا ئۆچ بولۇشى ناتايىن، بەلكىم ئۇلار ئىسلامغا ئەمەس ئىسپانلارغا ئۆچ ئاز سانلىق كاتالان ياكى باسك مىللىتىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى ئىسپانىيەدە باسك، كاتالان قاتارلىق ئاپتونۇم ئۆلكىلەر بار. ئۇلار ئىزچىل مۇستەقىللىق داۋاسى قىلىپ تۇرىدۇ. باسكلارنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى بىر قىسىم سىياسىيۇنلارنىڭ "ئىقتىسادى تەرەققىيات مۇستەقىللىق داۋاسىنى پەسەيتىدۇ،" دېگەن ھۆكۈمنى خەلقئارادا رەت قىلىدۇ. چۈنكى باسىكلار مۇستەقىللىققە ئېرىشەلمىگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئىسپانىيە دۆلىتى بەخش ئەتكەن پاراۋان تۇرمۇشقا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە، مۇستەقىللىق ئۈچۈن يەڭ شىمايلىماقتا. مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا ئىسپانىيىلىكلەرنى بىرلا مىللەت دەپ قارىۋېلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانلارغا ئۆچ دەپ تونۇش ئەمەلىيەتتىن يىراق. يەنە بىرى ئەگەر بىر بۆلۈك ئىسپانىيىلىكلەرنىڭ ئىسلامنى "ياقتۇرماسلىقى" پاكىت بولغان تەقدىردىمۇ بۇ ھەر بىر ئىسپاننىڭ مۇسۇلمانغا ئۆچلىكىنىڭ ئىسپاتى بولالمايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ۋاھابىزىم ھەركىتىنى پۈتۈن ئەرەبلەرنىڭ ھەركىتى دېيىشكە بولمايدۇ. ئوسمان خەلىپىلىكىگە قارشى چىققان بىرەر يۈرتتىكى ئەرەبنى بارلىق ئەرەبكە ۋەكىل قىلىشقا بولمايدۇ. سوۋېت كومپارتىيىسى دەۋرىدىكى روسلارنىڭ زۇلمى بىلەن بۈگۈنكى روسلارغا باھا بەرگىلى بولمايدۇ. روسلارنىڭ تارىختىكى زىيانكەشلىكى بىلەن بۈگۈنكى بىر روس سودىگەرنىڭ قويمىچىلىقىغا باھا بەرگىلى بولمايدۇ. مۇشۇنداق چالا پۇلا تارىخ بىلىمى كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەر ۋە ئادەملەر ھەققىدىكى ھۆكۈمىگە ئاساس بولۇپ قالسا سەۋەنلىكتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇ ھالدا بىز بىلىدىغان تارىخ بىلىملىرى مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىشتىكى قورالىمىزغا ئەمەس يۈكىمىزگە ئايلىنىدۇ. يۇقارقى دوستلارنىڭ قاراشلىرىدىن مەلۇم بولىدۇكى، تەپەككۇرى تارىخنىڭ يۈكىدە ھالسىرىغان، قىيسايغان ۋە ئاسارەتتە قالغان يالغۇز مەنلا ئەمەس. تارىخنىڭ بۇ خىل يۈكى يۇقارقى دوستلىرىمغا ئوخشاش مېنىمۇ خاتا ھۆكۈملەرگە بەنت قىلغان ئېدى.
2. تارىخنىڭ كىشەنى ۋە ناتوغرا ھۆكۈم
ئۇنۋېرىستىتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئېدى. مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ يىپەك يولىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى باھارى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىدىن ھاياجانلىنىپ يىپەك يولى مەدەنىيەت جەمئىيىتى دېگەن بىر ئورگاننى قۇرۇپ چىقتۇق. مەن ئوقۇغان پاكۇلتىتتا ئۇيغۇر رەھبەرلەر بولغاچقا باشقا پاكۇلتىت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئاجايىپ ئاسان تەستىقلىنىدىغان پائالىيەتلەر ۋە لېكسىيەلەر ھەققىدىكى ئىلتىماسلار بىزنىڭ ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ شىرەسىگە كەلگەندە قورقۇنچلۇق ئاگاھلاندۇرۇشلاغا مۇپتىلا بولۇپ ئىجازەتسىز قالاتتى. شۇ چاغدا نېمىشقا بىزگە ئۇيغۇر باشلىق بولىدىغاندۇ، نېمىشقا ئۇيغۇر باشلىقلار بېيجىڭدا ياشاپ تۇرۇپمۇ ھەممە نەرسىنى شىنجاڭچە ئويلايدىغاندۇ، نېمىشقا بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭچە باشقۇرىدىغاندۇ، ئۇلار نېمىشقا بىزگە خىيالىمىزغىمۇ كېلىپ چىقمايدىغان قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەر ۋە ۋەھىمىلەر بىلەن تەھدىت سالىدىغاندۇ، دەپ غۇدۇرايتتۇق. بىز بۇ قاتماللىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن پاكۇلتىتقا ئەمەس بىۋاستە مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتىتىغا قارايدىغان بىر جەمئىيەت قۇردۇق. بۇنداق بولغاندا بىز پائالىيەتلەرنىڭ تەستىقىنى پاكۇلتىتتىكى ئۇيغۇر رەھبەردىن ئېلىشىمىزغا ھاجەت قالمايتتى. ئويلىغىنىمىزدەك ئىشلار شۇنداق راۋان يۈرۈشۈپ كەتتى.
97 -يىلى پەيزاۋاتتا يەر تەۋرىدى. بىز ئاپەتتىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىئانە توپلاشنى قارار قىلىپ يىپەك يولى مەدەنىيەت جەمئىيىتىمىز نامىدىن مۇراجەتنامە چىقاردۇق. ئەرتىسى قارىساق چىڭخەيلىك تۇڭگان بالىلار قۇرغان مەغرىپ جەمئىيىتى ئىسىملىك بىر جەمئىيەت بىز بىلەن ئوخشاش مەزمۇندىكى مۇراجەتنامىنى چاپلاپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇلار بۇ خەيرلىك پائالىيەتنى بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرماقچى ئىكەن. مەن شۇ چاغدا دوستلارغا "بۇ تۇڭگان خەقتىن بىزگە تارىختىن بېرى ۋاپا كەلمىگەن، تۆمۈر خەلىپىنى قۇرئان تۇتۇپ ئالداپ قورال تاشلاتقۇزغانمۇ، خوجانىياز ھاجىنى ئالدىغانمۇ، قەدىمىي پايىتەخت قەشقەرنى قانغا بويىغانمۇ، شەھىدانە خوتەننى ئۈچ يىل زار يىغلاتقانمۇ مۇشۇ تۇڭگانلار، قويۇڭلار مۇشۇلار بىلەن ھەمكارلىشىمىز دېگەن گەپنى" دەپ تەسىرلىك بىر ۋەز ئېيتىپ ھەممەيلەننى قايىل قىلغىنىم ئېسىمدە. ئەمەلىيەتتە، چىڭخەيلىك تۇڭگان بالىلار ماجوڭيىڭ كىم بىلمەيتتى. قەشقەردىكى قىرغىندىن خەۋەرسىز ئېدى، خوتەننى قان يىغلاتقان ماجەنساڭنىڭ قەبرىسى قايەردە بىلمەيتتى. تارىختا بوۋىسى كۆرمىگەن ماجوڭيىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھىچ بىر مۇناسىۋىتى يوق ئېدى. ماجوڭيىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغانلىقى، خانۇۋەيران قىلغانلىقى ھەققىدە ھىچ قانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ئېدى. ئۇلار پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقى، تارىختىكى ئۆلىمالىرى قەشقەردە تەھسىلدە بولغانلىقى، قەشقەر ئورتا ئاسىيادىكى ئەنئەنىۋىي ئىسلام بۆشۈكى بولغانلىقى سەۋەبلىك قەشقەردىكى يەر تەۋرەشكە قايغۇرغانلىقتىن بىز بىلەن ئىئانىگە بىللە چىقماقچى بولغان ئېدى. شۇ چاغدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ باشلىقى بولغان يۈسۈف ئىسىملىك تۇڭگان بالىنىڭ چىرايىمىزغا، گەپلىرىمىزگە قاراپ بىزنىڭ قارارىمىزدىن ھىچ نېمىنى ئاڭقىرالماي گاڭگىراپ قالغان ناتىۋان ھالىتىنى مەڭگۈ ئۇنۇتالمايمەن. شۇ چاغدا مېنىڭ تارىخ ھەققىدىكى بىلىمىم ھالقىلىق پەيتتە توغرا ھۆكۈم چىقىرىشىمغا توسقۇن بولغانىدى. مانا بۇ تارىخىي مەلۇماتنىڭ رىياللىقنى تونۇشقا بولغان مەنپىي تەسىرى، تارىخىي بىلىمنىڭ ئەقىلنى كىشەنلىشى ئېدى.
3. بىز نېمە ئۈچۈن تارىخقا مەھكۇم
ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن مېنى سۆيۈدۈرگەن ئىش، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىر كىشىگە شۇ كىشىنىڭ ئاتا بوۋىلىرىنىڭ تارىخى ئارقىلىق باھا بەرمەسلىكى، ئامېرىكىدا بىر مىللەتكە قارا قويۇق باھا بېرىشنىڭ ئەخلاقسىزلىق سانىلىشى، بىر مىللەت كىشىلىرى پەيدا قىلغان قاباھەتنى شۇ مىللەتكە تەۋە گۇناھسىز بىر كىشىدىن كۆرۈشنىڭ بىنورمال ھىساپلىنىشى بولدى. بىر كۈنى ۋاشىڭتوندا بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق. ئايالى ئالدىدىكى ئەرەبلەرنى ئىما قىلىپ "مۇشۇ ئەرەبلەر بىلەن پەقەت خوشۇم يوق، بۇلارنىڭ قولىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈشتىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ. ساقاللىرى سىنتەبىر ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان تىرورچىلارنىڭ ئۆزى، قاراڭلار ئاياللىرىنىڭ كىينىشلىرىنى!" دەپ قالدى. دوستۇم "تولا ئەرەبلەر ئۇنداق، ئەرەبلەر مۇنداق دەپ كەتمەڭ، سىز قانچە ئەرەبنى تونۇيتىڭىز، ئۆمرىڭىزدە قانچە ئەرەب كۆرۈپ باقتىڭىز. ئامېرىكىدا 6 يىل ياشىغاندەك گەپ قىلىڭ، تارتىڭە پۇتىڭىزنى سۇدىن. بۇ پونتان 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ياسالغان. سىز ياراتمىغان ئاۋۇ ئەرەبلەر مۇشۇنى بولسىمۇ بىلىدىكەن. سىزدەك پۇتىنى سۇغا تىقىۋالمىدى" دەپ ئايالىغا رەددىيە بەردى. ئامېرىكىدا مېنى ھەيران قالدۇرغان ئىش، ئامېرىكىلىقلار دۇنيانى ئامېرىكىدەكلا تەسەۋۋۇر قىلىشى بولدى. ئۇلار ئامېرىكىدا بار نەرىسلەرنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار، دەپ ئويلايدىغاندەك تۇيۇلىدۇ ماڭا. بىر كۈنى بىر ئامېرىكىلىق دوستۇم "ماشىنا ھەيدىيەلەمسەن؟" دەپ سوراپ قالدى. مەن جاۋاپ ئۈچۈن ئاغزىمنى "ياق " دېگەن سۆزگە ئەمدى ئۆمەللەپ تۇرۇشۇمغا: "ساڭا ئوخشاش كىتاپ ئوقۇپ، ئىچىنى تىڭشاپ چوڭ بولغان ئامېرىكىلىقلار ئىچىدە ماشىنا ھەيدىيەلمەيدىغانلىرىنىڭ چوقۇم چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بەلكىم سەن شەخسى ماشىنا ئىشلىتىشكە قارشى، ماشىننىدىن چىققان گاز سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان موھىت بۇلغۇنۇشنى ئازايتىشنىڭ تەشەببۇسچىسى بولۇشۇڭ، ياكى موھىت ئسراش پائالىيەتلىرىگە كىچىكىڭدىن قىزىققان بولۇشۇڭ مۇمكىن" دەپ سۆزلەپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ماشىنا ھەيدىيەلمەسلىكىم مەن چوڭ بولغان دەۋر، شارائىت بىلەن ئالاقىدار. ئۇ زاماندا شەھەر كوچىلىرىدا خۇسۇسى ماشىنا يوق چاغلار ئېدى. موھىت ئاسراش، موھىتنىڭ بۇلغىنىشى ھەققىدىكى گەپلەر مەن ياشىغان موھىتتا شەخسنىڭ قىزىقىشىغا ئايلىنالمىغان ئېدى. دېمەككى بۇ ئامېرىكىلىق دوستۇم مەن ياشىغان موھىتنى ئۆزىنىڭ ئامېرىكىسىغا ئوخشىتىۋالغان ئېدى. مەن بېيجىڭدا ۋە ئەنقەرەدە بولغانلىرىمىدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەكسىچە پوزىتسىيەگە دۇچ كەلگەنىدىم. ئەنقەرە ئۇچراتقان تۈركىيە تۈركلىرى ۋە بېيجىڭدا ئۇچراتقان خەنسۇلار ئۆز دۆلىتىنى ۋە مىللىتىنى تەرەققىياتنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشتاتتى. ئۇلار دۆلىتىدىكى ئاز سانلىقلارنى ۋە ئۆزىگە قوشنا دۆلەتتىن كەلگەنلەرنى ئەگەشكۈچىلەر، ئارقىدا قالغانلار، قالاقلار دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشاتتى. ۋاھالەنكى بۇنداق قىلىقنى مەن ئامېرىكىلىقلاردا ئۇچراتمىدىم. بېيجىڭدا ئوقۇغان چاغلىرىمدا خەنسۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ " شىنجاڭدا ماشىنا بارمۇ، توك بارمۇ، بىنا بارمۇ؛ رادىيو، تېلىفون، تېلۋىزورنى بىلەمسەن؛ پىلانلىق تۇغۇت بارمۇ، ئەرلەرنىڭ نەچچە خوتۇنى بار؛ سىلەرمۇ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى بېرەمسىلەر، شىنجاڭدا ئالى مەكتەپ بارمۇ، سىلەرنىڭ بارلىق چىقىمىڭلارنى ھۆكۈمەت كۆتۈرەمدۇ…" دېگەندەك سۇئاللىرىغا تولا دۇچ كېلەتتىم.
زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئەنقەرەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان چاغلىرىمدا بېيجىڭدا خەنسۇلاردىن ئاڭلىغان سۇئاللارنى تۈركلەردىن ئاڭلىدىم. ئەلۋەتتە تۈركىيە تۈركلىرى بېيجىڭلىقلارنىڭ "ئەرلەرنىڭ نەچچە خوتۇنى بار، ئىشىلىمىسەڭلەرمۇ سىلەرنى ھۆكۈمەت باقامدۇ، سىلەرگىمۇ پىلانلىق تۇغۇت بارمۇ، چوشقا سىلەرنىڭ ئەجدادىڭلارمۇ، سىلەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلساڭلار ھۆكۈمەتنىڭ كارى بولمامدۇ…" دىن باشلانغان ئاڭقاۋ سۇئاللىرىنىڭ ئورنىغا "جۇڭگۇلۇقلار كۆرۈنگەن نەرسىنى يەيدىكەن سىلەرمۇ يەمسىلەر، جوڭگۇلۇقلارنىڭ دىنى يوقكەن سىلەرنىڭچۇ، جوڭگۇلۇقلارنىڭ ھەممىسى كومۇنىستكەن سىلەرمۇ شۇنىڭغا مەجبۇرمۇ…" دېگەندەك سۇئاللارنى سورۇشاتتى. 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن بۇنداق سۇئال سورايدىغانلار مەنچە ئاساسەن قالمىدى. قىزىقارلىق يېرى تۈركلەر بۇنداق سۇئالنى مەندىنلا ئەمەس ئافرىقىلىقلاردىنمۇ شۇنداق سورايتتى، لېكىن خەنسۇلار ماڭا پەقەت مەندەك ئۇيغۇرلاردىنلا شۇنداق سورايدىغاندەك تۇيۇلاتتى. مەن بۇنىڭ مەنبەسىنى مىللەتچىلىك يادىرو قىلىنىپ تۈزۈلگەن دەرسلىك كىتابلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. تۈركىيە بىلەن جوڭگۇنىڭ ئوخشاشلا ئىمپىرىيەلىك تارىخى بار. تۈركىيە بىلەن جوڭگۇنىڭ ئىمپىرىيە تۈزۈمىدىن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە ئۆتۈشىگە مىللەتچىلىك ئىددىيسى كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. جوڭگۇلۇقلارنىڭ دۆلەتچىلىك ئىددىيىسىنى قۇرۇپ چىققان سۇنجوڭشەن بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى لايىھەلىگەن مۇستاپا كەمال ئاتاتۈرك مىللەتچىلىكنى دۆلەتنىڭ تۈپ ئىددىيىسى قىلىپ بېكىتكەن. جوڭگۇدىكى مىللەتچىلىك ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئومۇملىشىش پۇرستىگە ئېرىشكەن. مەنچە تۈركلەر بىلەن خەنسۇلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن سورۇغان سۇئاللىرىنىڭ ئوخشاشلىقىنىڭ سەۋەبى يۇقارقىدەك ئاشقۇن مىللەتچىلىك ئىدولوگىيەسىگە بېقىنغان مائارىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇرلادىكى تارىخقا بولغان زىيادە شەيدالىق پەقەت ئۇيغۇرلار تەربىيەلەنگەن ۋە تەربىيىلىنىۋاتقان يۇقارقى مائارىپقا تاقابىل شەكىللەنگەن كەيپىيات ۋە ئەكىس سادادۇر.
تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۆرە ئۇيغۇر زىيالىلار ئارىسىدا ياۋرۇپا زىيالىلىرىنىڭ قاراشلىرىدىن خەۋەردار بولۇش پۇرسىتىگە نائىل كىشىلەر كۆپ ئەمەس، لېكىن ۋىنگىرىيەلىك ئالىم ۋامبىرىنىڭ "تارىخى قاراڭغۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىمۇ قاراڭغۇ بولىدۇ" دېگەن ھۆكۈمى بىلەن، گېرمان پەيلاسۇپى نىچشىنىڭ "تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ" دېگەن قارىشى كەڭرى ئومۇملاشقان. بۇلار ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ تارىخقا بولغان شەيدالىقىنى كۈچەيتكەن موھىم ئامىل. مىللەتنىڭ يورۇق كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇلار تارىخنىڭ قاراڭغۇلىقىنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىلىرى جانلىرىنى ئالقىنىغا ئېلىپ تارىخ ۋە تارىخى رومان يېزىشتى. دىيارىمىز تارىخى كىچىكىمىزدىن تارتىپ كاللىمىزغا قۇيۇلسىمۇ بىز "ئاجىز" لىقىمىز سەۋەبلىك ئۇنداق تارىخقا ئىشەنمىدۇق. نەتىجىدە تارىخقا بولغان شەيدالىقىمىز تېخىمۇ ئارتتى. ئىدولوگىيە ئاساسىغا قۇرۇلغان مائارىپ، تەقىپلەنگەن ئىددىيە، چۈشەندۈرۈكسىز قالغان قىسمەت، رىياللىق ئالدىدىكى ئىمكانسىزلىق قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار قوشۇلۇپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارىخ مۇشتاقلىقى بارغانسىرى كۈچەيمەكتە. ھەتتا ئۇيغۇر ئاۋامدا زىيالىلارنى تارىخچى ۋە يازغۇچى دەپلا تونۇش ئومۇلاشقان. ("ئۇيغۇردا ئەدەبىياتنىڭ يۈكى ۋە ئەدىپنىڭ دەردى " دېگەن ماقالەمدە بۇ ھەقتە توختالغانىدىم.)
ئۇيغۇرلاردا تارىخ قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرلىشى ئىجابىي تەرەپتىن مىللەتنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشىنىڭ باشلانغانلىقىنى، كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ۋاھالەنكى بۇنىڭ سەلبىي تەرىپىنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق لازىم. ھەممە مەسىلىگە تارىخىي نوقتىدىن باھا بەرگەندە خىيالىيلىقتىن، ھېسسىيلىكتىن، چولتىلىقتىن ۋە يۈزەكىلىكتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بىز مۇئامىلە قىلىۋاتقان دۇنيا تارىختىكى دۇنيا ئەمەس، بىز يۈزلىنىپ تۇرغان كىشىلەر تارىختا ياشىمايدۇ . تارىخ بىزنىڭ ئۆتمۈشنى چۈشىنىشىمىزدىكى قورال بولۇشى كېرەككى بۈگۈننى تەھلىل قىلىشىمىزغا، ئەقلى ھۆكۈم چىقىرىشىمىزغا كۆلەڭگە چۈشۈرمەسلىكى كېرەك. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولىشىچە دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن رازى بولۇش نىسبىتى دىيارىمىزدىكى خەنسۇلارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئىكەن. ئاساسلىق سەۋەب ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنى كۆپىنچە ئۆتمۈشتىكىگە سېلىشتۇرۇپ قانائەت تاپىدىكەن. خەنسۇلار ھاياتىنى دېڭىز بويىدىكى شەھەلەردە ياشاۋاتقان مىللەتداشلىرى بىلەن، ياۋرۇپالىقلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ خۇرسىنىدىكەن. مەنچە بۇ تارىخقا مەھكۇم بولۇپ قالغانلىقىمىزنىڭ سەلبى ئاقىۋىتىگە دەلىل.
ئۇيغۇر نەگە بارسا ئۆزى تەربىيە كۆرگەن مائارىپنىڭ سىڭدۈرگەنلىرىدىن ئازاد بولالمايدۇ. ئۇيغۇر قايسى دۆلەتكە كۆچۈپ كەتمىسۇن ئۇيغۇر توپراقلىرىدا ئومۇملاشقان تەپەككۇر ئۇسۇللىرىدىن مۇستەسنا ياشىيالمايدۇ. مەسىلەن ئاڭلىشىمچە بەزى ئۇيغۇر دوستلىرىمىز ياۋرۇپادا "بىز ئەسلى گېرمانلارغا ئوخشاش ئارىيان ئېرىقىغا مەنسۇپ، سېرىق تەنلىك شاللانما ئېرىقتىكلەر بىزنى …" دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ كۈلكىگە قالغانمىش. مەن بۇنىڭ قانچە پىرسەنتى راست بىلمەيمەن. ئەمما مىللەتچىلىك بىلەن سۇغۇرۇلۇپ ئۇيغۇرغا تېڭىلغان ساختا تارىخقا قارشى ئۇيغۇردىمۇ كۆپتۈرۈلگەن ساختا تارىخنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىدىن گۇمانىم يوق. گېتلىرچە ئاشقۇن مىللەتچىلىك فاشىستلىق دېگەنلىكتۇر. بۇنداق ئۆزىمىز توقۇۋالغان ياكى فاشىست گېتلىرچىلار توقۇپ چىققان تارىخ ۋە تارىخ قارىشى بىلەن دۇنياغا يۈزلىنىشنىڭ ھازىر تولىمۇ كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى، سۆزلەۋاتقىنىمزنىڭ قايسىسىنىڭ تارىخ، قايسىسىنىڭ مىللەتچىلىك ئۈچۈن توقۇپ چىقىلغان ئىدولوگىيىلىك ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. تارىخقا بولغان شەيدالىق كۈچەيسە ساختا بىلەن چىننى ئايرىيدىغان ئەقىل كۆزىمىز خىرەلىشىدۇ.
ئەتراپىمىزدىكى مەسىلىلەرنى، كىرزىسنى، خىرىسلارنى ۋە مىللەتلەرنى تارىخ نوقتىسىدىن كۆزىتىش، رىياللىقتىكى مەسىلىمىزگە تارىختىن جاۋاپ ئىزدەش، رىياللىقتىكى ئۈمىدىسزلىككە تارىختىن تەسەللى تېپىش قاتارلىق ئىددىيەۋىي ھالەتلەرنىڭ يۇقارقىدەك تۈرلۈك سەۋەبلىرى بار. مەندەك شەخسنىڭ قىلالايدىغىنى بۇلارنى چۈشىنىش ۋە ئىمكانىمنىڭ يېتىشىچە چۈشەندۈرۈش. بۇلارنىڭ سەلبى تەرەپلىرىدىن ساقلىنىشقا كەلسەك، دېمەك ئاسان بولغان بىلەن قىلماق تەرس. چۈنكى شەخس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ھۆكۈمىمىز ئوقۇغان كىتابلىرىمىز، كۆرگەن كۈلپەتلىرىمىز، مۇرەككەپ كەچۈرمىشلىرىمىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. كىتابتىكى تارىخ جانسىز بولغان بىلەن ئېڭىمىزدىكى كەچۈرمىشلىرىمىز بىلەن چىرمىشىپ كەتكەن تارىخ تەپەككۇرىمىزغا يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. رىياللىقتىكى تالاپەتلەر، بىچارىلىقلار ۋە قىسمەتلەر ئېڭىمىزدىكى تارىخنىڭ كەيپىياتىمىزغا، ھېسىياتىمىزغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بۆلىكىنى تىرىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا رىيال ھۆكۈمگە ئارىلىشىۋالىدىغان خىيالى تارىختىن قۇتۇلالماسلىق قىسمىتىمىز بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنى خۇلاسىلىدىم، بىلدىم، ھىس قىلدىم، دېمەك مەن تارىخنىڭ يۈكىدىن قۇتۇلالىدىممۇ؟ ياق، تارىختىن قۇتۇلۇش ئامىتى ماڭا نىسىپ بولمىغان بولسا كېرەك. ئامېرىكىدا ئوقۇغانلىقىم، كۆپكە شاھىد بولغانلىقىم، ئىزدەنگەنلىكىم مېنى بۇ قىسمەتتتىن قۇتقازمايلا قالماي تېخىمۇ مۇپتىلا قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا قىينىلىمەن دائىم. ئەمما ئاخىرىدا شۇنى دېگۈم كېلىدۇ. بىز چوڭ بولغىنىمىزنى ئاتا- ئانىمىزنىڭ قېرىپ كەتكەنلىكى بىلەن ئەمەس قىز-ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئېڭىكىمىزگە تاقاشقانلىقى بىلەن بايقايمىز. بۇ بىزگە رىياللىقىمىزنى چۈشىنىشتە ئۆتمۈشنىڭ ئەمەس كەلگۈسىنىڭ بەكرەك موھىملىقىنى تونۇتسا كېرەك.
ئالدىنقى: مەن بىلىدىغان شەرقشۇناسلىق ۋە شەرقشۇناسلار
كـىيىنكى: ئۇيغۇرچە زىيالىلىق ھەققىدە ئويلار