مەن بىلىدىغان شەرقشۇناسلىق ۋە شەرقشۇناسلار

ئورنى Wikipedia

شەرقشۇناسلىق دېگەن بۇ ئاتالغۇ يېقىندىن بېرى مەتبۇئات ۋە تورلاردا قىزىپ كەتتى. مەن ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا بۇنداق بىر ئىلىم توغرىلىق پاراڭمۇ بولۇنمىغانىدى. مەن ئوقۇغان ئۇنۋېرىستىتتا ئافرىقا تەتقىقاتى فاكۇلتىتى، شەرقى ئاسىيا فاكۇلتىتى، ياۋرۇئاسىيا تەتقىقاتى فاكۇلتىتى دېگەنلەر بار ئېدى. ئۇيغۇر تىلى شەرقى ئاسىيا فاكۇلتىتىغا، تۈرك تىلى ياۋرۇئاسىيا فاكۇلتىتىغا تەۋە ئېدى. ئامېرىكىدىكى بەزى ئۇنۋېرىستىتلاردا ئۇيغۇر تىلى كەسپى ئورتا ئاسىيا فاكۇلتىتى ياكى ياۋرۇ-ئاسىيا تەتقىقاتى فاكۇلتىتلىرىغا تەۋە قىلىنىدىكەن. ئويلاپ باقسام مەن ھازىر ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا ئىستىمال قىلىنىۋاتقان شەرقشۇناسلىق دېگەن گەپنى ئىدۋارد سەئىدنىڭ "شەرقچىلىق" ھەققىدىكى ئىددىيەلىرىدىن بۇرۇنلا بىلگەنىكەنمەن. بۇرۇن مەن بىلىدىغان شەرقشۇناسلىق پەقەت تۈركولوگىيە (ئۇيغۇرشۇناسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئىرانشۇناسلىق، ئەرەبشۇناسلىق قاتارلىق تارماق ئىلىملەرنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى ئېدى. مەن بۇ ئاتالغۇنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا نەشىر قىلىنىپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابلاردىن بىلگەنىكەنمەن. ئۇ كىتابلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئاپتۇرلىرى شەرقشۇناسلار دېيىلەتتى. بۇرۇن بۇ ئاتالغۇغا ئۇيغۇرشۇناسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن قىزىقاتتىم. ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا بىرەر ئورگاننىڭ شەرقشۇناسلىق نامىدا ئاتالغىنىنى، بىرەر كىشىنىڭ شەرقشۇناس دەپ تونۇشتۇرۇلغىنىنى ئاڭلىمىدىم. ئامېرىكىدا ئاڭلىغىنىم جوڭگۇ تەتقىقاتى، ئۇيغۇر تەتقىقاتى، ئەرەب تەتقىقاتى دېگەن ئاتالغۇلار بولدى. مەنچە بىزگە شەرقشۇناسلىق دېگەن بۇ سۆز سوۋېىت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى روس تىلىدىن تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىدا ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئۇيغۇرشۇناس دەپ ئاتىغان كىشى پەقەت ئۇيغۇرچە بىلىدىغان بىر تەتقىقاتچى ئېدى. دىققەت قىلسام بۇ كىشى ھىچ بىر مۇھاكىمە يىغىندا ئۇيغۇرشۇناسلىق دېگەن گەپنى تىلغا ئالمىدى، پەقەت يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقان بەش ئالتە ئامېرىكىلىققا ۋە ماڭا يازغان خېتىنى "سالام ئۇيغۇرشۇناسلار" دەپ باشلاپ قالغان يېرىنى ئېنگىلىزچە يېزىپتۇ. قارىغاندا بۇ كىشىمۇ ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان ئۇيغۇرشۇناسلىق دېگەن بۇ سۆزنى ئېنگىلىزچە قانداق ئاتاشتا ئىككىلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.

مەن بىۋاستە ئالاقىلەشكەن تۇنجى شەرقشۇناس (ئۇيغۇرشۇناس) بىر گېرمانىيىلىك خانىم (ئۇنىڭ خانىم ئىكەنلىكىنى كېيىن بىلدىم) ئېدى. مەن توردىن تۈركولوگلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئىزدەۋېتىپ ئۇنىڭ ئىسمىنى تاسادىپى ئۇچرۇتۇپ قالغانىدىم. مەن ئۇنىڭغا تۈركولوگىيەدە ئوقۇش مەقسىدىمنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن جاۋاپ كەلدى. ئېيتىشىچە ھازىر تۈركولوگىيە بىلەن مەشغۇل ئەمەسكەن. ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىغا كىرىشىپتۇ. شۇ چاغدا بەك ھەران قالغانتىم، ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن مەن ئامېرىكىدا تىلشۇناسلارنىڭ ئىنسانشۇناسلىققا ئۆتۈپ كەتكەنلىرىنى، ئىنسانشۇناسلارنىڭ تارىخشۇناسلىققا مايىل بولغانلىقىنى كۆپ كۆردۈم. چۈنكى غەرپ ۋە ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىدە بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىگە ئوقۇغۇچى تىزىملاتمىسا، ياكى شۇ ئوقۇتقۇچى تەتقىقات تۈرى ئىتىماس قىلىپ ئاسپىراننت يالليالمىسىا ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى تۇرۇپمۇ ئىشتىن قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا ئۇلار ئەھۋالغا قاراپ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغا كىرىشكەچ تۇرسا كېرەك. گېرمانىيىلىك بۇ خانىم ئەگەر ئىنسانشۇناسلىق ساھەگە كىرمەكچى بولسام قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىدىغان بولدى. ئالاقە جەريانىدا مېنى ئەڭ قايىل قىلغىنى ئۇنىڭ يارىدەمسۆيەرلىكى ۋە ئەستايىدىللىقى بولدى. خەت ئالاقە جەريانىدا ئۇ ماڭا تەرجىمھالىمنى قانداق يېزىش، تەتقىقات نەتىجىلىرىمنى ئېنگىلىزچىگە قانداق تەرجىمە قىلىش ھەتتا ئېنگىلىزچە ئېلخەتنى قانداق يېزىش، ئېنگىلىزچە تىنىش بەلگىلىرىنى قانداق قوللۇنۇشتىن تارتىپ ئۆگەتكەنىدى. مەن ئاخىرىدا گېرمانىيەگە بارالمىدىم. تۈركىيەگە ئىلمىي زىيارەت ئۈچۈن بارىدىغان بولۇپ قالدىم. ئىلمىي زىيارتىم دۆلەتنىڭ مۇكاپاتى بەدىلىگە بولغاچقا ئەگەر تۈركىيەگە بارمىسام دۆلەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇكاپات تۈرلىرىگە ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىم ئەمەلدىن قالاتتى. شۇڭا گېرمانىيىدە ئىنسانشۇناسلىق ئوقۇشنىڭ ئورنىغا مېھرى ئىسسىق تۈركىيەدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇشنى تاللىدىم. بۇ تەتقىقات ھاياتىمدىكى ئەڭ زور خاتا تاللاش بولدى. كىشىلىك ھاياتىمدىمۇ بىر ئاق نىيەت دوستتىن ئايرىلىپ قالدىم، شۇندىن باشلاپ بۇ خانىمنىڭ ئىشەنچىدىن مەھرۇم قالدىم. شۈبھىسىزكى، بىر كىشى بىلەن ئايلاپ ئالاقە قىلىپ، ھەممە ئىش ئاخرقى باسقۇچقا كەلگەندە ۋاز كەچكىنىم ئۇنىڭ نارازىلىقىغا لايىق ئېدى. مەن ھاياتىمدا ئۇ خانىمدەك تاماسىز، مىننەتىسز، سەبرىچان بىر ئوقۇتقۇچىنى ئۇچراتمىغان دېيەلەيمەن.

ئىككىنجى شەرقشۇناس (ئۇيغۇرشۇناس) ئامېرىكىلىق بىر خانىم. بۇ خانىم شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتدا ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن. خەنسۇچە، ئۇيغۇرچە، ياپۇنچە، گېرمانچە، سالارچەلەرنى راۋان بىلىدىغان تىلشۇناس. مەن ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتىدا چۈشىنەلمىگەن ھادىسە ۋە ئىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورۇغىنىمدا ئىككى ئىشنى تىلغا ئالدى. بىرى ئۇيغۇرچە ئۆگىنىپ ئامېرىكا ئۈچۈن ئىشپىيۇنلۇق قىلىدۇ دەپ گۇمانلىنىش يەنە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىپ كۆپ پۇللۇق بولىدۇ دەپ پەرەز قىلىش ئىكەن. مەكتەپ خادىملىرى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ نېمىشىقا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىدىغانلىقىنى توختىماي سورايدىكەن. ئەمما جاۋابىدىن ھەرگىز قايىللىق ھىس قىلمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن ھاياتىدا ئەڭ قىينالغىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆگىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەلمەسىلىك بولۇپتۇ. مەكتەپ خادىملىرى ئۇنىڭ ئىشپىيۇن بولۇش ئىھتىماللىقىدىن گۇمان قىلىدىكەن. خەنسۇچە بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشىنى چۈشىنەلمەيدىكەن. ئۇلارچە شىنجاڭنى تەتقىق قىلماقچى بولسا، ئۇيغۇر مەدنىيىتى ھەققىدە ئىزدەنمەكچى بولسا خەنسۇچە بىلسە كۇپايە ئىكەن. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدىن "ئۇيغۇرچە ئۆگەنسەڭ نەچچە پۇللۇق خىزمەتكە ئېرىشىسەن، مۇئاشىڭ نەچچە پۇل بولىدۇ. ئامېرىكىدا كۆپ تىللىق كىشىلەر ئاسان ئۆسەمدۇ؟ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىپ نېمە سودا قىلاي دەيسەن ؟ ئامېرىكىدا خىزمەت قىلساڭ ئۇيغۇرچە ئىشلەمدۇ؟…" دېگەندەك سۇئاللارنى سورايدىكەن. ئۇ ئۇيغۇرلارغا "ماڭا ئۇيغۇرچە مۇزىكىدىنمۇ بەك يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ، شۇڭا ئۆگىنىمەن" دېگەن گەپنى ئىككى يىل تەكرارلاپتۇ. ئۇ ھازىر ئۆزىنى يېرىم ئۇيغۇر دەپ ئاتايدۇ. ئۆيىدە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئۈچ ئاي ھەقسىز تۇرغۇزغان. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك تۇيغۇسى ھەققىدە بىر پارچە كىتاب يازغان. ئۇيغۇرچە ئۆگىتىدىغان ئىككى قىسىملىق بىر كىتابنى بىرەيلەن بىلەن بىللە تۈزۈپ ھەقسىز تورغا قويدى. بەش دوللار ھەق تۆلىسە ئۇ كىتابنى ئاۋاز ھۆججىتى بىلەن قوشۇپ چۈشىرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئامېرىكىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق بەك قىزىق تېما ئەمەس. ئۇيغۇرشۇناسلار بۇ ئىلىمنى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادىن باشقا ھەممە يەردە، ھەمىشە ئىلمىيلىك نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ كېتەلمەيدۇ. مىسالەن، شەرقتىكى بىر پارتىيەلىك مۇستەبىت ئەللەردە بۇ ئىلىم سىياسىي بىلەن باغلىنىپ قالىدۇ. ئۇيغۇرشۇناسلار بۇ دۆلەتلەرگە راۋان بېرىپ كېلىش، ۋىزا ئالالماي قالماسلىق ئۈچۈن ماقالىلىرىدە، سۆھبەتلىرىدە ۋە لېكسىيەلىرىدە تولىمۇ ئىھتىياتچان سۆز جۈملىلەرنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. تەتقىقاتلىرى جەريانىدا دائىم مۇستەبىت ھۆكۈمەتتىن پۇل ئارقىلىق قىزىقتۇرۇشلارغا، ئالداشلارغا ۋە ھەتتا تەھدىتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى ئۆزى نەچچە يىل شۇنچە يىراقتىن ئوكيان ئاتلاپ كېلىپ تىلىنى ۋە مەدەنىيەتىنى ئۆگەنگەن، تەتقىق قىلماقچى بولغان خەلق بىلەن ئۇچرىشالماسلىقتۇر. ،"تونۇش ناتونۇشلار"، "ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، كىملىكى ۋە سىياسىي ئېيتىم"، "ئۇيغۇرلار: ئۆز يۇرتىدىكى ياتلار" ناملىق كىتابلارنىڭ ئاپتۇرلىرىنىڭ زىيارەتلىرى داۋاملىق توسقۇنلارغا ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمەن. ئامېرىكىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق خېرىدارلىق بولمىغاننىڭ ئۈستىگە تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن جاپاسى تولا، خيىم خەتىرى ئېغىر، ئاۋارىچىلىقى زىيادە بىر ساھە.

مەن كۆرگەن ئۇيغۇرشۇناسلار ئۇيغۇرلارنى شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى خەلقلەردىن كۆپ چىقىشقاق، سىغدۇرۇشچان ۋە قوبۇلچان دەپ ئويلايدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قانچە پارچە كىتاب يازغان ئىككى يەھۇدى ئالىم مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلۇقىغا ئېرىشكىنىدىن ئالاھىدە سۆيۈنىدۇ. تۇرپاندا تەكشۈرۈش قىلغان بىر يەھۇدى ئالىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇئامىلىسىنى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئۇچراتقان ئەڭ ساپدىل، ئەڭ ئىنسانىي مۇئامىلە دەپ ئۇيغۇرلاردىن پەخىرلىنىدۇ. 2001- يىلى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن بىر ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناسنىڭ دەپ بېرىشىچە سىنتەبىر ۋەقەسى بولغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ ئامېرىكىلىق ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇشنى ئويلۇشۇپتۇ. ئەمما ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى بىر قىسىم ئۇيغۇر تونۇشلىرى سىنتەبىر ۋەقەسى سەۋەبلىك پاجىيەگە ئۇچرىغان ئامېرىكىدىكى بىگۇناھ پۇقرالار ئۈچۈن قايۇغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇنىڭغا تېلىفون قىلىپ ھال سوراپتۇ. 2002-يىلى كورلىدىن موتوتسىكىلىت بىلەن يولغا چىقىپ تەكلىماكاننى بىر ئايلىنىپ قەشقەرگىچە بېرىپتۇ. يول بويىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە مىھمان بولۇپتۇ. دەسلەپتە ئۆزىنى "كانادالىق" دەپ تونۇشتۇرۇشنى ئويلاشقانىكەن. ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا بىخەتەر كېزىش ۋە مېھمان بولۇش جەريانىدا بۇنداق يالغانچىلىقنىڭ بىھاجەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپتۇ. ئۇ ماڭا بىر پارچە ئېلخەتتە مۇنداق يازغاننىكەن: "خەنسۇلار ئامېرىكىغا ۋە ئامېرىكىلىقلارغا چوقۇنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنى تىللاشلىرىغا چوڭقۇر بىر شەيدالىق يوشۇرۇنغان. ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا بولغان نەپرىتى سۆيگۈنىگە ئېرىشەلمىگەن ئاشىقنىڭ باتناشلىرىغا ئوخشايدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتىن خەنسۇلاردىن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. تەكلىماكاننىڭ ئەڭ خىلۋەت سەھراسىدىكى ئۇيغۇرمۇ ئىنسانلارنىڭ ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە مىللەت دېگەن ئۇقۇم تولىمۇ غۇۋا. ئۇلارنىڭ قەلبىدە كىشىلەر پەقەت ياخشى يامان دەپلا ئايرىلىدۇ. ئۇلار ئىشلارغا ساۋابلىق ۋە گۇناھلىق دېگەن ئىككىلا نوقتىدىن باھا بېرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ كاپىر دېگىنى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ياكى ئافغانلارنىڭ كاپىر دېگىنى ئوتتۇرىسىدا ئاسمان زېمىن پەرق بار. ئۇيغۇرلارنىڭ كاپىر دېگىنى يامان ئادەم دېگىنى، مۇسۇلمان دېگىنى ياخشى ئادەم دېگىنى. شۇڭا ئۇلاردا "سۇس مۇسۇلماندىن چۇس كاپىر ياخشى" دېگەن ماقال بار. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردە سۇس مۇسۇلمان دېگىنى ھەق ناھەق مەسىلىسىدە سۇسلۇق، نامەردلىك، قورقۇنچاقلىق قىلىدىغان كىشىلەرگە قارىتىلغان. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئادالەت ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقالمىغان مۇسۇلماندىن، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆكرەك كەرگەن كاپىر ياخشى. مەن ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ماقالنى ئەرەب مۇسۇلمانلىرىغا تەرجىمە قىلىپ دەپ بېرىپ قايىل قىلالمىدىم. مەن تونۇيدىغان ئۇ كىشىلەر ئۇنداق قارىمايدىكەن. مەن پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئامېرىكىغا قارشى كەيپىيات ئەۋج ئالغان يىللاردا، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ھىچ بىر چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ئەكسىچە رىغبەتلىك بولغان بىر ئىقلىمدا، تەكلىمكان بويلىرىدىكى بوستانلىقلارنى ماكان قىلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىخەتەر كېزىپ چىقتىم. بۇنىڭغا ھېلىغىچە خېلى جىق ئامېرىكىلىق ئىشەنمەيدۇ. ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە ۋەھشىلىككە، ئاچكۆزلۈككە، كەمسىتىشكە ئورۇن بولمىغاچقا بەلكىم دۇنيادا سىنتەبىر پاجىيەسىدەك بىر قاباھەتنىڭ يۈز بەرگىنىگە نەپرەتلەنگەن بولۇشى مۇمكىن. مەنچە ئۇلارنىڭ قاباھەتكە بولغان نەپرىتى شۇ قاباھەتنى پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئىنسان ئىكەنلىكىنى كۆرگىنىدە ئەپۇچانلىققا ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلار دۇنيانى سۆيگۈ كۆزىدە كۆرىدۇ، دەپ قارايمەن. شۇڭا ئىسلامدىكى ئىنسانلارنىڭ قېرىنداشلىقى ھەققىدىكى تەلىملەر ئۇلارنىڭ سۆيگۈگە قاغجىراق دىلىغا تەكلىمكانغا سىڭگەن يامغۇر تامچىلىرىدەك سىڭىپ كەتكەن. ئۇلارچە ھەرقانداق بارلىقتا ئىلاھنىڭ مۆجىزىسى، ئۇلۇغلۇقى، كۆيۈمچانلىقى، قەھرى ۋە قۇدرىتى ئەكىس ئېتىدۇ. شۇڭا ئىلاھنىڭ مۆجىزىسى بولغان چۆل جەزىرىلەر، تاغلار، باغلار، گۈل چىمەنلەر، جان جانۋار ئۇلارغا ياراتقۇچىنىڭ چەكسىز مەرھىمىتىنى، مېھرىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. بۇ بەلكىم ئۇلاردا "شەرىئەت ئىزدىسەڭ ئۆلتۈر يىلاننى، تەرىقەت ئىزدىسەڭ ئاغرىتما جاننى"، "ئادەم ئادەمگە مىھمان، جان تەنگە" دېگەندەك تەلىملەر تۇتىيا بىلىنىپ ئەمەل قىلىنغانلىقنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەنە ئۇلاردا "قۇرئان" ۋە "ئىنجىل" دىن ئىبارەت قېرىنداشلىق، مېھىرۋانلىق، مەرھەمەت ۋە مەرىپەت بۇلاقلىرى بولغان مۇقەددەس كالاملارنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە 10-11- ئەسىرلەردىلا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.ئۇيغۇرلاردا باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان ماقاللارنىڭ بولماسلىقى ئۇلارنىڭ يات-يابان كىشىنى ئەندىشە ۋە شۈبھىلىك نەزەردە ئەمەس ئىززەت ۋە مەرھەمەتلىك كۆزدە كۆرگەنلىكىدىن بولغان. خەنسۇلاردىكى "ئون مۇسۇلمان بولسا توققۇزى ئوغرى"، "قەۋمىمدىن بولمىغاننىڭ نىيىتى باشقا" دېگەندەك ئەقلىيەلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردا بولماسلىقى ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى ھالىقىلىق پەرقتۇر. 1944-يىللاردىكى ئازادلىق ئىنقىلابچىلىرىنىڭ " ئالتە ئوغرى" دېيىلىشى، تورلارنى قاپلىغان "شىنجاڭلىق ئوغرى" دېگەن كۆرۈنۈشلەردە خەنسۇلارنىڭ ياتلاردىن خەۋپسىرەش، كەمسىتىش كەيپىياتى ئەكىس ئەتمىگەن دېيەلەيمىزمۇ؟ شۇنچە كۆپ كۆچمەن ئىددىيە، قەۋىم ۋە مەدەنىيەتكە قۇچاق ئاچقان، ئەمما ھىچ قايسىسىغا سىڭىپ كەتمىگەن، ئەل بولمىغان بۇ مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى خىسلەتلەر مېنىڭ تەتقىق قىلىشىمغا ئەرزىمەمدۇ؟"

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ 2009 -يىلى تومۇزدىن كېيىن ھارارىتى ئۆرلەپ قالدى. لېكىن بۇ تەتقىقات بىلەن مەشغۇللار يەنىلا بازارلىق ئەمەس. ئاسىيا تەتقىقاتى ساھەسىدە ئافغانىستان تەتقىقاتى، ئەرەب تەتقىقاتى بىر قەدەر خېرىدارلىق. ياۋرۇپا تەتقىقاتىغا قىزىقىدىغان ئادەممۇ بىلىدىغان ئادەممۇ كۆپ، بۇن تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئىش ئىمكانلىرىمۇ تەييار. ئۇيغۇرشۇناسلىق، تۈركولوگىيە قاتارلىق كەسىپلەردە ئوقۇغانلار بۇلارغىلا تايىنىپ خىزمەت تاپالىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. پەقەت بۇلارنى ئۆزىدىكى باشقا خىزمەت قولايلىقىدىن ۋە تەتقىقات فوندىلىرىنىڭ يارىدىمىدىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىدۇ. مەن تىلغا ئالغان يۇقارقى ئىككى ئۇيغۇرشۇناسنىڭ بىرى ئىجتىمائى ئىنسانشۇناسلىق دەرسىنى بېرىدۇ، يەنە بىرى تىل ئىنسانشۇناسلىقى دەرسىنى بېرىدۇ. ئۇلار پەقەت دەرسىدە مىسال ئېلىشقا توغرا كەلگەندە ئۇيغۇر تىلىدىن مىسال ئېلىشى مۇمكىن. ئۇلار پەقەت قىزىققانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىدۇ. ئىنسان قىزىقىدىغان ئىشنى ئەمەس جان باقماق ئاسان ئىشنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان ئەلدە كىشىلەر باشقىلارنىڭ قىزىققانلىقى سەۋەبلىك بىر ساھەنى ئۆگنىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلالمىسا كېرەك. قىزىقىش ۋە قىزغىنلىقنى ھاياتنىڭ مەنىسى قىلىش ئومۇملاشقان جەمئىيەتتە كىشىلەر قىزىقىش يېتىلدۈرۈشكە مەپتۇن كېلىدۇ ھەم باشقىلارنىڭ قىزىقىشىغا قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. بارلىق ھەرىكەت، قىزىقىش ۋە تىرمىشىشلار ماددىي مەنپەئەت ۋە ئىدولوگىيىلىك تەۋەلىك ۋە ئىدولوگىيەنىڭ ئىھتىياجى نوقتىسىدىن چۈشىنىلىدىغان جەمئىيەت كىشىنىڭ قىزىقىشىنى، شەخسىيىتىنى ۋە بارلىق قىزغىنلىقلىرىنى يەنى ئىنسانلىقىنى ئىنكار قىلىنىدۇ. ئەڭ خەتەرلىك يېرى بۇنداق جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئۆزىدىن باشقا بىر جەمئىيەتنىڭ بارلىقىنى، بۇ جەمئىيەتنىڭ پەرقلىق ئىنسانلارنى تەبىيەلەشكە قادىر ئىكەنلىكىنىمۇ ئىنكار قىلىشقا كۆندۈرۈلىدۇ.

شەرقشۇناسلىقنىڭ بولۇپمۇ غەرپتىكى ئالىملارنىڭ مۇسۇلمانلار جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ بۈگۈنكى زىيالىلارغا ۋە ئاۋامغا ئىبلىس دەپ چۈشەندۈرىلىشى مۇرەككەپ ئامىللارغا باغلىق. مەنچە بۇنىڭدا ئاۋۋال سىنتەبىر ۋەقەسى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان دۇنيا مۇسۇلمانلىرىدىكى غەرپ خرىستىيان دۇنياسىغا بولغان ئۆچمەنلىك تۇرىدۇ، ئاندىن يېقىنقى بىر قانچە يىلدا "بۆرىلەر ۋادىسى" غا ئوخشاش تۈركىيە كىنولىرىنىڭ ئومۇلىشىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان يەھۇدىلارغا، ئامېرىكىغا ۋە غەرپكە قارشى كەيپىياتنىڭ تۆھپىسىمۇ زور. تۈركىيەدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا كۆزىتىشىمچە تۈركىيەدىكى كومۇنىستلار غەرپنى كاپىتالىزىمنىڭ يۇقىرى باسقۇچى بولغان ئىمپىرىيالىزىمغا سىموۋۇل قىلىپ "ئىنسانىيەت ئازادلىقىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدۇ". ئۇلار تۈركىيەنى غەرپ ئىمپىرىيالىزىمىنىڭ ئېكىسپالاتاتسىيەسىگە ۋە مۇستەملىكىچىلىكىگە ئۇچرىغان دۆلەت دەپ قارايدۇ. تۈركىيەدىكى بارلىق ئاپەتلەرنىڭ مەنبەسىنى غەرپ ئىمپىرىيالىزىمدىن كۆرىدۇ. دىنچىلار بولسا يەھۇدىلار دۇنيانى پۇل بىلەن سورايدۇ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ بۇنىڭغا پۇرسەت يارىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ چوڭ شەيتان. مىللەتچىلەر تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى جان تومۇرىنى غەرپلىكلەر كونترول قىلىۋالدى دەپ قارايدۇ. دېمەك تۈركىيەدىكى دىنچىلىق، مىللەتچىلىك ۋە كومۇنىستلىق قاتارلىق ئاساسلىق مەسلەكلەرنىڭ ئورتاق قارشىلىق ئوبىكتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ. بۇ مەسلەكلەر كىنو، تېلۋىزور، رادىيۇ، ئىنتىرنىت، كىتاب ۋە گېزىت ژورنال قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن تۈركىيە جەمئىيىتىنى چۈشەندۈرىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئوي-تەپەككۇر ئىھتىياجىنى پەيدا قىلىدۇ، يېتەكلەيدۇ، قاناتلاندۇرىدۇ ۋە قاندۇرىدۇ. تۈركىيە كىنولىرى بىزدە مودا بولغاندىن كېيىن كىنولاردىكى تۈركىيەدىكى پىشكەللىك ۋە پالاكەتلەرنىڭ مەنبەسىنى غەرپتىن ئىزدەيدىغان خاھىشمۇ تەڭ مودا بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا غەرپنى قەستەن چۈشەنمەيدىغان ۋە سەمىمىي چۈشەندۈرۈشنى خالىمايدىغان شەرق ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەرغىباتچىلىرىنىڭ نەزىرىدە غەرپتىكى شەرق ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى نامايىشلار غەرپنىڭ دۈشمەنلىكىدەك، ئاغدۇرمىچىلىقىدەك، كۈشكۈرتىشىدەك كۆرۈنۈپ كەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۈبھىسىزكى، غەرپتە نامايىش، يىغىلىش، تەشكىللىنىش، گېزىت چىقىرىش، تېلۋىزور ئىستانسىسى قۇرۇش، پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش خۇدا ئاتا قىلغان ئىنسانىي ھوقۇق. بۇلاردىن غەرپتىكى ھەرقانداق بىر ئىنسان، مىللىتى، دىنى، نوپۇسى، تەبىقىسى سەۋەبلىك چەكلەنمەستىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھۆكۈمەت بۇ بەھرىمەنلىكنى قوغۇدايدۇ. غەرپ دۆلەتلىرىدە پاناھلىقتا تۇرۇۋاتقان شەرق ئۆكتىچىلىرى ئۆتكۈزگەن نامايىش، قۇرغان پارتىيە بىلەن غەرپ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھىچ بىر ئالاقىسى يوق. شەرقتە ھەرقانداق ئىش ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەقسەدلىك قىلىنىدىغانلىقى ھەم خەلقنى مۇنداق مەقسەدلىك ئاممىيۋىي ھەرىكەتلەرگە كۆندۈرگەنلىكى ئۈچۈن شەرقتىكى ھۆكۈمران ۋە گۇماشتىلارنىڭ غەرپتىكى سىياسىي پائالىيەتلەرنى خەلققە "دۆلىتىمىزگە قىلىنغان دۈشمەنلىك" دەپ بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىشى ئاسان بولىدۇ. بۇنداق چۈشەندۈرۈشلەر كىتاب بولۇپ چىقىش، تاراتقۇلاردا بازارغا سېلىنىش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارغا سىڭىشكە باشلايدۇ. يېقىندىن بېرى تۈركىيە، مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبلىك شەرق مۇستەبىت دۆلەتلىرىدىكى غەرپكە قارشى كەيپىيات ئۇيغۇرلارغا ۋاستىلىك يۇقمايمۇ قالمىدى ئەلۋەتتە. دېمەك، شەرقتىكى غەرپكە قارشى كەيپىيات يۇقارقىدەك مۇرەككەپ ئامىللارغا بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇ كەيپىيات ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك يوللار بىلەن يۇقۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلار ۋە مۇنبەرلەردە قاينىغان شەرقشۇناسلىق ھەققىدىكى بەس مۇنازىرە يۇقارقى كەيپىياتلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ زىيالىلار قاتلىمىدىكى ئىنكاسى.



ئالدىنقى: تۈنۈگۈنكى ۋە بۈگۈنكى سىيىت نوچى

كـىيىنكى: تارىخنىڭ يۈكى ۋە ئاسارىتى