تازغۇن يېزىسى

ئورنى Wikipedia
تازغۇن يېزىسى

塔孜洪乡.Tazghun town

يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
ناھىيە يېڭىشەھەر ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 20 دانە
نوپۇس 27.4 مىڭ
يەر مەيدانى ؟
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

تازغۇن يېزىسى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيىسى گە قاراشلىق بىر يېزا بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 28 مىڭ ئەتراپىدا.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

يېزىغا قاراشلىق 20 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، ئۇلار: قۇلاقلا كەنتى، سوقا بېشى كەنتى، تەتۈر كەنتى، يۇقارقىچىگە تۇغ كەنتى، تۆۋەنكى قۇلاقلا كەنتى، قارازاق كەنتى، كېرەملاڭ كەنتى، جانتۆمۈر كەنتى، تېرەكبوستان كەنتى، تاشچى ئېرىق كەنتى، دۆڭقىشلاق كەنتى، سىيەك كەنتى، قاشقۇرا كەنتى، قالىق كەنتى، جىگدەئېرىق كەنتى، قازما كەنتى، شەيدان كەنتى، داخات كەنتى، ئارا قولچى كەنتى، يۇقىرىقى ھويلا كەنتى قاتارلىقلار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

تازغۇن يېزىسى يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېڭىشەھەر ناھىيەسى باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن 100 مىڭ مودىن ئارتۇق سورتلۇق مېۋىلىك باغ قىلىش نىشانىنى بېكىتكەن. تازغۇن يېزىسى 18 مىڭ مو ئۆرۈكلۈك باغ دەل بۇنىڭ ئىچىدە. يىل بېشىدا تازغۇن يېزىسى قۇرۇلۇش باغنىڭ پەرۋىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆرۈك قېقى پىششىقلاپ ئىشلەش سۈپىتىدە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى يېتەكچى كەسپ قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، يېزا بويىچە 10000 دانە ئاپتاپقا يېيىپ گۈلە قۇرۇتۇش جازىسى ياسغان، مۆلچەرلىنىشىچە 1000 توننا گۈلە قۇرۇتۇشنى پىلانلىغان بۇلۇپ، مۇشۇ بىر تۈردىلا يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرچە كىرىمىنى 240 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. باغۋەنلەر ئەڭ زور مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېزىدا باغۋەنچىلىك جەمئىيىتى قۇرۇشنى بىرلىشىپ يولغا قويغان بۇلۇپ، جەمئىيەتىنىڭ خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان.

مائارىپى[تەھرىرلەش]

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

قاتنىشى[تەھرىرلەش]

باشقىلار[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]